ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بېشىغا قۇم خالتا قويۇپ يۈگۈرۈش ئويۇنى

بېشىغا قۇم خالتا قويۇپ يۈگۈرۈش - ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىزىقارلىق، تەنتەربىيىۋىلىكى كۈچلۈك مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن پائالىيەتلىرىدۇر. بۇ ئويۇنغا بىر قانچە ياش - ئۆسمۈرلەر ياكى كىشى سانى ئوخشاش بولغان بىر قانچە گۇرۇپپا قاتنىشىپ ئۆز ئارا مۇسابىقىلەشسىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئېغىرلىقى ئىككى - ئۈچ كىلوگرامغىچە ئېغىرلىقتىكى باشقا قويسا سەل كىيىلىپ تۇرغۇدەك قۇم قاچىلانغان خالتا تەييارلىنىدۇ. مۇسابىقە ئۇسۇلى: تەييارلانغان خالتا قانچە بولسا، مۇسابىقىگە شۇنچە بالا قاتنىشىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار باشلىرىغا قۇم قاچىلانغان خالتىنى قويغان ھالدا مەيداننىڭ چىقىش پەللىسىدە تەييار تۇرىدۇ. مۇسابىقە باشقۇرغۇچى مۇسابىقە باشلاش ئىشارىسى بەرگەن ھامان قۇمنى بېشىدىن چۈشۈرمەي يۈگۈرۈپ بەلگىلەنگەن ئاخىرقى پەللىگە كىم بۇرۇن بارالىسا، شۇ كىشى مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىققان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۈرۈشۈش جەريانىدا خالتا بېشىدىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا خالتىنى قولىدا كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈشكە ياكى بېشىدىكى خالتىنى قولىدا تۇتۇۋېلىپ يۈگۈرۈشكە بولمايدۇ. گۇرۇپپىلار بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بارغاندا، باش پەللىدىن 20 مېتىر يىراق جايغا بىر سىزىق سىزىلىدۇ ھەمدە سىزىق ئۈستىگە قاتناشقان ھەر قايسى گۇرۇپپىنىڭ ئۇدۇلىغا بىردىن بەلگە قويۇلىدۇ. بىر گۇرۇپپىدا بەشتىن يەتتىگىچە كىشى بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەر قايسى گۇرۇپپا ئۇزۇنسىغا تۇرىدۇ. ئويۇن باشلاپ سىگنال بېرىلگەن ھامان سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان كىشى بېشىغا قۇم خالتىنى كىيىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان بەلگىنى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈپ قايتىپ كېلىپ، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى بالىغا قۇم خالتىنى بېرىدۇ. ئۇ بالىمۇ قۇم خالتىنى بېشىغا كىيىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ بەلگىنى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈپ قايتىپ كېلىپ ئۈچىنچى بالىغا بېرىدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ، قايسى گۇرۇپپا بالدۇر يۈگۈرۈپ بولسا، شۇ گۇرۇپپا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. ئويۇندا سىگنال بەرمەي تۇرۇپ پەللىدىن چىقىپ كەتسە، باش پەللىدە تۇرغۇچىلار قۇم خالتىنى ئالماي تۇرۇپ باش پەللە سىزىقىدىن چىقىپ كەتسە ياكى دەسسىۋالسا؛ قويۇلغان بەلگىنى ئايلانماي يۈگۈرۈپ قايتىپ كەلسە نەتىجىسى ئىناۋەتكە ئېلىنمايدۇ. مۇسابىقىلىشىش ئارىلىقى 20 - 30 مېتىر ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. بۇ پائالىيەتنى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قانات يايدۇرۇشقا مۇۋاپىق.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش