ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى
ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى 235 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابقا 333 تۈرلۈك ماددا يەنى 333 ماۋزۇ كىرگۈزۈلگەن. ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن بۇيان ئەدەبىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرى بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈكرەك كىتاب نەشر قىلىنمايۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر زىيالىيسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران يازغان «ئۇيغۇر ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى» يورۇق كۆردى. مەزكۇر كىتاب 2021-يىلى 5- ئايدا نەشردىن چىققان بولۇپ، ئۇيغۇرلار يازغان تۇنجى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.