ئاماسيا ۋىلايىتى، تۈركىيە

ئۇيغۇر بازىرى - تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئاماسيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر بازاردۇر. بۇ بازار شەھەر مەركىزىگە 35 كىلومىتېر كېلىدۇ، خەلقى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

بۇ بازارنىڭ تارىخى رىم ئىمپىرىيىسىگىچە بېرىپ تۇتىشىدۇ ۋە رىم ئىمپىرىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تارىخى ئەسەر - ئەتىقىلەر ساقلانماقتا. تۈرك تارىخىغا قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ يەرلىشىشى مازاگرىت ئۇرۇشىدىن(1071-يىلى) كىيىن بولغان دەپ ھېسابلىنىدۇ. ۋە بۇ دەۋىردە ئاناتولىيەنىڭ بۇ رايونىدا ئەرەتنا دۆلىتى قۇرۇلىدۇ، ئەرەتنا دۆلىتىنىڭ بېگى غازى باھادىرخان بۇ يەرگە چىدىرىنى قۇرىدۇ. غازى باھادىرخاننىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەسلىدىن ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇردىن كېلىپ چىققانلىقى قەيت قىلىنماقتە.

مەنبە تەھرىرلەش

ۋىكىپېدىيە تۈركچىسى