ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى

1 تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخىئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى دېيىلگەن («تۈرك قامۇسى»، 29–توم، 384–بەت)، يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276–بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار. تەھرىرلەش

2 جەريانى تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان تىڭپنى تېپىش شەكلىدە بولغان. تەھرىرلەش

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ) چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينىغان. تەھرىرلەش

3 ئاساسلىق شەخسلەر ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70–يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىنىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويغان. تەھرىرلەش

1883–يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885–يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسىغان. تەھرىرلەش

ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى-تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. تەھرىرلەش

1902– يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن رۇسىيە، تۈركىيە گە ئوقۇغۇچى چىقارغان. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلاشقان، تەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋى پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان. تەھرىرلەش

4 نەتىجىللىرى 1927–يىلى 7–ئايدا، ئاتۇش ئىكساقتا قۇرۇلغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگلىيە نىڭ قەشقەر دە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەڭگەن. تەھرىرلەش

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئىكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتىن ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالغان. كېيىن، 1951-يىلى ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپيۇن بولغان. تەھرىرلەش

5 مۇناسىۋەتلىك مۇلاھىزىلەر بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.aski777 تەھرىرلەش