ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى)

ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ھۆججەت، ۋەسىقە، تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خاتىرلەشتە قوللانغان يېزىقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار

ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان يېزىقلار ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلار تۈرك - رۇنىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خاقانىيە ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ئۇيغۇر كرىل يېزىقى (قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا) قاتارلىقلار.

بۇگۈن ئۇيغۇرلار سەككىز سوزۇق تاۋۇش ۋە 24 ئۈزۈك تاۋۇشتىن ئىبارەت بىر ئېلىپبە قوللانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئۈچ خىل يېزىق شەكلى قوللانماقتا.

بۇلاردىن باشقا 20- ئەسرنىڭ 60- يىللىرىدىن 80- يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللىنىلغان پىنيىن ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (Uyƣur Yengi Yeziⱪi \ UYY)، ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئېلىپبە جەدۋىلى تەھرىرلەش

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

تەرتىب كونا يېزىق(UEY) لاتىن يېزىقى(ULY) يېڭى يېزىق(UYY) كرىل يېزىقى(USY) IPA
1 ئا A a А а /ɑ/
2 ئە E e Ə ə Ə ә /ɛ/~/æ/
3 ب B b Б б /b/
4 پ P p П п /p/
5 ت T t Т т /t/
6 ج J j Җ җ /d͡ʒ/
7 چ Ch ch Q q Ч ч /t͡ʃ/
8 خ X x H h Х х /χ/
9 د D d Д д /d/
10 ر R r Р р /r/
11 ز Z z З з /z/
12 ژ Zh zh Ж ж /ʒ/
13 س S s С с /s/
14 ش Sh sh X x Ш ш /ʃ/
15 غ Gh gh Ƣ ƣ Ғ ғ /ʁ/
16 ف F f Ф ф /f/
17 ق Q q Қ қ /q/
18 ك K k К к /k/
19 گ G g Г г /ɡ/
20 ڭ Ng ng Ң ң Ng ng /ŋ/
21 ل L l Л л /l/
22 م M m М м /m/
23 ن N n Н н /n/
24 ھ H h Һ һ /h/
25 ئو O o О о /o/
26 ئۇ U u У у /u/
27 ئۆ Ö ö Ɵ ɵ Ө ө /ø/
28 ئۈ Ü ü Ү ү /y/
29 ۋ W w W w / V v Вв /w/~/v/
30 ئې É é E e Е е /e/
31 ئى I i И и /i/~/ɨ/
32 ي Y y Й й /j/
  • سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بېشىدا كېلىدىغان "ﺋ" باردۇر.
كرىل يېزىقى كونا يېزىق لاتىن يېزىقى يېڭى يېزىق IPA
Ю ю يۇ Yu yu /ju/
Я я يا Ya ya /ja/

مەنبەلەر تەھرىرلەش