ئۇيغۇرلار- نەزەردىن يىراق كۆڭۈلگە يېقىن

ئامېرىكىدا چىقىدىغان تىراژى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندىكى بىر ھەپتىلىك ژورنالدىن ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇزۇن بىر زىيارەت خاتىرىسى ھېلىغىچە ئېسىمدە. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ماۋزۇسى ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن بولۇپ مۇقاۋىغا ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى بىر بانكىنىڭ ئوق تېشىۋەتكەن دەرىزىسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغانىدى. مۇخبىر 2010-يىلى قىشتا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىدۇ. قار بىلەن قاپلانغاب دۆڭكۆۋرۈكتە يۇڭ پايپاق سېتىپ ئولتۇرغان سەككىز ئون ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا مۇخبىرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مۇخبىرنىڭ بالا بىلەن خەنسۇچە پاراڭلىشىدۇ. بالىنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى ئۆتكەن يىل تومۇزنىڭ 5-كۈنى كەچتە يوقاپ كېتىدۇ. بالا دادىسىنىڭ قاسساپلىق ھۈنىرىنى داۋام قىلىۋاتقان ئانىسىغا يارىدەملىشىپ ئۆيدە قالغان ئىككى سىڭلىسىنى بېقىش ئۈچۈن تىجارەتكە كىرىشىدۇ. مۇخبىرنىڭ بالىغا ئىچى ئاغرىپ بىر جۈپ پايپاق سېتىۋالىدۇ ۋە يۈز سوم پۇل تەڭلەيدۇ. بالا ئون بەش سومنى ئېلىپ قالغىنىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. مۇخبىر نېمىشقا ئالمايدىغانلىقىنى سورۇغىنىدا "مەن تىجارەتچى، تىلەمچى ئەمەس!" دەپ مۇخبىرغا ئالىيىپ قويۇدۇ. مۇخبىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنىڭ نەرىگىلا بارسا ئۇيغۇرلار كۆپ رايۇنلارنىڭ تېمىغا يېزىلغان "ئۇلۇق ۋەتەنگە، كومپارتىيەگە مىننەتدار بولۇش" ھەققىدىكى شۇئارلارنى كۆرگەنىكەن. مۇخبىر بۇلارنى يېزىۋېتىپ، بېشىغا شۇنچە كۈلپەت كەلگەن تۇرۇقلۇق باشقىلارنىڭ سەدىقىسىگە ئۆچ، ئىنسانلىق غۇرۇرىنى خەقنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇشنى نومۇس بىلىدىغان بۇ مىللەتكە ئاشۇ شۇئارلارنىڭ قانچىلىك خورلۇق بىلىنگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ قەشقەرگە كېلىدۇ. قەشقەردە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن چاقماي قالدۇرۇلغان قەدىمكى مەھەللىلەرنى ئايلىنىپتۇ. قەشقەردە ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىقچىلىق ۋە قاراۋۇللۇقتىن ئىبارەت كىرىمى تۆۋەن ۋە جاپالىق ئىشنى تالىشىپ قىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىدۇ. تۈرلۈك جامائەت خىزمەتلىرىدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلىرىنىڭ ئايلىق مۇئاشى 800 سومدىن مىڭ سومغىچە بولۇۋاتقانلىقىغا ئىچىنىدۇ. بولۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىنى بەكمۇ راۋان بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئامالسىزلىقتىن ئۆزى تاماقلىرىنى ھارام دەپ بىلىدىغان بەستفود دېگەن ئاشخانىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئويىچە نامراتلىق ۋە ئادالەتىسزلىك قەشقەرگە ھۆكۈمران ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە ئەسلى نامراتلىق بىلەن مەينەتلىك دائىم بىللە مەۋجۇد ئىكەندۇق. قەشقەرنىڭ چېقىلغان ۋە چېقىلمىغان كوچىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ قارىشى ئۆزگىرىپتۇ. ئۇنىڭ يېزىشىچە بۇ شەھەردە كىشىلەر نامرات ئىكەن، ئەمما ئۆيلىرى، كوچىلىرى چىنىدەك پاكىز ئىكەن. ئۇنىڭچە بۇ پاكىزلىكتە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ئاسانلىقچە سۇلمايدىغان سالاپىتى گەۋدىلىنىدىكەن. ئۇ قەشقەر ئاياللىرىنىڭ كۈندۈلۈك سېتىۋالغان كۆمۈر، ئوتۇن قاتارلىق لازىملىقلارنى چىرايلىق ئوراپ كۆتۈرۈپ مېڭىشلىرىغا تاڭ قالىدۇ. قەشقەردە كىشىلەرنىڭ مەش قويۇلۇپ ھەم قىشلىق ياتاق، ئاشخانا ھەم مىھانخانا قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغان ئۆيگە سەنئەت بويىمىنى تىزغاندەك رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوتۇن، كۆمۈر، قىشلىق كۆكتات، قازان-قومۇچ قاتارلىقلارغا قاراپ بۇنچە كۆپ نەرسىنى شۇنچىلىك كىچىك ئورۇنغا تىزالىغان ماھارەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلسا ئەرزىيدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ.

مۇخبىر قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئاپتۇبوس بىلەن قايتىپتۇ. ئۇنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ باي سانىلىدىغان بىر ھۆكۈمەتىنىڭ يول بويلىرىغا ھاجەتخانا سېلىپ قويمىغىنى بولۇپتۇ. ئۇنىڭچە دۇنيادا ھۆكۈمەت مۇسئۇللۇقىدىكى جامائەت ئەسلەھەسى سانلىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ قەشقەردە جوڭگۇ بويىچە كەمچىللىكى ۋە تىجارەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۇ ئاپتوبۇستا ئۇيغۇرلار بىلەن يېرىم خەنسۇچە يېرىم ئىما ئىشارەتلەر بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار ئۆزى كۆرگەن ئاسيالىقلار ئىچىدە ئەڭ قىزغىن، ئەڭ خۇشچاخچاق، ئەڭ ئۈمىدۋار كىشىلەردەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۈرۈمچىگە كېسەل كۆرستىشىنى باھانە قىلىپ يوقاپ كەتكەن بالىلىرىنى ئىزدەپ كېتىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ چۆللەرنى چاڭ كەلتۈرۈپ كۈلۈشلىرى ۋە ناخشا ئېيتىشلىرى ئۇنىڭغا ئازاپنى يېڭىشنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپتۇ. ئۇنىڭچە ناخشا ۋە چاخچاق ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە ئازاپ، بېسىم ۋە خورلۇقلارغا چىداپ ئۈمىدۋار ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى سىر ئىكەن.

يېرىم يولدا ئاپتۇبوسقا بىر بوۋاي چىقىۋاپتۇ. بوۋاينىڭ قولىدا بىر ساپاق ئۈزۈم بار ئىكەن. بوۋاي ئۈزۈمنى ئاپتۇبوستىكى ھەممە يولۇچىغا بىر بىرلەپ سۇنۇپ چىقىپتۇ. بوۋاينىڭ ئۈزۈمنى يولۇچىلارغا بۆلۈپ بەرمەي تەكشى سۇنۇشلىرىدىن مۇخبىر بەك ھەيرانلىق ھىس قىلىپتۇ ۋە سەۋەبىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭچە بۇنداق قىلغاندا بەزىلەرنىڭ كۆپ ئېلىۋېلىشى بەزىلەرگە يەتمەي قېلىشىدىن ساقلانماق تەرس ئىكەن. بوۋاي "بىزدە ئىنساپ دېگەن گەپ بار. ھەممىمىز ھەممە يەردە ئىنساپ بىلەن ئىش قىلىمىز، سۆزلەيمىز، ئوزۇقلىنىمىز، ھىچ كىم ئارتۇق ئېلىۋالمايدۇ" دەپتۇ. مۇخپىر بوۋاينىڭ ئۇيغۇرچە، خەنسۇچە ۋە ئىما ئىشارەت بىلەن ئېيتقانلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان بولسىمۇ تولا تەكرارلانغان "ئىنساپ" دېگەن سۆزنى تۈزۈك ئۇقالماپتۇ. ئارىدا بىر ئۇيغۇر بالا بوۋاينىڭ ئېيتقانلىرىنى خەنسۇچىغا ئۆرۈپ بېرىپتۇ، ئەمما "ئىنساپ" دېگەن سۆزنى يەنىلا ئۆرىيەلمەپتۇ. ئۇنىڭچە بىر مىللەتنىڭ تىلىدا بىر چۈشەنچىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك شۇنداق چۈشەنچىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزمۇ بولمايدىكەن. بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئاپتۇبوستىكى 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە بىر ياۋرۇپالىققا يەتكىنىگە قاراپ مۇخبىر ئۇيغۇلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئىنساپ چۈشەنچىسىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپتۇ.

يولدا ئاپتوبوسنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ يولۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەرلەر ئۇيغۇرچە ئاللىنىمىلەرنى دېيىشىپ چۈشۈپ كېتىشىپتۇ. مۇخبىر نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىسا ئۇيغۇر يولۇچىلار يولدىن يىراقراق بىر يەرنى تەرلەپ پىشىپ كولاۋاتقان ئىكەن. سوراشتۇرسا بىر ئەسكەر ماشىنىسى يولدىن ئۆتىۋاتقان بىر مۈشۈكنى بېسىۋېتىپ كېتىپ قالغانىكەن. بۇنى كۆرۈپ قالغان ئاپتوبۇسنىڭ ئۇيغۇر شوپۇرى ۋە يولۇچىلارنىڭ مۈشۈككە ئىچى ئاغرىپ ماشىنىنى توختۇتۇپ كۆمۈپ قويماقچى بولۇشقان ئىكەن. ھەممىگە قىزىقسىنىدىغان بۇ مۇخبىر بۇنىڭ سەۋەبىنىمۇ سوراپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ يېزىشىچە ئۇيغۇرلار مۈشۈكنىمۇ خۇدانىڭ ياراتقانلىقىغا، ھەر قانداق جانلىقنىڭ تىرىكىنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئۆلۈكىنىڭمۇ خارلىقتا قالسا بولمايدىغانلىقىغا ئىشنىشىدىكەن.

بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىم "بۇ مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللەتلىرى ھەققىدە يازماپتىمۇ" دېيىشلىرى مۇمكىن. ئەپسۇس، بۇ مۇخبىر ئۇيغۇرلارنىڭ "ئىللەت" لىرى ھەققىدە يازماپتۇ. 19-ۋە 20- ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىغان تۈرلۈك مەقسەدتە كەلگەن ئەنگىلىيىلىكلەر، شىۋىتسىيىلىكلەرنىڭ يازمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇنداق ئىللەتلىك ئىكەن، مۇنداق نۇقسانلىق ئىكەن دېگەندەك بايانلار ئۇچرايدۇ. بۇ پەقەت ياۋرۇپالىقلارنىڭ ياۋرۇپا مەركەزلىك قارىشى ۋە مۇستەملىكىچىلىك ئىددىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى دەۋر 19-ئەسىردىكى ئىمپىرىيە دەۋرى، مۇستەملىكە دەۋرى تېخىمۇ ئەمەس. ھازىرقى دەۋر ئىنسانلارنىڭ مىللىي خاسلىقى، مۇستەقىللىقى، غۇرۇرى، ۋىجدانى ۋە ئىتىقادى ھۆرمەتلىنىدىغان دەۋر. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى، كىيىم كېچىكىنى، ساقال بۇرىتىنى توغرىسىدا ھۆكۈمچىلىك قىلىش، چەكلىمە قويۇش ئىرقىي كەمسىتىشكە مەنسۇپ ئىكەن. بىر مىللەتنىڭ دىنىنى خۇراپاتلىق، پىئۇداللىق، قالاق دېيىش دىنىي كەمسىتىشكە تەۋە بولىدىكەن. بىر مىللەتنى دېھقاندەك ئۇنداق، مۇنداق دېيىش؛ پادىچىدەك ئۇ، چارۋۇچىدەك بۇ دېيىش كەسپىي كەمسىتىشكە تەئەللۇق دەپ قارىلىدىكەن. شۇڭا بىر چاغلاردا جاۋبېنشەن ئورونلىغان دېھقانلارنى كەمسىتىدىغان ئىتوتلار، چېن پېيسى ئورۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىىدىغان ئىتوتلار بۈگۈنكى دۇنيادا سوتقا لايىق، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئىكەن. ھازىرقى غەرپ مائارىپى ۋە جەمئىيىتى بۇنداق تۈرلۈك كەمستىشلەرگە يول قويمايدىكەن. بۇ غەرپلىك مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش "ئىللەت" لىرى ھەققىدە يازماسلىقنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا تۇرغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئوقۇدۇم، ھۆججەتلىك پىلىملەرنى كۆردۈم. ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ھاياتى، ئۆرپ ئادىتى، سىياسىي كەچۈرمىشى، ئۇيغۇرلاردىكى مائارىپ ۋە ئانا تىلىنىڭ ئورنى كۆزىتىلىپتۇ، تەسۋىرلىنىپتۇ ۋە بايان قىلىنىپتۇ. ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلاردا چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاساس بولۇپ ھۆكۈمچىلىك كۆرۈلمەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خەلقنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرى كۆپرەك، ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرى ۋە تارىخى مەلۇماتلار ئازراق ئىكەن. سەۋەب، ھۆكۈمەت ۋە تارىخى مەلۇماتلارنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن يوليورۇق، تەلەپ ۋە ھۆكۈمگە ئاساسەن يېزىلىدىغانلىقى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك.



ئالدىنقى: غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى

كـىيىنكى: «چالا تەرجىمان» كىمنى ئۆلتۈرگەن؟ كىملىكنى ئۆلتۈرەمدۇ؟