ئۇيغۇرچە زىيالىلىق ھەققىدە ئويلار

ئۇيغۇرچىدىكى مۇتەخەسىس، پەيلاسۇپ دېگەن سۆزلەرنى ئاۋامنىڭ ئاغزىدىن كۆپ ئاڭلىغىلى بولمايدۇ، ئەمما زىيالى سۆزىنى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلەمدىكىن دەيمەن. بەزىدە قۇلۇقۇمغا "زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى" دېگەن ماقال ئاڭلىنىپ قالىدۇ. زىيالى دېگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرىدىن ئورۇن ئالغانىكەن، ئاۋامغا يات سانالمىسا كېرەك. مەن بۇ گەپتە باشقا ماقاللاردىكىدەك بىر ھىېكمەتنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇ پەقەت زىيالىلارغا تۇتۇلغان پوزىتسىيە، بېرىلگەن بىر باھالا خالاس. بۇ باھا ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ۋە بىلىملىكلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيالىنى خىيالى دەۋاتقانلارنىڭ چەشەنچىسىدىكى زىيالى دېگەنلىك كادىر دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا بىرەيلەننىڭ "مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان. زىيالى بولىمەن دەپ خىزمەت تاپالماي ئائىلە ئايالى بولۇپ قالدىم" دېگىنى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى. مۇشۇ بويىچە بولسا زىيالى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەتتىن مۇئاشلىق بولۇش كېرەك بولغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاۋامدا نېمىشقا كادىر بىلەن زىيالى ئوخشاش ئۇقۇم بولۇپ قالدى؟ بەلكىم بىر مەزگىل تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تۈگەتكەن ياشلار "زىيالى ياش" دەپ قارىلىپ يېزىلارغا ئەۋەتىلىپ "چېنىقتۇرۇلغان"دىن كېيىن ئاساسەن كادىر بولۇپ كەتكەچكە شۇنداق چۈشەنچە شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ھىچ بولمىغاندا تولۇقسىز ئوتتۇرىنى بولسىمۇ پۈتكۈزگەن ياشلار پەقەت ئوقۇمىغان دېھقانلارنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇلغان بولغاچقا، 1955-يىللاردىن كېيىن باشلانغان باينى ۋە زىيالىنى كەمسىتىش كەيپىياتى بىلەن قوشۇلۇپ "زىيالى قىلغان ئىشى خىيالى" دېگەن ماقال بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم 1949-يىلدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئوقۇغان كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىسىز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان، تۇرمۇشىنى قامدىيالمايدىغان ھالەت ئۇيغۇر دىيارىدا بەك ئۇزۇن داۋاملىشىپ كەتكەچ شۇنداق چۈشىنىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نوقتىلارنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇيغۇرچىدىكى زىيالى ئوقۇمىنى تۈركىيە تۈركچىسىكى ياكى ھەرقانداق غەرپ تىلىدىكى ئوخشاش مەنىلىك سۆز بىلەن ئىپادىلىگىلى ۋە تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە 1949-يىلدىن بۇرۇنقى زىيالىنىڭ ئوبرازى ئەدىپ، ئوقۇتقۇچى، ئەپەندى، خانىم (ئاپپاي، ئابىستە) سۈپىتىدە گەۋدىلىنەتتى. مەسىلەن ھەيدەر ئەپەندى (تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئۇستازى)، ئەخمەت كامال ئەپەندى (تۈركىيەدىن كېلىپ مەكتەپ ئاچقۇچى)، مەمتىلى ئەپەندى، مەخسۇت موھىدى ئەپەندى (خوجانىياز ھاجىنىڭ دوستى)، ئۆتكۈر ئەپەندى، ئالماس ئەپەندى دېگەندەك. ئۇ چاغلاردا بۇ ئەپەندىلەر ئوقۇمۇشلۇق بايلار بىلەن بىرلىشىپ ياكى ئۆز ئالدىغا مەكتەپ قۇرغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشى تىجارەتتىن كىرگەن كىرىمدىن ياكى ئۆشرە زاكاتتىن تارقىتىلغان. شۇڭا ئۇ چاغدىكى زىيالىلار مەكتەپ قۇرغان ساخاۋەتچىگە، ئۆشرە زاكاتتىن ئايلىق بەرگەن خەلققە خىزمەت قىلغان. ھەتتا شۇ چاغلاردا ئۇيغۇردا "قىزىڭ چوڭ بولسا ئەپەندىگە بەر" دېگەن سۆز تارقالغانىكەن.

مەنچە كۈنىمىزدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىيالىلىق رولىنى ئۆتەۋاتقانلار ۋە ئۆتىيەلەيدىغانلار ئىچىدە يۇقارقى مۇئاشلىقلاردىن باشقا مۇئاشسىز زىيالىلارمۇ بار. مەن زىيالىلىق رولى دېگەندە جەمئىيەتتە پىكىر پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىش، غۇلغۇلا قوزغاش، كەيپىيات يارىتىش قاتارلىق مەنەۋىي ئەمگەكلەرنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشىنى كۆزدە تۇتىمەن. مەن دەۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مۇئاشسىز زىيالىلار ئوقۇغۇچىلىق، زىيارەتچلىك، تىجارەتچىلىك، مۇھاجىرلىق، مۇساپىرلىق قاتارلىق ھەرخىل سالاھىيەتلەر بىلەن ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن ئۇيغۇرغا بىلىم تەمىنلەۋاتقان، ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقان، پىكىر تارقىتىۋاتقان، كەيپىيات سۇڭگۇتىۋاتقان ۋە غۇلغۇلا قوزغاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مۇئاشلىق ۋە مۇئاشسىز زىيالىلار تارقىتىۋاتقان پىكىرلەر ئىچىدە ئەدەبىي –بەدىئىي پىكىر، ئەخلاقى -تەربىيەۋىي پىكىر، تىجارىي-ئىقتىسادىي پىكىر، ئىدارىۋىي-سىياسىي پىكىر، ئىددىيەۋىي- پەلەسەپىۋىي پىكىر، تاماششىۋىي-ھەجىۋىي پىكىر ۋە روھىي-دىنىي پىكىر مەنچە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

2. ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتا نوپۇز

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىيالىلىق رولى قانداق رىياللىشىدۇ، زىيالىلار رولىنى جارى قىلدرۇش ئۈچۈن نېمىگە تاينىشى كېرەك؟ مەنچە ئىلىمگە تايىنىش كېرەك. ئىلىمنىڭ نوپۇزى، تەرەپسىزلىكى، ئادىللىقى ئۇلار تارقتىۋاتقان پىكىر، كەيپىيات ۋە قىزغىنلىقلارغا تىرەك بولۇشى كېرەك. ئەمما ھازىرقى ئەمەلىيەت ئۇيغۇر زىيالىلىرى زىيالىلىق رولىنى جارى قىلدۇرشتا قايسى نوپۇزغا تايىنىش قولاي بولسا شۇنىڭغا تايىنىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇنداق نوپۇزلار ئۇلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى، مەقسىدىنى ۋە قاراشلىرىنى ھەقلىقلەشتۈرىدۇ. تەشەببۇسلار ۋە قاراشلار مەلۇم نوپۇزنىڭ سايىسىدە ھەقلىقلەشتۈرۈلگەندە ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك تارقىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئويلىغانلىرىنى ئاۋامغا قوبۇل قىلدۇرۇش، پىكىرلىرىنى تېخىمۇ زور تەسىرگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يەتمەكچى بولغان غۇلغۇلا، پەيدا قىلماقچى بولغان كەيپىيات، تارقاتماقچى بولغان مەپكۇرىسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نوپۇزلارغا مۇراجەت قىلىۋاتىدۇ. بىرى، زىيالىلار ئوقۇغان، بىلىملىك كىشىلەر بولغاچقا ئاۋام تازا بىلىپ كەتمەيدىغان غەرپ ئالىملىرىنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارغا ئىسمى بەك تونۇش لېكىن ئىلىمى ناتونۇش بولغان يەرلىك ئالىملارنىڭ نوپۇزىغا يۆلىنىۋاتىدۇ. يەنە بىرى زىيالىلار ھاكىمىيەتنىڭ بىرقىسمى ئۇلار تايىنىۋاتقان نوپۇز ھاكىمىيەتنىڭ نوپۇزىدۇر. ئۈچىنجى بىرى بىر قىسىم زىيالىلار دىنىمىز ھەققىدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا تەلىم ئالغان شۇڭا دائىم ئىسلام نوقتىسدىن سۆزلەيدۇ، ئۇلاردىكى نوپۇز ئىسلامنىڭ نوپۇزى. تۆتىنجى خىلدىكى زىيالىلار شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە ئۇيغۇرلۇق سالاھىيەتتىن چىقىپ باھا بېرىدۇ، توغرا خاتا، ھەق ناھەق، پايدا زىيانغا ئائىت ئىشلاردا مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدۇ، ئۇلار تايانغان نوپۇز ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيەت بىرلىكىدىن كەلگەن. سەنئەت ۋە تىجارەت ساھەدە غەلىبە قىلغان كىشىلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى جەمئىيەتتە ئەڭ ئاسان تەسىر قوزغايدۇ ئۇلاردىكى نوپۇز ئاتاق ۋە بايلىقنىڭ نوپۇزىدۇر.

مەن نېمە ئۈچۈنكى يېقىندىن بېرى رىياللىقىمىزدا كىشىلەرنى زىيالىلىق رولىنى ئۆتەشتە تەخىرسىز، ئەمىلى، ئىجادىي پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پىكىرنى قايىل قىلارلىق يورۇتۇش قاتارلىقلارغا تىرىشماي يۇقارقى نوپۇزلاردىن پايدىلىنىشقا بەكرەك كۈچەپ كېتىۋاتقاندەك، قالايمىقان پايدىلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىمەن. مەسىلەن، "ئۇيغۇر بولسىڭىز بۇ تېمىنى ئوقۇڭ"، "ئۇيغۇر بولسىڭىز بۇ ئىشنى قىلماڭ"، "پوكۇنى ئىشنى قىلغان ئۇيغۇر"، "مۇسۇلمانلار قىلىشقا تىگىشلىك…" ، "ئاۋانگارتلىقمۇ گۇمراھلىقمۇ: ئە. ئوسمانغا تەنقىد" ۋاھاكازالار. دېمەك، توردىكى مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇسىدىنلا ئىسلام ۋە مىللەتتىن ئىبارەت نوپۇزنى سۈيئىستىمال قىلىشنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. بۇندىن باشقا ئەنئەنىۋىي مەتبۇئاتلاردا "ئۇيغۇر ئەخلاقىغا خىلاپ يېزىلغان ئەسەر، ئۇيغۇر ئەنئەنىسدىن ياتلىشىشىنىڭ مارشىنى ياڭراتقان زەھەرلىك كىتاب، مۇقەددەس سىموۋۇللىرىمىزغا چېقىلغان شىئېر، ئەۋلادلىرىمىزنى زەھەرلىگەن ئەدەبىي ئەخلەت…" دېگەندەك ھۆكۈملەرنى دائىم ئوقۇپ تۇرىمىز. مەيلى توردىكى ئەسەرلەر ياكى مەتبۇئاتتىكى ئەسەرلەر بولسۇن ھۆكۈملەرنىڭ ئاساسى بىر بولسا دىن يەنە بىر بولسا مىللەت. مەنچە بۇ يەردە زىيالىلىق رولىنى ئۆتەشكە ئالدىراپ كەتكەنلەر ياكى ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان مەشھۇرلۇق ئىھتىياجىنى مۇۋاپىق ئەمگەك بەدىلىگە ئەمەس ھەممە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان "كارامەت" بەدىلىگە قاندۇرۇشقا خۇشتارلارنىڭ كۆپۈيۈپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئىسالاھاتتىن كېيىن جوڭگۇ جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان ھەممە ئىشتا داۋراڭنى، قىسقا مۇددەتلىك شاۋقۇن-سۈرەننى ۋە نەق مەنپئەتنى قوغلۇشۇش خاھىشى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنجى بىرى يەككە ئىدولوگىيە ھەممىگە ئۆلچەم قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە مۇقەررەر كېلىپ چىقىدىغان ئىددىيە پارازىتلىقى سەۋەب بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. 60-يىللاردا ئەۋج ئالغان "بىرگە بىرنى قوشسا ماۋزىدوڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككى بولىدۇ" دېگەنلىك ماتىماتىكا بىلمەيدىغانلارنىڭ ماۋزىدوڭ ئىددىيەسىنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ھەممە نەرسىگە قازى بولۇۋېلىپ پارازىتلىق قىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ماۋزىدوڭ دەۋرىدىن قالغان بۇنداق پارازىتلىق، نوپۇزنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەش ھازىر بىر خىل كەيپىياتقا، تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ قالغىلىۋاتىدۇ.

3. ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتا ھۆكۈمچىلىك ۋىرۇسى

ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتا ھۆكۈمچىلىك ئاللىقاچان بىر بىنورمال ئېقىمغا ئايلاندى. بىكار تەلەپتىن ئالدىراشقىچە، كەتمەنچىدىن تارتىپ قەلەمكەش، سودىگەرگىچە ھەممە ئادەم ھەممە ئىشقا ھەممە يەردە مىللەت ۋە دىن نوقتىسىدىن چىقىپ ھۆكۈم قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ھۆكۈم قىلغۇچى ئاقىۋەت ھەققىدە ئويلانمايدىغان، ھۆكۈمنىڭ ئىلمىيلىكى، تەخىرسىزلىكى، ئەمەلىيلىكى ۋە قىممىتى ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغان ھالەت ئومۇملاشتى. مەسىلەن، بىر كۈنى ئاكام كېرەمباغ دوختۇرخانىسىغا تەكشۈرتۈشكە كېتىپ بىر دوختۇرنىڭ گېپىنى دەپ بەردى. ئۇ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، سەھىيە ۋە تازىلىق ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا خەنسۇلارغا قارىغاندا كېسەللەرگە ئاسان گىرىپتار بولارمىش. بۇ گەپنى دېگۈچى دوختۇر شۇنى ئويلۇنۇپ باقمىغاندەك قىلىدۇ. قەشقەردە مۇقىم ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قانچە، خەنسۇ قانچە. خەنسۇلار ئاغرىپ قالسا قەشقەردە داۋالىنامدۇ ياكى ئۆزى چوڭ بولغان ئىچكىرىدە ئاتا ئانىسىنىڭ قېشىدىمۇ. خەنسۇلار دوختۇرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر تەشكىل قىلىدىغان، ئۇيغۇر كېسەللەر كارىدورلاردا ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكەن، يازنىڭ دېمىقىدە دوپپامدەك ياتاقتا يەتتە سەككىز ئادەم داۋالىنىدىغان كېرەمباغ دوختۇرخانىسىنى تاللامدۇ ياكى ئۈرۈمچى، شىخەنزە قاتارلىق زامانىۋىي شەھەرلەردىكى ياكى بىڭتۈئەنلەرنىڭ دوختۇرخانىلىرىنىمۇ؟ غەلىتە يېرى، مۇنداق ھۆكۈم قىلىدىغان كىشىلەر مەسىلىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئەتراپلىق ئويلىمايلا گۇناھنى ئۇيغۇرنىڭ ئېڭىغا يۈكلەيدىكەن، ئېچىنىشلىق يېرى، مۇنداق ھۆكۈملەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوبۇل قىلىنىدىغان بازارغا ئىگە ئىكەن. كىشىلەر مۇنداق ھۆكۈملەرنى ئاڭلىغاندا قايىللىق بىلەن باشلىرىنى ساڭگىلىتىدىكەن.

نەزىرنى ھارام قىلشمۇ ئىمىيلىككە تايانمىغان ھۆكۈمچىلىك ۋىرۇسىنىڭ ئىپادىسى. نەزىر ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىدىكى ماتەم مۇراسىمى. ئۆلۈم نەزرىسى دېگەنلىك ئۆلۈم مۇراسىمى دېگەنلىك. بۇنىڭ دىنىي ئاتالغۇ نەزىر بىلەن بىر گەپ ئەمەسلىكى بىزدىكى نەزىرنىڭ مەزمۇنىدىنلا ئوچۇق كۆرنۈپ تۇرىدۇ. نەزىر بىر مۇراسىم بولغانىكەن مۇراسىمدا پولو تارتىلىش بىر ئۇيغۇرچە يوسۇن. ئۇيغۇرنىڭ يوسۇنى بويىچە ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا چاي قۇيۇش بىر قائىدە، ئۇ كىشى مەيلى ئۆلۈم نەزرىسىگە كەلسۇن ياكى باشقا سەۋەب بىلەن كەلسۇن چاي قۇيۇپ تاماق تارتىش ئەقەللى بىر ئىش. ئۆلۈم مۇراسىمى بولغان نەزىرگە داخىل بولغان كىشىمۇ يىگىلى ئچىكىلى كەلمەيدۇ، ياكى مەخسۇس نەزىر يەپ قورساق تويغۇزۇشقا كەلمەيدۇ. مەيلى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدە بولسۇن بولمىسۇن ھادىسە كەلگەن ئۆيگە ھال سوراپ، ئۆلۈمگە قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانغا لايىقىدا ئىززەت ئىكرام كۆرسىتىشنىڭ ھىچ بىر ئەقىلگە سىغمايدىغان يېرى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەقىدە ئىتىقادلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان قانۇنلۇق سورۇنلىرى بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتقان شارائىتتا ئاللاھنىڭ كالامى باشتىن ئاياققىچە ياڭراپ تۇرىدىغان نەزىرنى ئەمەلدىن قالدۇرغۇچىلار، بىدئەتكە چىقارغۇچلار ئويلۇشۇپ كۆرسە بولىدۇ. ئۆرپ ئادىتىمىزدىكى يوسۇنلار تۈپ ئەقىدىمىزگە خىلاپ بولمىسا، ئوتتۇرا ھاللىق ۋە ئادىللىق ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتمىسىلا ئالدىراپ بىدئەتكە چىقارماسلىق كېرەك. مەنچە بۇنداق نامۇۋاپىق ھۆكۈملەرنىڭنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، مۇشۇنداق ھۆكۈملەرگە ھىچ ئويلانماستىن، تەھلىل قىلماستىن ئىشىنىشكە مايىل كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى قورقۇنچلۇقتۇر. مەنچە ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتىكى ھۆكۈمچىلىك ۋىرۇسىنىڭ سەۋەبىنى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلى تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۇمكىن.

1. نوپۇزنى سۈيىئىستىمال قىلىش ۋە ئۆزىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاجىزلىقنى مىللەتلەشتۈرۈش

قارايدىغان بولساق ئەتراپىمىزدىكى كۈندىلىك پاراڭ ۋە مەتبۇئاتلاردا زىيالىلارنىڭ پىكىرنى قايىل قىلارلىق ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا نوپۇزلارنى سۈيىئىستىمال قىلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن ئۇيغۇر كادىر دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار نادان، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ، بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيدۇ، يەرلىرىنى بىز تېرىڭلار دېمىگۈچە تېرىمايدۇ. ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇرلار مېنى قوللىمايدۇ، ھورۇن، كوچىلايدۇ، قارا خەنسۇلارغا ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئۆزىگە شۇنداق ئىشىنىدۇ، بىر بىرىنى يۆلەيدۇ. ئەلشىر ناۋايىنى ئۇيغۇر دەپ تالىشىپ كەتكەننىڭ پايدىسى يوق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە كۈنلىكى قالدى؟. ئۆزبېك دېسە نامى ئۇزۇنراق ياشايدۇ. ھەممە ئەدەم دەۋىرگە ماسلىشىشى كېرەك، ھازىر خەنسۇ تىلىنىڭ دەۋرى، بۇ دەۋرگە ماسلىشالىغانلار ياشايدۇ، ماسلشالمىغانلار شاللىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى زامانىۋىي پەن تەخنىكىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. خەنسۇلار زامانىۋىي مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچى ئۇيغۇرلار قوبۇل قىلغۇچى. تىل بىلمەسلىكى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار خەنسۇلار بىلەن تەڭ بولالمايۋاتىدۇ. پىۋىداللىق دىنىي ئاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى چەشەپ قويۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە پۇلغا يارىمىغان، ئىقتىسادى تەرەققىياتقا توسالغۇ بولغان، نەپ بەرمىگەن ھەرقانداق ئىددىيە ۋە ئۆرپ-ئادەتتىن گۇمانلىنىش كېرەك. ئىددىيىنى بىرلىككە كەلتۈرمەي بولمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغان ئىددىيەگە ساھىپ بولسا بۇ جاھان قالايمىقانلىشىپ كەتمەمدۇ…»

بۇ گەپلەرنى دەۋاتقان كىشى ئۆزى تېگىگە يېتەلمىگەن، ھۆكۈم قىلىشقا ئاجىز كەلگەن مەسىلىلەرنى يىغىنلاردىن ئاڭلىۋالغان، تەشۋىقاتلاردىن يادىلىۋالغان مەزمۇنلار بويىچە چۈشەندۈرىۋاتىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈشلەر ھاكىمىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ نوپۇزدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كادىر كىشى مەسىلىلەرنى مۇشۇ نوپۇزغىلا تايىنىپ چۈشەندۈرسە چاتاق چىقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئىزىدىنىپ، مىڭە ئىشلىتىپ ئاۋارە بولمايدۇ. ئۆزىدىكى ئاجىزلىق، ئۈمىدسىزلىكنى مىللەتلەشتۈرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كادىر ئۆز خىزمىتىدىكى قولايسىزلىقلارنى، ئىقتىدارسىزلىقنى، ئۈنۈمسىزلىكنى ئۇيغۇردىن كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشتىكى تەدبىرسىزلىكنى ئۇيغۇرنىڭ ئىتىپاقسىزلىقىغا دۆڭگەيدۇ. ئۆزىنىڭ قاراڭغۇ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەشلىرىنى، ئىشەنچسىزلىكىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن خەۋپسىرەش شەكلىدە ئىپادىلەيدۇ. ھۆكۈمران ئىدولوگىيەنىڭ تەلىپىنى ئەتراپىدىكى بارلىق شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە باھا بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىدۇ. ئۆزىدىكى بىپەرۋالىقنى، مەنپەئەتپەرەستلىكنى، غايىسىزلىكنى مىللەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىدۇ ۋە ئۆزىنى شۇنداق غايىسىزلەرنىڭ ئارىسىدا يالغۇز ئەمەستەك ھىس قىلىپ بۇنىڭدىن تەسەللى تاپىدۇ. دارۋىنىزىمنىڭ جانلىقلار دۇنياسى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان "ماسلاشقانلارنىڭ ياشاش، ماسلىشالمىغانلارنىڭ شاللىنىش " ھەققىدىكى مەپكۇرىسىنى ۋە ماددىچىلىقنى ھەممىگە تەدبىقلايدۇ. قىزىق يېرى ئۇ شۇنچىۋالا ھۆكۈمنى قىلىشتىن بۇرۇن يا ئەمەلىيەتنى تەكشۈرۈپ باقمايدۇ، يا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارغا مۇراجەت قىلمايدۇ، يا بىلىدىغانلاردىن مەسلەھەت سورۇمايدۇ.

جۈمەدە خاتىپ دەيدۇ: « بىز ھورۇن بولغاچقا، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ، غەيۋىتىنى قىلغاچقا، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمىگەچكە ئىشىمىز ئالغا باسمايۋاتىدۇ، كەينىدە قېلىۋاتىمىز. ھەممە قىلغان ئەتكىنىمىز، قويغان تۇتقىنىمىز بىدئەت. نەزىر قىلىش بىدئەت، ئاتا بوۋىلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بىدئەت، تويدا ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش بىدئەت، ئۆلۈمدە يىغلاش بىدئەت، ئىسلام يۇرتىمىزغا كەينىچىلەپ كىرگەچكە شۇنداق. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغانلىرىنى توغرا دەپ قارايدىغانلار دىنىمىزنى مۇشۇ كۈنگە ئەكىلىپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىپ ھەممە ئادەم قۇرئاندا ئۇ بار، بو يوق دەيدىغان بولۇپ كەتتى. قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى ئوقۇغان قۇرئان ئوقۇغانغا ھىساپ ئەمەس. قۇرئان دېگەن ئادەتتىكى ئادەم چۈشىنىدىغان كىتاب ئەمەس. قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسىنى ئوقۇپ تەپسىر قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ قۇرئاندا بار يوقنى تالىشىشى جاھىز ئەمەس. ھازىر ياشلار چوڭلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان بولۇپ كەتتى، ساقالنىڭ ھۆرمىتى قالمىدى. ئەتراپىمىزنى بۇزۇقچىلىق قاپلاپ كەتتى، ئىمانىمىز ئاجىزلاپ ھەممىز ئاياللارنىڭ دېگىنىگە كۆنىدىغان بولۇپ قالدۇق بۇ زامان ئاخىرىنىڭ ئالامىتى».

خاتىپنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بىدئەت، بۇزۇقچىلىق، گۇناھ، شىرىكلىك، پاسىقلىق ھەققىدە سۆزلەشلىرى ھازىرلا زامان ئاخىرى بولىدىغاندەك ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بىچارە خاتىپ خوتۇنىدىن ئازار يەپ، بالىلىرىدىن دەشنام ئىشتىپ، قوشنىسى بىلەن كېلىشەلمەي، تەۋەرۈك ئۆيى چېقىلىپ كېتىپ ئاچچىقىدا مەرەپكە چىقىپ بارلىق دەردىنى جامائەتتىن ئالىدۇ. بارلىق بىمەنە ھۆكۈملىرىنى ئىسلامنى سۈيئىستىمال قىلىپ ھەقلىقلەشتۈرىدۇ. بۇ بىچارە ئىمام ۋە خاتىپلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان، تېرىككەك، قورقۇنچاق پىشەدەملەر. ئۇلار قېرىپ ھالىدىن كەتكەچكە ئۆزىنى چۆرىسىدىكىلەرگە يۈكتەك ھىس قىلىپ زارلىنىشلىرى بەرھەق. ئەمما بۇنداق كەيپىياتنى جامائەت سورۇنىدا ئىسلام تونىنى كەيدۈرۈپ تارقىتىشى مۇۋاپىق ئەمەس. مەن ھەر جۈمە ئاخىر زامان، جەھەننەم ئازابى، بۇزۇلۇپ كەتكەن، يولدىن چىقىپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى خۇتبىنى ئاڭلاپ قەلبىم قورقۇنچتا دۇئا قىلىمەن. ئەمما دائىم شۇ ئىشقا ھەيران قالىمەن. مەسجىدتە بىر ئوبدان نامازنى ئوقۇپ ئاللاھتىن قورقۇشقان، تۆۋە قىلىشقان، ئاللاھقا ئۆزلىرىنى تاپشۇرۇشقان شۇ كىشىلەر مەسجىدتىن چىقىپلا دۇنيا بويىچە باھاسى ئەڭ ئەرزان بولغان، پەقەت ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغانلىقى ئۈچۈنلا سەبىلەر ۋە ساددا ئاۋام ھالال دەپ بىلىدىغان ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئاللاھتىن، جەھەننەمدىن قورقۇشماي سېتىشقا باشلايدۇ. چۈنكى مەسجىد ئۇلارنى ئاللاھتىن قورقۇتقان بىلەن جازالىيالمايدۇ، مەسجىد ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئېرىتكەن بىلەن قورسىقىنى تويغۇزالمايدۇ. يەنە شۇ مەسجىدتە ھېلىلا سالاملاشقان كىشىلەر ئۇيغۇردىن بىرەرى نەچچە يىل ئەجىر قىلىپ مەھسۇلات ئىشلىسە ئىچكىرىدە دەرھال ساختىسىنى ئىشلىتىپ خەقنىڭ سودىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. خاتىپ بۇنىمۇ سۆزلەيدۇ، قاينايدۇ. گەپ مەسجىدتە قالىدۇ، جازا ئاللاھقا ھاۋالە قىلىنىدۇ. بۇ ھاللاردا گۇناھ يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكىنىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتىقادىنىڭ سۇسلاپ كەتكىنىگە ئارتىلىدۇ. گۇناھنىڭ ئەۋج ئېلىشى زامان ئاخىرىنىڭ ئالامىتى دېيىلىپ كۆڭلى سۇنۇق ئۇيغۇر يەنە ئۈمىدسىزلەندۈرىلىدۇ. دىنچى زىيالىلار شۇنى ئويلىمايدۇكى مەسجىد پەقەت ئىنساننىڭ قەلبىنى، روھىنى ئاللاھ بۇيرىغان يولغا يېتەكلەيدۇ. ئىنساننىڭ ھەركىتىنى، نەپسىنى توغرا يولغا سېلىش، جامائەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قېلىپقا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇنتىزىم قانۇن ۋە قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىدىغان ئورگان بولۇشى كېرەك.

توردا بىر زىيالى دەيدۇ: ئە. ئوسمان باشچىلىقىدىكى شائىرلار ھىچنىمىزىم دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقتى. ھىچنىمىزىم دېگىنى ئەقىدىمىزگە خىلاپ. ھىچنىمىزىم شەياتىنىزىم، ھىچنىمىزىمچى شائىرلار گۇمراھلار، دىندىن چىققانلاردۇر. ھىچنىمىزىم مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى تەھدىتكە ئۇچرىتىدۇ، بىزنى تۈگەشتۈرىدۇ…ۋاھاكازالار. ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇغان كۆرگەنلەر دەيدۇ: ھىچنىمزىمچىلارنى ئۆلتۈرەي دېسەم قولۇمدىن كەلمەيدۇ، لېكىن ئۆلسە خوپ بوپتۇ دەيمەن. بۇ پىكىر يازغانلارنىڭ گېپى يازمىغانلار بەلكىم تەلۋىلەرچە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. ئاڭلىسام "باياۋاندىكى گۈلخان " دېگەن روماننىڭ ئاپتۇرى يازغانلىرى سەۋەبلىك تەلۋىلەرنىڭ قولىدا بىر كۆزى كور بولغان ئىكەن. ئەمدى بىرقانچە پارچە شىئېر يازغانلار كاپىرغا، گۇمراھقا چىقىرىلسا ھالى نېمە بولار؟! ھەممە يەردە مۇدھىش ھۆكۈم ئەلەڭگىيدۇ. گەپ قىلما خاتالىشىسەن، ئويلىما كاپىر، تېرورچى، بۆلگۈنچى، ئەسەبىي بولىسەن دەپ كوچىلار تەھدىت سالىدۇ. قەلبىڭدىكى خاسلىق، كىملىك، ئىددىيەنى سۆزۈڭدە تۈز ئىپادە قىلالمايسەن، ئاشكارە ئىپادە قىلالمايسەن، سورۇن يوق. چۆچەكتە، شىئېردا، ياغلىقىڭدا، ساقىلىڭدا ئىپادە قىلساڭ، شۇنداق مۇستەبىت تەڭرىنىڭ ھىمايچىلىرى باركى ساڭا قورال تەڭلەيدۇ. شۇنداق تەڭرىلىك تونىدا ھۆكۈم قىلغۇچىلار باركى ئۇلارنىڭ ئەما چاپانچىلىرى قورشاۋغا ئالىدۇ. تەڭرىلەر ۋە تەڭرىنىڭ ھېمايىچىلىرى مۇستەقىللىقىڭنى، خاسلىقىڭنى، ئىجادىيىتىڭنى، سۆزۈڭنى،غۇرۇرۇڭنى دارغا ئاسىدۇ. ئاللاھ ياراتقان ئەقىلنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھالىغا، ئاللاھ ياراتقان تىلىنى سۆزلەتكەنلەرنىڭ جېنىغا ۋاي. خاتالىشىشتىن قورقۇپ گەپ قىلماي، قورساقتىن باشقىنى ئويلىماي، داھىلارنىڭ سۆزىدىن چىقماي، ھاكىممۇتلەق ئىدولوگىيەنى يادىرو قىلىپ ياشىماي، سۆزلەپ تاشلىغانلارنىڭ، تەپەككۇر قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي.

مۇئاشلىق زىيالىلارنىڭ مىللىتىمىزنى خاراپ قىلىدىغان ئىللەتلەر ھەققىدە قاقشاشلىرى، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى بىتچىت قىلىدىغان شەياتىنىزىم ھەققىدكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئادەمنى قەلەم تۇتىدىغان، زىيالى ئېتى باردىن بەزدۈرىدۇ. مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ ئۇنى بىدئەت، بۇنى شىرىك، ئۇنى دەھرىلىك بۇنى ئازغۇلۇق دەپ ھۆكۈم قىلىشلىرى كىشىنى ئۆزىدىن، ئۆرپ ئادىتىدىن گۇمانلاندۇرۇپ تېخىمۇ ساراسىمىگە سېلىۋېتىدۇ. گەرچە ئابدۇزاھىر داموللام ئاتۇشتىكى بىر مىيىت نامىزىدا بىدئەتنىڭ ئاۋامدا ئەمەس موللا ئۆلىمالاردا ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلغان ئېدى. ھالبۇكى، ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپمۇ بىدئەتكە چىقىرىش يەنە شۇ ئۆزىنى موللا ئۆلىما دېگەنلەردىن نېرى بولمايۋاتىدۇ. قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنداق بولۇپ كەتسەك مەۋجۇدلۇقىمىز ئۇنداق بولىدۇ، بونداق بولۇپ كەتسەك ئۇنداق خەتەرلىك ئاقىۋەتكە قالىمىز، ئۇنداقلىقىمىزدىن ئۇنداق بولدۇق، بۇنداقلىقىمىزدىن بۇ كۈنگە قالدۇق، بىز ئۇنداق كېسەل خەق، بىز ئىتتىپاقسىز مىللەت…دېگەن ئالدىراقسان، تەنتەك ھۆكۈملەر ئاڭلىنىپ مېنى بىزار قىلىدۇ. ھەممە يەردە ھەممە كىشىنىڭ ئاغزىدا ئىنكار قىلىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش چەكلەش، ھۆكۈم قىلىش جىق. تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئۈمىدلەندۈرۈش، چۈشىنىش، يول كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئاز. بەزىدە بۇ ماڭا بىر قىسىم زىيالىلىق داۋاسىدىكى كىشىلەرنىڭ يېزىۋاتقانلىرى ۋە دەۋاتقانلىرى ئۆزىدىكى بىنورمال پىسخىكىنى مىللەتلەشتۈرۈش، ئۈمىدسىزلىكنى ئاممىۋىيلاشتۇرۇپ قەلبىدىكى بىچارەلىكنى يوشۇرۇش، نوپۇزنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپ بىخەتەر جان بېقىشتەك تۇيۇلىدۇ.

2. سەمىمىيەتسىزلىك، ئىلىمسىزلىك قورقۇنچاقلىق ۋە كېسەل تۈزۈلمە

مەنچە ئىلمىيلىك، سەمىمىيلىك ۋە ھەققانىيلىقنى قايرىپ قويغاندا دۇنيادا ئەڭ ئاسان ئىش ئۇيغۇرنىڭ رىياللىقىغا ھۆكۈم قىلىشتۇر. ھۆكۈم قىلغۇچى يالغان سۆزلەشتىن قورقمىغاندا، جازالىنىش تەھدىتى بولمىغاندا، ئىلىمسىزلىك چانمىغايدىغان شارائىتتا بۇنداق ھۆكۈمچىلىك بارغانچە ئەزۋەيلەيدۇ. شۇڭا بارلىق زىددىيەتنى تارىختىن قالغان دەپ خۇپسەنلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بارلىق تەرەققىيسىزلىقنى تەبىئىي موھىت جۇغراپىيىلىك ئامىلغا ئارتىشمۇ بىخەتەر كېسىم بولالايدۇ. ئۇيغۇرنى ئاتالمىش مەنىۋىي كېسەللەر قاپلاپ كەتكەن، شۇڭا كېسەل مىللەتنىڭ ساغلام مىللەت بىلەن تەڭ ئىلگىرلىيەلمەسلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس دېيىشمۇ ئالقىشلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى زامانىۋىي پەن تېخنىكىغا ماسلاشمايدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ پىئۇداللىق دىنىي ئىددىيىسى تەرەققىيات بىلەن سىغىشالمايدۇ دېيىشمۇ جاھاندارچىلىققا ئۇيغۇن كېلىدۇ. خۇي پەيلىمىزنى بىدئەت قاپلاپ كەتكەچكە كۈنىمىزدە بەرىكەت يوق دېيىشمۇ زامانقۇللارچە چۈشەندۈرش بولالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلمىيلىك ۋە سەمىمىيلىكتىن خالى كوچا پاراڭ تىپدىكى ھۆكۈمدۇر، چۈنكى بۇلاردا مەسىلىنىڭ نېمىلىكى، قانداق كېلىپ چىققانلىقى، نېمە ئۈچۈن كېلىپ چىققانلىقى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ھەققىدە ھىچ نېمە دېيىلمەيدۇ. بۇ تۇتقىدىن قارىغاندا بەزىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ئۇيغۇرنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ئوپىراتسىيە قىلىش ئەمەس، ئەيىپلەش، ئىنكار قىلىش ۋە قارغاشتۇر. چەتئەلنى بىر پىرقىراپ كېلىپ ئۇيغۇرنى مەينەتكە، قالاققا، نادانغا چىقىرىش: مەككىنى بىر تاۋاپ قىلىپ، ئەزھەردە بىر قانچە ئاي تۇرۇپلا ئۇيغۇرنىڭ ھەممە ئۆرپ ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقىرىش نېمىدىن؟ دىنچى زىيالىلار ئۆزىنى ئاشكارە دىنسىز جاكارلىغان شۇنچە جىق كاپىر بىر يەردە قېلىپ يەنە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋاتقان ئۇيغۇرنى كاپىرغا چىقىرىشىدۇ. شۇنچە كۆپ ئازدۇرغۇچى بىزنى ئوراپ تۇرسا پەقەت ئۇيغۇرلا شەيتانغا چىقىرىلىدۇ نېمىشقا؟ چۈنكى بۇ ئاسان. ئەڭ موھىمى بىخەتەر.

ئىچكىرىدە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرنى بوزەك قىلغىنىنى كۆرۈپ، «ھەي بىزدىكى ئىتىپاقسىزلىق، كۆيۈنمەسلىك، ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇرنى بوزەك قىلسا…» دەپ مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىدىن ئاغرىنىپ، ئىستىقبالىدىن ئەندىشىگە چۈشەتتىم. كېيىن بىلسەم ئىچكىرىدە ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى ئۇرسا ساقچى «بۇ سىلەرنىڭ ئىچكى ئىشىڭلار» دەپ سورۇمايدىكەن. شۇڭا ئۇيغۇرنى ئۇرۇش بىخەتەركەن. بۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش ئەيىپلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئەمدى مۇشۇ كاپىرغا چىقىرىش، جاسۇسقا چىقىرىش، شەيتانغا چىقىرشلارنى ئامېرىكىدا قىلغىلى بولامدۇ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرغا قىلغىلى بولامدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداق قانۇن مۇكەممەل ئەللەردە شەخسنىڭ ئىتىقادىغا، غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلسا دەرھال سوتقا تارتىلىدۇ. ئاشكارە سورۇندا، مەتبۇئاتتا ئۇنى گۇمراھ، بۇنى دەھرى دېگەن گەپلەرنى ئەرەبىستاندا قىلغىلى بولامدۇ؟ ياق بولمايدۇ، چۈنكى ئەرەبىستاندا شەرىئەت بار، قازى بار. ئۇيغۇرنى ئۆزىنى قوغۇدايدىغان يۇقارقى شارائىتلارنىڭ بىرسىمۇ يوق. شۇڭا ھەرقانداق ئۇيغۇر نەپسىي خاھىشىنى ئۆلچەم قىلىۋالغان چالا ھۆكۈمچى، ناباپ كېسىمچىلەر تەرىپىدىن خالىغانچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇيغۇردىن سالمان رەشىد چىققانلىقى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۈشمىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن چىققانلىقى تېخىچە ئىسلام دۇنياسىغا سىربولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ سىر يېشىلسە ئۇيغۇرغا سالمان رەشىد بولماقنىڭ، مۇسۇلمانلارغا دۈشمەن بولماقنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقى جاھان مۆئمىنلىرىنى ياقا چىشلەتكۈزگۈسى. ئۇيغۇر قوغۇداقسىز، ئۇيغۇر ئاجىز، ئۇيغۇر ئامالسىز شۇڭا ھەر كىم ھەر نېمە دېيەلەيدۇ. بۇ ئاجىزلىق، ئامالسىزلىق ۋە قوغۇداقسىزلىق قانۇننىڭ ناكارلىقى، تۈزۈلمىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن كېلىپ چىققان. كېسەل تۈزۈلمە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان ھۆكۈمچىلىك ھادىسىسىگە پارنىك بولۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتا ھۆكۈمچىلىكنىڭ ئىلمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغانلىقىغا توردىن ئېلىنغان بىر مىسال. " نورۇز بايرىمىنىڭ تېگى ئېنىق ئەمەس، ئۇيغۇر ياكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ دەيدىغانغا ئىشەنچلىك ماتىرىياللار يوق. كۆپ ئېھتىمالدا كۇردلارنىڭ ئاندىن ئىرانلىقلارنىڭ بەزىبىر دىنى پائالىيەتلىرى ئارىلاشقان بايرام. بۇ بايرامنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىپ ياشارتىشنى پەقەتلا مىللى كىملىكنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغانلار تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. ئەسلىدە ئىككى ھېيتىمىزنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزسەك بۇنىڭغا ھاجەت يوق. يەنە بىر تەرىپى بۇ نورۇز بايرىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەبرىكلىنىشىدە دىنىي ئەقىدە ئەسىرى قالمىغان. بىراق تەبرىكلەش ھارام ئىشلار ئارىلاشقان ھالەتتە بولىدىكەن." مانا بۇ ھۆكۈم. نورۇز بايرىمىنىڭ تېگى ئېنىق ئەمەس دېگەندە نېمىگە تايانغان؟ ھىچ بىر چۈشەندۈرۈش يوق. "ئۇيغۇر ئىتنوگراپىيىسى"، "ئۇيغۇر ڧولكلۇرىدىن ئومۇمى بايان"، "ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرى" قاتارلىق كىتابلاردىكى نورۇزغا ئائىت بايانلارنى ئوقۇماي تۇرۇپ كۆزنى يۇمۇپلا "تېگى ئېنىق ئەمەس" دەپ تۈگىتىدىغان ئىشمۇ؟ نورۇز دېگەن سۆزنىڭ پارىسچە ئىكەنلىكىگە، نورۇزنى پارىسلار ئۆتكۈزگەنلىكىگە قاراپ شۇلارنىڭلا بايرىمى دەيمىزمۇ؟ دۇنيادا باھار- يېڭى يىل بايراملىرى ھەممە مىللەتتە بار ئىش تۇرسا بۇنى كورد، پارىسلارنىڭ دەۋىلىش نېمە گەپ. ئەگەر ئىسمىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىمىز دېسەك مۇقام سۆزى ئەرەبچە، مۇقامچىلىق ھادىسىسى ھىندى، ئەرەب، پارىس تۈرك مىللەتلىرىگە ئورتاق ھادىسە. ئۇنداقتا بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ نورۇزدا جامائەت بىللە نورۇز ئېشىغا ئېغىز تېگىدىغان، ئاشتىن بۇرۇن بىسمىللاھ دەيدىغان، تاماقتىن كېيىن ئاللاھقا ھەمىد ئېيتىپ دۇئا قىلىدىغان قائىدە ھەممىمىزگە ئايانغۇ؟ بۇنى قانداقمۇ دىنى ئەقىدە ئەسىرى قالمىغان دېگۈلۈك؟ ئەگەر تەبرىكلەشكە ھارام ئىشلار ئارىلاشقان دېيىلسە قايسىسى ھارام، نېمىشقا ھارام؟ تەبرىكلەشكە ھارام ئارىلاشتىمۇ دەيلى، بۇ نورۇزنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى ئىنساننىڭمۇ؟ ئۇنداقتا ھېيىتتا بىر قىسىم شەھەرلەردە پەتىلەپ ھاراق ئىچىش ئادەتكە ئايلاندى، بۇنىڭغا قاراپ ئىككى ھېيتىمىزنىمۇ بىدئەتكە چىقىرىپ چەكلەيمىزمۇ؟ "قۇتادغۇ بىلىك" تە بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ زوق شوق بىلەن تەرىپلىگەن نورۇزنى بىدئەتكە چىقىرىش نېمىگە شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىدئەتكە چىقىرىش تەشنالىقى خېلى يايغىن. بۇ قىزغىنلىققا سەۋەب بولغان ئامىل يۇقاردا تەھلىل قىلىنغاندىنمۇ مۇرەككەپ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، سابىت داموللامنىڭ، ئابدۇلئەزىزخان مەخسۇمنىڭ، ئابدۇلھەكىمخان مەقدۇمنىڭ مىللىي ئۆرپ ئادەتنى بىدئەتكە چىقارماي دىققەتنى ئاقارتىش، مائارىپ ئىشلىرىغا قاراتقىنىدىكى ھىكمەتنى چۈشىنەلمەيۋاتامدۇق ياكى خۇپسەن بولۇۋالدۇقمۇ. بەلكىم بۇنداق بىدئەتكە چىقىرىش تەرەپتارلىرى جوڭگۇدىكى ئىسلاھاتچىلىقتىن ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىن. بەرھەق، ئىسلاھاتنىڭ غەلىبە قىلىشى جوڭگۇدا كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرۇنى ئۆزگەتتى، كىشىلەر ئىسلاھاتلا بولسلا قوللايدىغان، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقاندىقىغا تەلپۈنىدىغان ھالغا كەلدى. ۋاھالەنكى ئىسلاھاتچىلىق بارلىق مەۋجۇد مۇراسىم ۋە ئادەتلەرنى بۇزۇپ يېپ يېڭى بىر رەسىمنى پەيدا قىلماقچى بولسا بۇ ئۇنچە ئاسان ھەم خاسىيەتلىك ئىش ئەمەس. ئەگەر ئىسلاھاتچىلىق، يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش دۇنيادا بىردىنبىر ھەل قىلىش چارەسى بولىدىغان بولسا ئامېرىكىدا ئىسلاھاتچىلىقنى قوللايدىغان دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئىسالاھاتچىلىق ۋە يېڭىلاشلارغا قارشى كونسىرىۋاتىپلىق(مۇئاپىزىكارلىق) نى تەشەببۇس قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت سۈرمىگەن بولاتتى. ئەمەلىيەتتە بەزى كالتە پەملەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ماڭا ئىسلاھ قىلىش ئەمەس، ھەممىنى قايتىدىن بۇزۇپ بىر قوللۇق ياساپ چىقىشتەك تۇيۇلىدۇ. بۇنداق قىلماقچى بولغانلار "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دىن ساۋاق ئالغاي. قىزىل قوغۇدۇغىچىلار خەلق ناخشىلىرىنى شەھۋانى دەپ ئېيتقۇزمىغان، توي تۆكۈننى ئىنقىلاۋىي قىلدۇق دەپ ماۋزىدوڭنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلاتقۇزغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىسلام مەدەنىيىتىنى تۆت كونىغا چىقىرىپ يوقاتماقچى بولغان. ئۇلار ماۋزىدوڭدەك رەھبەرنى ئارقا تىرەك قىلىپمۇ قۇرۇپ چىقالمىغان ئۇ يىپ يېڭى جەمئىيەت بۈگۈنكى شارائىتتا تېخىمۇ قۇرۇلمايدۇ.

ئومۇمىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نوپۇزغا تايانمىغان ئىلمىي ھۆكۈمنى تېپىش ئەمەس تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس. چۈنكى بىز ماركىسىزىم ئىدولوگىيەسى بىلەن قوراللانغان كومۇنىستىك بىر ئەلدە ياشاۋاتىمىز. ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل مائارىپ سېستىمىسى شەكىللەنمىگەن، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان تەتقىقات ئورگانلىرى بارلىققا كەلمىگەن جوڭگۇ جەمئىيىتىدە شەيئى ۋە ھادىسىلەر ھەققىدە نوپۇزنىڭ تەسىرىدىن خالى ئىلمىي، سەمىمىي ۋە تەرەپسىز بىر ھۆكۈمنى كۈتۈش كىشىنى ئۈمىدۋار قىلمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچە زىيالىلىقتا ھۆكۈمچىلەرنىڭ نوپۇزنى سۈيىئىستىمال قىلىشلىرى ھەيران قالارلىق ھادىسە ئەمەس. ئەمما بىزنىڭ كىرزىسىمىز ئالاھىدە، تالاپەتلىرىمىز مۇرەككەپ بولغاچقا زىيالىلارغا شۇنى ئىلتىماس قىلىشقا مەجبۇرمىز. مەرھۇم ئالىم ئابدۇقادىر داموللام 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا "زامانىمىز ئۇيقۇ زامانى ئەمەس، ئويغۇنۇش زامانىدۇر" دېگەنىكەن. ئىشنى ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيىتىمىزدىكى ھەممە ساھەگە قايتا ھۆكۈم قىلىش، پەتىۋا بېرىشتىن ئەمەس مەكتەپ قۇرۇشتىن، مەرىپەت تارقىتىشتىن باشلىغانىكەن. مەنچە 21- ئەسىر ئۇيغۇر ئۈچۈن مەدەنىيەتتە يوقنى بەرپا قىلىش ئەمەس بارنى ياخشىلاپ قوغۇداش زامانىدۇر. `شۇڭا بۈگۈنكى بىقوۋۇل ھالىتىمىزدە كۈلتۈر-مەدەنىيىتىمىزنى قانداق ئىسلاھ قىلىش، قانداق باھالاش مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە ئەمەس قانداق ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى پىلاندا بولۇشى كېرەك. ئىسلام مەدەنىيىتىمىزدە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىش تەپىرىقچىلىك پەيدا قىلىدۇ، دىققىتىمىزنى چاچىدۇ، ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ زېھنىنى تۈگىمەس ئىچكى زىددىيەتكە بۇرىۋېتىدۇ. ھازىر ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىشىغا، ئويلىنىۋاتقانلارنىڭ تەپەككۇرىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئالدىرىماي ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئىددىيە ۋە كۆز قاراشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بۈگۈنگىچە ھىچ كىمنىڭ قولىدىن كەلمىگەن ھەم كەلمەيدۇ. ئىددىيەنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھاكىممۇتلەق جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇزاققا بارالمىغانلىقى، سەل ئۇزاق داۋام قىلغانلىرىنىڭمۇ تۈرلۈك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولۇپ كىشىلەرنى زار زار قاقشىتىۋاتقانلىقى ھىچ كىمگە سىر ئەمەس. شۇڭا دىققىتىمىز باشقىلارغا ھۆكۈم قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئۆز ھۆكمىمىزگە قانداق جەلىپ قىلىش، كۆندۈرۈشكە قارىتىلىپ كەتسە قولىمىز ئىشتىن توختاپ قېلىشى مۇمكىن. ئىشتا ۋە نىشاندا بىرلىك بىزگە ھۆكۈمچىلىكتىن، پىكىر ئىختىلابىدىن بەكرەك ئەمەلىي، زۆرۈر ۋە پايدىلىقتۇر. ئويدا، گەپتە بىر بولۇشنى ئارزۇلاشتىن، ئۆتمۈشىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن، خام خىيالدىن قول ئۈزىدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ ئۆتۈپ كەتكىلى تۇردى. بىز ئەمەلىيەتكە، كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزدىكى بىچارەلىك، مەھرۇملۇق ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىت ئالدىدا چۈشىنىشنىڭ، قوللاشنىڭ، ھۆرمەتلەشنىڭ، ئىشىنىشنىڭ ھۆكۈمچىلىككە قارىغاندا تېخىمۇ زۆرۈر، بەكمۇ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىمىز.



ئالدىنقى: تارىخنىڭ يۈكى ۋە ئاسارىتى

كـىيىنكى: غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى