ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىقى
<قوشنىدارچىلىق> قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى، قوشنىلارنىڭ بىر – بىرىگە كۆيۈنۈپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىگە ياردەملىشىپ ئىناق ئۆتۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
< ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىقى> ئۇيغۇرلار قوشنىدارچىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەچكە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپلا بىر – بىرى بىلەن ئىناق، ئىجىل ئۆتۈپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، بارىنى تەڭ كۆرۈپ ياشاپ كەلگەن. بۇنىڭدنن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۆتكەن بۈيۈك پەيلاسۇپ، ئالىملاردىن فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار پەزىلەتلىك جەمئىيەت ئەزالىرى، قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش، قوشنىلارغا ئىنسانىي سۆيگۈ بىلەن قاراش، قوشنىلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىزگە نۇرغۇن ئەخلاقىي تەلىماتلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىختىن بۇيان يۇقىرىقىدەك گۈزەل ئەخلاقىي تەلىماتلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ئاشۇنداق گۈزەل ئەخلاق روھىدا تەربىيىلەپ كەلمەكتە.
يېزىلاردا ئۇيغۇر دېھقانلىرى بىر – بىرىگە ياردەملىشىپ، بىر – بىرىنىڭ يېرىنى ھەيدىشىپ بېرىپ لاپقۇتلىشىدۇ. خامىنىنى ھەيدىشىپ بېرىدۇ. يەرگە سۇ تۇتقاندا، ئوغۇت توشۇغاندا، زىرائەتلەرنى ئوتۇغاندا، مال باققاندا، تال تەكلىرىنى كۆمگەندە بىر – بىرىگە ياردەملىشىدۇ. ئۆي سالغاندا لايچىلىق ئىشلىرىغا ھەمدەمدە بولىدۇ. توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىشلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، قولۇم – قوشنىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، قولىغا – قول، پۇتىغا – پۇت بولىدۇ. قوشنىلىرىنىڭ يىراقتىن ياكى شەھەرلەردىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى يېزىغا كېلىپ قالسا، ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن ئۆيىگە چاقىرىپ مېھمان قىلىپ قوشنىدارچىلىقنى ئالاھىدە يەتكۈزىدۇ. قوشنىلار ئۆيىدە تەملىك، ياخشى غىزالارنى ئەتكەندە بىر – بىرىنى يوقلاپ قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە نېسىۋە سۇنۇشۇپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدۇ. قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە بىرەر كىشى ئاغرىپ يېتىپ قالسا ئالاھىدە كىرىپ يوقلاپ تەسەللى بېرىپ ھال سورايدۇ. بىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن پۇل – پېچەك يېتىشمەسلىك، كەملەپ قېلىپ خىجالەتچىلىك تارتسا، قوشنىلار ئۆزىدە بار بولسىلا ئۆتنە – يېرىم قىلىپ ئىشتىن بوشىغان چاغلىرىدا بىر – بىرىنىڭ ھويلا ئاراملىرىغا كىرىپ ھال – مۇڭ ئېيتىشىپ پاراڭلىشىدۇ. قوغۇن – قاپاق، مېۋە – چېۋىلىرى پىشقاندا باش بۇرنىنى ئېغىز تېگىپ باقسۇن دەپ قوشنىسىغا سۇنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىكلىرىمۇ تېگى – تەكتىدىن ئالغاندا يېزىدىن كەلگەن. ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلار بىلەن قويۇق ئۇرۇق – تۇققانچىلىق ئالاقىسى بار. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قوشنىدارچىلىق ئەنئەنىسىنى تاشلاپلا قالماي، بەلكى قوشنىداچىلىق ئەخلاقىنى شەھەر تۇرمۇشىغا لايىقلاشتۇرۇپ داۋاملاشتۇرماقتا. شەھەرنىڭ قوشنىدارچىلىقىدا بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭ قوشنىدارچىلىقىدا مەلۇم ئۆگىرىشلەر بولدى. شەھەرلەر بىنالىشىپ، ئويغۇر ئاھالىلەر ئېگىز بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان بولغانلىقتىن ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى تۈپەيلىدىن تۇرمۇش رېتىمى جىددىلىشىپ، قوشنىلار بىر – بىرى بىلەن ئانچە كۆپ ئۇچىرىشالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، قوشنىلار ئەڭ ھالقىلىق پەيىتلەردە بىر – بىرىگە ياردەملىشىپ قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزىدىغان ئىشلار داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مانا بۇلار قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ياخشى قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىدۇر. بىز ئۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىشىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە شۇنداق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ ئۆزىمىز ئۈلگە كۆرسىتىشىمىز لازىم.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، شەھەرلەردىكى بىنالاردا ئولتۇراقلاشقان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردا قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىدىن ياتلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. يەنى: بىر قورۇ ئىچىدە، بىر بىنادا ئولتۇرۇپمۇ، قوشنىسىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نەدە ئىشلەيدىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان، قوشنىلار ھەتتا چەت جايلاردا سالام – سائەت قىلماي يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدىغان؛ باغاق ئەكەلگەنلەرگە <ماۋۇ باغاقنى قوشنىڭىزغا بېرىپ قويۇڭ!> دېسە، <مېنىڭ ئىشىم بار> دەپ قوبۇل كۆرمەيدىغان؛ ھېيت – ئايەملەردىمۇ قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كىرمەيدىغان، نەزىر – چىراغلاردىمۇ باردى – كەلدى قىلمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەكتە.
بۇنداق ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىغا يات، ئادىمىگەرچىلىككە، پۇقرالار ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش ھېساپلىنىدۇ. بىزدە يەنە <ئوتنى كوچىلىساڭ ئۆچىدۇ، قوشناڭنى كوچىلىساڭ كۆچىدۇ>دېگەن تەمسىلمۇ بار.ئۇيغۇرلار جەمئىيىتى ئەخلاق كرىزىسىغا دۈچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، قوشنىدارچىلىقتىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان پۇقرالار ئەخلاقىي توغرىسىدىكى بەلگىلىمە، تەلەپلەرنى ئەمەلىي ھەركىتىمىزدە ئىپادىلىشىمىز؛ قوشنىلار بىر – بىرىمىزگە ئۆز ئارا ياردەملىشىپ، قوشنىلارغا ئىنسانىي سۆيگۈ بىلەن قارىشىمىز؛ ئادەمگەرچىلىكنى ئۇنتماسلىقىمىز، بىر – بىرىمىزگە كەڭ قورساق بولۇشىمىز؛ كۆڭۈلسىزلىكلەرگە يولۇققاندا ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ، ئىشلارغا ئېغىر – بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز؛ قىسقىسى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم.