ئۇيغۇر تائاملىرى

ئائىلىدە سامسا پىشۇرۇش تەھرىرلەش

ئائىلىدە سامسا پىشۇرۇش

سامسا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىككە ئىگە ئەنئەنىۋى تائامى بولۇپ، چۈرۈك ۋە ئىنتايىن تەملىك كېلىدۇ. سامسا ئادەتتە تونۇرغا يىقىلىدۇ. بىراق نۇرغۇن ئائىلىلەردە تونۇردا سامسا پىشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، مەن تۆۋەندە دوخوپكىدا سامسا پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

كېرەكلىك ماتېرىياللار: ئۇن ئوتتۇرا پىيالىدە بىر پىيالە، گۆش تەخمىنەن 200 گىرام (گۆش چوقۇم مايلىق گۆش بولۇشى كېرەك)، پىياز تەخمىنەن 100 گىرام ئەتراپىدا. زىرە، بىر دانە تۇخۇم، تۇز، ئاق كاۋاۋىچىن

خېمىر: خېمىرنى ئوتتۇرا ھالدىن سەل چىڭراق يۇغۇرۇپ، سۇلياۋغا ئوراپ يېرىم سائەتتەك تىندۇرىمىز.

خېمىر تىنغىچە بولغان ئارىلىقتا گۆشنى قىيما قىلىمىز، گۆشنى قاقتىن سەللا كىچىكرەك قىلىپ توغرىۋالغاندىن كىيىن، زىرە، تۇز، ئازراق پۇراقلىق ماي ۋە ئادەتتىكى ماي، سۇ قۇيۇپ بەش مىنۇتتەك تۇرغۇزۇپ تەملەندۈرىمىز، (سۇ تەركىبى گۆشنىڭ يۇمران بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم) ئاندىن پىيازنى تۇغراپ، زىرە، ئاق كاۋاۋىچىن، تۇز، ماي قۇيۇپ ئىلەشتۈرۈۋالغاندىن كىيىن گۆشكە ئارىلاشتۇرىمىز.

تۈگۈش باسقۇچى: خېمىرنى بولاق مانتا زۇۋۇلىدەك چوڭ قىلىپ ئۈزۈۋالىمىز، خېمىرنى بەنشە جىلتىسىدەك قىلىنلىقتا ھەممە ئەتراپىنى تەكشى قىلىپ ئاچىمىز ۋە چېقىپ تەييارلانغان تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى جىلتىنىڭ ئەتراپىغا سۇۋايمىز، قىيمىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك تۈگۈۋالىمىز.

لېسقا تۈگۈپ تەييارلانغان سامسىنى تىزىپ، 200 گىرادوسلۇق ئوتتا 15 مىنۇت تۇرغۇزساقلا مېزىلىك سامسا تەييار بولىدۇ.


ئاتۇش چۆپى تەھرىرلەش

خۇرۇچى :سېمىز قوي گۆشى بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل ئازراق، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئازراق، سەۋزە ئىككى باش، تۇخۇم ئىككى دانە.

 ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوي گۆشىنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆش يېرىم پىشقاندا تۇز، سەۋزە سېلىنىدۇ. گۆش ۋە سەۋزە پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ ئۇششاق يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭ شورپىسىدا پىشۇرۇلغان پىيازنى، سامساق، قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ پىششىق قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. ئۇنغا تۇز، تۇخۇم قوشۇپ چىڭ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئۇزۇنلۇقى ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك، كەڭلىكى ئۈچ قولدەك چۆپ كېسىپ تەييارلىنىدۇ.

3. كېسىلگەن چۆپنى سۇدا پىشۇرۇپ، ئاندىن سوغۇق سۇدا چايقاپ لېگەنگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلانغان پىششىق قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، تەمى تەڭشەلگەن قىزىق شورپىنى ئۈستىدىن قۇيۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىچىش ئۈچۈن شورپىسى ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئالاھىدىلىكى چۆپ يۇمشاق، شورپىلىق ھەم مەززىلىك.

ئاچچىق چۈچۈك بىلىق تەھرىرلەش

ئاچچىق چۈچۈك بىلىق

250 گراملىق بېلىق بەش تال، پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، زەنجىۋىل ئازراق، كۆك، قىزىل لازا بىر شوختىن، جاڭيۇ ئازراق، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى 35 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. بېلىقنى پاكىز تازىلاپ، يۇيۇپ شامالدىتىپ، تۇز، تېتىتقۇ، سېرىق ھاراق، جاڭيۇلارغا 15-10 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. لازا، سۇڭپىيازلار يالپاق توغرىلىدۇ. 500 گرام شورپا ياكى قايناق سۇغا تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. زەنجىۋىل ئۇششاق چانىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلاپ قويغان بېلىققا پۇرچاق ئۇنى، تۇخۇم بىلەن ياسالغان شى رى يۇقتۇرۇپ ياغقا سېلىپ، سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قويۇلىدۇ.

4. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، سېرىق ھاراق، كۆك، قىزىل لازىلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، چۈچۈمەل شورپا تەڭشەپ، تەخسىگە تىزىلغان بېلىقنىڭ ئۈستىگە قويىمىز (بېلىقنى قازانغا سېلىپ، چۈچۈمەل شورپا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئالسىمۇ بولىدۇ).

بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيۇلىدىغان شورپىغا 35 گرام شېكەر سېلىنىپ، ھەم ئاچچىق - چۈچۈك، ھەم تاتلىق قىلىپ تەڭشەلسە، «تاتلىق - چۈچۈك بېلىق» بولىدۇ. ئەگەر بېلىق چوڭ بولسا بىر تال ئىشلىتىلىدۇ.


ئاش مانتا تەھرىرلەش

ئاش مانتا

خۇرۇچى

قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، ئىلمان سۇ مۇۋاپىق، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، 50 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتنى نېپىز قىلىپ ئېچىپ پېتىر مانتا تۈگۈلىدۇ. 

2. پولۇنى گۆشلۈك پولۇدەك تەييارلاپ، دەم يېگۈزۈش ۋاقتىدا تۈگۈلگەن مانتىنى پولۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، پولۇ بىلەن بىللە 25-20 مىنۇت دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

قىيمىسى مەززىلىك ،خېمىېرى يۇمشاق ،شىڭىشلىك، ئاشتا مانتا تەمى ،مانتىدا پولو تەمى پۇراپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدىن بىرى.


ئاق ئاش تەھرىرلەش

ئاق ئاش

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە بىر چىمدىم، ياغ 200 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام.

1. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ 3-2 قېتىم يۇيۇپ، قازاندا قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، بىر قاينىتىپ سۈزۈۋېلىنىدۇ.

2. گۆشنى 70 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، سۇدا قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كېيىن سۈزۈۋالىدۇ. شورپىغا سەۋزە سېلىپ قاينىتىپ، زىرە، تۇز سېلىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن گۈرۈچنى سېلىپ دەملىنىدۇ.

3. كۆرسىتىلگەن 250 گرام ياغنى باشقا قازاندا 7-6 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، دەم يېگەن ئاشنىڭ ئۈستىگە چېچىپ، ئاشنى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە گۆش بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ


ئاق بەتتە (گاڭپەن) تەھرىرلەش

ئاق بەتتە (گاڭپەن)

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، بىر قوشۇق قوي يېغى.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ، ئىسسىق، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇغاندىن كېيىن، قاچىنىڭ يېرىمىغا گۈرۈچ، يېرىمىغا قايناق سۇ قۇيۇپ، قاسقانغا سېلىپ 40 ـ 30 مىنۇت دۈملىسە بولىدۇ. 

ئەگەر پار قاسقانلىرى بولسا 15 ـ10 مىنۇتتا پىشىدۇ. گۈرۈچنى چۆيۈن قازان ياكى رو قازاندا دۈملىسىمۇ بولىدۇ. 

2. ئاق بەتتىگە (گاڭپەنگە) لايىق قورۇما قورۇلىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ بىر نەچچە خىل ياكى بىر خىل قورۇما قورۇسىمۇ بولىدۇ.


ئاق بەتتەII تەھرىرلەش

ئاق بەتتەII

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، گۆش 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى دانە، ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن سۈيى ئىككى قوشۇق.


ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۈرۈچ ئاق بەتتە پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پەمىدۇر، سۇڭپىيازلاريالپاق توغرىلىدۇ. 

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، قىزارغاندا سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇلىدۇ، كېيىن پەمىدۇر، تۇز سېلىپ، كاۋاۋىچىن سۈيى قۇيۇلىدۇ. ئاندىن دەملەنگەن ئاق بەتتىنى ئۈستىگە سېلىپ قورۇپ ئېلىشتۇرۇپ، ئۈستىدىن ئازراق ياغ چېچىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۇسۇلىدۇ. 

تەييار قازاندا كۆكتات شورپىسى، يا تۇخۇم شورپىسى ياكى باشقا بىر خىل شورپا تەييارلاپ، تاماق ئۈستىدىن ئىچىسە، كىشىنى ئىسسىق باسىدۇ.


ئاق، سېرىق رەڭلىك قورۇما تەھرىرلەش

ئاق، سېرىق رەڭلىك قورۇما

قوي گۆشى 70 گرام، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، قىزىل لازا بىر شوخ، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر بىر باش، سامساق ئىككى چىش، ئېرىتكەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 35 گرام)، سۇڭپىياز بىر تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 50 گرام)، ئاچچىقسۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1 . گۆش، قۇيرۇق ياغ، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار چاچتەك ئىنچىكە، سامساق ئۇششاق، پەمىدۇر ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق توغرىلىدۇ.

2. تۇخۇمنى چېقىپ، ئاق، سېرىقىنى ئايرىم - ئايرىم قاچىغا تۆكۈپ، ئېقىغا چىلغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە توغرالغان قۇيرۇق ياغ سېلىنىدۇ؛ تۇخۇمنىڭ سېرىقىغا تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە توغرالغان گۆشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

3. شورپىغا تېتىتقۇ، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، سوققان كاۋاۋىچىن، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ. 4. قازانغا ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى سېلىپ 4 دەرىجە قىزىتىپ، ئاق شىرىگە چىلانغان قۇيرۇق ياغنى سېلىپ كۈمۈش رەڭگىدە ئاق پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ؛ قازانغا سۇ يېغى قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، سېرىق شىرىگە چىلانغان گۆشنى سېلىپ ئالتۇن رەڭگىدە پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

5. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، قىزىل لازا، پەمىدۇرلارنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ شورپا پىشقاندا، گۆش بىلەن ياغنى سېلىپ ئازراق ئاچچىقسۇ سېپىپ ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.


ئوچۇق پۆرە تەھرىرلەش

ئوچۇق پۆرە

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، ئېرىتكەن قوي يېغى ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ 15 گرام.

1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، پىيازنى ئۇششاق چاناپ، سوققان زىرە، قارىمۇچ، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ.

2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ قىيما سېلىپ، بولاق مانتىدەك تۈگۈپ، ئاغزىدىن قىيمىسى كۆرۈنۈپ تۇرغۇدەك تۆشۈك قالدۇرۇلىدۇ.

3. قىزىق تاۋىنى ياغلاپ، پۆرىنىڭ تۆشۈك تەرىپىنى ئاستىغا قىلىپ تىزىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن تۆشۈك تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ ئۆرۈپ، شۇ تۆشۈكتىن قوشۇق بىلەن ئاز - ئاز ياغ تامغۇزۇپ پىشۇرۇلىدۇ.


ئومۇرتقا گۆش قورۇمىسى تەھرىرلەش

ئومۇرتقا گۆش قورۇمىسى

قوي گۆشى ئومۇرتقا 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ئۇننىڭ قىيامى (ميەنجاڭ) ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تۇخۇم بىر دانە.

1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشىنىڭ يىپچىلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇزۇنلۇقىنى ئۈچ سانتىمېتىر قىلىپ چوڭ - چوڭ قەلەمچە توغرىلىدۇ، سۇڭپىياز، سامساقلار يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.

2. توغرالغان گۆشكە تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، تېتىتقۇ، تۇخۇم، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

3. يېرىم قاچا شورپىغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 7 دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

5. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، ئۇن قىيامى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، شورپىسى قويۇقلاشقاندا گۆشنى سېلىپ، ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسىگە ئېلىنىدۇ.


ئۆردەك كاۋىپى تەھرىرلەش

ئۆردەك كاۋىپى

ئىككى كىلوگرامدىن ئۈچ كىلوگرامغىچە كېلىدىغان ئۆردەك بىر دانە، شېكەر شىرىسى (ئاق شېكەر، سۇ، كۈنجۈت، كۈنجۈت يېغى 500 گرام ئارىلاشتۇرۇپ قاينىتىپ ياسىلىدۇ). ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، ئىككى پۇتى ۋە قانىتىنىڭ ئۇچى كېسىپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى ئالتە خىل ئىش تەرتىپى بويىچە ياسىلىدۇ.

1. يەل بېرىش: بوغۇزلانغان كاناي تۆشۈكىدىن قىزىلئۆڭگەچنى تارتىپ چىقىرىپ، سول بارمىقىمىزنى قىزىلئۆڭگەچنى بويلاپ ئىچكىرگە كىرگۈزۈپ، قىزىلئۆڭگەچ ئىچىدە تۇتىشىپ تۇرغان پەردىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن قىزىلئۆڭگەچنى ئۈزۈۋەتمەستىن ئىچىگە قويىۋېتىلىدۇ، كانىيى ئارقىلىق ناسوس بىلەن ئاستا - ئاستا يەل ئۇرۇپ، ئۆردەكنىڭ ئىچىنى يەل بىلەن توشقۇزىمىز (يەل ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆردەكنىڭ بەدىنىنى تۇتۇشقا بولمايدۇ. پەقەت قانتى، پۇتىنىڭ سۆڭىكى، بوينىدىن تۇتۇشقىلا بولىدۇ. قولىنىڭ ئىزى قالسا، كاۋاپنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ).

2. پوكىنىنى ئېلىش: ئۆدەكنىڭ ئوڭ قولتۇقىنىڭ ئاستىدىن تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاي شەكلىدە تۆشۈك ئېچىپ، ئۆردەكنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆردەكنى قاقلاپ پىشۇرغاندا يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇنلۇقى يەتتە سانتىمېتىر، توملۇقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك كېلىدىغان ياغاچنى (قوناق شېخى بەك ياخشى) ئۆدەكنىڭ پوكىنىدىن كىرگۈزۈپ، تۆش سۆڭىكى بىلەن ئارقا ئومۇرتقا سۆڭىكىگە تىرەپ، ئۆردەكنىڭ تېرىسىنى كېرىپ قويۇلىدۇ.

3. پوكاننى يۇيۇش: زىخچىغا ئۆتكۈزۈش، ئۆردەكنى سوغۇق سۇ بار داسقا سېلىپ، ئوڭ قولتۇقىدىن ئېچىلغان تۆشۈكتىن سۇ قۇيۇلىدۇ، ئوڭ بىگىز قولىمىزنى ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىغا كىرگۈزۈپ، چالا قالغان ئۈچەيلەرنى چىقىرىۋېتىپ، سۇنى ئارقا چىقىرىش ئەزاسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق 3-4 قېتىم چايقاپ يۇغاندىن كېيىن، تۆمۈر زىخچىنى ئۆردەكنىڭ مۈرىسىدىن ئۈچ سانتىمېتىر (ئىككى ئىلىك كەلگۈدەك) يۇقىرىسىدىكى گەجگە تېرىسىدىن تېشىپ كىرگۈزۈپ، گەجگىنىڭ سول تەرىپىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆردەكنى تونۇرغا سېلىپ قاقلىغاندا، بوينى ئۈزۈلۈپ يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ ئۆتكۈزۈش لازىم. قانتىنىڭ يىغىلىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان بامبۇك ياغىچى ياكى يۇلغۇن يا غىچىنى قولتۇقى ئاستىغا تىرەپ ئىككى قانىتىنى كېرىپ قويۇلىدۇ. ئۆردەكنى شامالدىتىپ، تونۇرغا سېلىشتىن بۇرۇن بۇ ياغاچ ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

4. تېرىسىنى قايناق سۇغا بېسىش، شىرە چېپىش: قاماققا ئىلىندۇرۇلغان ئۆردەكنى قايناق سۇغا باسساق تۈكىنىڭ ئورنىدىكى تۆشۈكچىلەر كىچىكلەيدۇ. ئاندىن ئىككى چۆمۈچ شېكەر شىرىسى، چۈرۈك، رەڭگىنى پارقىراق، كۆركەم قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

5. تېرىسىنى شامالدىتىش: ئۆردەكنى قاينا ق سۇغا بېسىپ بولۇپ شىرە سوۋۇغاندىن كېيىن، شامال ئۆتۈپ تۇرىدىغان سالقىن جايغا ئېسىپ قويۇپ شامالدىتىدۇ. ئۆردەكنىڭ تېنىدىكى نەملىك شامالدىتىپ قورۇتۇلمىسا كاۋاپ قىلغاندىن كېيىن تېرىسى چۈرۈك بولمايدۇ.

6. ئىچىگە سۇ توشقۇزۇش: قوناق شېخى بىلەن ئۆردەكنىڭ چىقىرىش ئەزاسىنى ئېتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئوڭ بىقىنىدىن ئېچىلغان تۆشۈك ئارقىلىق ئىچىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىغا قاينا ق سۇ قۇيۇپ توشقۇزۇلىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۆردەكنىڭ ئىچى سۇدا پىشسا، تېشى قاقلىنىپ تېز پىشىدۇ، تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ. يۇقىرىقى ئىش تەرتىپلىرىدىن كېيىن، ئۆردەك ھاۋىسى تەڭشەلگەن تونۇر ياكى دوخاپكىغا ئېسىپ قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ.

قاقلىغاندا، ئۆردەكنىڭ تەن ئەزالىرىنىڭ قاتمال، يۇمرانلىقىغا رەڭ بېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆردەكنى پات - پات ئۆرۈپ تۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆردەكنىڭ تۆشى بەك يۇمراق بولۇپ، ئوتقا قاقلاشقا بولمايدۇ. قاقلىسا ئاسان كۆيۈپ كېتىدۇ. پۇتىنىڭ گۆشى تەستە پىشىدۇ. شۇڭا، كۆپرەك قاقلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ چىقىرىش ئەزاسىنىڭ ئاستى نېپىز بولۇپ، ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش كۈچى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ يەرنى كۆپ قاقلاشقا بولمايدۇ.

قاقلايدىغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىنى ئۆردەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، سېمىز - ئورۇقلۇقى، ئەركەك - چىشلىقى ۋە ھاۋا كىلىماتى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە 30-40 مىنۇت قاقلىسا بولىدۇ. ئۆردەك گۆشى پورەڭگە كىرگەندە، يەنى ئېغىرلىقى خام ۋاقىتتىكىدىن 175-200 گرامدىن كېمەيگەندە ياخشى كاۋاپ بولغان بولىدۇ.

يېمەك - ئىچمەك تەييارلاشنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆردەك كاۋىپى ھازىر توك دوخاپكىلىرىدا پىشۇرۇلماقتا، ئۇنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى ئوخشاش بولغاچقا، 15 مىنۇتتا پىشىدۇ.

پىشقان كاۋاپنى ئېلىپ، ئىچىدىكى شورپىسىنى قاچىغا تۆكۈپ، گۆشنى تېرىسى بىلەن قوشۇپ ياپىلاق توغراپ داستىخانغا كەلتۈرۇلىدۇ.

يېيىش ۋاقتىدا نېپىز پىشۇرۇلغان پوشكالنىڭ ئىچىگە ئىنچىكە توغرالغان سوڭپىيازنى ئېلىپ، مەنجاڭ سۈركەپ يالپاقلانغان ئۆردەك گۆشىنى ئېلىپ تۈگۈپ يەيدۇ


ئۆي لەمپۇڭى تەھرىرلەش

لەمپۇڭ بىزدىكى قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالىدىغان ياخشى يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ، مەن ئادەتتە پۇرچاق ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭ ئۇيۇتمىسىنى ئاسان ھەزىم بۇلمايدۇ، ئاشقازانغا پايدىسىز دەپ قاراپ ئۇيدەتەييارلىغان لەمپۇڭنى بۇغداي ئۇنىدا قىلىمەن، تۇۋەندەئۇزەمنىڭ لەمپۇڭ ئۇيۇتۇش ئۇسۇلۇمنى يۇلاپ قۇيدۇم، يارىسا پايدىلىناسىلە.

ئۇندىن 500گىرام ئىلىپ يۇغۇرۇپ، خىمىرنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ سۇيىنى چىقىرىۋالىمىز، خىمىر سۇيى تىنغاندىن كىيىن، تۇپىدىكى سىرىق سۇيىنى تۇكىۋىتىمىز، قازانغا 1. 5كىلۇ ئەتراپىدا سۇ قۇيىمىز، قاينىغاندا خىمىر سۇيىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئالدىرىماي قۇيىمىز، ئاندىن ئۇتتۇراھال ئۇتتا قۇچۇپ تۇرۇپ پىشۇرىمىز، 15-20مىنۇت قاينىغاندىن كىيىن سىرى يۇق چۇڭ قاچىغا ئىلىپ سالقىن جايغا قۇيۇپ سۇۋىتىمىز، 100گىرام كالا گۇشىنى ئۇششاق تۇغراپ يىرىم چۇمۇچ مايدا پىششىق قۇرۇپ ئۇتنى ئۇچۇرىۋىتىپ چانالغان سامساق، قىزىل مۇچ ئۇنىنى سىلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، ئۇتنى قايتا ياقىمىز، ئاندىن ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، كاۋىۋىچىن ئۇنى، قارمۇچلارنى سىلىپ بىر قاينىتىپ تەمىنى تەڭشەپ ئالىمىز، شۇنىڭ بىلەن تەملىك ئىشەنچىلىك ئۇي لەمپۇڭى تەييار بۇلىدۇ، سۇۋىغان ئۇيۇتمىنى تۇغراپ تەييارلانغان شۇرپىنى قۇيۇپ يىسڭىز ماڭا رەخمەت ئىيتماي قالمايسىز.



ئۆي نېنى تەھرىرلەش

ئۆي نېنى

ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق يۆگەپ ئىككى سائەت قويۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر جىڭلىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ قوغۇنلاپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراك قىلىپ، كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ - تۈكچە چېكىپ ئۈستىگە داستىخان يېپىپ 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تونۇرنى ئادەتتىكىدەك تەييارلاپ، تۇز سېپىپ تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز بىلەن ھۆللەپ تونۇرغا يېقىپ تولدۇرغاندىن كېيىن، ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ 20 ـ 15 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. ئاندىن ئاغزىنى ئېچىپ، ئوت بوش بولسا داپخاننى ئېچىۋېتىپ، ناننى قىزارتىپ، قۇرۇتۇپ ئېلىنىدۇ.


ئۇماچ تەھرىرلەش

ئۇماچ

قوناق ئۇنى 175 گرام، پىياز بىر باش، گۆش 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، ئېرىتمىگەن قوي يېغى 70 گرام، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، چامغۇر 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق.

1. گۆش ۋە قوي يېغىنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى قىيپاش قىلىپ، چامغۇرنى چاقماق قەنتتەك قىلىپ توغرىلىدۇ.

2. قازاننى قىزىتىپ، توغرالغان ياغنى سېلىپ ئېرىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، سوققان زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ قورۇپ، 175 گرام ئۇندا قويۇلغۇدەك سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، چامغۇرنى سېلىپ قاينىتىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.

3. ئۇننى قاچىغا سېلىپ سوغۇق سۇ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ خام ئۇماچ قىلىپ، قازاندا تەييارلانغان شورپىغا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.


ئۈجمە ھالۋىسى تەھرىرلەش

ئۈجمە ھالۋىسى

ئاق ئۇن 70 گرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 175 گرام، پىشقان ئۈجمە ئىككى كىلوگرام، قايناق سۇ بىر كىلوگرام، قىزىلگۈل مۇرابباسى 70 گرام.

1. ئىككى جىڭ سۇنى قازاندا قاينىتىپ، ئۈجمىنى پاكىز تازىلاپ، قازانغا سېلىپ پەس ئوتتا 30 - 35 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئۈجمە تولۇق ئېزىلگەندە، ئۈجمىنى داكىغا ئېلىپ سىقىپ شەربىتىنى چىقىرىپ، ئاندىن يەنە پەس ئوتتا 20 - 25 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ، ئۈجمىنىڭ سۈيىنى پارغا ئايلاندۇرۇۋېتىپ، شىرنىسىنى قالدۇرۇلىدۇ.

2. ياغنى داغلاپ ئۇن سېلىپ سارغايتىپ، قورۇپ، ئۇن بوش سارغايغاندا ئۈجمە شىرنىسى بىلەن ئېرىتىلگەن قىزىلگۈل مۇرابباسىنى سېلىپ، پەس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.


ئۈچ بۇرجەك قىيىقچا تەھرىرلەش

ئۈچ بۇرجەك قىيىقچا

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، شېكەر 70 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، كاۋاۋىچىن سۇيى مۇۋاپىق مىقداردا.

1. شېكەرنى ئازلا سۇدا ئېرىتىپ، تۇخۇمنى چېقىپ ئۇلارنى 35 گرام سۇ يېغى، ئازراق كاۋاۋىچىن سۇيى بىلەن داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ.

2. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن چىشلىق ئۈچ بۇرجەك ياكى خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەييارلىنىدۇ.

3. كېسىلگەن قىيىقچىلارنى 5-6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


ئۈچ خۇرۇچلۇق تۈرمەل تەھرىرلەش

ئۈچ خۇرۇچلۇق تۈرمەل

ئاساسلىق ماتېرىيالى: ئۇن، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، پىنتوزا، تۇخۇم، ھۆل كىراخمال، تۇز، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچ قاتالىقلار.

تەييارلاش ئۇسۇلى: ماتېرىياللارنى يۇيۇپ تەييارلايمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. تۇخۇمنى ياغدا پۇشۇرىمىز، ئاندىن ئۇششاق توغرايمىز. خېمىرنى چوقۇم پېتىر قىلىپ يۇغۇرىمىز. مۇۋاپىق ئۈزۈپ جىلتە ئاچىمىز. توغرالغان ماتېرىياللارنىڭ تەمىنى تېتىپ تەملەندۇرىمىز، ئاندىن تۈگىمىز.

2. بارماق شەكىلدە بولسا بولىدۇ. خېمىرنىڭ ياخشى چاپلىشىشى ئۈچۈن ھۆل كىراخمال بىلەن ھۆللەيمىز. تۈگۈپ بولغان تۈرمەلنى تەخسىگە تىزىمىز.

پۇشۇرۇش ئۇسۇلى: قازانغا ماي قۇيۇپ پەس ئوتتا بىر-بىرلەپ داغلاپ پۇشۇرۇپ ئېلىپ، زىرە، قارامۇچ، ئاقمۇچنى سېپىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.


ئۈچەي كاۋىپى تەھرىرلەش

ئۈچەي كاۋىپى

قوينىڭ ئۈچىيى بىر دانە، لازا مۇۋاپىق، شولتا 250 گرام، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، زىرە ئازراق.

1. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئۆرۈپ تازىلاش ئۇسۇلى بويىچە تازىلاپ، 50-60 گرادۇس ئىسسىقلىقتىكى شولتا سۈيىگە 5. 1-2 سائەت چىلاپ كۆپتۈرۈپ، ئىلمان سۇدا بىر قېتىم، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ يۇيۇپ بولۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، ئۇششاق چانالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ چىلانغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2. ھەربىر زىخقا 5-6 تالدىن ئۈچەينى ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىدىن تۇز، لازا، زىرە سېپىپ ئۆرۈپ، يەنە دورا - دەرمەك سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.


ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش تەھرىرلەش

ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش

قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ 140 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، سامساق بىر باش، قارىمۇچ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل ئازراق، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.

1. خېمىرنى لەڭمەن خېمىرىدەك يۇغۇرۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، سۇ يېغى سۈركەپ، نەم رەخت يېپىپ 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ پىلتە قىلىپ، لېگەن ياكى ئاشتاختىغا تىزىپ، ئاستى - ئۈستىنى ياغلاپ، يۆگەپ قويۇلىدۇ.

2. گۆشنى نېپىز ياپىلاق، سۇڭپىيازنى يانتۇ، پەمىدۇر، ياڭيۇ چاقماق شەكىلدە توغرىلىدۇ (ياڭيۇ ئورنىغا چامغۇر ياكى تۇرۇب ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. چامغۇر ئىشلەتكەندە، چامغۇر قورۇلماي سۈيىگە سېلىنىدۇ). سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ.

3. ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ، بىر - ئىككى قورۇپ، ئاندىن پەمىدۇرنى سېلىپ ياخشى قىزارتىپ قورۇلىدۇ، ئارقىدىن ياڭيۇنى سېلىپ يەنە قورۇپ، تۇز، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىدىن مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.

4. تىندۇرۇلغان پىلتە خېمىرنى بېسىپ نېپىزلىتىپ، ئۇزۇنچاق سوزۇپ قازانغا تىرناقتەك ئۇششاق ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. ئاندىن 3-2 مىنۇت قاينىتىپ، يۇمغاقسۈت، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپلا قاچىغا ئۇسۇلىدۇ.

ئاشنىڭ سۈيىگە بىر نەچچە تۇخۇمنى چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىپ، ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم سېلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


ئەنجان پولۇ تەھرىرلەش

ئەنجان پولۇ

خۇرۇچى : گۆش بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، سۇ يېغى 500 گرام، چامغۇر بىر كىلوگرام، بىھى تۆتتىن - بەشكىچە، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، ئانار بىر دانە، قېتىق مۇۋاپىق مىقداردا. تاييارلاش ئۇسۇلى :

1. گۆش، بېھى، سەۋزە، چامغۇر چاقماق قەنتتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.

2. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 ـ دەرىجىدە قىزىتىپ، پىيازنى، گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، تۇز، سۇ قۇيۇپ چامغۇرنى سېلىپ پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ زىرۋەك تەييار لىنىدۇ.

4. زىرۋەكنىڭ ئۈستىگە يۇيۇپ چىلاپ قويۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنىڭ سۈيى تارتىلغاندا بېھىنى ئاشنىڭ ئۈستىگە تىزىپ دۈملىنىدۇ. ئۈستىگە زىرە سېپىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئانار چېچىپ، قېتىق بىلەن بىرگە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


باچكا ئاسما كاۋاپ تەھرىرلەش

باچكا ئاسما كاۋاپ

باچكا بەش دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، زەرچىۋە ئازراق.

1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ، ئادالاپ تەييارلانغاندىن كېيىن، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز، سامساق، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.

2. پۇرچاق ئۇنى، تۇز، زەرچىۋە، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ.

3. باچكىنى سۇيۇق شىرىگە چىلاپ تونۇرغا ئېسىپ بىر سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ


باچكا شورپىسى تەھرىرلەش

باچكا شورپىسى

كەپتەر باچكىسى بىر دانە، بىر باش پىياز، زەنجىۋىل، زەرچىۋە، يۇمغاقسۈتلەر مۇۋاپىق مىقداردا.

كەپتەرنىڭ ئۇچۇرما بولمىغان باچكىسىنى تەييارلاپ، تۇز سېپىپ 10 مىنۇت قويۇلىدۇ.

تۇزلانغان باچكىنى قازانغا سېلىپ، سۇ قۇيۇپ بىر سائەت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن سوققان قارىمۇچ، زەنجىۋىل، زەرچىۋىلەرنى سېلىپ، گۆش پىشىپ، سۆڭەكلىرى ئاجراشقا باشلىغاندا، قازاننى ئېلىپ ئۇششاق توغرالغان پىياز ۋە يۇمغاقسۈت سېلىپ تەييارلىنىدۇ.


باچكا كاۋىپى تەھرىرلەش

باچكا كاۋىپى

ئۇچۇرۇلمىغان باچكا بەش دانە، زىرە ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە، پىياز سۈيى ئازراق، لازا ئازراق.

1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزە يۇڭداپ، پۇت، باش ۋە باشقا ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، بىر باچكىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىزە يۇيۇپ ئۇنىڭغا پىياز سۈيى، تۇز، پۇرچاق ئۇنى، زەنجىۋىل سۈيى تۇخۇم بىلەن ياسالغان سۇيۇق شىرەگە بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. يېرىم باچكىنى ئىككى دانە زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ، يۇمشاق تۇز سېپىپ بىر مىنۇت پىشۇرۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە، سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرىمىز.

پىشقان كاۋاپنى نېپىز نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


بازار نېنى تەھرىرلەش

بازار نېنى

ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ 140 گرام.

بۇ ناننىڭ خېمىرىنى بوشراق يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق بولدۇرۇپ، 140 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، يۈزىنى ئېچىپ، يېقىش ۋاقتىدا يۈزىگە ئۇششاق توغرالغان پىياز سۈركەپ، ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇلىدۇ.


باغلام لەڭمەن تەھرىرلەش

باغلام لەڭمەن

ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىنتوزا ئازراق، گۆش 500 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، بەسەي 140 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى مۇۋاپىق، سامساق تۆت چىش، سۇڭپىياز بىر تال، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

تۇزنى كەمرەك قىلىپ، بوش خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ، يېرىم سائەت تىندۇرغاندىن كېيىن تۇز بېرىپ يەنە ئىشلەپ، پۈتۈن خېمىرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى ئايرىم - ئايرىم بىر قېتىم ئوڭ، بىر قېتىم تەتۈر ئېشىپ، توم - ئىنچىكىلىكى بىردەك تەكشى ھالغا كەلگەندە ئاشتاختىغا قويۇپ، ئۈستىگە قۇرغۇن سېپىپ، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ يەنە سوزۇپ، بىر غۇلاچ بولغاندا ئوتتۇرىدىن قاتلاپ سوزۇپ، چىغدەك ئىنچىكە سوزۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى بېشىدىكى توم خېمىرنى كېسىۋېتىپ، ئىنچىكە سوزۇلغان قىسمىنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ ئالسا بولىدۇ.

باغلام ئاشنىڭ سېيى پىلتە لەڭمەننىڭ سېيىدەك قورۇلىدۇ. سەينىڭ سۈيى كۆپرەك بولۇشى كېرەك؛ چۈنكى پىنتوزا سەينىڭ سۈيىنى تارتىپ كېتىدۇ.


باقالى تەھرىرلەش

باقالى

ئاق ئۇن 175 گرام، تۇخۇم بەش دانە، ياڭاق مېغىزى 20 دانە، كاكائو بىر بولاق، ئېرىتكەن قوي يېغى 140 گرام، قۇرۇق ئۈزۈم 105 گرام، ھەسەل 140 گرام، ئەبجەش ياغ ئازراق، ئاق شېكەر 140 گرام، سۈت 500 گرام.

1. قوي يېغى بىلەن سودانى مۇجۇپ ئالىقاندا پىششىقلاپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن ھەسەل، شېكەر، كاكائو، سۈتنى قۇيۇپ شېكەر ئېرىگىچە قوچۇپ، ئۇنىڭغا قوناقتەك توغرالغان ياڭاق مېغىزى، تۆت پارچە توغرالغان ئۇرۇقسىز ئۈزۈمى، ئۇننى سېلىپ قوچۇپ، قويۇق شىرە تەييارلىنىدۇ.

2. دوخاپكىنى قىزىتىپ، لىسنى ياغلاپ تەييارلانغان شىرەنى لىسقا قۇيۇپ، دوخاپكىغا سېلىپ ئوتتۇرا ئوتتا كۆپتۈرۈلىدۇ.

باقالى پىشقاندىن كېيىن سۇس ئوتتا يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ. كۆپۈپ قېلىنلاشقاچقا، ئوتتۇرىسىنىڭ پىشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سەرەڭگىنى تىقىپ كۆرۈلىدۇ. سەرەڭگىگە چاپلاشقان خۇرۇچقا قاراپ پىشقان - پىشمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

پىشقان باقالىنى سوۋۇتۇپ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، بىر ئىلىك قېلىنلىقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ توغرىلىشى ھەرخىل بولىۋاتىدۇ. ئېھتىياج بويىچە توغرىسا بولىدۇ.


بانان سۈت قىيامى تەھرىرلەش

بانان سۈت قىيامى

ماتېرىيالى: ئىككى تال بانان، سۈت 500ml-800ml غىچە.

ياساش ئۇسۇلى:

1. باناننى كېسىپ خالتىغا سېلىپ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ، توڭلاتقۇنىڭ مۇزلايدىغان يېرىگە سېلىپ، قاتتىق ھالەتكە كەلگۈچە توڭلىتىمىز.

2. ئارىلاشتۇرۇش ماشىنىسىغا سېلىپ، ئۈستىگە سۈت قويۇپ مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرىمىز.

3. تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچسىڭىز بولىدۇ. سۈت 500ml-800ml غىچە، ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ قۇيۇق سۇيۇقلۇقىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

4. ئۇنىڭغا ھامبۇرگ بولكىسىنى قوشۇپ يېسىڭىز، بىر ۋاقلىق كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئەتىگەنلىك غىزا بولىدۇ.


بوغۇرساق تەھرىرلەش

بوغۇرساق

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۈت 175 گرام، قوي يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇ يېغى 70 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قاچىدىكى ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، سۈت، تۇز، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، سۇ يېغى قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۈستىنى ياغلاپ، ياخشىراق بولدۇرىلىدۇ.

2. بولدۇرغان خېمىرنى بارماقتەك چوڭلۇقتا قىلىپ بىر باشتىن قىيىقچا بىلەن كېسىپ، نورمال قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


بولاق پۆرە تەھرىرلەش

بولاق پۆرە

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام، گۆش بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 140 گرام)، تۇخۇم بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زىرە ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.

1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، ئاي شەكىللىك پۆرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا كۆپرەك ياغ قۇيۇپ تۈگۈلگەن پۆرىلەرنى ياغدا داغلىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋىغا ياكى قاسقانغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.


بولاق مانتا تەھرىرلەش

بولاق مانتا

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، ئىلمان سۇ 300 مىللىتىر، پىياز 500 گرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، شۇلتا ئازراق.

1. ئۇنغا تۇز ۋە خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇزى كەمرەك خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايدا تەڭلىگە سېلىپ چىرايلىق يۆگەپ، 2-5. 1 سائەت بولدۇرۇلىدۇ.

2. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن بىر قېتىملا ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئىلمان سۇ سېپىپ، تۇز، ئۇششاق يالپاقلانغان پىياز ۋە سوققان كاۋاۋىچىن، زىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

3. بولدۇرغان خېمىرغا پىششىق شۇلتا سۈيى بېرىپ ئىشلەپ، 20 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، قول بىلەن بېسىپ قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 25 - 20 مىنۇت ھوردا پىشۇرۇلىدۇ. زوۋۇلىنى كىچىكرەك ئۈزۈپ 40 ـ 30 مانتا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.


بولكا تەھرىرلەش

بولكا

ئاق ئۇن ئۈچ كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. قۇلماق مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 175 گرام.

1. قۇلماقنى ئىلمان سۇدا ئېچىتىمىز.

2. 70 گرام ئاق ئۇننى قايناق سۇغا چېلىپ، سوۋۇتۇپ ئىلمان بولغاندا، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ تۆت سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۇنى ئېچىتىلغان قۇلماق سۈيىگە ئارلاشتۇرۇلىدۇ.

3. بىرىنچى قېتىم: قۇلماق سۈيىگە ئارىلاشتۇرغان شىرىگە 500 گرام ئۇن سېلىپ سۇيۇق خېمىر قىلىپ، ئازراق بولدۇرىلىدۇ. خېمىر كۆپۈشكە باشلىغاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم ئۆرلەپ، ئۈچ قېتىم ياندۇرۇلىدۇ.

ئىككىنچى قېتىم: ياندۇرۇلغان خېمىرغا بىر كىلوگرام، ئۇن سېلىپ ئىلمان سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ بىر سائەت بولدۇرۇلىدۇ.

ئۈچىنچى قېتىم: بولدۇرۇلغان خېمىرغا ئىككى يېرىم كىلوگرام ئۇننى سېلىپ بىر يېرىم سائەت قويغاندىن كېيىن ئۇزۇنچاق ياكى دۈگىلەك بولكا ياساپ، ياغلانغان لىسقا سېلىپ، خېمىر كۆپۈپ چىققاندىن كېيىن، دوخاپكىغا سېلىپ يېرىم سائەت پىشۇرۇلىدۇ.


بۆرەك كاۋىپى تەھرىرلەش

بۆرەك كاۋىپى

خۇرۇچى: قوينىڭ بۆرىكى 10 تال، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 35 گرام، قارىمۇچ ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى: بۆرەكنى ئۆز يېغى بىلەن ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچە قىلىپ يېرىپ، ئىچىدىكى ئاق تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئۈستىگە ئۇششاق چانالغان پىياز، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى ۋە ئۇن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى تال زىخقا ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە تۇز، لازا، قارىمۇچ زىرە سېپىپ، ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ، يەنە يۇقىرىقى ماتېرىياللارنى سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.


بۆرەك، گۆش، قېرىن قورۇمىسى تەھرىرلەش

بۆرەك، گۆش، قېرىن قورۇمىسى

لوق قوي گۆشى 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، بۆرەك 140 گرام، جاڭيۇ ئازراق، پىششىق قېرىن 70 گرام، شېكەر رېڭى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، سامساق تۆت چىش، كۈنجۈت يېغى ئازراق، قارىمۇچ ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تېتىتقۇ بىر چىمدىم.

1. قوينىڭ گۆشى، بۆرىكى، پىشقان قېرىنى يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. بۇ ئۈچ خىل خۇرۇچنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، سوققان قارىمۇچ، كۈنجۈت يېغى، شېكەر رېڭى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

2. بىر قاچىغا 500 گرام شورپا ئېلىپ، ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز، سوققان قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەڭشەلگەن شورپا ياسىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8~7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆش، بۆرەك، قېرىنلارنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

4. قازانغا 15 گرام ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق سېلىپ قورۇپ، ياغدا پىشقان ئۈچ خىل خۇرۇچنى سېلىپ بىر - ئىككى قېتىم ئۆرۈپ، تەييارلانغان شورپىنى تۆكۈپ، يەنە ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۈنجۈت يېغى سېپىپلا ئېلىنىدۇ.


بۇس نان تەھرىرلەش

بۇس نان

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، ئەبجەش ياغ 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق

1. قاتتىق پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى تەكشى يېيىپ نېپىزلىتىپ تەييارلىنىدۇ.

2. سەۋزە ۋە پىيازنى ئۇششاق چاناپ، ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ سەۋزە قىيمىسى تەييارلاپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىپ، بىر ئۇچىدىن تۈرۈپ تۈرمەل ياساپ، ئۇنى قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 30 ـ 25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان نان سوۋۇغاندىن كېيىن چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


بۇغداي پولۇ تەھرىرلەش

بۇغداي پولۇ

خۇرۇچى

بۇغداي ئىككى كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 500 گرام، زىرە ئازراق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە ئىككى يېرىم كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، پىياز بىر باش.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. بۇغداينى پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ.

2. قۇرۇلمىسىنى باشقا پولۇنىڭكىدەك قىلىپ تەييارلاپ، سۇ كۆپرەك قۇيۇلىدۇ. گۈرۈچ ئورنىغا بۇغداي سېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.


بۇلماق تەھرىرلەش

بۇلماق

سۈت 500 گرام، شېكەر 70 گرام، قوي يېغى 70گرام، ئۇن ئازراق.

1. سۈتنى پىشۇرۇپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئۇننى چېلىپ سۇيۇق شىرە قىلىپ، ياغ، شېكەرنى سېلىپ پەس ئوتقا قويۇپ، يېرىم سائەت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

2. پىشقان بۇلماق سوۋۇپ ئېغىز كۆيمەيدىغان بولغاندا تۆشۈكى چوڭ ئېمىزگىگە قۇيۇپ ياكى قوشۇق بىلەن بوۋاقلارغا يېگۈزۈلىدۇ (سۈت ئىشلەتمەي ئەتسىمۇ بولىدۇ).


بېلىق ئاسما كاۋاپ تەھرىرلەش

بېلىق ئاسما كاۋاپ

500 گراملىق بېلىقتىن بەش دانە، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان زىرە ئازراق

1. بېلىقنى قىرىپ، قاسىراقلىرىنى ئېلىپ پاكىزە ئادالاپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئۇنىڭغا كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىل سۈيى، ئاچچىقسۇ، سامساق، سۇڭپىياز، تۇز، سوققان زىرە ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تونۇرنى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تىندۇرۇلغان بېلىقلارنى قاماققا ئىلىپ تونۇرغا ئېسىپ، يېرىم سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ.


بېلىق زىخ كاۋىپى تەھرىرلەش

بېلىق زىخ كاۋىپى

ئالتاي، قارا شەھەر بېلىقى ئالتە دانە، سۇڭپىياز بىر تال، سوققان لازا ئازراق، سامساق بىر باش، زىرە ئازراق، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق، زەنجىۋىل ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ ئازراق.

1. بېلىقنى پاكىز قىرىپ ئادالاپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيىلىدۇ.

2. تازىلانغان بېلىقنى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئىككى قىلىپ زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، تۇز، كاۋاۋىچىننى سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن يېرىم بېلىقنى ئىككى زىخقا ئۆتكۈزۈپ ھەر ئىككى تەرىپىگە لازا، زىرە سېپىپ تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.


بېلىق كاۋىپى تەھرىرلەش

بېلىق كاۋىپى

ئالتاي ياكى قارا شەھەر بېلىقى ئالتە تال، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئىككى يېرىم كىلوگرام، سامساق بىر باش، ئاچچىقسۇ ئازراق، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، تۇز ئازراق.

1 . بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، قاناتلىرىنى قىرقىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، سوغۇق سۇ بىلەن پاكىز يۇيىلىدۇ.

2. بېلىقنى زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ، تۇز، كاۋاۋىچىن، چانالغان سۇڭپىياز، سامساقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت قويغاندىن كېيىن، قۇرۇق پۇرچاق ئۇنىغا مىلەپ، دوخاپكىنىڭ لىسىغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ.


بېھى پولوسى تەھرىرلەش

بېھى پولوسى

خۇرۇچ

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام،سوققان زىرە ئازراق،گۆش 500گرام،پىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500گرام،سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق،بېھى تۆتتىن ئالتىگىچە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سەۋزە بىر كلوگرام.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.بېھى پولوسىنى ئېتىش ئۇسۇلى گۆشلۈك پولۇنى ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.

2.پولونى دەملەشتىن ئاۋال،بىھىلەرنى ياخشى سۈرتۈپ ،تۈكلىرىنى تازىلاپ،ھەربىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇرۇقلىرى ئېلىۋىتىلىدۇ.

3.پولونى دەملەشتە تەييارلانغان بېھىلەر گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە دۈم قۇيۇلىدۇ.

4.دەم يېگەندىن كىيىن بېھى بىلەن گۆش ئايرىم ئېلىۋېلىنىدۇ، ئاندىن توغراپ ئاشنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: پولۇ خۇش پۇراق،تەمى چۈچۈك،يۇمشاق ،يېيىشلىك بولىدۇ.



بەتتە پولوسى تەھرىرلەش

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، سۇڭپياز ئىككى تال، سۇيېغى 500 گرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق، باش پىياز 105 گرام، پۇرچاق ئۇنى 70 گرام، لوق گۆش بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى: گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى ئۇششاق چانىلىدۇ. پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاق قارىمۇچ زىرىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلىدۇ. پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلدۇ.

يۇقىرىقى خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ ياڭاقتەك كۇمىلاچ (ۋەنزە) قىلىنىدۇ. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5~6 دەرىجە قىزىتىپ، كۇمىلاچلارنى سېلىپ، سىرتى قىزارغىچە قورۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ . ياغنىڭ قىزىقلىقىنى7 ~8 دەرىجىدە كۆتۈرۈپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇپ، «گۆشلۈك پولو» نى ئېتىش ئۇسۇلى بويىچە پولو ئېتىلىدۇ.

كۇمىلاچلار تولۇق پىشقان بولسا، پولونى دەملەش ۋاقتىدا ئۇلار گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ. يېرىم پىشقان بولسا، خۇرۇچلار قايناۋاتقاندا سېلىپ ئۈستىدىن گۈرۈچ سېلىنىدۇ. پولو دەم يېگەندىن كېيىن قىيما كۇمىلاچلارنى باشقا قاچىغا ئېلىۋېلىپ، پولو ئۇسقاندا ئۇلار پولونىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. پولونىڭ شەكلى كۆركەم، قىيما پۇراپ تۇرىدۇ. ئاش يېيىشلىك بولىدۇ

بەتتە پولۇ تەھرىرلەش

بەتتە پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئېككى كلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 500گرام، سوققان كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، ياغ 200گرام، سامساق بىر تال، يېسۋىلەك 250گرام، پۇرچاق ئۇنى 35گرام، پىنتوزا 140گرام، سوققان زەرچىۋە بىر چىمدىم، سۇڭپىياز 70گرام، زىرە مۇۋاپىق، پەمىدۇر بىر تال.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن 3-4 قېتىم يۇيۇلىدۇ.

2. سەۋزىنى قەلەمچە، گۆشنى نىپىز، يالپاق، يېسۋىلەك چاچتەك ئىنچىكە توغرىلىدۇ. پېنتوزا قىزىق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ، سۇڭپىياز، پەمىدۇر، سامساقلار ئۇششاق توغرىلىدۇ.

3. قازانغا 140-150گرام ياغ قۇيۇپ، 7-8دەرىجە قىزىتىپ، ياخشى داغلىغاندىن كىين گۆشى شىلىۋېلىنغان سۆڭەكنى ياغقا سېلىپ رەڭگى قىزارغىچە قورۇلىدۇ. كېيىن سۆڭەكنى ئېلىۋېتىپ، پىيازنىڭ بىر قىسمىنى قازانغا سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇلىدۇ. سەۋزە قورۇلۇپ قىزغۇچ رەڭگە كىرگەندە، پولۇغا كىتىدىغان سۇنىڭ يېرىمىنى قۇيۇپ، ئۇنىڭغا زىرە ئازراق زەرچىۋە سېلىپ 10-15مىنۇت قاينىتىلىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچنىڭ ئۈستىدىن بىر سانتىمېتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغىدەك قايناقسۇ قۇيۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ، چوغنىڭ قىزىقىدا قازان تەكشى قاينىتىلىدۇ، ئاش قايناۋاتقاندا بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىلىدۇ. گۈرۈچ سۇنى ئاساسەن سىڭدۈرۈپ بولغاندا، ئاش 10-15مىنۇت دەم يىدۈرىلىدۇ.

4. توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قازاندىكى 6-7 دەرىجە قىزىقلىقتىكى ياغقا گۆشنى سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ، ئاندىن سوڭپىيازنى سېلىپ بىرـ ئىككى ئېلىشتۇرۇپ ئۇششاق چانالغان پەمىدۇرنى سېىلىپ قورۇپ ئارقىدىن يىسۋىلەكنى سېلىپ سارغايغىچە قورۇلىدۇ. قورۇش جەريانىدا زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىنىدۇ. ئاندىن ئازراق سۇ قۇيۇپ، يۇمشاتقان پنتوزىنى، سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ سەي لىگەنگە ئۇسۇلغان پولۇنىڭ ئۈستىگە سېلىنىدۇ. مانا بۇ بەتتە پولۇ دىيىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

بەتتە پولۇ قىش پەسلىدە شۇنداق ئىتىلىدۇ، لېكىن ياز پەسلىدە يېسۋىلەك ئورنىغا جاڭدۇ، تەرخەمەك، كەرەپشىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەتسىمۇ ياكى خالىغان كۆكتات تۈرىدىن بىرنەچچە خىلىنى قوشۇپ قورۇپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.


بەقەسەم پولۇ تەھرىرلەش

بەقەسەم پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، پىياز بىر تال، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 175 گرام)، دورا ـ دەرمەكلەر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، تېتىتقۇ (ۋېيجىڭ) ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ھەجىمى بىر سانتىمېتىر چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تېتىتقۇ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. سەۋزىنى قەلەمچە، پىياز يالپاق توغرىلىنىدۇ. 

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ قورۇپ (گۆش بىر - بىرىگە چاپلاشماي پىشىشى لازىم)، قىزارغاندا سۈزۈپ ئېلىپ قويۇلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇلىدۇ. 

3. ياغقا پىياز سېلىپ سارغايتىپ ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ، تۇز، دورا - دەرمەكلەر بىلەن بىللە قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ 25 ـ 20 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىلىدۇ. ئاندىن قورۇلغان گۆشنى، گۈرۈچنى سېلىپ پىشۇرۇپ دەملىنىدۇ. 

گۆشنى ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: گۆش ۋە گۈرۈچى يۇمشاق،بىر ئاش بىر گۆش،رەڭگى ئالابۇلا چىرايلىق بولىدۇ.


بەلىش تەھرىرلەش

بەلىش

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۈت 280 گرام، ئەبجەش ياغ 140 گرام، سودا ئازراق، تۇخۇم ئۈچ دانە، قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسى مۇۋاپىق، ئاق شېكەر 140 گرام.

1. قاچىغا تۇخۇمنى سېلىپ ئۇنىڭغا ئەبجەش ياغ، سودا، ئاق شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قوچۇپ كۆپۈك ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۈستىگە سۈتنى قۇيۇپ يەنە قوچۇپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ، پېچىنە خېمىرىنى قاتتىقراق يۇغۇرۇلىدۇ. بۇ خېمىرنى ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ئىككى بۆلەك خېمىرنى لىسنىڭ چوڭلۇقىدەك قىلىپ نېپىز يېيىپ تەييارلىنىدۇ.

2. قارىقاتنى ئىشلىتىشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن ئىسسىق سۇغا چىلاپ يۇمشىتىلىدۇ؛ ئەگەر ئالما مۇرابباسى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى ئېزىپ يۇمشىتىلىدۇ.

3. دوخاپكىنىڭ لىسىنى ياغلاپ، يېيىلغان بىر پارچە خېمىرنى سېلىپ، ئۈستىگە يۇمشىتىلغان قارىقات ياكى ئالما مۇرابباسىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت خېمىر يېپىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قارىقات ياكى مۇراببانى سۈركەپ، قالغان بىر پارچە خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۇزۇنچاق توم سوزۇپ، پىلتىلارنى بەلىشنىڭ ئۈستىگە بىر - بىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قىلىپ تىزىپ كونگور شەكلىدە گۈل چىقىرىپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئاندىن دوخاپكىغا سېلىپ، نورمال ئوتتا پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان بەلىشنى سوۋۇتۇپ، خالىغان شەكىلدە كېسىپ تەخسىلەرگە تىزىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.

قارىقات ياكى مۇرابباغا تاماققا ئىشلىتىدىغان قىزىل رەڭ ئارىلاشتۇرسا كۆركەم بولىدۇ.


بەلىش پوشكال تەھرىرلەش

بەلىش پوشكال

ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ يېغى 500 گرام، ئاق شېكەر بىر كىلوگرام، ئەبجەش ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى بىر كىلوگرام)، شېكەر شىرنىسى بىر يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، شولتا مۇۋاپىق، سۇ ئىككى كىلوگرام، زەمچە ئازراق.

1. ئىلمان سۇدا خېمىرتۇرۇچنى ئېرىتىپ، قاچىدىكى ئۇنغا سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولاي دېگەندە شولتا، شېكەر، سۇ يېغىنى قۇيۇپ خېمىرنى چەيلەپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. شېكەر شىرنىسىگە 105 گرام ئۇن، شولتا، سوققان زەمچە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياسىلىدۇ.

3. خېمىرنى نېپىز يېيىپ، يۈزىگە قىيمىدىن سېلىپ يېپىپ، ئېغىرلىقى 35 گرام، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق قىلىپ كېسىلىدۇ.

4. قازانغا ئەبجەش ياغنى قۇيۇپ، كېسىلگەن ئۇزۇنچاق خېمىرنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ بىرلا تولغىۋېتىپ ياغقا سېلىپ، ئالتۇن سېرىق رەڭلىك قىلىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


پوستۇمبا (پوست دۈمبە) كاۋاپ تەھرىرلەش

پوستۇمبا (پوست دۈمبە) كاۋاپ

پوستۇمبا بىر دانە، ئاق ئۇن ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ ئازراق، پىياز بىر باش، زەرچىۋە ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە.

1. ياخشى تازىلانغان پوستۇمبىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئاق ئۇن، تۇخۇم، چانالغان پىياز، زەرچىۋە، ئاقمۇچ ياكى قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت قويۇلىدۇ.

2. بىر تال زىخقا 5 - 6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، پوستۇمبىنىڭ ياغلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قىلىپ كاۋاپدانغا قويۇپ، ئۈستىگە سوققان لازا، تۇز، سوققان زىرە سېپىپ ئۆرۈمەي قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ.

كاۋاپ پىشىپ، دورا - دەرمەكلەر سىڭىشىپ بولغاندا ئۆرۈپ، ئازراقلا قاقلاپ ئالساق بولىدۇ.


پوشكال تەھرىرلەش

پوشكال

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 15 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ياغ ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام)، سۇ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. تۇخۇمنى داسقا چېقىپ، تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇن، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ يۇمشاق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايغا قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 20 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن نېپىز يېيىپ، ئوتتۇرىسىغا پىچاق بىلەن چاپراس ئەن سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلاپ، تەييارلانغان پوشكالنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


پىچاق نان تەھرىرلەش

پىچاق نان

ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. بىر كىلوگرام، ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ يۇغۇرۇپ، يېتىلدۈرگەندىن كېيىن يەنە ئۇن، سۇ قويۇپ چەيلەپ يوغىنىتىپ، ياشلاپ، يېتىلدۈرۈپ، يەنە يۇقىرىقىدەك ياشلاپ ئۈزۈپ ئىشلەپ، 175 ـ140 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ 15 ـ10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تىنغان زوۋۇلىلارنى بازار نېنىدىن قېلىنراق قىلىپ ئېچىپ، يۈزىگە چەككۈچ چېكىپ، تونۇرغا ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


پىلتە لەڭمەن تەھرىرلەش

پىلتە لەڭمەن

خۇرۇچى:ئۇن بىر كىلوگرام، سامساق بىر باش، گۆش 175 گرام، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، سۇ يېغى 105 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، جاڭدۇ 140 گرام، كاۋاۋىچىن سۇيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ، سۇڭپىياز بىر تال، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پەسىلگە قاراپ ئۇنغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز. پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا، ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك. پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە 15 - 10 مىنۇت تىندۇرغان ياخشى.

2. تىنغان پىلتىنى بىر - بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋېلىپ، ئاندىن ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار - قاتار تىزىلىدۇ. ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ، ئوتتۇرىسىنى ئاش تاختىغا بوش - بوش ئۇرۇپ، بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزۇلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا، بىر ئالىقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئاش پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ.

ئېتىش ئۇسۇلى: 1. گۆش نېپىز، ئۇزۇنچاق توغرىلىدۇ. كۆك لازىنى پاكىز يۇيۇپ، ئىچىدىكى ئۇرۇق ۋە تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، جاڭدۇ بىلەن ئىككىسى توغرالغان گۆشچىلىك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. پەمىدۇر، سامساقلارنى ئۇششاق، سۇڭپىيازنى ئۇزۇن، ئىنچىكە توغراپ زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىنلارنى سۇغا چىلاپ تەمى چىقىرىلىدۇ.

پىلتە لەڭمەننىڭ قورۇمىسىنى قورۇش ئۇسۇلى:

قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، قىزارتىپ، سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، ئاندىن پەمىدۇر ئېزىلگۈدەك قورۇلىدۇ. جاڭدۇنى سېلىپ 80 پىرسەنت پىشقاندا، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن سۈيىنى قۇيۇپ، كۆك لازا، سامساقلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ، ئاندىن ئازراق قايناق سۇ قۇيۇپ تۇز ۋە دورا - دەرمەك تەمىنى تەڭشەپ، سەينى تەييارلانغان ئاش ئۈستىگە ئالساق بولىدۇ. ياز كۈنلىرى يۇقىرىقىدەك كۆكتاتلار بىلەن قورۇلىدۇ.

قىش كۈنلىرى گۆش ۋە يېسىۋىلەك (بەسەي)، تۇرۇپ قاتارلىق ئاساسلىق كۆكتاتلار بىلەن قۇرۇتۇلغان پەمىدۇر ۋە قىزىلمۇچلارنى قوشۇمچە قىلىپ قورۇسا بولىدۇ. باشقا ئىختىيار قىلغان كۆكتاتلاردىن قورۇسىمۇ بولىدۇ.

پىلتە لەڭمەننى ئائىلىلەردە ئەتكەندە خېمىرنى ئالىقاندا ئېشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوزۇپ ئېتىدۇ.


پىننە پۆرىسى تەھرىرلەش

پىننە پۆرىسى

پىننە قۇلىقى 250 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، ئەبجەش ياغ 70 گرام، سېمىز گۆش ياكى ياغ 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ ئازراق

1. پىننىنىڭ قۇلاقلىرىنى تاللاپ پاكىز يۇغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغراپ ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان گۆش ياكى ياغ، سوققان قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرنى قىزىلبۇغداش پۆرسىنىڭكىدەك قىلىپ تەييارلاپ، پۆرە تۈگۈپ، تاۋىغا ئەبجەش ياغ سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


پىننە چۆچۈرىسى تەھرىرلەش

پىننە چۆچۈرىسى

پىننىنىڭ قۇلىقى 250 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سېمىز گۆش ياكى ياغ 140 گرام.

1. پىننىنىڭ قولاقلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان گۆش ياكى ياغ، تۇز، سوققان قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ، پىننە قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. چۆچۈرىنى تەييارلاش ۋە پىشۇرۇش يۇقىرىقى چۆچۈرلەرىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.


پىيازلىق زاغرا نان تەھرىرلەش

پىيازلىق زاغرا نان

سېرىق قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، پىياز ئىككى كىلوگرام.

1. قوناق ئۇنغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا، ئۇنىڭغا ئۇششاق نېپىز توغرالغان پىياز ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تىندۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن 175 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ قوناق ئۇنىدا قۇرغۇنلاپ ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا دۈگىلەك نان ياساپ، يۈزىگە پىياز سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ.

2. تەييارلانغان ناننى قىزىغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش پىشۇرىمىز. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ.


پۇرچاق ئاش تەھرىرلەش

پۇرچاق ئاش

ئۇن بىر كىلوگرام، كەرەپشە (چىڭسەي) 140 گرام، گۆش 70 گرام، يىسىۋىلەك (بەسەي) 70 گرام، پۇرچاق 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىننە ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال.

1. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، قاتتىق خېمىر يوغۇرۇپ، ئاز ۋاقىت تىندۇرغاندىن كېيىن چىغدەك ئىنچىكە كېسىپ تەييارلىنىدۇ. پۇرچاقنى سۇدا يۇمشىتىلىدۇ، گۆشنى قوناقتەك پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى، يىسىۋىلەك تىرناقتەك، كەرەپشە قىسقا توغرىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتىنچى، يەتتىنچى دەرىجە ئوت قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كەينىدىن سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، كەرەپشە، يىسىۋىلەك، تۇز، ياغقا چىلىغان كاۋاۋىچىن، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ ياخشى يۇمشىتىلغان پۇرچاقنى سېلىپ، خۇرۇچلار پىشقىچە قاينىتىپ، كېسىپ تەييارلانغان خېمىرنى سېلىپ، ئاش پىشقاندا ئاچچىقسۇ، پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، قاچىلارغا ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ



پۈتۈن تۆگە كاۋىپى تەھرىرلەش

پۈتۈن تۆگە كاۋىپى

ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقى بىر دانە، سۇڭپىياز تۆت تال، كراخمال 500 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، قەلەمپۇر 70 گرام، سوققان زىرە 70 گرام، ئاقمۇچ ئازراق، زەرچىۋە ئازراق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، تۇخۇم 10 دانە

1. ئىككى يىللىق تۆگە بوتىلىقىنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، پاكىز تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇپ، ئالدى قول ۋە ئارقا پۇت قىسمىغا بىر نەچچە يەرگە تۆمۈر زىخچە سانجىپ، تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.

2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، ئۇنىڭغا گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ سۇ ئىدىشىغا قۇيۇپ سوۋۇتۇپ، بوتىلاقنى ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ، ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازا سېلىپ سۇيۇق ئۇماچ تەييارلاپ، چىلانغان بوتىلاقنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىرقېتىم سۈركەپ شامالدىتىپ تەييارلىنىدۇ.

4. ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇرنى (بۇنداق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر ھازىر تۇرپاندا كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا) قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان بوتىلاقنى تونۇرغا تىكلەپ، تۆت سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

5. پىشقان بوتىلاقنى مەخسۇس تاماق ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ پۈتۈن خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ، تەخسىگە ئېلىپ، ھەربىر جوزىغا بىر تەخسىدىن تارقىتىىدۇ (بۇ كاۋاپنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى بوتىلاقنىڭ تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى كىچىك تەخسىگە ئېلىپ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.


پۈتۈن قوي زىخ كاۋىپى تەھرىرلەش

پۈتۈن قوي زىخ كاۋىپى

بىر ياشلىق پاقلان ئالتە دانە، ئاق ئۇن 500 گرام، تۇخۇم 20 دانە، سوققان قارىمۇچ 70 گرام، كراخمال 200 گرام، زىرە 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى، زەرچىۋە 70 گرام

1. قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاچىقىنى كېسىپ تاشلاپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ ئالتە قوينى ئىككى سائەت تۇزى بار سۇغا چىلاپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇنلۇقى يەتتە مېتىر كېلىدىغان تۆمۇر شوتىغا توغرىسىغا قاتار قىلىپ شوتىنىڭ ھەربىر ئارىلىقىغا بىردىن قوينى ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

2. توخۇمنى چېقىپ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇز، زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇننى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى قوينىڭ بەدىنىگە سۈرتۈپ، 10 مىنۇت شامالدىتىپ، ئىككىنچى قېتىم يەنە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. ئېگىزلىكى سەككىز مېتىر، دىئامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇرنى قىزىتىپ (بۇنداق چوڭ تونۇر تۇرپاندا كۆرگەزمە قىلىنماقتا) ھاۋىسىنى تەڭشەپ، چوڭ زىخقا ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان قويلارنى تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، ئىككى سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا 10 قوي پىشۇرغىلى بولىدۇ. قالغان ئۇسۇللار تونۇر كاۋاپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ.

پىشقان كاۋاپنى زىياپەت زالىدا خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، 70-105 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. تۇز، ئاقمۇچ ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ.


پېتىر مانتا تەھرىرلەش

پېتىر مانتا

ئاق ئۇن 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى بىر كىلوگرام، ئىلمان سۇ 250 گرام، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز (سۇيۇق) مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ، سۇيۇلدۇرۇپ (سۇنىڭ نىسبىتى 1/3 بولسا مۇۋاپىق)، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ، پىياز، تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 40 دانە زوۋۇلىنى ئۈزۈپ، چۆرىسى بەك نېپىز، ئوتتۇرىسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، قىيما سېلىپ تۈگۈپ، جىمبىلنى ياغلاپ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قويۇپ، تېز ئوتتا پىشۇرۇلىدۇ. پاقلان گۆشى بولسا 15 مىنۇتتا، چوڭراق قوينىڭ گۆشى بولسا 20 - 15 مىنۇتتا پىشىدۇ. ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازا ن (گاۋياگو)غا سېلىنسا، 5 - 6 مىنۇتتا پىشىدۇ. مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بولمايدۇ.

پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ


پېتىر نان تەھرىرلەش

پېتىر نان

ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، قايماق 70 گرام.

1. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، كاۋاۋىچىن بىلەن بىللە سۇغا سېلىپ، قاينىتىپ تەمى چىققاندىن كېيىن پىياز، كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيى سوۋۇتۇلىدۇ.

2. سوۋۇتۇلغان سۇغا خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ 280 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزىمىز. ئاندىن ئۇلارنى گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزرەك نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

3. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ چوغلىرىنى ئوتتۇرىغا يىغىپ ئۈستىنى كۆمۈپ، تونۇرغا تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەيمىز. ئۇششاق توغرالغان پىياز بىلەن قايماقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ناننىڭ يۈزىگە نېپىز سۈرتۈپ، تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ. نان نېپىز بولغاچقا، ئاسان پىشىدۇ.


پەرمۇدە تەھرىرلەش

پەرمۇدە

ئالىي ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، سۇ بىر 750 گرام، قوي گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە ئازراق، پىياز بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم ئىككى دانە، قارىمۇچ ئازراق، ئېرىتكەن ياغ 35 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، شولتا ئازراق، خېمىرتۇرۇچ ئازراق.

1. سېمىز لوق گۆشنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىيازنى قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. ئۇنغا بىر دانە تۇخۇم چېقىپ، خېمىرتۇرۇچ، تۇز سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلىنىدۇ. خېمىرنى ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن 80 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، پوزىدا ئالىقاندەك چوڭلۇقتا نېپىز جىلتا ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.

3. جىلتنى سول ئالىقىنىمىزغا قويۇپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ مانتا شەكلىدە تۈگىمىز. ئاندىن ئوڭ قولنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن خېمىرنىڭ تۈگۈلگەن تەرىپىدىن بېسىپ، سول قولىنى موشتۇمنى تۈگكەن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، پەرمۇدىنى سىقىمىز. ئاستىدىكى ئۈچ قولنىڭ ئارىلىقىدىن خۇددى تۆگىنىڭ لوكىسىدەك خېمىر ئۆسۈپ چىقىدۇ.

4. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن پەرمۇدىلەرنى ئازراق ئاچچىقسۇ، ئېرىتىلگەن شولتا سۈيىگە تەگكۈزۈپ، تونۇرغا يېقىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 20 - 15 مىنۇت ئەتراپىدا خۇيلىنىدۇ. خېمىرنىڭ يۈزى قۇرۇغاندا، خۇينى ئېچىپ، داپخاننى ئېچىپ، 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاقلاپ، پەرمۇدە ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەندە يۈزىگە قۇيرۇق ماي سۈرتۈپ، سويۇپ ئېلىنىدۇ (يۈزىگە تۇخۇم سۈركەپ خۇيلىسىمۇ بولىدۇ).


تاتلىق پولو تەھرىرلەش

تاتلىق پولو

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كلوگرام،پىياز 70گرام،ئەبجەش ياغ ئىككى يېرىم كلوگرام،قىزىل سەۋزە500گرام،كىشمىش ئۈزۈم140گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ ،پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.ئۈزۈمنى پاكىز ئادالاپ،ئىسسق سۇ بىلەن يۇيۇپ ،ئىلمان سۇغا چىلىنىدۇ.گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ ،ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ ،3-4قېتىم يۇيۇپ كىيىن ئىلمان سۇغا چىلىنىدۇ

2.ياغنى داغلاپ ،پىيازنى سېلىپ قورۇپ ،ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 2-3مىنۇت قورۇغاندىن كىيىن ،قازانغا تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،ئۇنىڭغا كىشمىش ئۈزۈمنى سېلىپ سەۋزە بىلەن بىللە قاينىتىلىدۇ.سەۋزە پىشقاندىن كىيىن ،ئوتنى پەسلىتىپ ،قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ ،گۈرۈچنى تەكشى سېلىپ بولۇپ،گۈرۈچ چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ >ئادەتتە گۈرۈچنىڭ يۈزىدىن 0.5-1سانتىمىتىر كۆتۈرۈلۈپ تۇرسا مۇۋاپىق <،قازاننى تەكشى قاينىتىپ ،گۈرۈچنى ياخشى پۇشۇرۇپ قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاشنى دەملەش كېرەك.

3.ئالاھىدىلىكى

كۆرۈنىشى چىرايلىق ،تەمى تاتلىق ھەم مىزىلىك بولىدۇ.

يەنە بىرخىل ئۇسۇل:ياغنى داغلاپ پىياز سېلىپ قورۇپ،ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ،تۇز،سۇقۇيۇپ قاينىتىپ،زىرۋەك تەييارلاپ،زىرۋەك پىشقاندىن كىيىن گۈرۈچنى سېلىپ تەكشى قاينىتىپ،ئاشنىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاشنى دەملەشتىن بۇرۇن،چىلاپ تەييارلانغان ئۈزۈمنى سېلىپ دەملەپ پشۇرسىمۇ بولىدۇ.


تالقان تەھرىرلەش

تالقان

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كۈنجۈت 140 گرام، ئاق شېكەر 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 70 گرام، قوي ياكى كالا يېغى (كالىنىڭ يىلىكى بەك ياخشى) 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قازانغا ياغ قۇيۇپ بەش دەرىجە قىزىتىپ، ئۇننى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن كۈنجۈت، ياڭاق مېغىزى، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ ئېلىنىدۇ.

2. قورۇلغان تالقان بۇزۇلمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3. چايغا سېلىپ شىرە چاي قىلىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.


تاۋا باچكا كاۋىپى تەھرىرلەش

تاۋا باچكا كاۋىپى

باچكا بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سوققان زىرە ئازراق، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، لازا ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، ياغ ئازراق.

1. باچكىنى ئۆلتۈرۈپ پاكىزە يۇڭداپ، پۇت، باش ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ يېرىپ، سوغۇق سۇدا پاكىز يۇيۇپ، ئۇنى پىياز سۈيى، زەنجىۋىل سۈيى، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى، تۇز سېلىپ ياسالغان سۇيۇق شىرىگە يېرىم سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. تاۋىغا مەلۇم مىقداردا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، چىلاپ تەييارلانغان باچكىنى سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ داغلاپ، ئۇنىڭغا ئاقمۇچ، زىرە، لازا، تۇز سېلىپ، ئازراق سۇ قۇيۇپ سۈيى باچكىغا سىڭگىچە پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

3. پىشقان باچكىنى لېگەنگە ئېلىپ، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


تاۋا كاۋىپى تەھرىرلەش

تاۋا كاۋىپى

قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.

1. گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزۇلىدۇ.

2. تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

3. پىشقان كاۋاپقا ئازراق شورپا قۇيۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ، شاكال بەدىيان سېلىپ 40 مىنۇت دۈملىنىدۇ.


توخۇ ئاسما كاۋاپ تەھرىرلەش

توخۇ ئاسما كاۋاپ

توخۇ بىر دانە، تۇز مۇۋاپىق، سۇڭپىياز ئىككى تال، كاۋاۋىچىن ئازراق، سامساق بىر باش، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تۇخۇم بىر دانە

1. ئۆلتۈرۈپ، ئادالاپ تەييارلانغان تۇخۇنى زەنجىۋىل سۈيى، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز، سامساق، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.

2. ھۆل پۇرچاق ئۇنى بىلەن تۇخۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياساپ، تىندۇرۇلغان تۇخۇنى شىرىگە چىلاپ، قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، شىرىگە چىلانغان توخۇنى قاماققا ئېلىپ تونۇرغا بىر سائەت ئېسىپ پىشۇرۇلىدۇ.


توشقان كاۋىپى تەھرىرلەش

توشقان كاۋىپى

ياۋا توشقان بىر دانە، قىچا ئازراق، دارچىن مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، سەتەر ئازراق.

توشقاننى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ ئىچ قارنىنى ئېلىپ، گۆشنى پاكىز يۇيۇپ، سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ 2-3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا توغراپ سوقۇلغان دارچىن، سەتەر، قىچا قاتارلىقلارنى سېلىپ يېرىم سائەت دۈملەپ تەملەندۈرۈلىدۇ. كېيىن توشقان گۆشىنى زىخلارغا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ قاقلاپ، پىشاي دېگەندە سوقۇلغان قارىمۇچ، تۇز، زىرە سېپىپ ھەر ئىككى تەرەپنى ئۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

بۇ كاۋاپنى چوڭ - چوڭ پارچىلاپ تونۇرغا ياقسىمۇ، دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.


توم لەڭمەن تەھرىرلەش

توم لەڭمەن

خۇرۇچى: ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، گۆش 175 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، بەسەي 140 گرام، پەمىدۇر ئىككى دانە، سامساق بىر باش، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق.

ئېتىش ئۇسۇلى: بۇ لەڭمەن پىلتە لەڭمەننىڭكىدەك ئوخشاش ئېتىلىدۇ.


تونۇر كاۋاپ تەھرىرلەش

تونۇر كاۋاپ

ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.

1 . قوينى بوغۇزلاپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن قوينى بىر تال ياغاچقا پۈتۈنلەي تىكلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ قوينىڭ بوينى تۇرغان يېرىگە بىر تال مىخ قېقىپ قويۇلىدۇ (بۇ مىخ قوي گۆشىنىڭ ياغاچتىن پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشىنى توساپ تۇرىدۇ).

2. تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوققان زەرچىۋە، زىرە، قارىمۇچ، ئاق ئۇنلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق تۇخۇم شىرىسى ياساپ، ئۇنى گۆشنىڭ يۈزىگە سۈرتۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. تونۇرنى ياخشى قىزىتىپ، چوغلىرىنى ئېلىۋېتىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييارلانغان پۈتۈن قوي گۆشىنى بېشىنى پەس تەرەپكە قىلىپ تونۇرغا تىكلەپ تۇرغۇزۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ ھىم ئېتىپ، بىر يېرىم سائەت تونۇرنىڭ ئىچىدە قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ.

گۆشنىڭ پىشقان ـ پىشمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ باقىدۇ. ئەگەر ياغاچنىڭ گۆشكە ئۆتكۈزۈلگەن يېرى شورغا ئوخشاش ئاق گەز باغلىغان ھەم گۆش ئالتۇن سېرىق رەڭگە كىرگەن بولسا، پىشقان ھېسابلىنىدۇ. قوينىڭ مۆڭگۈزىگە قىزىل لاتا، ئاغزىغا كەرەپشە چىشلىتىپ، غالتەك ھارۋا بىلەن مېھمانلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ.

پىشقان كاۋاپنى پۈتۈن ھالدا ياكى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ 105-140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


توي پولۇسى تەھرىرلەش

توي پولۇسى

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام،پىياز بىر تال،گۆش بىر كلوگرام،تۇز مۇۋاپىق،سەۋزە بىر كلوگرام،زىرە ئازراق،ياغ 280گرام،زەرچىۋە ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.گۆشنى 100گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ،سۇدا قاينىتىپ ،يېرىم پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

سەۋزىنى چوڭ چوڭ قەلەمچە قىلىپ ،پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.گۈرۈچنى پاكىز ئادالاپ ، ئىلمان سۇ بىلەن 3-4قېتىم يۇيۇپ ، ئىسسق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ.

2.باشقا بىر قازانغا 70گرام ياغ قۇيۇپ 6-7دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ،پىيازنى سېىلپ قىزارغىچە قورۇپ،شورپىسىنىڭ بىر قىسمى قۇيۇلىدۇ، ئاندىن سەۋزىنى گۆشنى سېلىپ قاينىتىلىدۇ ۋە سوققان زىرە،تۇز سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.شورپا 500گرام ،گۈرۈچكە 260گرام ھېسابىدا بولىدۇ.

3.گۆش سەۋزە پىشقاندىن كېيىن ،گۆش سۈزۈۋېلىنىدۇ، ئاندىن قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ،قالغان شورپىنىڭ لازىملىق قىسمىنى ئۈستىگە قۇيۇپ پولۇ دەملىنىدۇ.

200گرام ياغنى باشقا بىر قازاندا 6-7دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ ،پولۇنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن لىگەنلەرگە ئۇسۇپ ، ئۈستىگە پىشقان گۆشنى بېسىپ داستىخانغا قۇيۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: پولۇ ياغلىق ،پارقىراق،گۈرۈچى تىرىك يىرىكرەك بولىدۇ.


تۇخۇ گۆشى قۇردىقى تەھرىرلەش

تۇخۇ گۆشى قۇردىقى

ماتېريالى: پاكىز تازىلانغان ياش تۇخۇ گۆشى بىردانە، ياڭيۇ، سۇماي قاتارلىقلار ئىھتىياجغا قاراپ.

تەم تېتىتقۇلىرى: قۇرۇتۇلغان ئۇچلۇق قىزىل لازا، باش پىياز، سامساق. زەنجىۋىل، دارچىن، كاۋاۋىچىن، تۇز، شىكەر، جىياڭيۇ، تېتىتقۇ . . . . . قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا

تەييارلاش ئۇسۇلى: 1-تۇخۇ گۆشىنى 3. 5 سانتىمىتىر چوڭلۇقتا تەكشى پارچە توغراپ، تەييار لايمىز.

2-تازىلانغان ياڭيۇنى 4 سانتىمىتىر چوڭ لۇقتاپارچە توغرايمىز.

3-ساپلىققا 100گىرام ماي قۇيۇپ، بەش گىرام شىكەر سېلىپ، ماينىڭ قىزىشى بىلەن شىكەر قورۇلۇپ، قۇڭۇر رەڭگە كىرگەندە تۇخۇ گۆشىنى سىلىپ چۈمۈچ بىلەن توختىماي ئارىلاشتۇتۇرۇپ (ئۇلۇغ ئوتتا)قورۇيمىز. تۇخۇ گۆشىنىڭ سۇيى قۇرۇشقاندا تەييارلانغان قىزىل لازا، ياڭيو، توغرالغان پىياز، سامساق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، دارچىنلارنى سېلىپ قورۇپ، ياڭيۇ پىشقاندا جىياڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ تەخسىگە ئالىمىز.

4- لەغمەن خېمىرىنى 3سانتا كەڭ لىكتەنىپىز تاسما قىلىپ تارتىپ پۇشۇرۇپ، قورداق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئالاھىدىلىكى: رەڭگى قۇڭۇر قىزىل، پارقىراق، گۆشى يۇمران، تەمى خۇشبۇي، ئاچچىق -چۈچۈك، يىيىشلىك.


تۇخۇم باسقان پولو تەھرىرلەش

تۇخۇم باسقان پولو

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام،ئاقمۇچ مۇۋاپىق،سۇ يېغى 500گرام،پىياز بىر تال،سەۋزە بىر كلوگرام،سوققان زىرە مۇۋاپىق،تۇخۇم ئالتىدىن سەككىزگىچە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

چىلىغان ھۆل پۇرچاق ئۇنى يەنى فۇڭمەنزە،35گرام.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.تۇخۇمنى چېقىپ ،سېرىقنىڭ ئىچىدىكى ئۇرۇقلۇقنى ئېلىۋېتىپ،ئۇنىڭغا تۇز،پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم شىرنىسى ياسىلىدۇ.

2.سەۋزە قەلەمچە،پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.گۈرۈچ پاكىز تازىلانغاندىن كېيىن ئىسسق سۇ بىلەن 3-4قېتىم يۇيۇلىدۇ.

3.قازانغا زىغىر يېغى قۇيۇپ ياخشى داغلاپ،>زىغىر يېغى پەس ئوتتائۇزاق داغلىنىدۇ <،يۈزىدىكى كۆپۈكى يوقۇلۇپ قىپقىزىل رەڭگە كىرگەندە،ياغقا تۇخۇم شىرىسىنى بىر چۈمۈچتىن قۇيۇپ 3-4پارچە تۇخۇم پوشكىلى ياسىلىدۇ.

4.داغلانغان ياغقا پىيازنى سېلىپ داغلاپ،سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ ،كېتەرلىك تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ.سەۋزە قايناۋاتقاندا زىرە ،ئاقمۇچ سېلىنىدۇ. زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشەپ،گۈرۈچ سېلىپ تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.قالغان ئۇسۇللار گۆشلۈك پولو پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ.ئاش پىشىپ لېگەنلەردە ئۇسقاندا ئۈستىگە تۇخۇم پوشكىلىدىن ئىككىدىن بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: پولو پارقىرايدۇ،مەززىلىك ،گۆش بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ.


تۇخۇم پوشكىلى تەھرىرلەش

تۇخۇم پوشكىلى

ئاق ئۇن 70 گرام، ئەبجەش ياغ 175 گرام، تۇخۇم 10 دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن، تۇز، ئېرىتكەن خېمىرتۇرۇچنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن سۇ قۇيۇپ قويۇق شىرە ياساپ، 15 ـ 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تاۋىنى ياكى قازاننى قىزىتىپ ئەبجەش ياغدا داغلاپ، تىندۇرغان شىرىنى ئۆلچەملىك قىلىپ قۇيۇپ، تەكشى يېيىتىپ، ھەر ئىككى يۈزىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


تۇخۇم پۆرىسى تەھرىرلەش

تۇخۇم پۆرىسى

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 105 گرام، تۇخۇم ئالتە دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، كۈدە بىر كىلوگرام، پىششىق سۇ يېغى 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ ئازراق

1. تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغلانغان قازانغا قۇيۇپ، تۆت دانە نېپىز تۇخۇم پۆشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرالغان كۈدە ئارىلاشتۇرۇپ، كاۋاۋىچىن، تۇز، جاڭيۇ، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، چالا بولغاندا 35 گرام خېمىردا ئۇچ زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، قىيما سېلىپ قاتلاپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە ياسىلىدۇ.

3. تەييارلانغان پۆرىنى تاۋىغا ياكى قازانغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


تۇخۇم چۆچۈرىسى تەھرىرلەش

تۇخۇم چۆچۈرىسى

خۇرۇچى: ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇخۇم تۆت دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، كۈدە (جۈسەي) 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، يۇمغاقسۈت ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا پۇرچاق ئۇنى، تۇز، قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تۇخۇم شىرىسى ياسىلىدۇ. قازاننى قىزىتىپ ئازراق ياغ قۇيۇپ قازاننى ياغلاپ، تۇخۇم شىرىسىنى قۇيۇپ، نېپىز تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئاندىن ئۇنى ئۇششاق توغراپ، توغرالغان كۈدە، تۇز، كاۋاۋىچىن ۋە سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تۇخۇم قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. بۇ ئاشنىڭ خېمىرى ئادەتتىكى چۆچۈرە خېمىرىدەك تەييارلىنىدۇ. بىر جىلتقا كىچىك قوشۇقتا يېرىم قوشۇقتىن تۇخۇم قىيمىسى سېلىپ، چۆچۈرە تۈگىلىدۇ.

3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ، تۈگۈلگەن چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا 10 ـ15 مىنۇت سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان چۆچۈرىگە يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ، سۈيى بىلەن چىنىلەرگە ئۇسىلىدۇ.


تۇخۇم سامسىسى تەھرىرلەش

تۇخۇم سامسىسى

ئۇن بىر كىلوگرام، كۈدە 500 گرام، سۇ 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ يېرىم سەر، ياغ 140 گرام، تۇخۇم سەككىز دانە، تۇز مۇۋاپىق.

1. . تۇخۇمنى چېقىپ ئازراق تۇز قۇيۇپ، ياخشى قوچۇپ، قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ. تازىلىغان كۈدىنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىننى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا قورۇپ ئېلىنغان تۇخۇمنى ئۇششاق توغراپ قوشۇپ، تۇخۇم كۈدە قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچ سېلىپ يۇغۇرۇلغان خېمىرنى يېرىم بولدۇرۇپ، بىر سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ جىلت ئېچىپ، تەييارلانغان تۇخۇم كۈدە قىيمىسىنى سېلىپ سامسا تۈگۈپ، دوخاپكىغا سېلىپ 20 - 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.


تۇخۇم قورۇما ئاق بەتتە تەھرىرلەش

تۇخۇم قورۇما ئاق بەتتە

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىركىلوگرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇخۇم بەش دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، ياغ 175 گرام، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن سۈيى ئىككى قوشۇق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۈرۈچ ئاق بەتتە پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ. لازا، پەمىدۇر، سۇڭپىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىغاندا، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان تۇخۇمنى قۇيۇپ، سارغايتىپ، چوڭ تۇخۇم پوشكىلى ياساپ، ئۇنى ئۇششاق پارچىلاپ قويۇلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، سۇڭپىياز سېلىپ قورۇپ، پەمىدۇر، لازا، تۇز سېلىپ يەنە قورۇپ، ئازراق كاۋاۋىچىن سۈيى قۇيۇپ، پارچىلانغان تۇخۇم، ئاق بەتتە سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن ئازراق قىزىق ياغ چېچىپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەخسىلەرگە ئۇسۇلىدۇ.


تۈركىيە كاۋىپى ــ ئادانا كاۋىپى تەھرىرلەش

تۈركىيە كاۋىپى ــ ئادانا كاۋىپى

ئادانا كاۋىپى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بازار ئادانانىڭ ئۆزگىچە كاۋىپى بولۇپ، ئاساسلىقى قوي گۆشى ئىشلىتىلىدۇ.

ئالدى بىلەن سىمىز گۆش ۋە ئورۇق گۆشنى ئايرىۋېلىنىدۇ، ئاندىن ئالاھىدە ياسالغان يايلىق پىچاق بىلەن تەكرار توغرىۋېلىنىدۇ، گۆش ئۇششاق پارچىلانغاندىن كېيىن، سىمىز، ئورۇق گۆش بىر كاللەك قىلىنىپ، ئالدىن تەييارلىنىۋېلىنغان 50 سانتېمىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ، كاۋاپدانغا قويۇپ قاقلىنىدۇ.

ئادانا كاۋىپى مايلىق بولۇپ، تەمى ئاچچىق-چۈچۈك، بۇ كاۋابنى يېگەندە چوقۇم قاقلىغان لازا، پەمىدۇر ۋە قېتىق ئىچىش كېرەك، بولمىسا ياخشى ھەزىم بولماي قالىدۇ.

تۈگۈر (جۇۋاۋا، بەنشىر) تەھرىرلەش

تۈگۈر (جۇۋاۋا، بەنشىر)

ئاق ئۇن 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق گۆش بىر كىلوگرام، جاڭيۇ ئازراق، بەسەي 500 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا 250 گرام.

1. بوشراق، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئەھۋالغا قاراپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قۇرۇق ئۇن سېپىپ، ئۈستىنى قۇرۇق لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن پوزا بىلەن جىلىت ئېچىلىدۇ.

2. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈپ ياكى توغراپ، ئۇنىڭغا شورپا ياكى سۇ قۇيۇپ سىڭدۈرۈپ، ئۇششاق توغرالغان بەسەي (سۈيى سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەن)، جاڭيۇ، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سۇ يېغى سېلىپ ھەممىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

3. ئېچىلغان جىلىتقا بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، پەس ئوتتا 6-5 مىنۇت پىشۇرۇپ، قازان ۋاراقلاپ قايناپ كەتسە، پات - پات سوغۇق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك. بولمىسا جۇۋاۋا ئېزىلىپ كېتىدۇ. پىشقان جۇۋاۋىنى تەخسىگە سۈزۈپ، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە ۋە چوكا قويۇلىدۇ.

بەسەي، جاڭيۇ، سۇ يېغى، سۇ، شورپا دېگەنلەرنى شارائىتقا، ئادىتىگە قاراپ ئىشلەتسە ياكى ئىشلەتمىسىمۇ بولىدۇ. ئائىلىلەردە كۆپىنچە گۆش، پىياز بىلەنلا ئېتىلىدۇ.


جىرىس نان تەھرىرلەش

جىرىس نان

جىرىس (دوۋەز) بەش كىلوگرام، پىياز 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام.

1. ئاق ئۇننى تاسقاپ ئېشىپ قالغان كېپەك ئارىلاش ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ئوتتۇراھال خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا 140 رام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 5 ـ10 مىنۇت تىندۇرۇپ، گىرۋىكىنى بىر سانتىمېتىر، ئوتتۇرىسىنى يېرىم سانتىمېتىر قىلىپ نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ.

2. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننىڭ يۈزىگە پىياز سۈرتۈپ، ناننىڭ كەينىگە تۇز ئۇرۇپ، ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


جىگىدەكلىك يوتازا تەھرىرلەش

جىگىدەكلىك يوتازا

ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، شولتا ئازراق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جىگىردەك بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، ياش خېمىرتۇرۇچ 500 گرام.

خېمىرنى باشقا يوتازىنىڭكىدەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، شولتا بېرىپ تىندۇرغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، يۈزىگە ئۇششاق چانالغان جىگىردەك، پىياز، تۇز، قارىمۇچ سۈرتىلىدۇ، باشقا ئۇسۇللىرى يۇقىرىقى يوتازىلارنى ئېتىشكە ئوخشاش.


جىگىردەكلىك نان تەھرىرلەش

جىگىردەكلىك نان

ئۇن بەش كىلوگرام، جىگىردەك 500 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.

1. بولاق خېمىر يۇغۇرۇپ بىر سائەت يېتىلدۈرگەندىن كېيىن، جىگىردەكنى ئۇششاق چاناپ خېمىرغا ئارىلاشتۇرۇپ چەيلەپ، 500 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ پەشخونغا قويۇپ، قىرغىقىنى تومراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ نان ياساپ، ئوتتۇرسىغا چەككۈچ چېكىپ قويۇلىدۇ.

2. تونۇرنى ئادەتتىكىچە تەييارلاپ، تەييارلانغان ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز ياكى سۇ بىلەن ھۆل قىلىپ ياققاندىن كېيىن ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، 20 - 15 مىنۇت خۇيلاپ خۇي يەتكەندىن كېيىن داپخاننى بوش ئېچىپ، ناننىڭ يۈزىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


جۆۋەندە نان تەھرىرلەش

جۆۋەندە نان

بۇغدا ئۇنى، قوناق ئۇنى، سۈت، پىياز. مۇۋاپىق مىقداردا.

1. خېمىرتۇرۇچنى ئىلمان سۈت ياكى سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن، بۇغداي ئۇنى بىلەن قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر بولغاندا ياخشى ئىشلەپ، 280 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قېلىنراق قىلىپ نان ئېچىپ، يۈزىگە پىچاقتا سىزىقچە ئۇرۇپ، ئۇششاق توغرالغان پىيازنى سۈركەپ تەييارلىنىدۇ.

2. قىزىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييار ناننى تونۇرغا يېقىپ 30 مىنۇت دۈملەپ قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلىدۇ.


چاي تۇخۇم تەھرىرلەش

چاي تۇخۇم

ماتېرىياللىرى: تۇخۇم 10 دانە، خۇش پۇراق چاي ئىككى گرام، كاۋاۋىچىن، قوۋزاقدارچىن، قەلەمپۇر، قاقىلە قاتارلىقلاردىن بەش گرامدىن.

  ئېتىش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى قازانغا سېلىپ، بەش - ئالتە مىنۇت قاينىتىۋېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقاپ، شاكىلىنى يەڭگىل ئۇرۇپ چاقىمىز (ئىچىگە چاي سىڭىپ كىرگۈدەك قىلىمىز )، ئاندىن يۇقىرىقى دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ قېنىق چاي دەملەيمىز. چېقىلغان تۇخۇملارنى دەملەنگەن چايغا سېلىپ باشتا كۈچلۈك ئوتتا، كېيىن بوش ئوتتا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىۋېلىپ سوۋۇغاندا ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

تۇخۇمنى چايدا بەك ئۇزۇن قاينىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورا - دەرمەكلەر بىلەن خۇشىڭىز بولمىسا خاس چاي، تۇز سېلىپ پىشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.


چاۋا مانتىسى تەھرىرلەش

چاۋا مانتىسى

چاۋا ياغنىڭ نېپىز قىسمى 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، قارا گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز 220 گرام.

1. قوينىڭ ياكى كالىنىڭ قارا گۆشىنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، تۇز قوشۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. قوينىڭ چاۋا يېغىنىڭ نېپىز قىسمىنى قايناق سۇغا بېسىپ خام تەمىنى چىقىرىۋېتىپ، ئاش تاختىغا يېيىپ، بىر يېرىم سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ يۈزىگە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سۈركەپ، بىر قوشۇقتىن قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، چاك يېرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ، لېگەنگە تىزىپ ۋە چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ قاسقانغا سېلىپ 30 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.


چوڭ پىلتىلىك يوتازا تەھرىرلەش

چوڭ پىلتىلىك يوتازا

ئاق ئۇن ئىككى يېرىم كىلوگرام، شولتا ئازراق، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق، كۆيدۈرگەن قوي يېغى بىر كىلوگرام، ياش خېمىرتۇرۇچ بىر كىلوگرام، سۇ يىغى 105 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئىلمان سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ 40 مىنۇتتەك ۋاقىت بولدۇرۇپ (بولدۇرۇش ۋاقتى خېمىرتۇرۇچنىڭ مىقدارى، ھاۋا كىلىماتىغا باغلىق)، بارلىق خېمىرنى تۆت بۆلەككە بۆلۈپ، سۇ يېغى بىلەن ياغلاپ بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تىنغان خېمىردىن بىر پارچە خېمىرنى ئاشتاختىغا قويۇپ نېپىز يېيىپ، يۈزىگە بىر جىڭ ياغ، تۇز، كاۋاۋىچىن سۈرتۈپ، خېمىرنىڭ بىر چېتىدىن سوزۇپ يەنە نېپىزلىتىپ، شۇ تەرەپتىن تارتىپ ئۇزۇنچاق پىلتە ياسىلىدۇ. قالغان خېمىرمۇ يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىنىدۇ.

3. بۇ پىلتىلارنى تارتىپ ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان 35 گرام چوڭلۇقتىكى كىچىك سوقىچاق پىلتە قىلىپ ئۈزۈپ، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ 302 قېتىم ئېشىپ (تولغاپ) مۇنار شەكلىدە قىلىپ يوتازا تۈگىمىز ۋە ئۈستىدىن بوش بېسىپ قويۇلىدۇ.

4. يوتازىلار تارتىلىپ بولغاندا قاسقانغا تىزىپ، تېز ئوتتا 25 - 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.


چۆچۈرە تەھرىرلەش

چۆچۈرە

خۇرۇچى: ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۆڭەكلىك قوي گۆشى 500 گرام، زىرە ئازراق، پىياز ئۈچ باش، قارىمۇچ ئازراق، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە ئازراق، پەمىدۇر ئىككى دانە، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇڭپىياز بىر تال.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. گۆشنى شىلىپ ئۇششاق توغراپ، پىيازنى چاناپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ۋە ئازراق سۇ ياكى شورپا ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار لىنىدۇ.

2. خېمىرنىڭ تۇزىنى كۈچلۈكرەك قىلىپ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىر چوڭلۇقتا جىلت كېسىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە ئاز - ئازدىن قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى قاينىتىپ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، پەمىدۇر، تۇز سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا چۆچۈرىنى سېلىپ، قايناپ چىققاندا قۇيرۇق ياغنى ئۇششاق توغراپ سالىدۇ. چۆچۈرە لەيلەپ چىققاندا ئوتنى پەسلىتىپ، 3 ـ5 مىنۇت پىشۇرۇپ، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېلىپ چۆچۈرىنى شورپىسى بىلەن چىنىگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


چەلپەك تەھرىرلەش

چەلپەك

ئاق ئۇن 500 گرام، ئەبجەش ياغ 140 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، سۇ 750 گرام، كۈدە 70 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قاچىدىكى ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ تۇز، خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كۈدە سېلىپ، سۇ قۇيۇپ قوچۇپ، سۇيۇق شىرە ياساپ 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. قىزىغان تاۋا ياكى قازاننى ياغلاپ، تىنغان سۇيۇق شىرىنى بىر چۆمۈچ - بىر چۆمۈچتىن قۇيۇپ تاۋىنى ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر چۆمۈچ شىرىدە بىر تالدىن چەلپەك ياساپ، سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


خوشاڭ (گۆش بۇستۇق) تەھرىرلەش

خوشاڭ(گۆش بۇستۇق)

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 220 گرام، سودا مۇۋاپىق، لوق گۆش 750 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، سۇ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، شورپا ياكى ئىلمان سۇ مۇۋاپىق مىقداردا، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. 500گرام ئۇندا ياغلىق خېمىر، يەنە بىر جىڭ ئۇندا سۇدا يۇغۇرۇلغان خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، ئىككى خېمىرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، بولاق مانتىنىڭكىدەك جىلت ئېچىلىدۇ.

2. قوي گۆشىنى ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز، شورپا ياكى سۇ، داغلانغان سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تەييارلانغان جىلتلارغا قىيما سېلىپ ئاستى - ئۈستىدە ئوت بار قىزىق تاۋىغا ياكى قازانغا تىزىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا ھەر ئىككى تەرەپنى تەكشى پىشۇرۇش كېرەك.


خوشاڭ(شېكەر بۇستۇق) تەھرىرلەش

خوشاڭ(شېكەر بۇستۇق)

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، دۈمبە ياغ 70 گرام، ئاق شېكەر 200 گرام، سودا مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 280 گرام، سۇ يېغى ئازراق، ياڭاق مېغىزى 140 گرام، سۇ 500 گرام، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئازراق، خېمىر تۇرۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، شاۋجاۋ سۈيى 68. 4 گرام، كۆك، قىزىل رەڭ (تاماققا ئىشلىتىدىغان رەڭ) ھەر قايسىسىدىن ئازراق.

1. ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغنى قول كۆيگۈدەك قىزىق سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇن سېلىپ خېمىرتۇرۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ تۇزسىزراق خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق جايدا قويۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن، ئېرىتىلگەن سودانى بېرىپ ئىشلەپ، يەنە بەش مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىرنى يېيىپ نېپىزلىتىپ، قوي يېغى سۈرتۈپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ پىلتە ياساپ، كىچىك - كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

2. دۈمبە ياغنى ئۇزۇن، ئىنچىكە قىلىپ توغراپ، شېكەر كۆك، قىزىل رەڭ، ئېزىلگەن ياڭاق مېغىزى، بانان سۈيى، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئارىلاشتۇرۇپ شېكەرلىك قىيما ياسىلىدۇ.

3. زوۋۇلىنى قول بىلەن بېسىپ كاۋاك قىلىپ، شېكەرلىك قىيما سېلىپ مانتا تۈگۈپ، ئاستى - ئۈستىدە ئوت بار (ئۈستىنىڭ ئوتى كۈچلۈك) تاۋىنى ياغلاپ، تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى تىزىپ سېلىپ، ياپقۇچنى يېپىپ بەش مىنۇت قويۇپ، بىر قېتىم ئۆرۈپ، چوتكا بىلەن يۈزىگە ياغ سۈركەپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

تۈگۈلگەن شېكەر مانتىنى كىچىك تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ، پەس ئوتتا سارغايتىپ، 20 - 15 مىنۇت پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.


خۇيلىما خوشاڭ تەھرىرلەش

خۇيلىما خوشاڭ

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 200 گرام، لوق گۆش 750 گرام، سودا مۇۋاپىق، پىياز 500 گرام، خېمىر تۇرۇچ ئازراق، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، شورپا ياكى سۇ ئىلمان مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئۇنغا تۇز، سۇ قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 5. 1 ـ1 سائەت ئەتراپىدا بولدۇرۇپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زوۋۇلا ئۈزۈپ بولاق مانتىنىڭكىدەك جىلتا ئېچىلىدۇ.

2. قوي گۆشىنى ئۇششاق توغراپ، ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان كاۋاۋىچىن، تۇز، شورپا ياكى سۇ، داغلانغان سۇ يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ، ئاندىن تەييارلانغان جىلتىلارغا قىيما سېلىپ تۈگۈپ، تاۋا ياكى قازاندىكى ياغدا داغلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن تاۋا ياكى قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ تۇز تەمىنى تەڭشەپ، پەسرەك ئوتتا 20 - 15 مىنۇت خويلىنىدۇ. پىشقاندىن كېيىن لېگەن ياكى تەخسىلەردە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

خۇيلىغاندا تاۋا ياكى قازاننىڭ سۈيى تۈگەپ كۆيۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. بولمىسا خوشاڭ كۆيۈپ كېتىدۇ.


خۇيلىما زىخ كاۋاپ تەھرىرلەش

خۇيلىما زىخ كاۋاپ

لوق گۆش ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قوينىڭ ئېرىتمىگەن يېغى 140 گرام، پىياز سۈيى بىر پىيالە، تۇز مۇۋاپىق، زىرە مۇۋاپىق، تۇخۇم تۆت دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق

1. گۆشنى سۆڭىكى بىلەن سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا، ياغنى چوڭ - چوڭ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، قارىمۇچ، پىياز سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ بىر سائەت تىندۇرۇلىدۇ.

2. چوكىدەك ئۇزۇنلۇقتىكى ياغاچ زىخ تەييارلاپ ئۇنىڭغا تىندۇرغان گۆشنى تۆت تال گۆش، ئىككى تال ياغ، بەش تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە تەييارلىنىدۇ.

4. قىزىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تونۇرنىڭ داپخانلىرىنى ئېتىپ، تەييارلانغان گۆشنى سۇيۇق شىرىگە چىلاپ، تونۇرنىڭ تېگىگە تەكشى تىكلەپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىپ، يېرىم سائەت خۇيلاپ پىشۇرۇلىدۇ.


دامان نان تەھرىرلەش

دامان نان

ئالىي ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۇ ئىككى كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. خېمىر يۇغۇرۇش، نان راسلاش گىردە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. خالىسا ناننىڭ يۈزىگە پىچاق ياكى مەخسۇس تاغاق بىلەن گۈل چىقارسىمۇ بولىدۇ.

2. تونۇرغا يېقىش، پىشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ گىردە ناننىڭكىدەك بولىدۇ.


دۈمبە - جىگەر كاۋاپ تەھرىرلەش

دۈمبە - جىگەر كاۋاپ

جىگەر 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، دۈمبە ياغ (قۇيرۇق ياغ) 500 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، لازا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق.

1. جىگەر ۋە دۈمبە ياغنى چوڭ بارماقتەك چوڭلۇقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنى تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ ياسالغان تۇخۇم شىرىسىگە 10 مىنۇت چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. چىلانغان دۈمبە - جىگەرنى ھەر بىر زىخقا بىر تال جىگەر، بىر تال دۈمبە ياغ قىلىپ 5-6 تالدىن ئۆتكۈزۈپ، كاۋاپدانغا قويۇپ «زىخ كاۋاپ» پىشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە پىشۇر ۇلىدۇ. بۇ كاۋاپنى دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.


دۈملىمە كاۋاپ تەھرىرلەش

دۈملىمە كاۋاپ

سۆڭەكلىك قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پالەك تۆت تال، سۇڭپىياز ئۈچ تال، جاڭيۇ ئازراق، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، ھۆل پۇرچاق مۇۋاپىق مىقداردا، قارىمۇچ ئازراق.

1. قوينىڭ تۆش ياكى قوۋۇرغا گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن قوشۇپ سەرەڭگە قېپىچىلىك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، زىرە، قارىمۇچ، تۇز، جاڭيۇ، پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، چوڭ چىنە ياكى قاچىغا رەتلىك تىزىپ، ئۈستىگە تۆت تال پالەكنى سېلىپ قاچىنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ قويۇلىدۇ.

2. چوڭراق قازانغا سۇ قۇيۇپ، قاينىغاندا، گۆش سېلىنغان قاچىنى قازاندىكى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ ئىككى سائەت پىشۇرۇلىدۇ (سۇ قاينىغاندا، سۇ قاچىغا كىرىپ كەتمەيدىغان بولۇش كېرەك). بۇ ئۇسۇل قاسقاندا پىشۇرغانغا ئوخشىمايدۇ.

3. پىشقان كاۋاپنى قازاندىن ئېلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ تەخسىگە دۈم كۆمتۈرۈپ (ئۈستىگە سېلىنغان پالەك ئاستىغا، گۆشلەر ئۈستىگە چۈشۈش كېرەك)، داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


زاغرا نان تەھرىرلەش

زاغرا نان

قوناق ئۇنى بەش كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئاق ئۇن 500 گرام، ئاش كاۋىسى بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام.

1. قوناق ئۇنىغا تۇز قۇيۇپ، قىزىق سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر سوۋۇغاندا خېمىرتۇرۇچ، ئۇششاق توغرالغان كاۋا ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەت قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن 140-200 سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇندا قۇرغۇنلاپ، ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا نان ياساپ، يۈزىگە پىچاق ياكى تۈكچە بىلەن چاپراس بەلگە ئۇرۇلىدۇ.

2. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىپ جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ.

بۇ ناننى جەنۇبىي شىنجاڭدا سۇ ۋە تۇز بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىرنى بولدۇرمايمۇ ياقىدۇ.


زاڭ تەھرىرلەش

زاڭ

گۆش 500 گرام، قۇرۇق لازا بىر تال، يېسىۋىلەك (بەسەي) 140 گرام، كەرەپشە (چىڭسەي) ئازراق، قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ياغ 35 گرام، سامساق ئىككى باش، تۇرۇپ 140 گرام، ئاچچىقسۇ 35 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ، قوناق ئۇنىنى چېلىپ، ئۇزۇن قاينىتىلىدۇ. ئاشنىڭ ياخشى پىشىشى ئۈچۈن، تۇز تەمى تەڭشەلگەن قايناق سۇدىن بىر نەچچە قېتىم قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا دۈملەپ پىشۇرۇپ قاچىلارغا ئېلىنىدۇ.

2. گۆشنى ياپىلاق، بەسەينى تۆت چاسا، تۇرۇپنى ئۈچ بۇرجەك، كەرەپشىنى (چىڭسەينى) قىسقا - قىسقا، پەمىدۇرنى ئۇششاق، سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى شەكلىدە، سامساق، لازا ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاندىن ئايرىم قازاندا قورۇما قورۇش تەرتىپى بويىچە قورۇمىلار قورۇلىدۇ. لېكىن قورۇما سۇلۇق بولۇشى كېرەك.

قاچىغا ئېلىپ سوۋۇتۇلغان زاڭنىڭ ئۈستىگە شورپىلىق قورۇمىدىن ئۇسۇپ يېيىلىدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.


زىخ كاۋىپى تەھرىرلەش

زىخ كاۋىپى

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.

1. ياغ بىلەن گۆشنى باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆ مۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە (500 گرام گۆش 10 زىخقا ئۆتكۈزۈلسە مۇۋاپىق) بولىدۇ.

2. كاۋاپدانغا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى ئۆرۈپ يەنە تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.


سالات تەھرىرلەش

ماتىريالى؛قىزىل ئالما2دانە، بانان3دانە، ئاپلىسىن2دانە، تاۋۇز، ۋە ئۇزىڭىز ياقتۇرىدىغان مىۋە-چىۋىلەر

تەم خۇرۇچلىرى؛سۇزمە(قېتىق)بولسىمۇ بۇلىدۇ .

تەييارلاش؛مىۋە-چىۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ ئاقلاپ تەييارلاپ ئۇرۇك چوڭلىقىدا قىيپاچ توغراپ تەييارلايمىز.

شېكەر، سۇزمە، قاتارلىق مەسلەن؛ئاپلىسىن قىيامى، سالات كانسىرۋاسى، قۇشۇپ تەييارلاپ ئستىمال قىلىمىز.


سامبۇسا تەھرىرلەش

سامبۇسا

ئۇن ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سۇ بىر كىلوگرام، پىششىق گۈرۈچ 70رام، گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز بىر كىلوگرام، سودا ئازراق، قارىمۇچ مۇۋاپىق، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام(خورايدىغىنى 140 گرام).

1. ئېرىتكەن سودا، تۇز، تۇخۇمنى ئىلمان سۇغا سېلىپ تەڭشەپ، ئۇن بىلەن شۇ سۇدا خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرامدىن خېمىردا تۆتتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن جىلت ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.

2. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ياغدا قورۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا پىششىق گۈرۈچنى سېلىپ پىششىق قىيما ياسايمىز.

3. تەييارلانغان جىلتقا پىششىق قىيمىدىن سېلىپ خېمىرنى پۈكلەپ يېرىم ئاي شەكلىدە تۈگۈپ، قىيىقچا كېسىدىغان مەخسۇس ئەسۋابتا قىرغىقىغا گۈل چىقىرىپ سامبۇسا تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. (گۈل چىقارمىسىمۇ بولىدۇ).

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ، قىزىتىپ، تۈگۈلگەن سامبۇسىنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


سامسا تەھرىرلەش

سامسا

ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، لوق گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قۇيرۇق ياغ 175 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، پىياز بىر كىلوگرام، سۇ 750 گرام (خېمىرغا 500 گرام، قىيمىغا يېرىم جىڭ سۇ كېتىدۇ).

1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، يېرىم جىڭ ئىلمان سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سۇ يېدۈرۈپ، ئۇنى ئۇششاق توغرالغان دۈمبە ياغ، پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچ، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.

2. قۇۋۋەتسىز تۇز سۈيىدە پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، 15 ـ 20 مىنۇت تىندۈرۈلىدۇ. ئاندىن 20 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، پوزا بىلەن ئېچىپ، ھەربىر جىلتقا قىيما سېلىپ، ئۇزۇنچاق، تۆت بۇرجەك ياكى بەش بۇرجەك قىلىپ سامسا تۈگۈلىدۇ.

3. قىزىتقان تونۇرنىڭ داپخانىسىنى ئېتىپ، تونۇرنىڭ يۈزىگە تۇز سۈيى سېپىپ، ئوتنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ كۆمۈپ، ھاۋىسىنى تەڭشىلىدۇ. تۈگۈلگەن سامسىنىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، سامسىنىڭ تۈگۈلگەن تەرىپىنى تونۇرغا يېقىپ، ئۈستىگە يەنە ئازراق سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ 10 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ، سامىسىنىڭ يۈزى سارغايغىچە پىشۇرۇلىدۇ. خۇيلىماي ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قۇمۇرۇلغىنى شاكال سامسا ياكى بىر ئوتلۇق سامسا بولىدۇ.

بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدۇر.


ساڭزا تەھرىرلەش

ساڭزا

ئاق ئۇن 175 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام، سۇ يېغى (چۈچۈك) 200 گرام، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.

1. پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، پىياز بىلەن كاۋاۋىچىننى سۈزۈۋېتىپ، سۇيىنى سوۋۇتىلىدۇ (كاۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). 175 گرام ياغ داغلاپ ئۇنىمۇ سوۋۇىتىلىدۇ.

2. سوۋۇتۇلغان پىياز، كاۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز، داغلاپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ، ئۇن سېلىپ قاتتىقراق قىلىپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن 35 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى - ئۈستىلەپ تىزىپ، ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15 - 20 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ (تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى، تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق - يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق).

3. تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۆشۈك ئېچىپ، خېمىرنى ئىككى قولىنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملۇقىدەك بولغاندا، ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر قىلىپ كالۋىلاپ، ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغا ئېلىپ، 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شوڭغۇتۇپ سەل قاتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا، بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ، چوكىنى تارتىۋالىدۇ.

ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بولىدۇ. پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشىلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك.

ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بولۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ساڭزىنىڭ ئىچى خام، تېشى كۆيۈك چىقىدۇ (ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى پوشكال سېلىپ كۆرۈش لازىم. ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا، پوشكال چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ).


سوقما كاۋاپ تەھرىرلەش

سوقما كاۋاپ

خۇرۇچى: قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئىككى مىسقال.

ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى چوڭ - چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، ھەربىر پارچىسىنى قىڭراقنىڭ ئارقىسى بىلەن بوش - بوش ئۇرۇپ، يۇمشاتقاندىن كېيىن، سىرلانغان قاچىغا ياكى چېنە قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئۇن، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ ۋە ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەرچىۋىلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، 1-2 سائەتكىچە باستۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2. گۆشنى بىر زىخقا ئۈچ پارچىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەييارلانغان كاۋاپدانغا قويۇپ، ھەر ئىككى تەرىپىگە زىرە، لازا سېپىپ تەكشى قىزارتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كاۋاپنى زىختىن ئېلىپ قەلەمچە توغراپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ.


سۆك شويلىسى تەھرىرلەش

سۆك شويلىسى

خۇرۇچى

سۆك 500 گرام، پىياز بىر باش، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، پەمىدۇر ئىككى تال، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ياكى سېرىقماي 175 گرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سەۋزە 250 گرام، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.


ئېتىش ئۇسۇلى

1. سۈيىنى شويلا پىشۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە تەييارلاپ، سۇنى كەمرەك قۇيۇپ، پەمىدۇر، زىرە سېلىپ، گۈرۈچ ئورنىغا پاكىز يۇيۇلغان سۆكنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ. 

2. پىشقان سۆك شويلىسىغا يۇمغاقسۈت سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ. 

بۇ ئاشقا كېتىدىغان سۇ ئورنىغا سۈت قۇيسىمۇ بولىدۇ. بۇ سۆك بوتقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


سۈتلۈك پولۇ تەھرىرلەش

سۈتلۈك پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام، پىياز بىر تال، سۈت بىر كلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 200گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇرۇپ بىر كلوگرام، سۇ 500گرام.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. سۈتنى قاينىتىپ قۇيىمىز، پىيازنى يالپاق، تۇرۇپ قۇناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى 3-4 قېتىم يۇيۇپ ئىسسق سۇغا چىلاپ قۇيۇلىدۇ.

2. ياغ 7-8 دەرىجە قىزىغاندا پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، تۇرۇپنى سېلىپ بوش قورۇپ، زىرە تۇزنى سېلىپ ۋە 500گرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ، تۇرۇپ پىشقاندا گۈرۈچنى سېلىپ گۈرۈچ سۈيى تارتىلغاندا، قايناتقان سۈتنى قۇيۇپ ئاشنى دەملەپ پشۇرىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: ئاش شىرنىلىك، رەڭگى ئاق بولىدۇ. لىگەنگە سۈت يىغىلىدۇ.


سۈتلۈك شويلا تەھرىرلەش

سۈتلۈك شويلا

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى ئىككى قوشۇق، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، ئاق شېكەر مۇۋاپىق.


ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۈرۈچنى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇيۇپ، قازانغا بىر كىلوگرامدەك سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندا گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. 

2. گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن سۈتنىڭ گۈرۈچكە سىڭىش ئەھۋالىغا قاراپ بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ سۈت قۇيۇلىدۇ. ئاش داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. گۈرۈچ ئېچىلىپ سۈتنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئوتنى پەسەيتىپ ئاش 6-5 مىنۇت دەم

يېگۈزۈلىدۇ. 

3. تەييار بولغان تاماققا قوي يېغىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنگە ئۇسۇپ، ئاشنىڭ يۈزىگە ئازراق ئاق شېكەر سېپىپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.


سېرىقماي پولۇسى تەھرىرلەش

سېرىقماي پولۇسى

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام، سەۋزە بىر كلوگرام، گۆش بىر كلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سېرىقماي 500گرام، زەرچىۋە ئازراق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۆشنى 140گرام چوڭلۇقتا توغراپ، قايناۋاتقان تۇزلۇقراق سۇغا سېلىپ، 1. -1. 5سائەت قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.

2. سەۋزىنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، قازاندىكى شورپىغا سېلىپ، يېرىم پىشقىچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن پاكىز تازىلاپ يۇيۇلغان گۈرۈچنى شورپىغا سېلىپ، ئوتنى تېزلىتىپ، گۈرۈچ شورپىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگىچە پىشۇرۇلىدۇ، شورپا 500گرام، گۈرۈچقا 240گرام ھېسابىدا بولىدۇ.

3. باشقا بىر قازاندا سېرىق ماينى ئېرىتىپ، ئاشنىڭ يۈزىگە قۇيۇپ، ئاشنى 30-40مىنۇت دۈملەيمىز.

4. پولۇنى لىگەنگە ئالغاندا تۇزلۇق سۇدا پۇشۇرۇلغان گۆشنى ئۈستىگە بېسىپ داستىخانغا قۇيۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: ئاش پارقىراق، سېرىقماي تەمى كۈچلۈك ھەم يېيىشلىك بولىدۇ.


سېرىقماي يوتازىسى تەھرىرلەش

سېرىقماي يوتازىسى

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ياش خېمىرتۇرۇچ 170 گرام، سېرىقماي 170 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ 500 گرام، ئالىيېشىل رەڭ ئازراق، شولتا ئازراق.

خېمىرنى باشقا يوتازىنىڭكىدەك قىلىپ، يۇغۇرۇپ، بولدۇرغاندىن كېيىن شولتا بېرىپ تىندۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، يۈزىگە سېرىقماي، تۇز، ئالىيېشىل رەڭ سۈركىلىدۇ. قالغان ئۇسۇللىرى يۇقىرىقى يوتازىلارغا ئوخشايدۇ.

لېكىن بۇ يوتازىنى تۈگكەندە يېغى ئېقىپ كەتمەيدىغان قىلىپ تۈگۈش كېرەك.


سەپەر توقۇچى تەھرىرلەش

سەپەر توقۇچى

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۈت بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى (ئەبجەش ياغ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) 500 گرام.

1. خېمىرنى خۇددى ياغلىق توقاچ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، 70 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ توم - توم قىلىپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش توقاچ ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

2. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى نورمال قىلىپ تەڭشەپ، توقاچلارنى تونۇرغا يېپىپ 25 - 20 مىنۇت خۇيلاپ، قاتتىقراق قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلىدۇ.


شادى پولۇ تەھرىرلەش

شادى پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كىلوگرام، سەۋزە 500 گرام، سۇ يېغى 105 گرام، پىياز بىر تال، پوستومبا 250 گرام، زىرە مۇۋاپىق، جىگەر 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. پوستۇمبا بىلەن جىگەرنى كېپەكتەك ئۇششاق چاناپ، پىيازنى يالپاق، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىنىدۇ. 

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7 دەرىجە قىزىتىپ، پوستۇمبا، جىگەر، پىيازنى سېلىپ قورۇغاندىن كېيىن، سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇلىدۇ. خۇرۇچلار سارغىيىپ پىشقاندا تۇز، سۇ قۇيۇپ

20 ـ 15 مىنۇت قاينىتىپ، يۇيۇلغان گۈرۈچنى سېلىپ، ئاش دەم يېگەندىن كېيىن زىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: يېغى كەمرەك گۈرۈچى يۇمشاق سىڭىشلىك بولىدۇ


شويلا تەھرىرلەش

شويلا

خۇرۇچى

گۈرۈچ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، ياغ 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق، پەمىدۇر چوڭ - چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ. گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا 3-2 قېتىم يۇ

يۇلىدۇ 

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ داغلاپ، گۆشنى سېلىپ قىزارغىچە قورۇلىدۇ، كېيىن پىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، پەمىدۇرنى، سەۋزىنى سېلىپ قورۇپ، تۇز ۋە سۇ قۇيۇپ قاينىتىلىدۇ. زىرە، كاۋاۋىچىن ۋە زەنجىۋىل سۈيىنى سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، گۈرۈچنى سېلىپ تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر سۇ يېتىشمىسە يەنە

قايناق سۇ قۇيۇشقا بولىدۇ. ئاشنىڭ سۈيى تۈگەپ گۈرۈچمۇ پىشقاندا، ئوت 15-10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 

3. ئاش تەييار بولغاندا لېگەنگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە يۇمغاقسۈت سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


شوۋىگۈرۈچ تەھرىرلەش

شوۋىگۈرۈچ

خۇرۇچى

قوينىڭ لوق گۆشى 140 گرام، سەۋزە ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ ئازراق، گۈرۈچ 140 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، يۇمغاقسۈت ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. قوي گۆشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يىغىلغان كۆپۈكلىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۈرۈچ، كاۋاۋىچىن سېلىپ، تۇز قۇيۇپ قاينىتىپ، گۈرۈچ ئېتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق چانالغان پىياز، پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.

2. پىشقان شوۋىگۈرۈچىنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، ئۈستىگە چانالغان يۇمغاقسۈتنى، قارىمۇچنى سېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


شىرمەننان تەھرىرلەش

شىرمەننان

ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، سۇ بىر كىلوگرام، نوقۇت 175 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كېپەك 2 - 5. 1 كىلوگرام، يېتىلگەن پاگىر 500 گرام.

1. يېتىلگەن پاگىرنى خېمىرتۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 500 گراملىقتىن قىلىپ زوۋۇلا ئۈزۈپ، ھەربىر زوۋۇلىنى گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ نان ياساپ، ناننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ سېلىپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى مەخسۇس چەككۈچ بىلەن گۈل چېكىپ تەييارلىنىدۇ.

2. قىزىغان تونۇرنىڭ ئوتىنى يىغىپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا تۇز سېپىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان ناننى يېقىپ پىشۇ رۇلىدۇ.


شىرنە ھالۋىسى تەھرىرلەش

شىرنە ھالۋىسى

ئاق ئۇن 70 گرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 200 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 500 گرام، قايناق سۇ 500 گرام.

1. ئۈزۈم شىرنىسى (شىنە)نى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇقلاندۇرىلىدۇ.

2. ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى قازانغا سېلىپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ، ياغنى داغلاپ، كېيىن ياغنىڭ دەرىجىسىنى 4-3 دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، ئۇننى سېلىپ سارغايتىپ قورۇلىدۇ.

3. ياغدا قورۇۋاتقان ئۇنغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۈزۈم شىرنىسىنى قۇيۇپ، تېز - تېز قوچۇپ، ياغ، ئۇن، شىرنە تازا قىيام بولغاندا ئوتنى پەسەيتىپ، بەش مىنۇت دۈملەپ، كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


شىرى كاۋاپ تەھرىرلەش

شىرى كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، تۇخۇم بەش دانە، تۇز مۇۋاپىق، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، سوققان لازا ئازراق.

1. گۆش زىخ كاۋاپنىڭكىدەك توغرىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئىككى تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز سېلىپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر تال زىخقا بەش تال گۆش ئۆتكۈزۇلىدۇ.

2. قالغان تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇن، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، سۇيۇق شىرە ياسىلىدۇ. ئاندىن زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا قويۇشتىن بۇرۇن تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ كاۋاپدانغا قويۇپ، خۇددى زىخ كاۋىپىنى پىشۇرغاندەك پىشۇرۇلىدۇ.

دىققەت: ① دورا - دەرمەكلەرنىڭ سېلىنىشى مۇۋاپىق بولۇشى لازىم. زىرە كاۋاپ پىشاي دېگەندە سېپىلسە مۇۋاپىق؛

② بۇ كاۋاپنىڭ گۆشى شىرىگە چىلانغاچقا، ئوتنى ئىتتىكلەتمەي پىشۇرۇش كېرەك. ئوت ئىتتىك بولسا، تېشى پىشىپ، ئىچى خام قالىدۇ؛

③ ئاق ئۇن ئورنىغا قوناق ئۇنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.


شېكەر مانتا تەھرىرلەش

شېكەر مانتا

ئاق ئۇن 500 گرام، ياڭاق مېغىزى 175 گرام، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، تۇز ئازغىنە، ئاق شېكەر 175 گرام، شۇلتا ئازراق

1. ياڭاق مېغىزىنى قۇرۇق قورۇپ، بىر قەۋەت پوستىنى چىقىرىۋېتىپ، بۇغدايدەك چوڭلۇقتا يانجىپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان قۇيرۇق ياغ، شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرنى يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، جىلىت ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى بولاق مانتىنىڭكىدەك بولىدۇ. جىلىتقا ياڭاق قىيمىسىدىن سېلىپ، سوقىچاقراق ياكى ئۈچ بۇرجەك مانتا تۈگۈپ، قاسقانغا سېلىپ، تېز ئوتتا 25 ـ 20 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان مانتا لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىنىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ھەربىر كىشىگە بىردىن كىچىك تەخسە بېرىلىدۇ.

شېكەر مانتىنىڭ قىيمىسىغا ئۇرۇقى يوق ئۈزۈمنى پاكىز يۇيۇپ، ئازراق سوقۇپ ئارىلاشتۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


شېكەر نان تەھرىرلەش

شېكەر نان

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 105 گرام، ئەبجەش ياغ 70 گرام، شۇلتا مۇۋاپىق.

1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ئوتتۇراھال خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر ئوبدان بولغاندا شولتا بېرىپ، 70 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، يۈزىنى ئېچىپ ياغ سۈركەپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ قاتلىما نان ياساپ تەييارلىنىدۇ.

2. ناننىڭ يۈزىگە شېكەر سۈرتۈپ، تاۋىغا ياكى دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.


غاز كاۋىپى تەھرىرلەش

غاز كاۋىپى

شۇ يىللىق غاز بىر دانە، سۇڭپىياز مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، شاكال بەدىيان ئازراق، ئاچچىقسۇ 35 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 105 گرام).

1 . غازنى ئۆلتۈرۈپ، تۈكلىرىنى يۇڭداپ، پاكىز يۇيۇپ، پۇت ۋە قانىتى كېسىۋېتىلگەندىن كېيىن غازنى ئۆز بۆلەكلىرى بويىچە پارچىلاپ، تۇزلۇق سۇ، سۇڭپىياز، ئارپىبەدىيان، شاكال بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئاچچىقسۇغا چىلاپ يېرىم سائەت قويۇلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 5 ـ 6 دەرىجە قىزىتىپ، چىلاپ قويۇلغان غاز گۆشىنى سېلىپ داغلاپ ئېلىپ، چوڭقۇر لېگەن ياكى لىسقا سېلىپ، سۇ سېپىپ دوخاپكىدا قاقلاپ پىشۇرۇلىدۇ.

غاز گۆشىگە پات - پات سۇ سېپىپ ئۆرۈش كېرەك.


غاز گۆشى قورۇمىسى تەھرىرلەش

غاز گۆشى قورۇمىسى

ئىككى كىلوگرام غاز بىر دانە، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 105 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سامساق بىر باش، كۈنجۈت يېغى ئازراق، قىزىل لازا بىر شوخ، جاڭيۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.

1. غازنى ئۆلتۈرۈپ تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ تۇزى بار سۇدا 80 پىرسەنت پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ، پىشقان گۆشنى ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغراپ، جاڭيۇ ۋە چىلانغان پۇرچاق ئۇنىغا چىلاپ قويۇلىدۇ. سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساقنى يالپاق، قىزىل لازا گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا توغرىلىدۇ. قايناق سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز قوشۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلانغان غاز گۆشىنى سېلىپ ئۇزۇن قورۇپ، سۇڭپىياز، سوققان زەنجىۋىل، قىزىل لازىلارنى سېلىپ بوش قورۇپ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.


غاز گۆشى قورۇمىسى تەھرىرلەش

غاز گۆشى قورۇمىسى

خۇرۇچى:ئىككى كىلوگرام غاز بىر دانە، سۇڭپىياز بىر تال، سۇ يېغى 105 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، سامساق بىر باش، كۈنجۈت يېغى ئازراق، قىزىل لازا بىر شوخ، جاڭيۇ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.

قورۇش ئۇسۇلى: 1. غازنى ئۆلتۈرۈپ تۈكلىرىنى يۇڭداپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ تۇزى بار سۇدا 80 پىرسەنت پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ، پىشقان گۆشنى ئۈچ سانتىمېتىر چوڭلۇقتا توغراپ، جاڭيۇ ۋە چىلانغان پۇرچاق ئۇنىغا چىلاپ قويۇلىدۇ. سۇڭپىيازنى ئات قۇلىقى شەكلىدە، سامساقنى يالپاق، قىزىل لازا گۆشنىڭ چوڭلۇقىدا توغرىلىدۇ. قايناق سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنى، جاڭيۇ، تۇز قوشۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ سەككىز دەرىجە قىزىتىپ، چىلانغان غاز گۆشىنى سېلىپ ئۇزۇن قورۇپ، سۇڭپىياز، سوققان زەنجىۋىل، قىزىل لازىلارنى سېلىپ بوش قورۇپ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، كۈنجۈت يېغى سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.

ئالاھىدىلىكى:گۆشى يۇمشاق، تەمى ياش، يېڭى.


قاتلىما سامسا تەھرىرلەش

قاتلىما سامسا

ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز 750 گرام، سۇ بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ئېرىتكەن قوي يېغى 250 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ يېغى 500 گرام.

1. ئىلمان سۇغا تۇز سېلىپ تەڭشەپ، قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، خېمىرنى نېپىز قىلىپ يۈزىگە ئېرىتكەن قوي يېغى سۈركەپ، بىر چەتتىن تۈرۈپ ئۇزۇنچاق قاتلىما قىلىپ، 20 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ نېپىزلىتىپ جىلت ئېچىلىدۇ.

2. گۆشنى قوناقتەك، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما جوپلاپ، تەييارلانغان قىيمىنى قىزىتلغان ياغقا سېلىپ، ئازراق قورۇپ پىششىق قىيما قىلىپ تەييارلىنىدۇ.

3. تەييارلانغان جىلتىنىڭ ئىچىگە پىششىق قىيمىدىن سېلىپ سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق توقاچ شەكلىدە تۈگۈپ (ئاي شەكلىدە تۈگسىمۇ بولىدۇ) تەييارلىنىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن قاتلىما سامسىنى سېلىپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قاتۇرما تەھرىرلەش

قاتۇرما

ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز ئىككى باش، سۇ بىر كىلوگرام، ئېرىتكەن قوي يېغى 70 گرام، جىگىردەك 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1 . ئۇنغا ئىسسىق سۇ، تۇز قۇيۇپ پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇششاق ئېزىلگەن جىگىردەك، ئۇششاق چانالغان پىياز ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ، 175 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، قېلىنراق نان ياسىلىدۇ.

2. تاۋىنى ياكى قازاننى قىزىتىپ، قوي يېغىدا ياغلاپ، ياسالغان ناننى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قازان پۆرىسى تەھرىرلەش

قازان پۆرىسى

ئۇن بىر كىلوگرام، پىششىق سۇ يېغى 35 گرام، گۆش 500 گرام، جاڭيۇ ئازراق، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ياكى كۈدە 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ ياكى ئۇششاق توغراپ، چانالغان پىياز ياكى كۈدە، قارىمۇچ، جاڭيۇ، تۇز، پىششىق سۇ يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. تۇز قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرۇپ، 35 گرام خېمىردا 4-3 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ، ئوتتۇرىسىدىن پۈكلەپ قاتلاپ، ئەتراپىنى يېپىشتۇرۇپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۈگۈپ تەييار لىنىدۇ.

3. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، قازاننىڭ سۇغا چىلاشمىغان يۇقىرىقى قىسمىغا تۇز سېپىپ، تەييارلانغان سامسىنى شۇ يەرلەرگە يېقىپ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى چىڭ يېپىپ، تېگى قازاننىڭ قىزىقلىقىدا، يۈزى سۇنىڭ ھورىدا پىشۇرۇلىدۇ.

پۆرىنى ياققاندا سۇغا چىلىشىپ قالماسلىقى لازىم.


قاقلاپ پىشۇرۇلغان راك تەھرىرلەش

قاقلاپ پىشۇرۇلغان راك

يېڭى، چوڭ راك 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق، كەرەپشە ئىككى تال، تېتىتقۇ ئازراق، سۇ يېغى 200 گرام، شېكەر ئازراق، يېمەكلىك قىزىل رەڭ ئازراق، شورپا ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، پىياز بىر باش.

1 . راكنى پاكىز تازىلاپ، قۇم خالتىسىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، چوڭقۇر قاچىغا سېلىنىدۇ. ئۇنىڭغا تۇز، سېرىق ھاراق قۇيۇپ 20-25 مىنۇت تەملەندۈرۇلىدۇ.

2. كەرەپشىنى قايناق سۇغا بېسىپ سوۋۇتۇپ قويۇلىدۇ. پىياز، زەنجىۋىلنى ئۇششاق چانىلىدۇ.

3. ساپلىقتا ماي قۇيۇپ 7-8 دەرىجە قىزىتىپ راكنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

4. ساپلىقنى تازىلاپ، ماي قۇيۇپ چانالغان پىياز، زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ، شورپا، تېتىتقۇ، سېرىق ھاراق قاتارلىقلارنى تۆكۈپ بوشراق قاينىتىپ، راكنى سېلىپ يەنە قاينىتىپ، سۈيى قويۇقلاشقاندا ئازراق يېمەكلىك قىزىل رەڭ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت يېغى تېمىتىپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ چۆرىسىگە كەرەپشە تىزىپ زىياپەتكە ئېلىپ چىقىرىلىدۇ.


قاقلىما بېلىق تەھرىرلەش

قاقلىما بېلىق

500 گراملىق بېلىق ئىككى دانە، سېرىق ھاراق ئازراق، سۇ مېيى 70 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، قورۇق ئۇن 70 گرام، ئاقمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، ئۇن لازا ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

بېلىقنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇپ، سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا پارچىلاپ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، توغرالغان پىياز بىلەن تەملەندۈرۈپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن پىياز، زەنجىۋىلنى ئېلىۋېتىپ، بېلىقنى قۇرۇق ئۇنغا مىلەپ ئارىلاشتۇرۇپ، دوخاپكىنىڭ لىسىنى مايلاپ بېلىقلارنى لىسقا تىزىپ، ° 180 قىزىتىلغان دوخاپكىغا سېلىپ 8-10 مىنۇت قاقلاپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان بېلىقلارنى تەخسىگە ئېلىپ تۇز، ئاقمۇچ، ئۇن لازا سېپىپ زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. (تۇز، ئاقمۇچ، ئۇن لازىنى باشقا كىچىك تەخسىلەردە ئايرىم كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ).


قايماق چۆچۈرىسى تەھرىرلەش

قايماق چۆچۈرىسى

ئاق ئۇن 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خام قايماق يېرىم جىڭ، سۇ يېغى ئازراق.

1. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، ياغدا قورۇپ قايماق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، قايماق قىيمىسى ياسىلىدۇ.

2. خېمىرنى چۆچۈرە خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، جىلت ئىچىگە قايماق قىيمىسى سېلىپ چۆچۈرە تۈگىلىدۇ.

پىشۇرۇش ئۇسۇلىمۇ چۆچۈرە پىشۇرۇش بىلەن ئوخشاش، پىشقان ئاشقا پىننە ياكى يۇمغاقسۈت سېلىپ، چىنىگە ئۇسىلىدۇ.


قايماقلىق تەرخەمەك تەھرىرلەش

قايماقلىق تەرخەمەك

تەرخەمەك بىر تال، پەمىدۇر بىر تال، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، تۇز بىر گرامدىن، قايماق 25 گرام، شېكەر بەش گرام، ئازراق ئاچچىقسۇ.

تەرخەمەكنى پاكىز يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ، قارىمۇچتىن ئازراق، تۇزدىن ئازراق سېپىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئاندىن پەمىدۇرنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىپ قەلەمچە قىلىپ، تەرخەمەك قەلەمچىسى ئۈستىگە قۇيۇپ ھەمدە قايماققا ئاچچىقسۇ ئارىلاشتۇرۇپ قەلەمچىلەرگە تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.


قورۇما چۆچۈرە تەھرىرلەش

قورۇما چۆچۈرە

ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، زىرە ئازراق، گۆش 500 گرام، ئەبجەش ياغ بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. خېمىرنى تۇخۇم، تۇز، سۇ بىلەن چىڭ يۇغۇرۇپ، نېپىز يېيىپ، بەش كۋادرات سانتىمېتىرلىقتىن كېسىپ چۆچۈرە جىلتى تەييارلىنىدۇ.

2. گۆشنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ، پىيازنى ئۇششاق چاناپ، تۇز، سوققان قارىمۇچ، سوققان زىرە ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياساپ، تەييارلانغان قىيمىنى قازاندا قورۇپ پىشۇرۇۋېلىپ، ھەربىر جىلتنىڭ ئىچىگە پىششىق قىيما ئېلىپ چۆچۈرە تۈگىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن چۆچۈرىنى سېلىپ، تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


قورۇما كاۋاپ تەھرىرلەش

قورۇما كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز ئىككى باش، سوققان لازا ئازراق، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام).

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى تەڭگىدەك چوڭلۇقتا نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىنىدۇ. پىيازنى ئۇششاق چانىلىدۇ؛ توغرالغان گۆشكە چىلانغان پۇرچاق ئۇنىنى، تۇز، تۇخۇملارنى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ، گۆشنى سېلىپ، بىر - بىرىگە چاپلاشتۇرماي ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلىغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

3. ياغ يۇقى قازاننى ئېسىپ پىياز، قىزىل لازا سېلىپ تېز - تېز قورۇپلا گۆشنى سېلىپ يەنە قورۇپ، ئاندىن زىرىنى سېپىپ ئىككى قېتىم ئۆرۈپلا تەخسە ياكى نانغا ئېلىنىدۇ.


قوغۇن ھالۋىسى تەھرىرلەش

قوغۇن ھالۋىسى

ئاق ئۇن 70 گرام، بىشەكچە قوغۇن بىر كاسا، قوي يېغى 105 گرام، يېشىل، قىزىل رەڭ ئازراق.

1. بىشەكشىرىن قوغۇننىڭ ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، قوشۇق بىلەن قىرىپ يۇمشاق ئېز ىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قويۇپ 6-7 دەرىجە قىزىتىپ، ئۇنىڭغا ئۇننى سېلىپ 80 پىرسەنت قورۇپ، ئازراق سۇ ۋە تەييارلانغان يېشىل، قىزىل، قوغۇننى تۆكۈپ، تېز - تېز قوچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇلغاندا ئوچاقتىكى ئوتنىڭ ئىسسىقىدا 5 مىنۇت دۈملىنىدۇ.

پىشقان ھالۋا كىچىك تەخسىلەردە نان بىلەن بىللە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. يېيىش ۋاقتىدا نانغا ئېلىپ يەيدۇ. باشقا ئۇسۇللىرى يۇقىرىقى ھالۋىلارنى ئېتىشكە ئوخشاش.


قولداما تەھرىرلەش

قولداما

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 200 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، پىششىق ياغ ئازراق، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال.

1. خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ، ئاندىن پىلتىنى ياپىلاق لەڭمەننىڭكىدەك تەييارلاپ، قاقتەك چوڭلۇقتا كېسىپ، ھەربىر تال ئاشنى بارماق بىلەن يىمىرىپ، ئۈچكىسىدىن ئاجراتقان قاقنىڭ يېرىمىغا ئوخشاش قىلىدۇ. ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ تەييارلىنىدۇ.

2. گۆش، سەيلىرى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. سەيلىرى قورۇما لەڭمەننىڭكىدەك قورۇلىدۇ. پەقەت جاڭدۇنىڭ ئورنىغا قوناقتەك توغرالغان سەۋزە سېلىنىدۇ.

3. سەيگە ئاشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىدىن پىششىق ياغنى سېپىپ ئېلىنىدۇ


قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى تەھرىرلەش

قوناق ئۇنى چۆچۈرىسى

يۇمشاق قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قوينىڭ لوق گۆشى 500 گرام، پىننە ئازراق، چاۋا ياغ 410 گرام، پەمىدۇر مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر تۆت باش.

1. گۆش ۋە 70 گرام چاۋا ياغنى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئۇنىڭغا ئىسسىق سۇ، مۇۋاپىق تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز (گۆش ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ يېرىم نىسبىتى بويىچە سۇ يەيدۇ). ئاندىن ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىيازنى، قارىمۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. قوناق ئۇنىغا تۇز ۋە قايناق سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، ئاندىن ئوتتۇرىسىدىن كاۋاك ئېچىپ تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىپ تۈگۈپ، قوناق چۆچۈرىسى تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا سۇ قۇيۇپ، 70 گرام چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ سېلىپ، قاينىغاندا توغرالغان چامغۇر ۋە پەمىدۇرنى سېلىپ 10 ـ12 مىنۇت قاينىتىپ تەييارلانغان چۆچۈرىنى سېلىپ، پەس ئوتتا سىم - سىم قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.

4. ئاش پىشقاندىن كېيىن پىننە سېلىپ ئىككى - ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاچىلارغا ئۇسىمىز. جەنۇبىي شىنجاڭدا قىش كۈنلىرى كۆپ ئېتىلىدۇ. ئىچىشلىك بولىدۇ



قوناق-مۇچ قورۇمىسى تەھرىرلەش

قوناق-مۇچ قورۇمىسى

1. ئالدى بىلەن قوناقنىڭ دانچىسىنى ئۇۋاپ ئېلىۋالىمىز. پاكىز يۇيۇپ تەييارلايمىز.

2. كۆك مۇچ، قىزىل مۇچنى پاكىز يۇيۇپ، كىچىك قىلىپ، قوناقتىن سەل چوڭراق قىلىپ توغرايمىز.

3. قازان قىزىپ، ماي 8 ئۈلۈش چۈچۈگەندىن كېيىن، قوناق دانچىلىرىنى سېلىپ قورۇيمىز، تەخمىنەن 2-3 مىنۇت قورىسىڭىز بولىدۇ.

4. كۆك مۇچ، قىزىل مۇچنى سېلىپ، بىر مىنۇت قورۇپ، تۇز سالسىڭىزلا بولىدۇ.


قوي پۇت كاۋىپى تەھرىرلەش

قوي پۇت كاۋىپى

كىچىك پاقلان ئالدى پۇتى بىر دانە، تۇخۇم ئىككى دانە، تۇز مۇۋاپىق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، زىرە ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، سوققان لازا ئازراق.

1. قوينىڭ ئالدى پۇتى گۆشىنى ئېلىپ ئەتراپىدىكى پۇرۇچ گۆشلەرنى ئېلىۋېتىپ تەكشى، كۆركەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، بىر نەچچە يېرىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.

2. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا تۇز، پىياز سۈيى، ھۆل پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ سۇيۇق شىرە ياساپ، تىلىپ تەييارلانغان پۇت گۆشىنى بىر سائەت چىلاپ قويۇلىدۇ.

3. تونۇرنى قىزىتىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ چىلاپ قويغان گۆشنى تونۇرغا ئېسىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشنى لېسقا سېلىپ دوخاپكىدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. پىشقان كاۋاپنى مۇۋاپىق پارچىلاپ، لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلارنى ئايرىم تەخسىدە كاۋاپ بىلەن بىللە زىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ.


قوۋۇرغا كاۋاپ تەھرىرلەش

قوۋۇرغا كاۋاپ

كىچىك پاقلانلارنىڭ قوۋۇرغىسى بىر كىلوگرام، تۇخۇم ئىككى دانە، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز سۈيى ئازراق، ئاقمۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.

1. قوۋۇرغا گۆشىنى ئىككى سانتىمېتىر كەڭ، تۆت سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى توغراپ، تۇخۇم، پۇرچاق ئۇنى پىياز سۈيى تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.

2. دوخاپكىنى قىزىتىپ تەييارلانغان گۆشنى لېسقا تىزىپ دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. قوۋۇرغا گۆش پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە تەكشى تىزىپ، زىرە، لازا، تۇز بىلەن زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ.


قىرغاۋۇل كاۋىپى تەھرىرلەش

قىرغاۋۇل كاۋىپى

خۇرۇچى: پاكىز تازىلانغان قىرغاۋۇل بىر دانە، باش پىياز بىر باش، تۇز مۇۋاپىق، زىرە مۇۋاپىق، ئاقمۇچ ئازراق، سوققان لازا ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. قىرغاۋۇل گۆشىنى سۆڭىكىدىن ئاجرىتىپ شاپتۇل قېقىدەك چوڭلۇقتا توغراپ سۇ يېدۈرۈپ، تۇز، چانىغان پىياز، ئاقمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت دۈملەپ تەملەندۈرگەندىن كېيىن، گۆشنى زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا قويۇپ تۇز، لازا سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇپ، پىشقاندا ھەر ئىككى تەرەپكە زىرە سېپىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2. گۆشنى چوڭ - چوڭ توغراپ تەملەندۈرگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. سوغۇقچان كىشىلەر سۇغا سېلىپ قاينىتىپ قىرغاۋۇل شورپىسى قىلىپ ئىچسىمۇ بولىدۇ.


قىزىلبۇغداش پۆرىسى تەھرىرلەش

قىزىلبۇغداش پۆرىسى

قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقى 250 گرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق.

1. قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا قىزىتقان سۇ يېغى، ئۇششاق چانالغان قوي يېغى، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييار لىنىدۇ.

2. خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ، خېمىر ئەمدى بولاي دېگەندە 35 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ، ھەر جىلتقا قىيما سېلىپ، يېرىم ئاي شەكلىدە پۆرە تۆگۈپ تاۋىغا سېلىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى قىزارىتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قىزىلبۇغداش سامسىسى تەھرىرلەش

قىزىلبۇغداش سامسىسى

قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقى 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، قۇيرۇق ياغ ياكى سۇ يېغى 140 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

قىيمىسى قىزىلبۇغداش پۆرىسىنىڭكىدەك بولىدۇ، خېمىرى ۋە تەييارلىنىشى كاۋا سامسىسىنىڭكىدەك بولىدۇ.

تەييارلانغان سامسا تونۇردا ياكى دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان قىزىلبۇغداش سامسىسى لېگەندە داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


قىزىلگۈل سۈت چېيى تەھرىرلەش

قىزىلگۈل سۈت چېيى

ماتېرىيال: قىزىل چاي 1 بولاق، قىزىلگۈل (ئەتىرگۈل) ئالتە تال، مۇۋاپىق مىقداردا سۈت، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل.

قىزىلگۈل سۈت چېيى ياساشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى:

1. قىزىل چاي بولىقى بىلەن قىزىلگۈلنى پىيالىنىڭ ئىچىگە سالىمىز. ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ قويۇپ، ئىككى مىنۇت تۇرغۇزىمىز.

2. قىزىل چاي بولىقى بىلەن قىزىلگۈل دەملەنگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشىمىز. ئاندىن قىزىل چاي بولىقىنى ئېلىۋالىمىز. (قىزىل چاي بولىقىنى 2~3 قېتىم دەملىسەك بولىدۇ).

3. ئاخىرىدا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ، ئۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ.


قىيما كاۋاپ تەھرىرلەش

قىيما كاۋاپ

خۇرۇچى: قوينىڭ لوق گۆش ئىككى كىلوگرام، كالا گۆش پاراشوكى ئازراق، پىياز 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم ئىككى دانە، سوققان لازا ئازراق، سوققان زىرە ئازراق، سوققان قارىمۇچ ئازراق. پىشۇرۇش ئۇسۇلى:

1. گۆشنى گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. گۆش ماشىنىسى بولمىسا، يۇمشاق چانىسىمۇ بولىدۇ. پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلىنىدۇ. ئاندىن تۇخۇم، تۇز سوققان قارىمۇچ، كالا گۆش پاراشوكى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما ياساپ، ئۇنى كۇمىلاچ قىلىپ بىر تال زىخقا بەش تالدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2. كاۋاپدانغا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن كۇمىلاچ قىيمىنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا، سوققان زىرە سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى ئۆرۈپ، يەنە تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قىيما كۆمەچ تەھرىرلەش

قىيما كۆمەچ

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە ئازراق، سۇ 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، تۇز ئازراق.

1. گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قۇغۇنلاپ، ئوتۇن قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ.

ھازىر دۇخاپكىدا پىشۇرۇش ئومۇملاشتى.


قىيملىق قاتلىما نان تەھرىرلەش

قىيملىق قاتلىما نان

ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، گۆش بىر كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1 . خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، بولاق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا ئۇنى يېيىپ نېپىز ئاچىمىز. ياغلىق گۆشنى ئۇششاق توغراپ قارىمۇچ، زىرە، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان قىيمىنى سېلىپ تەكشى يېيىتىپ، بىر تەرەپتىن تۈرۈپ، ئۇزۇن تۈرمەل قىلىپ، ئۇنى يەنە قاتلاپ چەيلەپ، قىيمىنى خېمىرغا ياخشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

2. تەييارلانغان خېمىرنى 200 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قىرغاقلىق قىلىپ نان ياساپ، يۈزىگە تۈكچە - چەككۈچ سېلىپ، تونۇرغا ئۇدۇللۇق يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قىيمىلىق پولۇ تەھرىرلەش

قىيمىلىق پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ بىر كلوگرام،سۇڭپىياز ئىككى تال، ئەبجەش ياغ500گرام، ئاقمۇچ مۇۋاپىق،باش پىياز 105گرام،پۇرچاق ئۇنى 70گرام،لوق گۆش بىر كلوگرام،سوققان زىرە مۇۋاپىق ،سەۋزە بىر كلوگرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.گۆش گۆش توغراش ماشىنىسىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ ياكى ئۇششاق چانىلىدۇ. پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ. ئاق قارىمۇچ ،زىرىلەر ھاۋانچىدا سوقۇلىدۇ،پۇرچاق ئۇنىنى سۇغا چىلاپ،سەۋزە قەلەمچە،پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.

2.يۇقۇرقى خۇرۇچلار ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىپ ياڭاقتەك كۇمىلاچ >ۋەنزە<قىلىنىدۇ.

3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 5-6دەرىجە قىزىتىپ،كومىلاچلارنى سېلىپ،سرتى قىزارغىچە قورۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ.

4.ياغنىڭ قىزىقلىقى 7-8دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈپ،سۇڭپىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئارقىدىن سەۋزىنى سېلىپ يەنە قورۇپ، گۆشلۈك پولونى ئېتىش ئۇسۇلى بۇيىچە پولو ئېتىلىدۇ.

5.كومىلاچلار تولۇق پىشقان بولسا ،پولونى دەملەش ۋاقتىدا ئۇلار گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ.يېرىم پىشقان بولسا ،خۇرۇچلار قايناۋاتقاندا سېلىپ ئۈستىدىن گۈرۈچ سېلىنىدۇ.پولۇ دەم يېگەندىن كىيىن قىيما كومۇلاچلارنى باشقا قاچىغا ئېلىۋېلىپ ،پولۇ ئۇسقاندا ئۇلار پولۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: پولۇنىڭ شەكلى كۆركەم،قىيما پۇراپ تۇرىدۇ. ئاش يېيىشلىك بولىدۇ.


قىيمىلىق قاتلىما نان تەھرىرلەش

قىيمىلىق قاتلىما نان

ئۇن بىر كىلوگرام، پىياز ئۈچ باش، ياغ 70 گرام، قارىمۇچ ئازراق، سۇ 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، لوق قوي گۆشى 500 گرام

1. قوي گۆشىنى ۋە پىيازنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. قاتلىما خېمىرىدەك خېمىر تەييارلاپ، يېيىپ، ئاندىن قىيما سېلىپ تەكشى يېيىتىپ، بىر تەرەپتىن ئوراپ، خۇددى قاتلىما تەييارلىغاندەك تەييارلىنىدۇ. تەييارلانغان قىيمىلىق قاتلىما تونۇردا ياكى دوخاپكىدا پىشۇرۇلىدۇ.


قىيمىلىق قۇيماق تەھرىرلەش

قىيمىلىق قۇيماق

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، گۈلقەنت 35 گرام، ئاق شېكەر ئىككى كىلوگرام، شولتا ئازراق، ئېرىتكەن قۇيرۇق ياغ 500 گرام، شاڭجىڭ (مۇئەتتەر) ئازراق، قورۇغان پىششىق ئۇن 140 گرام، سۇ ئالتە كىلوگرام، ياڭاق مېغىزى 140 گرام، سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگرام (خورايدىغىنى 750 گرام)، ئالىيېشىل رەڭ ئازراق.

1. قازانغا 500 گرام قوي يېغىنى سېلىپ پەس ئوتتا قىزىتىپ، ئۇنىڭغا شولتا سۈيى ۋە ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن ئۇننى سېلىپ قوچۇپ خېمىر يېڭى پىشقاندا ئاشتاختىغا تۆكۈپ يېيىپ سوۋۇتىلىدۇ.

2. سوۋۇتۇلغان خېمىرغا سوغۇق قايناق سۇ چېچىپ، خېمىر يۇمشىغىچە چەيلىنىدۇ.

3. ئاق شېكەر، قورۇلغان پىششىق ئۇن، ئالىيېشىل رەڭ، ئەزگەن ياڭاق مېغىزى، گۈلقەنت، شاڭجىڭ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما ياسىلىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ مۇۋاپىق دەرىجىدە قىزىتىلىدۇ؛ يۇمشىغان خېمىرنى 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، قول بىلەن كېڭەيتىپ، ئىچىگە تاتلىق قىيما ئېلىپ، ياپىلاق توقاچ قىلىپ ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، چېچەكلىگەندە سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.

ياغنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا دىققەت قىلىش لازىم. ياغ قىزىق بولۇپ كەتسە، قۇيماقنىڭ تېشى كۆيۈپ، ئىچى خام قالىدۇ، ياغ سوۋۇپ قالسا، قۇيماق چېچەكلىمەيدۇ.


قىيىقچا تەھرىرلەش

قىيىقچا

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاق شېكەر 70 گرام، تۇخۇم تۆت دانە، ئەبجەش ياغ ئىككى كىلوگرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 70 گرام.

1. بىر قاچىغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇنىڭغا ياغ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ داستىكى ئۇنغا قۇيۇپ چىڭ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر تىنغاندىن كېيىن نېپىز يېيىپ، قىيىقچا بىلەن خېمىرنى ئايلاندۇرۇپ كېسىپ ئىككى سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۇزۇنچاق، چىشلىق قىيىقچا تەييارلىنىدۇ.

2. قازانغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ 6 دەرىجە قىزىتىپ، كېسىلگەن قىيىقچىنى بىر - بىرىنى ئۇزۇنراق قىلىپ قولغا چىرايلىق ئوراپ يۆگەپ، ياغقا سېلىپ چۇۋۇۋەتمەستىن سارغايتىپ پىشۇرۇپ، ۋازىغا تىزىپ، قىزىق ۋاقتىدا ئۈستىگە ئاق شېكەر سېپىلىدۇ.


قۇشقاچ تىلى ئاش تەھرىرلەش

قۇشقاچ تىلى ئاش

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ يېغى 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق شېكەر 25 گرام، قوينىڭ بىقىن گۆشى 140 گرام، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق 15 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، سوققان لازا ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، زەنجىۋىل ئازراق، يۇمغاقسۈت مۇۋاپىق، كاۋاۋىچىن ئازراق، كەرەپشە (چىڭسەي) ئازراق.

1 . ئاق شېكەرنى ئازراق سۇدا ئېرىتىپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ يېغى قۇيۇپ، بۇلار بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ 10 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. تىنغان خېمىردا توملۇقى بارماق قولدەك پىلتە ياساپ ئۈستىدىن بېسىپ نېپىزلىتىپ، ئۈچ بۇرجەك قىلىپ ئۇششاق كېسىلىدۇ. يۇغۇرۇلغان خېمىرنى يېيىپ، كېسىپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.

3. گۆشنى قوناقتەك، سۇڭپىياز، سامساق، كەرەپشە (چىڭسەي)، پەمىدۇرلار ئۇششاق توغرىلىدۇ. قازاننىڭ سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى (ئۈزۈپ تاشلاپ ئاش)نىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.

4. قازان تەييار بولغاندا، كېسىلگەن خېمىرنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قاينىتىپ، يۇمغاقسۈت ۋە سامساقنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپلا قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.


قۇيماق تەھرىرلەش

قۇيماق

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم تۆت دانە، سۇ يېغى بىر كىلوگرام (خورايدىغىنى 140 گرام)، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق، سۇ بىر كىلوگرام.

1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ، ئۇن، تۇخۇم سېلىپ سۇ قۇيۇپ، سۇيۇق شېرە خېمىر يۇغۇرۇپ ئىسسىق جايدا 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تىندۇرغان سۇيۇق شېرە خېمىرنى قوشۇق ياكى كىچىك چۆمۈچ بىلەن ياغقا قۇيۇپ سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


قېزى پولۇسى تەھرىرلەش

قېزى پولۇسى

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كلوگرام،ئەبجەش ياغ 500گرام،پىياز بىر تال،قېزى ئىككى كلوگرام،زىرە مۇۋاپىق ،سەۋزە ئىككى يېرىم كلوگرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئىتتىش ئۇسۇلى

گۆش سالماي ،پىياز سەۋزىنى قورۇپ ،زىرە ،تۇز سېلىپ زىرۋەك تەييارلىنىدۇ.قازان قايناۋاتقاندا،باشقا بىر قازاندا قاينىتىپ پۇشۇرۇلغان قېزىنى زىرۋەك ئۈستىگە سېلىپ ،ئاندىن گۈرۈچ سېىلىپ ئادەتتىكىدەك پىشۇرۇلىدۇ.پولو پشقاندا،قىزىنى يالپاقلاپ توغراپ،پولۇ ئۈستىگە بېسىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ پولۇ بىلەن بىللە كەلتۈرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

قېزى ئېزىلىپ يۇمشاق پىشىدۇ. ئاشتا سۈرگۆش تەمى كۈچلۈك بولىدۇ.


قەن ھالۋىسى تەھرىرلەش

قەن ھالۋىسى

ئاق ئۇن 175 گرام، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 175 گرام، ئاق شېكەر ياكى قەنت 500 گرام، سۇ 280 گرام.

1. ئېرىتىلگەن قوي يېغىنى قازانغا سېلىپ 7-8 دەرىجە قىزىتىپ ياخشى داغلانغاندىن كېيىن، قازاننى ئوتتىن ئېلىپ، ياغنى سوۋۇتۇپ دەرىجىسىنى 3-4 دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، قازاننى يەنە ئوتقا قويۇپ، ئۇننى سېلىپ ياغدا سارغايتىپ قورۇلىدۇ. تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە، ئۇن كۆيۈپ كېتىدۇ.

2. شېكەر ياكى قەنتنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ، ياغدا قورۇۋاتقان ئۇنغا قۇيۇپ، تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلىدۇ، سۈيى تۈگەپ پىشقاندا بەش مىنۇت دەملەپ كىچىك تەخسىلەرگە ئېلىپ ياغلىق توقاچ ياكى يۇمشاق يېڭى نان بىلەن بىللە داستىخانغا قويىلىدۇ.


كاكچا نان تەھرىرلەش

كاكچا نان

ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، كۈنجۈت 70 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، سىيادان مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا پىياز تۆت باش.

1. شىرمەننانغا يۇغۇرۇلغاندەك خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندىن كېيىن 500 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، گىرۋىكى قېلىنراق، ئوتتۇرىسى نېپىزراق يۇپقا ۋە چوڭ نان ياساپ، يۈزىگە چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ.

2. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، سىيادان، كۈنجۈت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ناننى تونۇرغا يېقىش ۋاقتىدا ناننىڭ يۈزىگە سۈركەپ، ئاندىن ناننى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرۇلىدۇ.


كالا گۆشى قورۇمىسى تەھرىرلەش

كالا گۆشى قورۇمىسى

كالىنىڭ پىششىق گۆشى 280 گرام، يېڭى زەنجىۋىل ئازراق، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، جاڭيۇ ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سامساق بىر باش، شورپا 500 گرام، ئاق شېكەر ئازراق، سۇ يېغى 50 گرام، شاكال بەدىيان ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. پىشقان كالا گۆشىنى (كالا گۆشى سەل چالىراق پىشقان بولسۇن) ئۇزۇنلۇقى سەككىز سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر، يالپاقلاپ توغراپ، تەخسىگە رەتلىك تىزىلىدۇ؛ سۇڭپىياز ئىنچىكە، سامساق ئۇششاق توغرىلىدۇ.

2. بىر قاچا شورپىغا تېتىتقۇ، جاڭيۇ، ئاق شېكەر، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، شاكال بەدىيان سېلىپ قورۇپ، تەمى چىققاندا سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ تەخسىدىكى كالا گۆشىنى تىزىلغان پېتى سېلىپ تەكشى پىشۇرۇپ، ئۈستىگە تەڭشەلگەن شورپىنى تۆكۈپ، سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىلنى گۆشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ، تەخسە بىلەن ئۈستىنى يېپىپ، پەس ئوتتا 15-10 مىنۇت دۈملەيمىز. شورپا گۆشكە سىڭىپ، دورا - دەرمەكلەرنىڭ تەمى گۆشكە ئۆتكەندىن كېيىن قازاندىكى گۆش رەتلىك ھالدا تەخسىگە كۆمتۈرۈپ ئېلىنىدۇ.


كاۋا ئۇمىچى تەھرىرلەش

كاۋا ئۇمىچى

1. كاۋىنىڭ پوستىنى سويۇپ، كىچىك قىلىپ توغرىۋالىمىز.

2. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن، كاۋىنى سېلىپ قاينىتىمىز، قازاندىكى كاۋا قوشۇق تەگسە ئىزىلگۈدەك بولغاندا ئوتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.

3. قوشۇق بىلەن كاۋىنى ئىزىپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرىمىز، ئاندىن بىر چىنىگە ئازراق كىراخمال ۋە سۇ قۇيۇپ تەڭشىۋالىمىز، ئاندىن بۇ چىنىدىكى ماتېرىيالنى كاۋا ئۇمىچىغا تۈكۈپ، 2 مىنۇت قاينىتىمىز.

4، ئۇماچنى ئۇسقاندا، ئۈستىگە ئازراق كۈنجۈت چاچسىڭىز بولىدۇ.


كاۋا سامسىسى تەھرىرلەش

كاۋا سامسىسى

ئۇن ئىككى كىلوگرام، كاۋا ئىككى يېرىم كىلوگرام، سۇ بىر كىلوگرام، داغلانغان سۇ يېغى 70 گرام، خېمىرتۇرۇچ 35 گرام، زىرە مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1 . سەي كاۋىسىنىڭ پوستىنى شىلىۋېتىپ، قىرغۇچ بىلەن قىرىپ ياكى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز ئارىلاشتۇرۇپ 10 مىنۇت قويغاندا، كاۋىنىڭ سۈيى چىقىدۇ، سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، پىياز، زىرە ۋە ياغ ئارىلاشتۇرۇپ كاۋا قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، 20 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، پوزا بىلەن جىلت ئېچىپ، كاۋا قىيمىسى سېلىپ سامسا تۈگۈلىدۇ.

3. دوخاپكىنىڭ لېسىنى ياغلاپ، تۈگۈلگەن سامسىنى سېلىپ 20 ـ 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. بۇ سامسا كۆپۈپ چىقىدۇ.


كاۋا مانتىسى تەھرىرلەش

كاۋا مانتىسى

خۇرۇچلىرى: ئالىي ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، چۈچۈتكەن سۇ يېغى 250 گرام، مانتا كاۋىسى ئىككى كىلوگرام، زىرە ئازراق، قوينىڭ چاۋا يېغى 150 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز 150 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1 . مانتا كاۋىسىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقلىرىنى، لەشلىرىنى قىرىپ تازىلاپ، سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، قوناقتەك چوڭلۇقتا، قوينىڭ چاۋا يېغى، پىياز ئۇششاق توغرىلىدۇ.

2. كاۋا، پىياز، چاۋا ياغنى قوشۇپ، ئۇنىڭغا سوققان زىرە، تۇز سېلىپ، داغلانغان ياغنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

3. ئاق ئۇندا پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ، ئۇنىڭدىن 50 - 40 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ پىشۇرۇپ، قول بىلەن بېسىپ ياپىلاقلاپ، پوزا بىلەن ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق، چۆرىسىنى نېپىز قىلىپ جىلىت ئېچىپ، ئاندىن قىيما سېلىپ تۈگۈپ، قاسقاندا تېز ئوتتا 15 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقا ن مانتىنى لېگەنگە ياكى تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە قارىمۇچ سېپىپ داستىخانغا كەلتۈر ۇلىدۇ.

بۇ مانتىنىڭ پىشىش ۋاقتىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەككى، پىشىپ ئۆتۈپ كەتسە بولمايدۇ.


كاۋاپلىق پولۇ تەھرىرلەش

كاۋاپلىق پولۇ

گۈرۈچ 25 كىلوگرام، پىياز ئىككى يېرىم كىلوگرام، قوي ياكى كالا گۆشى يەتتە يېرىم كىلوگرام، زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 15 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ياغ بەش كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.

1. سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، گۆش، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ، 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ.

2. ياغنى داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قورۇغاندىن كېيىن قازانغا تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ پىشقاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ، گۈرۈچ تەكشى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنى ياخشى پىشۇرۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاش 30-20 مىنۇت دەملىنىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، كراخمالغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ياغنى قىزىتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى تۇز سېلىپ قورۇپ، ئېلىش ۋاقتىدا ئازراق زىرە سېپىپ، ئىككى ئۆرۈپلا بىر قاچىغا ئېلىنىدۇ.

4. دەم يېگەن ئاشنى ئايرىم تەخسىلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراقتىن كاۋاپ قوندۇرۇپ ئاچىقسىمۇ ياكى چوڭ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش كۇمىلىچىنى قوندۇرۇپ ئاچىقسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۇمىلاچ پولۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى كاۋاپلىق پولۇغا ئوخشايدۇ.


كاۋاپلىق پولۇ تەھرىرلەش

كاۋاپلىق پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ 25 كىلوگرام، پىياز ئىككى يېرىم كىلوگرام، قوي ياكى كالا گۆشى يەتتە يېرىم كىلوگرام، زەرچىۋە بىر چىمدىم، سەۋزە 15 كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، ياغ بەش كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، سوققان لازا مۇۋاپىق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، گۆش، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 

گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ ئىسسىق سۇغا تۇز قۇيۇپ، 4-3 قېتىم يۇيۇپ، ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. 

2. ياغنى داغلاپ، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، ئۈستىدىن سەۋزىنى سېلىپ 3-2 مىنۇت قورۇغاندىن كېيىن قازانغا تۇز، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ

پىشقاندىن كېيىن ئوتنى پەسەيتىپ، قازاننىڭ قاينىشىنى توختىتىپ، گۈرۈچ تەكشى سېلىپ، قازاننى تەكشى قاينىتىپ، گۈرۈچنى ياخشى پىشۇرۇلىدۇ. قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەندە ئاش 30-20 مىنۇت دەملىنىدۇ. 

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، كراخمالغا ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى سېلىپ ياغدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ياغنى قىزىتىپ، ياغدىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى تۇز سېلىپ قورۇپ، ئېلىش ۋاقتىدا ئازراق زىرە سېپىپ، ئىككى ئۆرۈپلا بىر قاچىغا ئېلىنىدۇ. 

4. دەم يېگەن ئاشنى ئايرىم تەخسىلەرگە ئۇسۇپ، ئۈستىگە ئازراقتىن كاۋاپ قوندۇرۇپ ئاچىقسىمۇ ياكى چوڭ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ ياغدا پىشۇرۇلغان گۆش كۇمىلىچىنى قوندۇرۇپ ئاچىقسىمۇ بولىدۇ. بۇ كۇمىلاچ پولۇ دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى كاۋاپلىق پولۇغا ئوخشايدۇ.


كوزىدا دۈملەنگەن توخۇ تەھرىرلەش

كوزىدا دۈملەنگەن توخۇ

بىر كىلوگراملىق توخۇ بىر دانە، سۇڭپىياز ئىككى تال، سېرىق ھاراق ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىل ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق.

1. توخۇنى قائىدە بويىچە تازىلىغاندىن كېيىن قايناق سۇغا بېسىپ ئېلىپ، ئىچىدىكى قان - قۇشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، كىچىك كوزا (ئىدىش)غا سېلىپ، توخۇ گۆشى چىلاشقۇدەك سۇ قۇيۇپ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، سۇڭپىياز سېلىپ، كوزىنىڭ ئاغزىنى قېلىن قەغەز بىلەن چاپلاپ تەييارلىنىدۇ.

2. كوزىنى چوڭ قازانغا تىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، قازانغا كوزىدىن تۆۋەندەك سۇ توشقۇزۇپ (كوزىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك)، قازاننىڭ ئاغزىنى يېپىپ پەس ئوتتا 5. 2~2 سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.


كۆز، قۇلاق، تىل قورۇمىسى تەھرىرلەش

كۆز، قۇلاق، تىل قورۇمىسى

قوينىڭ پىششىق كۆزى ئىككى دانە، كاۋاۋىچىن يېغى ئازراق، پىششىق قۇلاق ئىككى دانە، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، پىششىق تىل بىر دانە، جاڭيۇ ئازراق، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، ئەبجەش ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام)، سۇڭپىياز 24 گرام، سامساق تۆت چىش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئازراق.

1. قوينىڭ پىششىق كۆزىنىڭ قارىچۇقىنى ئېلىۋېتىپ، نېپىز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. تىلنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېتىپ، يالپاقلاپ توغر ىلىدۇ؛ قۇلاقنىڭ كۆمۈرچىكى تەڭگىدەك پارچىلىنىدۇ؛ سۇڭپىياز، سامساقلار يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.

2. توغرالغان كۆز، قۇلاق، تىلنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۇنىڭغا جاڭيۇ، تۇز، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

3. قايناق سۇ ياكى شورپىغا تۇز، جاڭيۇ، تېتىتقۇ سېلىپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىنىدۇ.

4. قازانغا 500 گرام ياغ قۇيۇپ، 8 دەرىجە قىزىتىپ، ئۈچ خىل ماتېرىيالنى سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ.

5. قازاندا 35 گرام ياغ قالدۇرۇپ، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ قورۇپ، قورۇۋېلىنغان ئۈچ خىل ماتېرىيالنى سېلىپ، ئۈستىدىن تەڭشەلگەن سۇيۇق شورپىنى تۆكۈپ، ئىككى - ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ، شورپىسى پىشقاندا كاۋاۋىچىن يېغى بىلەن ئازراقلا ئاچچىقسۇ سېپىپ تەخسىگە ئېلىنىدۇ.


كۆك پۆرىسى تەھرىرلەش

كۆك پۆرىسى

كۆك (يېڭى ئۆسكەن بېدە) 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، ئەبجەش ياغ 70 گرام.

1 . كۆكنى ئادالاپ پاكىز يۇغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇششاق توغراپ، توغرالغان قۇيرۇق ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرى، ئېتىش، پىشۇرۇش ئۇسۇللىرى قىزىلبۇغداش پۆرىسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.


كۆك سامسىسى تەھرىرلەش

كۆك سامسىسى

ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام، سۇ يېغى ئازراق، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، قۇيرۇق ياغ 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كاۋاۋىچىن ئازراق، كۆك (بېدە) 500 گرام، يالپۇز مۇۋاپىق.

1. بېدە كۆكى بىلەن يالپۇز يوپۇرمىقىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان ياغ، قۇرۇق تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، ئازراق سۇ يېغى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.

2. خېمىرنى كاۋا سامسىسىنىڭ خېمىرىدەك يۇغۇرۇپ جىلت تەييارلاپ، كۆك قىيمىسىدىن سېلىپ سامسا تۈگۈپ، تونۇردا ياكى دوخاپكىدا پىشۇرسا بولىدۇ.


كۆكتات مانتىسى تەھرىرلەش

كۆكتات مانتىسى

خۇرۇچى: ئاق ئۇن 500 گرام، كاۋاۋىچىن، ئازراق كاللەكبەسەي (لاڭقا) ياكى يېسىۋىلەك (بەسەي) بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، جاڭيۇ مۇۋاپىق مىقداردا، شۇلتا مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى 70 گرام.

1. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سەي - كۆكتاتلارنىڭ قايسى بىرى بولسۇن پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ، ئازراق تۇز سېپىپ، مۇجۇپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىمىز. ئاندىن ئۇنىڭغا كاۋاۋىچىن، جاڭيۇ، ياغ، تەمىگە قاراپ تۇز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرنى يۇغۇرۇش، بولدۇرۇش، جىلىت ئېچىشلارنىڭ ھەممىسى بولاق مانتىنىڭكىدەك بولىدۇ. مانتىنى تۈگۈپ قاسقاندا 30 - 25 مىنۇت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.


كۆكۋاش ئېشى تەھرىرلەش

كۆكۋاش ئېشى

كۆكۋاش (قوناق) ئىككى باش، پىياز بىر باش، گۆش 140 گرام، كۆك چامغۇر ئىككى باش، ياغ 30 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. چاقما كاۋا 140 گرام، پەمىدۇر ئىككى باش، سامساق بىر باش. كۆكۋاش قوناقنى سويۇپ ۋە ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ، قوناقنى ئۇچىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ پىچاق بىلەن قىرىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا مەدەكتە قالغان قوناق شىرىسىنى يەنە قىرىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئەگلەكتىن ئۆتكەن شىرىسى بىلەن ئەگلەكتىن ئۆتمىگەن ياما قوناق ئايرىم - ئايرىم قاچىغا ئېلىنىدۇ. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى ياپىلاق، كاۋىنى چاقماق قەنتتەك، كۆك چامغۇرنى كالتە ـ كالتە قىلىپ، پەمىدۇر كىچىك ياپىلاقلاپ توغرىلىدۇ. سامساق چانىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كېيىن پىياز بىلەن پەمىدۇرنى سېلىپ قىزارتىپ، تۇز ۋە سۇيۇقئاشنىڭكىدەك سۇ قۇيۇلىدۇ. سۇ قاينىغاندا، قوناقنى ۋە كاۋىنى سېلىپ قاينىتىپ، خۇرۇچلار پىشقاندا كۆك چامغۇر بىلەن سامساقنى سېلىپ، قوناق شىرىسىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، پەس ئوتتا 10 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.


كۆممە قېرىن تەھرىرلەش

كۆممە قېرىن

قوينىڭ قېرىنى بىر دانە، پىياز 500 گرام، قوينىڭ ئۆپكە، جىگەر، يۈرەك، بۆرىكىدىن بىر دانىدىن، سامساق تۆت چىش، زىرە ئازراق، ياغلىق ئۈچەي ۋە چاۋا يېغى ئازراق، كاۋاۋىچىن ئازراق، تۇز مۇۋاپىق.

1. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىكرەك تۆشۈك ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ سوغۇق سۇ بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن، ئىچى ۋە تېشىنى تۇز سۈيى بىلەن يۇيۇپ، شىلىملىق تىرىپلىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئىسسىق سۇدا چايقىلىدۇ. كېيىن بىر تەرىپىنى پىششىق يىپ بىلەن بوغۇپ قويۇلىدۇ.

2. ئۆپكە، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك، ياغلىق ئۈچەي، چاۋا ياغلارنى چوڭ - چوڭ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، زىرە، كاۋاۋىچىن، ئۇششاق چانالغان سامساق، پىياز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.

3. تەييارلانغان قىيمىنى قېرىننىڭ ئېغىز تۆشۈكىدىن سېلىپ، قېرىننىڭ ئاغزىنى بوغۇپ قوقاسقا ياكى تونۇرغا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنى دوخاپكىغا سېلىپ دەملەپ پىشۇرغىلى، قاسقاندا بۇسلاپ پىشۇرغىلى بولىدۇ. لېكىن ھەر قايسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدۇ.

دوخاپكىدا پىشۇرغاندا پات - پات ئۆرۈپ، ئۈستىگە سۇ سېپىپ تۇرۇش كېرەك. قېرىن پىشقاندا ئىچىدىكى خۇرۇچلارنى لېگەن ياكى تەخسىگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. ئىچىدىكى شورپىسى ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

دىققەت: كۆمۈپ پىشۇرىدىغان قېرىننىڭ تېۋىتى ئېلىنمايدۇ. پىشقاندا قېرىنى ئىستېمال قىلىنمايدۇ. قاسقاندا ياكى دوخاپكىدا پىشۇرغاندا قېرىننى قىزىق سۇغا چىلاپ، پىچاق بىلەن قىرىپ ئاقارتىش لازىم.


كۆممە كاۋا تەھرىرلەش

كۆممە كاۋا

پىشقان مانتا كاۋىسى بىر دانە، ئۈزۈم شىرنىسى 500 گرام، قۇيرۇق ياغ 105 گرام، يېڭى ياڭاق مېغىزى 70 گرام.

1 . ياغنى يالپاقلاپ توغراپ، يېڭى ياڭاق مېغىزىنى گۈرۈچتەك چوڭلۇقتا سوقۇپ، ئۈزۈم شىرىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما ياسايمىز.

2. مانتا كاۋىسىنىڭ ساپىقىنىڭ پەسرەك يېرىدىن چاقماق ئۇرۇپ ئاجرىتىپ ئېلىپ، كاۋىنىڭ ئۇرۇق، تىرىپلىرىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە تاتلىق قىيمىنى تولدۇرۇپ، ئاجرىتىپ ئېلىنغان چاقماقنى ئۆز جايىغا قاپلاپ چىڭ ئېتىپ، لاتىغا ياكى ھۆل قەغەزگە ئوراپ كاۋىنى دوخاپكىغا سېلىپ ياكى تونۇرغا كۆمۈپ 2-3 سائەت پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان كاۋىنىڭ ئۈستىدىكى يۆگەلمىنى ئېلىۋېتىپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


كۆممە كاۋا تەھرىرلەش

كۆممە كاۋا

قاتقان چاقما كاۋا بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئىككى باش.

1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، سۈيۈلدۈرۈپ، پىياز، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق قىيما ياسىلىدۇ.

2. ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى قاتقان چاقما كاۋىنىڭ ساپىقى ئەتراپىدىن چاقماق ئۇرۇپ ئاجرىتىپ ئېلىپ، كاۋىنىڭ ئىچىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ، ئۇرۇق - تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىگە قىيما تولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئاجرىتىپ ئېلىنغان چاقماقنى ئۆز جايىغا قاپلاپ چىڭ ئېتىپ، كاۋىنى ھۆل لاتا ياكى ھۆل قەغەزگە ئوراپ ياكى تونۇرغا كۆمۈپ 2-3 سائەت پىشۇرۇلىدۇ.

پىشقان كۆممە كاۋىنى ئورىغان قەغەز ياكى لاتىنى ئېلىۋېتىپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.


كۆمۈلەك ئاش تەھرىرلەش

كۆمۈلەك ئاش

خۇرۇچى: قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، پىياز بىر باش، يېشىل ماش 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، چامغۇر تۆت باش، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، پىننە ئازراق.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. ماشنى تازىلاپ 4-3 قېتىم يۇغاندىن كېيىن، ئىلمان سۇغا سېلىپ پەس ئوتتا قاينىتىمىز. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن، تۆت چاسا توغرالغان چامغۇرنى سېلىپ، چامغۇر پىشقىچە قاينىتىلىدۇ.

2. پىيازنى ئۇششاق چاناپ، قوناق ئۇنىغا ئارىلاشتۇرۇپ، تۇز قۇيۇپ، قايناق سۇ بىلەن بوش خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۆرۈكتەك ئۈزۈپ يۇمىلاقلاپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. خېمىر پىشقاندا پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، ئاش ئىككى مىنۇتقىچە تىندۇرۇلىدۇ. ئاش ئۇسۇلغاندا، ياغ لازا بىللە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.


كۆمـــەچ تەھرىرلەش

كۆمەچ

كۆمەچ ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى گۇلاخما دېگەن يۇرتتا گۈلخان ئانا ئىسىملىك بىر مۆتىۋەر ئايال ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ گۈلخۇمار ئىسىملىك تەڭداشسىز گۈزەل بىر قىزى بولغان ئىكەن. قىز بالاغەتكە يەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ يۇرتقا ئەلچى سۈپىتىدە كاتتا بىر مېھمان كەپتۇ. گۈلخان ئانا مېھمانلارغا ئاتاپ بىر كۆمەچ كۆمۈشنى ئېيتىپتۇ. ئۆي خىزمەتچىلىرى ئاق يەرگە گۈلخان يېقىپ، نەچچە تاغار ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، نۇرغۇن گۆشتە قىيما قىلىپ، غايەت زور بىر كۆمەچ كۆمۈپتۇ.

كۆمەچ پىشقاندىن كىيىن، خىزمەتكارلار كۆمەچنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن، دەرۋازىدىن پاتماپتۇ، خىزمەتكارلار ئەھۋالنى گۈلخان ئانىغا مەلۇم قىلىپ:

_ كۆمەچنى سۇندۇرامدۇق ياكى دەرۋازىنى دەرۋازىنى بۇزامدۇق، _ دەپ سوراپتۇ. گۈلخان ئانا دەرھال:

_ كۆمەچنى پارچىلاشقا بولمايدۇ. دەرۋازىنى بۇزۇپ، كۆمەچنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ساق ئېلىپ كىرىڭلار، دەپ بۇيرۇپتۇ. خىزمەتكارلار گۈلخان ئانا دېگەندەك دەرۋازىنى بۇزۇپ كۆمەچنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ساق ئېلىپ كەپتۇ. مېھمانلار قارىسا كۆمەچ شۇنداق پاكىز، شۇنداق چىرايلىق پىشقان ئىكەن. شۇنڭدىن كىيىن، يىگىت گۈلخان ئانىنىڭ ئۆيىگە ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ كىرىپتۇ. ھازىرقى ئەۋلادلار ئەنە شۇ گۈلخۇمار قىزنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.

گۇلاخما چىرا ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسى بولۇپ، كۆمەچ بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە تامىقى ھىسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن شۇنداق بىر ئادەت بار. ھەر قانداق بىر ئائىلىگە كەلسە، ئالدى بىلەن كۆمەچ كۆمۈپ مېھمان قىلىنىدۇ.

كۆمەچ پىشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق: خىمىرغا تازا ئىشلەپ يۈزىنى كەڭ قىلىپ ئاچقاندىن كىيىن گۆشنى قىيما قىلىپ، ئۇنىڭغا قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق خۇرۇچلار سېلىپ، تەمىنى تەڭشەپ قىيمىنى خېمىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىلىپ، خېمىرنىڭ تۆت ئەتراپى مەھكەم تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئوچاققا خاس يۇلغۇن ئوتۇنى سىلىپ كۆيدۈرۈپ، چوغ قوقاسقا ئايلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن خىمىر قوقاسقا سىلىنىدۇ. كۆمەچ گۇلاخما خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسىتى، كۈچ- قۇدرىتى، ئاش - تائام مەدەنىيىتى ماھارىتىنىڭ نامايەندىسى.


كۆمەچ تەھرىرلەش

كۆمەچ

كۆمەچ - ئۇيغۇر خەلقى بولۇپمۇ خوتەننىڭ يېزا - قىشلاقلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بېرى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان، ئوزۇقلۇق قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى نان .

خوتەنلىكلەر ئاساسلىق ئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقان كۆمەچ تۈرلىرى : قىيما كۆمەچ ( سوقتا كۆمەچ دەپمۇ ئاتىلىدۇ )، پېتىر كۆمەچ ۋە قازان كۆمىچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 

قىيما كۆمەچ : قىيما كۆمەچكە قىيما تەييارلاشتا پەقەت گۆش تۈرىدىكى قىيما ئاساس قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلاشتا ئىشلىتىلدىغان زىرە، قارىمۇچ، پىياز قاتارلىق خۇرۇچلار قانچە كۆپ بولسا، تەمىمۇ شۇنچە تەملىك بولىدۇ. قىيما كۆمەچنىڭ خېمىرى بولاق مانتا خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرۇلۇپ، مەلۇم ۋاقىت تىندۇرۇلىدۇ. ئاندىن خېمىر ئىككىگە بۆلۈنۈپ يۈزى ئېچىلىدۇ ھەم يۈزى ئېچىلغان خېمىردىن بىرىگە تەييارلانغان قىيما ئېلىنىپ، تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئاخىرىدا قىيما ئېلىنمىغان خېمىر قىيما ئېلىنغان خېمىرنىڭ ئۈستىگە يېپىلىپ، ئەتراپلىرى قول بىلەن ھىملىنىدۇ.

پېتىر كۆمەچ : پېتىر كۆمەچنىڭ خېمىرى پېتىر مانتىنىڭ خېمىرىغا ئوخشاش يۇغۇرىلىدۇ. بۇنىڭ قىيما كۆمەچكە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، پېتىر كۆمەچكە قىيما سېلىنمايدۇ، پەقەت خېمىرنى ئوبدان يۇغۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خېمىرغا پىياز، زىرە قاتارلىق بىر قىسم خۇرۇچلار سېلىنسا بولىدۇ. 
پىشۇرۇش ئۇسۇلى : قىيما كۆمەچ بىلەن پېتىر كۆمەچ ئوچاقتىكى ئوتۇننىڭ چوغىدا پىشۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئوچاققا ئوت قالاپ، ئوچاقنىڭ تېگى مەلۇم چەككىچە قىزىتىلىشى، ۋە مۇۋاپىق مىقداردا چوغ چۈشۈرۈلۈشى كېرەك. ئەگەر چوغ بەك كۆپ چۈشسە، كۆمەچ ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ. چوغ بەك ئاز چۈشسە كۆمەچ ياخشى پىشماي قالىدۇ. شۇڭا ئوچاقنىڭ تېگىنى مۇۋاپىق قىزىتىش ھەم چوغنىڭ مۇۋاپىق چۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمەچ كۆممەكچى بولغاندا، ئالدى بىلەن ئوچاقتىكى چوغ ئېلىۋىتىلىپ، ئوچاقنىڭ تېگى ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئوچاقنىڭ تېگىگە بىر قات قەغەز سېلىنىپ راسلانغان كۆمەچ قەغەزنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ. ئاندىن ئوچاقتىكى كۆمەچنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قات قەغەز قويۇلۇپ ئاندىن ئېلىۋېتىلگەن چوغ تاشلىنىدۇ. ئەگەر چوغنىڭ تەپتى بەك كۈچلۈك بولۇپ، كۆمەچنىڭ كۆيۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولسا، چوغ ئۈستىگە بىر ئاز كۈل چېچىۋەتسىمۇ بولىدۇ. كۆمەچ كۆمۈلۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئېچىلسا بولىدۇ. 
قازان كۆمىچى : قازان كۆمىچى قىيمىلىق كۆمەچ ۋە قىيمىسىز كۆمەچ دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. قىيمىلىق قازان كۆمىچىنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىنىپ ئېتىلىدۇ. ئۇنى تەييارلاش ئۇسسۇلى قىيما كۆمىچىگە ئوخشاش بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى، قىيمىلىق قازان كۆمىچى ياغدا پىشۇرۇلىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن قىزىتىلغان ياغدا كۆمەچ سارغايتىلىدۇ، ئاندىن قازانغا جىمبىل تېگىپ قالمىغۇدەك ھالەتتە سۇ قۇيۇلۇپ، جىمبىلنىڭ ئۈستىگە ياغدا سارغايتىلغان كۆمەچلەر رەتلىك تىزىلىدۇ، ئاندىن قازان 15 - 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. قىيمىسىز قازان كۆمىچىنىڭ ئېتىلىش ئۇسسۇلىمۇ قىيمىلىق قازان كۆمىچىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق ئۇنىڭغا قىيما سېلىنمايدۇ ھەم ياغدا بىۋاستە پىشۇرۇلىدۇ. 
كۆمەچ يەنە مۇئەييەن دەرىجىدە دورىلىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، تېبابەتچىلىك ئىلىمىدە بەدىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئاجىزلاپ كەتكەن، ئىچ سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئەقىل - پاراسەتلىك، ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق زامانلار مابەينىدە ئىجاد قىلغان كۆمەچ قاتارلىق بىر قىسىم ئەنئەنىۋى تائاملار تا بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەر تەرىپىدىن قەدىرلەشكە ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. 


كۇچا شويلىسى تەھرىرلەش

كۇچا شويلىسى

خۇرۇچى

ئاققوناق بىر كىلوگرام، سوققان زەنجىۋىل مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، ياغ 200 گرام، تۇرۇپ ئىككى باش، پىياز بىر باش، پەمىدۇر 70 گرام، يۇمغاقسۈت 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. ئاققوناقنى سوقۇپ، ياخشى ئاقلاپ، ئىسسىق سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈلىدۇ.

2. گۆشنى جىگدىدەك چوڭلۇقتا، پىيازنى يالپاق، تۇرۇپنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا، يۇمغاقسۈت، پەمىدۇر ئۇششاق توغرىلىدۇ. 

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-6 دەرىجە قىزىتىپ، گۆش بىلەن پىيازنى قورۇغاندىن كېيىن سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاققوناقنى، تۇرۇپنى سېلىپ بىر سائەت قاينىتىلىدۇ. 

قوناق ئېتىلىپ يۇمشىغان ۋاقىتتا پەمىدۇر، تۇز، زەنجىۋىل، قارىمۇچ سېلىنىدۇ.%90 پىشقاندا ئوتنى پەسەيتىپ، چوغدا 15-10 مىنۇت دۈملىنىدۇ. تاماقنى ئۇسۇش ئالدىدا يۇمغاقسۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا قويۇلىدۇ.


كۇچار سۇيۇقئېشى تەھرىرلەش

كۇچار سۇيۇقئېشى

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇڭپىياز ئىككى تال، تۇخۇم 12 دانە، قارىمۇچ بىر چىمدىم، قوي گۆشى 500 گرام، كاۋاۋىچىن بىر چىمدىم، دۈمبە ياغ 140 گرام، جاڭيۇ ئازراق، شاخا ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. توغرىغا ئازراق، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پالەك تۆت تۈپ. 1. خېمىر ئېشى (سېرىق لەڭمەن) ياسىغاندەك ياسىلىدۇ. (<سېرىق لەڭمەن>)بابىغا قاراڭ. گۆشنى پىشۇرۇپ يالپاقلاپ توغراپ قويۇلىدۇ. شورپا قايناپ تۇرىدۇ.

2. ئىككى دانە تۇخۇمدا نېپىز پوشكال ياساپ، ئىنچىكە توغرىلىدۇ. قايناۋاتقان شورپىغا قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرالغان دۈمبە ياغ، ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، سامساق، چوڭ - چوڭ توغرالغان پالەك، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن، ئازراق جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ، خۇرۇچلۇق پىششىق شورپا تەييار لىنىدۇ.

3. سېرىق لەڭمەننى ئىسىتىپ، چوڭقۇر تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، توغرالغان گۆشتىن بىر نەچچە ياپىلاق سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنچىكە توغرالغان تۇخۇم پوشكىلىدىن ئازراق سېلىپ، تەييارلانغان خۇرۇچلۇق پىششىق شورپىدىن قۇيۇپ، سوققان قارىمۇچ سېپىپ تەييارلىنىدۇ. تۇخۇمنى قايناۋاتقان شورپىغا چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇپ ئېلىپ، ھەربىر قاچا ئاشقا بىردىن تۇخۇم سالسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


كۈنجۈتلۈك نان تەھرىرلەش

كۈنجۈتلۈك نان

ئۇن بەش كىلوگرام، پىياز 500 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، سىيادان 70 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كۈنجۈت 70 گرام.

1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا ئىشلەپ، 200 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 - 15 مىنۇت تىندۇرۇپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ.

2. تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننىڭ يۈزىگە كۈنجۈت، سىيادان، ئۇششاق پىياز ئارىلاشمىسىنى تەكشى سۈركەپ، ناننىڭ كەينىگە تۇز ئۇرۇپ، تونۇرغا ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇپ ئېلىنىدۇ.


كەسكەن لەڭمەن تەھرىرلەش

كەسكەن لەڭمەن

كەسكەن لەڭمەن خۇرۇچى : ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، كەرەپشە ئىككى تال، گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى باش، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىسقۇ ئازراق، سۈ يېغى 70 گرام، سامساق بىر باش، جاڭدۇ 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال.

ئېتىش ئۇسۇلى :

1. كەسمە لەڭمەن خېمىرىنىڭ تۇزى ئۆتكۈزۈپرەك يۇغۇرۇلىدۇ ۋە ماشىنىدا كېسىلىدۇ. قولدا يۇغۇرۇپ ئەتكەندە، خېمىرنى چىڭ قىلىپ يۇغۇرۇپ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ئۇنى تەكشى يېيىپ نېپىزلىتىپ، يېرىم سانتىمېتىر كەڭلىكتە كېسىپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا چايقىلىدۇ.

2. بۇ ئاشنىڭ قورۇمىسى پىلتە لەڭمەننىڭكىدەك ئوخشاش قورۇلىدۇ. لېكىن قورۇمىنىڭ سۈيى كۆپرەك بولسا ياخشى.


كەسمە چۆپ تەھرىرلەش

كەسمە چۆپ

گومەن ئىككى بولاق (بىر كىلوگرام)، پەمىدۇر ئىككى تال، قوي گۆشى 500 گرام، تۇرۇپ ياكى چامغۇر ئىككى باش، لازا بىر شوخ، ياغ 70 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، زەنجىۋىل ياكى سۈيى مۇۋاپىق، سامساق بىر باش، تېتىتقۇ بىر چىمدىم.

1. گۆش ۋە سۇڭپىيازنى ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق، پەمىدۇرنى ئۇششاق، تۇرۇپ ياكى چامغۇر ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىلىدۇ. سامساق ئۇششاق چانىلىدۇ، ئاش كۆكى، لازىلارنى ئۇششاق توغرىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، گۆش قىزارغاندا سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، لازا، تۇز، زەنجىۋىل سۈيى قايناق سۇ قۇيۇپ، توغرالغان پەمىدۇر، چامغۇر ياكى تۇرۇپنى سېلىپ پىشۇرۇپ شورپا تەييارلىنىدۇ. شورپىسىنىڭ تۇزىنى كەمرەك قىلىپ تەڭشەش لازىم. چۈنكى گومەن سېلىنغاندا تەڭشىلىپ كېتىدۇ.

3. باشقا قازانغا قايناق سۇ قۇيۇپ، گومەننى سېلىپ 5~3 مىنۇت قاينىتىپ، پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇ بىلەن چايقاپ شورپىغا سېلىپ، قايناپ چىققاندا سامساق ۋە يۇمغاقسۈتنى سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، ئۈچ مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇلىدۇ.


گىردە نان تەھرىرلەش

گىردە نان

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 70 گرام، كۈنجۈت 70 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 35 گرام.

1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇز، سۇ قۇيۇپ، چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويىمىز. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن 200 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ گىردە ياساپ، ئاش تاختىغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ ئىككىسىنىڭ يۈزىنى بىر جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قو يۇلىدۇ.

2. قىزىتقان تونۇرنىڭ (قىزىتىش ئۈچۈن يۇلغۇن بولسا ناھايىتى ياخشى) ئوتىنى كۆمۈپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا سۇ، تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەپ، ناننى يېقىپ بولۇپ يۈزىگە سۇ سېپىپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ 25 - 20 مىنۇتقىچە خۇيلىنىدۇ. خۇي يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قولىمىزنى ناننىڭ يۈزىگە تەككۈزگەندە قولىمىزغا چاپلاشمىسا، خۇي يەتكەن بولىدۇ.

3. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۈزۈم شىرنىسىغا تەڭ باراۋەر نىسبەتتە سۇ قوشۇپ، ناننىڭ يۈزىگە سۇس چېچىپ بولۇپ داپخاننى ئېچىپ، ئوتنى يالىلدىتىپ پىشۇرىمىز. ناننىڭ يۈزىنى بەكمۇ قىزارتىۋەتمەسلىك كېرەك.


گۆش پۆرىسى تەھرىرلەش

گۆش پۆرىسى

ئاق ئۇن بىركىلوگرام، ئەبجەش ياغ (ئېرىتىلگەن قوي يېغى) 70 گرام، گۆش بىر كىلوگرام، تۇخۇم بىر دانە، سۇ 500 گرام، پىياز 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، زىرە ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ مۇۋاپىق

1. گۆش، پىيازلارنى ئۇششاق توغراپ، سوققان زىرە، تۇز، قارىمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، تۇخۇم پۆرىسىدەك تۈگۈپ تەييارلىنىدۇ. پۆرىنىڭ خېمىرى نېپىز بولۇشى، ئىچىدىكى قىيمىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.

3. پىشۇرۇلۇشى تۇخۇم پۆرىسىنى پىشۇرۇشقا ئوخشايدۇ.


گۆشگىردە تەھرىرلەش

گۆشگىردە

ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر كىلوگرام، گۆش ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، دۈمبە ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر 750 گرام.

1. گۆشگىردىنىڭ خېمىرىنى قاتتىق، تۇزلۇقراق پېتىر خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى يېرىم بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 ـ 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ھەربىر زوۋۇلىنى جىلتا ئېچىلىدۇ.

2. قوي ياكى كالا گۆشىنى نېپىز ۋە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئازراق سۇ يېدۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېپىز يالپاقلانغان پىياز، تۇز، قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. دۈمبە ياغنى يالپاقلاپ نېپىز توغرىلىدۇ.

3. تەييارلانغان جىلتقا قىيما ۋە بىر تالدىن دۈمبە ياغ سېلىپ، خۇددى بولاق مانتا تۈگكەندەك تۈگۈپ، ئۈستىگە سۇ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

4. قىزىتىلغان تونۇر (ئەڭ ياخشىسى يۇلغۇن قالاپ قىزىتىلسا ياخشى)، ئوتلىرىنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تونۇر يۈزىگە تۇز سۈيى چېچىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان گۆشگىردىنى تونۇرغا يېقىپ بولۇپ، يۈزىگە يەنە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ مەھكەم ئېتىپ، 15 - 20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ.

5. گۆشگىردە خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ۋە داپخاننى بوش ئېچىپ، ئوتنى يەلپۇپ يالقۇنجىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشگىردىنىڭ يۈزى قولغا چاپلاشماي قېتىشقان بولسا خۇي يېگەن بولىدۇ.

گۆشگىردە پىشقاندىن كېيىن ئۇنى قومۇرۇپ، داستىخانغا سوغۇق سۇ بىلەن قويۇلىدۇ.


گۆشلۈك پولو تەھرىرلەش

گۆشلۈك پولو

خۇرۇچى:

گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام، ئەبجەش ياغ 500گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش بىر يېرىم كىلوگرام، سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق، سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى:

1.گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 3-4قېتىم يۇيۇپ، سەۋزە قەلەمچە، پىياز يالپاق، گۆش 140گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ.

2.قازانغا ياغنى قۇيۇپ ، قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كىيىن،گۆش سېلىنىدۇ.گۆش سەل قورۇلغاندىن كىيىن،پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ.پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ يەنە قورۇلىدۇ.

3.سەۋزە قورۇلۇپ توق سېرىق رەڭگە كىرگەندە،زىرە،قەلەمپۇر سېلىپ سەۋزە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،قايناق سۇ قۇيۇپ سۇس ئوتتا 50-60مىنۇت سىم‏-سىم قاينىتىلىدۇ.ئاندىن تۇز تەمىنى تەڭشەپ ،ئوتنى پەسەيتىپ ،يۇيۇپ تەييارلانغان گۈرۈچ سېلىنىدۇ.ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت تارتىۋىتىلىپ چوغدا پىشۇرۇلىدۇ.

سۇ گۈرۈچ يۈزىدىن بىر سانتېمېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇشى ،گۈرۈچ. سېلىنغاندىن كىيىن قازان تەكشى قاينىتىلىشى لازىم.تەكشى قاينىمىسا پولو ئالا بولۇپ قالىدۇ.

4.گۈرۈچ سېلىشتىن بۇرۇن زىرۋەكنىڭ تۇز تەمىنى تەڭشىۋېلىش كېرەك.گۈرۈچ سېلىنىپ بولغاندا ،بولۇپمۇ گۈرۈچ سۇنى سۈمۈرۈپ بولغاندا تۇز تەمىنى تەڭشەش قىيىن .

ئاشنىڭ سۈيى تارتىلىپ بولغاندا،بىر نەچچە يېرىگە تاياق سانجىش كېرەك.بۇنداق قىلغاندا،گۈرۈچنىڭ يۈزىدىكى سۇ ئاستىغا چۈشۈپ قاينايدۇ.ئاستىدىكى ھور ئۈستىگە چىقىپ،گۈرۈچنىڭ ھەممە يېرىگە ھور تىگىپ ،گۈرۈچنىڭ پىشىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ.قازاننىڭ سۈيى ئاساسەن تۈگىگەندە ئاش دەملىنىدۇ.

ئاشنىڭ دەم يېيىش ۋاقتى گۈرۈچنىڭ مىقدارى ۋە سورتىغا باغلىق.ئادەتتە مۇشۇ ئۇسۇلدا ئەتكەندە 20-25مىنۇت دۈملەنسە بولىدۇ.ئاش دەم يىگەندىن كىيىن ،ئاشنى ياخشى ئۆرۈپ ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.داستىخانغا پولو بىلەن بىللە سوغۇق قورۇمىلار كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى.

ئالاھىدىلىكى: بۇخىل پولو توي ۋە باشقا چوڭ مەرىكىلەر ئۈچۈن ۋە ئائىلىلىكلەر ئۈچۈن ئومۇملاشقان بىرخىل نورمال پولو تۈرى. پولو دېگەندە ئومۇمەن پولونىڭ مۇشۇ خىلدىكىسى نەزەردە تۇتىلىدۇ.بۇ پۇلونىڭ رەڭگى سېرىق، پارقىراق، مەززىلىك ، قاتتىق يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق تەملىك بولىدۇ.


گۆشنان تەھرىرلەش

گۆشنان

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام، قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پىياز 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ئەپجەش ياغ 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ ئازراق.

1 . گۆشنى ئۇششاق توغراپ ياكى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. خېمىرتۇرۇچ قاتتىق بولسا، سۇغا سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا سېلىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئازراق تىندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن 200 گرام ۋە 140 گرام قىلىپ زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ھەربىر زوۋۇلىنىڭ گىرۋىكىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلت ئېچىپ، چوڭ جىلتقا تەييارلانغان قىيمىنى تەكشى يېيىتىپ، ئۈستىدىن كىچىك جىلتنى يېپىپ چوڭ جىلتنىڭ گىرۋەكلىرىنى ياندۇرۇپ كىچىك جىلتنىڭ گىرۋىكى بىلەن چىمدىپ يېپىشتۇرۇپ، گۆشنان (قىيملىق نان) تەييارلىنىدۇ.

3. قىزىغان تاۋىنى ياكى قازاننى ياغلاپ، گۆشناننى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇپ، سەككىز پارچىلاپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ناننىڭ خېمىرىنى كۆپتۈرمەيلا پېتىر قىلىپ ياسىغاندا، خېمىر نېپىز قىلىپ يېپىلىدۇ.


لازا تەملىك قۇۋۇرغا گۆش تەھرىرلەش

لازا تەملىك قۇۋۇرغا گۆش

ماتېريالى:سېمىز قۇينىڭ قۇۋۇرغا گۆشى، يۇخۇم، سۇماي، ئۇن قاتارلىقلار ئىھتىياجغا قاراپ. تەم تېتىتقۇلىرى: تۇز، ئاقمۇچ، قىزىل لازا ئۇۋىقى، جىياڭيۇ قاتارلىقلار مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى:1-قۇينىڭ قۇۋۇرغا گۆشىنى بىرتال-بىرتالدىن گۆشى بىلەن تەكشى تىلىپ، 3-4 سانتا ئۇزۇنلۇقتا چاناپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ 7ئۈلۈش پىشقاندا(يېرىم پىششىق)سۈزىۋېلىپ، دەرھال ئازراق جىياڭيۇ تېمىتىپ ئارىلاشتۇتۇپ قۇيىمىز.

2-گۆش سۇۋۇغاندا تۇخۇمنى چېقىپ گۆشكە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئازراق تۇز، قۇرۇق ئۇن (قورۇلغان تالقان)سېپىپ تەييارلايمىز.

3- ساپلىققا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ قۇۋۇرغا گۆشنى قايتا سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ سېرىق رەڭگە كىرگەندە سۈزۈپ ئېلىپ، ئازراقلا تۇز، ئاقمۇچ، قىزىل لازا ئۇۋىقى سېپىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەخسىگە ئۇسسىمىز.

ئالاھىدىلىكى: قۇۋۇرغا گۆشنىڭ رەڭگى توق سېرىق، چۇرۇك، گۆشى يۇمران، خۇشبۇي، ئاچچىق -چۈچۈك بۇلۇپ سورۇنغا ئالاھىدە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.


لويلا پۆرىسى تەھرىرلەش

لويلا پۆرىسى

يۇمران لويلا 250 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، ئەبجەش ياغ 70 گرام، سېمىز گۆش 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا

1. لويلىنىڭ ئىككى بېشىنى ئۈزۈۋېتىپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان گۆش (گۆش بولمىسا ياغ) ياكى پىششىق ياغ، قارىمۇچ، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. جىلتنى ئادەتتىكى پۆرىنىڭكىدەك تەييارلاپ، ئىچىگە لويلا قىيمىسى ئېلىپ پۆرە تۈ گۈلىدۇ.

3. تاۋىغا ئەبجەش ياغ قۇيۇپ، پۆرىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


مارجان كاۋاپ تەھرىرلەش

مارجان كاۋاپ

خۇرۇچى: قوينىڭ لوق گۆشى 280 گرام، تۇز مۇۋاپىق، تۇخۇم بىر دانە، سوققان زىرە ئازراق، ھۆل پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پىياز بىر تال، سوققان لازا ئازراق، ياغ 500 گرام (خورايدىغىنى 70 گرام). ئېتىش ئۇسۇلى:

1. قوينىڭ لوق گۆشىنى ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىدەك چوڭلۇقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا چانالغان پىياز، زىرە، لازا، پۇرچاق ئۇنى، تۇز، تۇخۇم ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. (ئازراق كۈنجۈت ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ).

2. ئارىلاشتۇرۇلغان گۆشنى ئىنچىكە زىخچىلارغا تەكشى ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتە دەرىجە قىزىغاندا زىخچىغا ئۆتكۈزۈپ تەييارلانغان گۆشنى سېلىپ ئالتۇن سېرىق رەڭدە داغلانغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ، ياغنىڭ گرادۇسىنى سەككىزىنچى دەرىجىگە ئۆرلىتىپ، ئىككىنچى قېتىم زىخچىلارنى سېلىپ مارجاندەك قىزارتىپ پىشۇرۇپ، سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىگە تەكشى تىزىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ.

گۆش كىچىك - كىچىك توغرالغاچقا، بۇ كاۋاپنى بىر قېتىملىق ياغدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.


ماش - گۈرۈچ ئاش تەھرىرلەش

ماش - گۈرۈچ ئاش

خۇرۇچى

يېشىل ماش ئىككى كىلوگرام، سېرىقماي 70 گرام، گۈرۈچ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. ماش ۋە گۈرۈچنى تازىلاپ 3-2 قېتىم يۇيۇلىدۇ. 

2. قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاۋۋال ماشنى سېلىپ، ماش ئېتىلغاندا گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن سېرىقماي بىلەن تۇزنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئوتنى پەسەيتىپ بەش مىنۇت دەم يېگۈزسە بولىدۇ.


ماش گۈرۈچ پولۇسى تەھرىرلەش

ماش گۈرۈچ پولۇسى

خۇرۇچى:

گۈرۈچ ئككى كلوگرام،ياغ 500گرام،گۆش بىر كىلوگىرام،يېشىل ماش 500گىرام،قەلەمپۇر مۇۋاپىق،سەۋزە بىر يېرىم كلوگرام،كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق،پىياز بىر تال،سۇ بىر يېرىم كلوگرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

ئېتىش ئۇسۇلى

1.ماش قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ يۇمشىتىلغاندىن كىيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ.گۈرۈچ ياخشى تازىلىنىپ سۇ بىلەن 3-4قېتىم يۇيۇلغاندىن كىيىن ،ئىسسق سۇغا بىر سائەت چىلىنىدۇ.گۆش 35گرام چوڭلۇقتا ،سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا ،پىياز يالپاق توغرىلىدۇ.

2.قازان قىزىپ ،ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ ،ئاندىن پىيازنى سېلىپ ،پىياز قىزارغاندا ،سەۋزىنى سېلىپ تىز ئوت بىلەن 10-15مىنۇت قورۇپ ،ئاندىن قايناق سۇ قۇيۇپ10-20مىنۇت قاينىتىپ ،قەلەمپۇر كاۋاۋىچىننى سالىمىز .سەۋزىنى ياخشى پىشۇرۇپ ماش ياكى نۇقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچ سالىمىز .گۈرۈچ ئۇزۇن چىلىنىپ يۇمشىتىلغاچقا ،سۇ كۆپ كەتمەيدۇ.گۈرۈچ پىشقاندا ئاش 20-25مىنۇت دەملىنىدۇ.ئاش دەم يىگەندىن كىيىن ئاشنى كەپكۈر بىلەن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ ،تاۋاق ـ لېگەنلەرگە ئۇسۇلىدۇ.داستىخانغا تۇرۇپتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى سۈزمە قېتىق قوشۇپ كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: يېغى كەمرەك،تەمى ياخشى مەززىلىك ،يېيىشلىك ،يۇمشاق بولىدۇ


ماشخوردا تەھرىرلەش

ماشخوردا

خۇرۇچى: گۆش 175 گرام، پەمىدۇر ئىككى تال، گۈرۈچ 280 گرام، پالەك مۇۋاپىق، ياغ 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ماش 175 گرام، پىننە ياكى رەيھان ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، لازا ئىككى شوخ، سەۋزە ئىككى باش، زىرە مۇۋاپىق مىقداردا.

خۇرۇچىنى تەييارلاش ئۇسۇلى: گۆش، پەمىدۇر ۋە پىيازنى ئۇششاق، سەۋزىنى تىرناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. يۇمغاقسۈت چانىلىدۇ. پىننە ئۇششاق ئۇۋۇلىنىدۇ. گۈرۈچ ۋە ماش يۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئېتىش ئۇسۇلى: قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى، پىيازنى سېلىپ قورۇپ، سارغايغاندا پەمىدۇر، سەۋزىنى سېلىپ ياخشى قورۇپ، دورا - دەرمەكلەرنى سېلىپ قورۇپ، سۇ قۇيۇپ، يۇيۇپ تەييارلانغان ماشنى سېلىپ ئېتىلغىچە قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن گۈرۈچنى سېلىپ يەنە 30-25 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ماش ئېتىلغاندىن كېيىن تۇز سېلىنىدۇ (گۈرۈچ پىشقاندىن كېيىن قازان چۈشۈرۈلۈپ بىرئاز دەم تىندۇرۇلىدۇ). ئاشنى قاچىلارغا ئۇسۇپ، لازا، يۇمغاقسۈت ياكى پىننە سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


موزاي كاۋىپى تەھرىرلەش

موزاي كاۋىپى

ئىككى ياشلىق موزاي بىر دانە، سۇڭپىياز ئۈچ تال، تۇخۇم 10 دانە، قەلەمپۇر 70 گرام، كاۋاۋىچىن 70 گرام، ئاقمۇچ 35 گرام، تۇز مۇۋاپىق، گۆش يۇمشىتىش پاراشوكى 70 گرام، سوققان زىرە 35 گرام، زەرچىۋە ئازراق، لازا 70 گرام

1. ئىككى يىللىق موزاينى قائىدە بويىچە ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويۇپ پاكىز تازىلاپ، گۆشى قېلىنراق بولغان قىسىملىرىغا تۆمۈر زىخچە سانجىپ تەم كىرەلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ.

2. سۇڭپىياز، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇرنى داكىغا ئوراپ قازانغا سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، گۆش يومشىتىش پاراشوكى، تۇز سېلىپ تەڭشەلگەن سۇ تەييارلاپ، چوڭ ئىدىشقا ياكى سۇ كۆلچىكىگە قۇيۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن موزاينى سېلىپ ئىككى سائەت چىلاپ تەم كىرگۈزۈپ ئۈچ مېتىرلىق تۆمۈر زىخقا ئۆتكۈزۈپ شامالدىتىدۇ.

3. تۇخۇمنى چېقىپ، كراخمال، زەرچىۋە، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، سوققان لازىنى سېلىپ، سۇيۇق ئوماچ تەييارلاپ چىلانغان موزاينىڭ بەدىنىگە سۈركەپ شامالدىتىپ، يېرىم سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۈركەپ تەييارلىنىدۇ.

4. ئېگىزلىكى تۆت مېتىر، دىئامېتىرى بەش مېتىر كېلىدىغان چوڭ تونۇرنى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان موزاينى تونۇرغا تىكلەپ ئىككى سائەت دۈملەپ پىشۇرۇلىدۇ.

5. پىشقان موزاينى ئېلىپ، مەخسۇس كاۋاپ ھارۋىسىغا تۇرغۇزۇپ، زىياپەتخانىغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارغا كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوڭ - چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك چوڭلۇقتا توغراپ تەخسىگە ئېلىپ زىياپەت جوزىسىغا كەلتۈرۈلىدۇ. لازا، تۇز، زىرە، ئاقمۇچلار ئايرىم كىچىك تەخسىلەردە كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم ئېھتىياجىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ.

موزاي كاۋىپىنى بېشى بىلەن بىللە كاۋاپ قىلىپ، بېشىنى موزاي تېنىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بوينىغا قىزىل رەخت چىگىپ، ئاغزىغا كۆك سەي چىشلىتىپ زىياپەتخانغا كەلتۈرۈپ خېرىدارلارنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن پارچىلاپ تارقىتىلىدۇ.


مۇچلۇق بۆرەك قورۇمىسى تەھرىرلەش

مۇچلۇق بۆرەك قورۇمىسى

ئاساسىي ماتېريالى : قوي بۆرىكىدىن 6 دانە، قىزىل - كۆكمۇچتىن يېرىمتالدىن

تەمخۇرۇچ : غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق، تۇز، جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ، كراخمال، شورپا، سۇ يېغى قاتارلىقلار .

تەييارلاش جەريانى : 1. بۆرەكنىڭ قارنىنى يېرىپ، كىندىك تومۇرلىرىنى ئېلىۋېتىپ، قايتا - قايتا يۇرۇپ، چىللە تەمىنى چىقىرۋېتىپ، بىر بۆرەكنى تۆت قىلىپ بىر تەرىپىنى تىلىملاپ قويىمىز، ئۇنىڭغا تۇز، ھۆل كراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، تەملەندۈرۈپ قويىمىز .

2. كۆك - قىزىلمۇچنى ياپراقچە توغرايمىز، غولپىيازنى قىيپاش، سامساقنى ياپراقچە، زەنجىۋىلنى چانايسىز ياكى نېپىز كۆز شەكلىدا توغرايسىز .

3. بىر پىيالىگە گىدىككنە شورپا قيۇپ تۇز، جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ، كراخمال قۇيۇپ تەڭشەيسىز .

4. قازانغا بۆرەك چىلاشقۇدەك ياغ قۇيۇپ قىززىغاندا بۆرەكنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ، پىشاي دىگەندە مۇچنى سېلىپ قازاندىن ئېلىپ سۈزىۋالىمىز. ئاندىن قازانغا بىر قوشۇق ياغ قۇيۇپ غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق سېلىپ، بۆرەكنى سېلىپ، تەڭشەلگەن شورپىنى قۇيۇپ، پاقىرىتىش مېيى قۇيۇپ، تەخسىگە ئالىمىز .

ئالاھىدىلىكى : شەكلى كۆركەم، چىرايلىق، بۆرەك گىرت - گرت، تەمى تۇزلۇق، مەززىلىك، ئاچچىق - چۈچۈمەل بولىدۇ .


مېغىز تۈگمىسى تەھرىرلەش

مېغىز تۈگمىسى

خۇرۇچى: قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى 200 گرام، كۆيدۈرۈلگەن بامبۇك نوتىسى ئازراق، ياڭاق 10 تال، تۇخۇمنىڭ ئېقى ئۈچ دانە، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، سۇڭپىياز بىر تال، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سامساق تۆت چىش، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، ئېرىتىلگەن قوي يېغى 500 گرام (خورايدىغىنى 105 گرام).

ئېتىش ئۇسۇلى:

1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆش ئۇزۇنلۇقى بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ سانتىمېتىر قىلىپ نېپىز يالپاق توغرىلىدۇ؛ ياڭاقنى قايناق سۇغا چىلاپ ئۈچ ـ بەش مىنۇتتىن كېيىن شاكىلىدىن ئايرىپ، مېغىزىنى پۈتۈن چىقىرىپ، تۆت چىشقا بۆلۈپ، ئۈچىنچى، تۆتىنچى دەرىجىدە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ قورۇپ ئېلىنىدۇ. ئاندىن ھەر بىر تال گۆشنىڭ ئىچىگە بىر چىش مېغىز ئېلىپ ئوراپ، يېرىقلىرىنى چىلىغان پۇرچاق ئۇنى بىلەن يەملەپ تەخسىگە قويۇلىدۇ.

2. ئىككى تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆپتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇق شىرى ياسىلىدۇ.

3. شورپىغا زەنجىۋىل سۈيى، تۇز، تېتىتقۇ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ شورپا تەييارلىنىدۇ.

4. قازانغا ياغ قۇيۇپ تۆت دەرىجە قىزىتىپ، مېغىز تۈگمىسىنى قويۇق تۇخۇم شىرىسىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، لەيلەپ چىققىچە پىشۇرۇلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى ئالتە دەرىجە قىزىتقان ياغدا ئىككىنچى قېتىم يەنە تەكشى سارغايغىچە پىشۇرۇپ ئېلىپ تەخسىگە تىزىپ قو يۇلىدۇ.

5. قازانغا ياغ قۇيۇپ، سۇڭپىياز، سامساق، يالپاق توغرالغان بامبۇك نوتىسىنى سېلىپ قورۇپ، تەڭشەلگەن شورپىنى قۇيۇپ، شورپا پىشىپ قويۇقلاشقاندا كۈنجۈت يېغى سېپىپ، تىزىلغان تۈگمىلەرنىڭ ئۈستىگە تەكشى قويۇلىدۇ.


نان تەھرىرلەش

نان

ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرى-نان ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك–ئىچمەكلىرى نان نان – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەكلىكلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى يېمەكلىكنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ناندىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناننىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى.

تۆۋەندە ناننىڭ ئاساسلىق تۈرلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمىز. ناننىڭ تۈرلىرى: 1. ئۆي نېنى 2. بازار نېنى 3. گىردە 4. گۆش گىردە 5. گۆش نان 6. ھەمەك نان 7. تۇقاچ 8. جۆۋەندە 9. زاغرا 10. قاتلىما

1. ئۆي نېنى – ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئىسسىق يۆگەپ قويۇپ بولدۇرۇلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن بىر جىڭ ئېغىرلىقتا زۇۋۇلا ئۈزۈپ قۇرۇق ئۇنلاپ قېلىن راسلىنىدۇ. ئوتتۇرىغا چۈككۈچ چىكىپ، ئۈستىگە داستىخان يېپىپ تىندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئۆي نېنىغا ياغ چەيلىسىمۇ ياكى چىگىردەك، سىيادان ئارىلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ. تونۇر ئادەتتىكىدەك قىزىتىلىدۇ. تونۇرغا تۇز سېپىپ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننىڭ ئارقىسىنى تۇز سۈيى بىلەن سۇلاپ، يەڭلىك بىلەن يېقىپ تونۇرنى توشقۇزغاندىن كېيىن، ناننىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ تونۇرنىڭ ئاغزى چىڭ ئېتىلىدۇ. ئەگەر ئوت بوش بولسا داپخۇننى ئېچىپ ئوت يېلىنجىتىلىدۇ، نان قېلىن بولغىنى ئۈچۈن تونۇردا ئۇزاقراق تۇرغۇزۇلۇپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. بۇنداق ئۆي نېنىنى ئۇزاق ساقلاشقا بولىدۇ.

2. بازار نېنى - ‹‹ئاق نان›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نان مۇنداق ياسىلىدۇ: خېمىر بوشراق يۇغۇرۇلۇپ، ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇلىدۇ، خېمىر تىنغاندىن كېيىن زۇۋۇلا قىلىنىدۇ. نان ئۇتتۇرلۇق ئېچىلىپ تونۇرغا ئۇتتۇرلۇق يېقىپ قايسىسى پىشسا شۇ قومۇرۇۋېلىنىدۇ. بۇ ناننىڭ ئوتتۇرىسى نېپىز، گىرۋىكى توم بولىدۇ. يۈزىگە چۈككۈچ چېكىلىدۇ. ناننى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن تونۇرغا يېقىش ئالدىدا، يۈزىگە چانالغان باش پىياز ۋە كۈنجۈت سۈرۈلىدۇ، نان تونۇرغا گەزنە بىلەن يېقىلىدۇ. بۇ خىل ناننى يېگۈچىلەر ئوتتورلۇق ئەكىرىپ يەيدۇ، ئۇزۇن ساقلاشقا بولمايدۇ. بۇ ناننى ئىسسىق ۋاقتىدا يېسە ناھايىتى مەزىلىك، تەملىك بولىدۇ.

3. گىردە – ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان نان تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇزاق سەپەرگە چىققۇچىلار بۇ ناندىن ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇ ناننىڭ ياسىلىشى مۇنداق: ئۇنغا خېمىر تۇرۇچ سېلىپ، چىڭ يۇغۇرىلىدۇ. خېمىر ئۇزاق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويۇلىدۇ. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈلۈپ تاۋلىنىدۇ. ناننىڭ گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ ياساپ، پەشخونغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر قىلىپ جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قويۇلىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ ئوتىنى كۆمۈپ، داپخوننى ئېتىپ تونۇرغا تۇز سېپىپ، تونۇرنىڭ ھاۋاسى تەڭشىلىدۇ. ناننى يېقىپ بولۇپ، يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ، يېرىم سائەتچە خۇيلىنىدۇ. نان قولغا چاپلاشمىسا، خۇي يېگەن بولىدۇ. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ نان يۈزىگە بوش سۇ چېچىپ داپخوننى ئېچىپ ئوت يېلىنچىتىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بەزى جايلىرىدا جىگدىنى سۇغا چىلاپ شەربەت چىقىرىپ گىردە يۈزىگە پۈركەيدۇ. بۇ خىل نان ‹‹شەربەت نان›› دەپ ئاتىلىدۇ.

4. گۆش گىردە - بۇ خىل گىردە ئۇيغۇر خەلقى سۆيۈپ يەيدىغان نان تۈرلىرىنىڭ بىرى. گۆش گىردە مۇنداق ياسىلىدۇ: بۇنىڭ خېمىرى پېتىر بولىدۇ. لېكىن خېمىرى چىڭ ھەم تۇزلۇقراق يۇغۇرىلىدۇ ۋە ياخشى ئىشلىنىدۇ. زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ بىر ئاز تىندۇرىلىدۇ. ئاندىن چىلىت ئېچىلىدۇ، قوي ياكى كالىنىڭ لوق گۆشى نېپىز، قۇناق چوڭلۇقىدا توغرىلىپ، ئۇنىڭغا ئازراق سۇ يىدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پىشىق توغرالغان باش پىياز، قارىمۇچ، تۇز ئارلاشتۇرۇلىدۇ. يەنە قۇيرۇق ياغدىن ئازراق توغراپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. جىلىتقا قىيما سېلىپ بولاق مانتا تۈگكەندەك تۈگۈپ، ئۈستىگە سۇ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرنىڭ چوغلىرىنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ داپخۇننى ئېتىپ، تونۇرنىڭ يۈزىگە تۇز سۈيى ئۇرۇپ ھاۋاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن يېقىلىدۇ. يېقىلىپ بولغان ناننىڭ يۈزىگە يەنە سۇ ئۇرۇلۇپ تونۇرنىڭ ئاغزى ھىم يېپىلىدۇ. گىردە خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزى ۋە داپخۇن ئېچىۋېتىلىپ، ئوتنى يەلپۈپ يېلىنجىتىدۇ. گىردىنىڭ گىرىدىنىڭ يۈزى چاپلاشمايدىغان دەرىجىدە قېتىشقاندا خۇي يېگەن بولىدۇ ۋە تونۇردىن قومۇرۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

5. گۆش نان – گۆشنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان باش پىياز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ۋە تۇز ئازىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. خېمىر تۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، زۇۋۇلىنىڭ گىرۋىكىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى بىر ئاز قېلىن قىلىپ، بىر چوڭ، بىر كىچىك جىلىت تەييارلىنىدۇ. چوڭ جىلىتقا قىيما تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئۈستىگە كىچىك جىلىت يېپىلىپ، چوڭ جىلىتنىڭ گىرۋىكىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ، پۈرۈپ نان تەييارلىنىدۇ. ئاندىن تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ نان ئۆرۈپ – چۆرۈپ تەكشى پىشۇرۇلىدۇ. پىشقاندا ھەر بىر گۆش ناننى پىچاق بىلەن پارچە – پارچە قىلىپ توغراپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ خىل نان شورپىلىق، تەملىك، يۇمشاق بولۇپ، تولىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.

6. ھەمەك نان – بۇ نان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ‹‹چوڭ نان›› دەپمۇ ئاتلىدۇ. بۇ نان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى نانلىرىدىن بىرى. بۇ نان كۆپىنچە ھېيىتلاردا، تويلاردا داستىخانىغا دەستىلەپ قويۇلۇپ، ئۈستىگە ئۇششاق ياغلىق توقاچلار قويۇلىدۇ. ئۆزى قاتتىق بولىدۇ. لېكىن چايغا سالسا تېز ئېرىيدۇ. يېيىشلىك بولىدۇ.

ھەمەك مۇنداق ياسىلىدۇ: ناننىڭ خېمىرى چىڭراق يۇغۇرۇلىدۇ. ياخشى ئىشلەپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، چوڭلۇقنى چوڭراق ئەلگەكتەك قىلىپ يېقىپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. كۇچانىڭ بىچاق نېنى مۇ ھەمەكنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ مەززىلىك.

7. تۇقاچ – تۇقاچ ئۇيغۇر نېنىنىڭ ئالاھىدە تۈرى. مەھمۇت قەشقىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› (1 توم 464- بەت) دا ‹‹تۇقاچ›› دېگەن سۆزنى بۇ سۆز ‹‹توق ئادەم›› دېگەن ئىبارىدىكى ‹‹توق›› سۆزىدىن ياسالغان. ‹‹چۈنكى توقاچ ئادەمنى تويدۇرىدۇ›› دەپ چۈشەندۈرگەن. ئۇيغۇر خەلقى ئائىلىلەردە ئۆزلىرى يېيىش ۋە مېھمانلارغا قويۇش ئۈچۈن، سەپەرگە چىققۇچىلارغا يوللۇق تۇتۇش ئۈچۈن، ياكى يىراقتىكى يېقىن ئادەملىرىگە خالتا قىلىپ ئەۋەتىش ئۈچۈن توقاچ يېقىلىدۇ. خېمىر بولغاندىن كېيىن، زۇۋۇلا ئۈزۈپ پىيالىنىڭ ئاغزىچىلىك چوڭلۇقتا (ئۇنىڭدىن كىچىك بولسىمۇ بولىدۇ) توقاچ راسلىنىدۇ. ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ، يۈزىگە داستىخان يېپىپ تىندۇرۇلىدۇ. تونۇرنى قىزىتىش، ناننى يېقىش، ۋە پىشۇرۇش جەريانى، ئۇسۇلى گىرىدە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. تۇقاچ پىشقاندىن كېيىن تونۇردىن قومۇرۇپ، قىزىق ۋاقتىدىلا ئېرىمىگەن قوي يېغى سۈرۈلۈپ پارقىتىلىدۇ. توقاچنىڭ خېمىرى سۈت، تۇخۇم، قوي يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلسا تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ، بۇ خىل تۇقاچنىڭ ئالاھىدىلىكى، قېتىپ كەتسە چايغا چىلىغان ھامان يۇمشايدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ساقلاشقا بولىدۇ. ئوڭاي كۆكىرىپ كەتمەيدۇ.

8. جۆۋەندە - بۇ نان بەزى يەرلەردە ‹‹قۇشۇقلۇق نان›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نان مۇنداق ياسىلىدۇ: مەلۇم نىسبەتتە ئاق ئۇن بىلەن قۇناق ئۇنى (مەيلى ئارپا ئۇنى، مەيلى ئاق قوناق ئۇنى ياكى كۆممىقۇناق ئۇنى) نى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا خېمىر تۇرۇچ سلېىپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ، خېمىر بولغاندىن كېيىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، نان ئېچىپ يۈزىگە ئۇششاق توغرالغان پىياز سۈركىلىدۇ. قىزىتقان تونۇرنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، داپخوننى ئىتىپ، تونۇرنى دۈملەپ سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.

9. زاغرا – خەس قۇناق ئۇنى بىلەن قىلىنغان نان ‹‹زاغرا›› دەپ ئاتىلىدۇ. زاغرا ئۈچۈن كۆممىقۇناق ياكى ئاق قۇناق ئۇنى ئىشلىتىلىدۇ. ئۇن قىزىق سۇ بىلەن يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر سۇۋۇغاندا ئۇنىڭغا خېمىرتۇرۇچ سېلىنىپ بىرەر سائەت بولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن زۇۋۇلا ئۈزۈپ ئاق ئۇنغا دوملىتىپ، گىرۋىكى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن قىلىپ نان راسلىنىدۇ. قىزىتىلغان تونۇرغا يېقىن جۆۋەندە نانغا ئوخشاش قىلىپ پىشۇرۇلىدۇ. زاغرا تونۇردا ئۇزۇقراق تۇرغۇزۇلىدۇ. زاغرىنىڭ خېمىرىنى يۇغارغاندا ئۇششاق توغرالغان پىياز، مانتا كاۋىسى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلسا زاغرا تېخىمۇ يېيىشلىك ۋە مەزىلىك بولىدۇ.

10. قاتلىما – قاتلىما ئۇيغۇر نانلىرىدىن ئالاھىدە بولغان بىر تۈر. مەھمۇت قەشقىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› (1توم، 672- بەت )دا ‹‹قاغۇرغان›› دېگەن سۆزنى ‹‹ماي بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلىدىغان بىر خىل نان›› دەپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ قاتلىمىنىڭ ئويغۇر نانلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. قاتلىما مۇنداق ياسىلىدۇ: خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نۇغۇچ بىلەن يۇققا يېيىلىدۇ. ئاندىن يېيىلغان خېمىرغا كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي ياكى ئەبجەش ماي سۈرتىلىدۇ. ئاندىن خېمىر تۈرۈلۈپ تۈرمە قىلىنىدۇ. تۈرمىنى تولغاپ، زۇۋۇلا ئۈزۈلىدۇ. ھەر بىر زۇۋۇلا پۇزا ئېچىلىپ نان ھالىتىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىزىق تونۇرغا يېقىلىدۇ ياكى دوخۇپكىدا پىشۇرۇلىدۇ. كۆپىنچە ئائىلىلەردە قاتلىما قازاندا ياكى تاۋىدا ياغدا ئۆرۈپ – چۆرۈپ پىشۇرۇلىدۇ. تونۇر قاتلىمىسى يېيىشلىك ۋە مەززىلىك بولىدۇ.

قاتلىمىنىڭ يەنە ‹‹گۆش قاتلىمىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان تۈرىمۇ بار. بۇنىڭ خېمىرى يۇقىرىقى قاتلىمىنىڭكىگە ئوخشاش تەييارلىنىدۇ. خېمىر ئۈگرىنىڭ خېمىرىدەك چوڭ ھەم نېپىز يېيىلىدۇ. ئاندىن ئۇششاق توغرالغان گۆش، نېپىز چانالغان پىياز، قارىمۇچ ۋە تۇزلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان قىيما سېلىپ تۈرمە تۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن زۇۋۇلا ئۈزۈلۈپ، زۇۋۇلا پۇزا بىلەن ئېچىلىپ نان تەييارلىنىدۇ. بۇ خىل قاتلىمىنى تونۇرغا يېقىپ پىشۇرسىمۇ، قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرسىمۇ بولىدۇ.

قاتلىمىنىڭ ئالاھىدىلىكى: خېمىرى قاتمۇ قات بولىدۇ. يۇمشاق، يېيىشلىك، سىڭىشلىك بولىدۇ.


نوقۇت پولۇ تەھرىرلەش

نوقۇت پولۇ

خۇرۇچى

گۈرۈچ ئىككى كىلوگرام، قەلەمپۇر مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، گۆش بىر كىلوگرام، سۇ بىر يېرىم كىلوگرام، نوقۇت 500 گرام، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. نوقۇت قازاندا بىر قېتىم قاينىتىلىپ، يۇمشىتىلغاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىنىدۇ. گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ، تۇزلۇق سۇ بىلەن 4-3 قېتىم يۇيۇپ، سۇغا بىر سائەت چىلىنىدۇ. گۆش 35 گرام چوڭلۇقتا، سەۋزە قوناقتەك چوڭلۇقتا، پىياز يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ، ياغ ياخشى داغلانغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، ئاندىن پىيازنى سېلىپ، پىياز سارغايغاندا توغرالغان سەۋزىنى سېلىپ، تېز ئوتتا 15-10 مىنۇت قورۇپ، خۇرۇچلار يېرىم پىشقاندا تۇز قۇيۇپ يەنە قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ 20-15 مىنۇت قاينىتىپ، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سېلىنىدۇ. ياخشى پىشۇرۇپ يۇمشىتىلغان نوقۇتنى سېلىپ ئۈستىگە گۈرۈچنى سېلىپ، گۈرۈچ بىلەن نوقۇت ئۇزۇن چىلاپ يۇمشىتىلغاچقا، سۇ كۆپ كەتمەيدۇ. گۈرۈچ بىلەن نوقۇت پىشقاندا ئاش 25 ـ 20 مىنۇت دەملىنىدۇ. 

ئاش دەم يېگەندىن كېيىن ئاشنى ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ لېگەنلەرگە ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. داستىخانغا تۇرۇپتىن قىلىنغان سوغۇق سەي ياكى قېتىق كەلتۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: يېغى كەمرەك،تەمى ياخشى،مەززىلىك،چايناشلىق بولىدۇ.


ياپىلاق لەڭمەن تەھرىرلەش

ياپىلاق لەڭمەن

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، گۆش 175 گرام، پىنتوزا مۇۋاپىق، سۇ يېغى 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، يېسىۋىلەك 150 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پەمىدۇر ئىككى دانە، سۇڭپىياز بىر تال، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق.

ياپىلاق لەڭمەن ئىككى خىل بولىدۇ.

1. ئەرجىزە: خېمىرنى پىلتە لەڭمەننىڭ خېمىرىدەك قىلىپ تەييارلاپ، تىنغان پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختىنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىپ، ئىككى تالدىن تۆت تالغىچە پىلتىنى ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ پىلتە لەڭمەن سوزغاندەك سوزۇپ قازانغا سالىمىز ياكى بىر تالدىن سوزۇپ ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۈزۈپ - ئۈزۈپ سالسىمۇ بولىدۇ. بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ شۇ پىتىچە ياكى ئىسسىتىپ تەخسىگە ياكى چىنىگە ئېلىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە قورۇلغان قورۇمىنى سالساق بولىدۇ.

2. جۇئەرمەن: پىلتىنى پىلتە لەڭمەننىڭ پىلتىسىدەك ئاشتاختىغا قاتار تىزىپ، ئۈستىدىن بېسىپ ياپىلاق قىلىمىز. 10-5 پىلتە بىرلا سوزۇلىدۇ، سوزغاندا ئىنچىكە سوزسا، كەسمە لەڭمەندەك ياپىلاق، لېكىن تار سوزۇلىدۇ، بۇ جۇئەرمەن دېيىلىدۇ. بۇ لەڭمەنلەر ئۈچۈن يۇقىرىقى پىلتە لەڭمەن ياكى باغلام ئاشنىڭ قورۇملىرىدىن خالىغان بىرىنى تاللاپ قورۇسا بولىدۇ.


يارما ئاش تەھرىرلەش

يارما ئاش

گۆش 175 گرام، قەلەمپۇر بىر تال، ياغ 70 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، بۇغداي ياكى قوناق يارمىسى 200 گرام، قىزىل لازا ئازراق، سۇڭپىياز بىر تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. بۇغداي ياكى قوناقنى تاسقاپ، ئۈگدەپ تازىلىغاندىن كېيىن ياغۇنچاقتا ياكى چاناقتا بۇغداينى 3-2 پارچە، قوناقنى بولسا 5-4 پارچە قىلىپ يارمىداپ، ئاندىن غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

2. گۆشنى جىگدىدەك ئۇششاق، سۇڭپىياز توغرىسىغا ئۇششاق توغرىلىدۇ.

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ داغلىغاندىن كېيىن گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كەينىدىن سۇڭپىياز سېلىنىدۇ. سۇڭپىياز سارغايغاندا سۇ قۇيۇپ، بىر تال قەلەمپۇر سېلىنىدۇ. سۇ قاينىغاندا تەييارلانغان يارمىنى سېلىپ، بىر سائەت قاينىتىپ، تۇز، ئاچچىقسۇ، ئۇششاق توغرالغان لازىنى سېلىپ ئۈستىدىن پىننە ياكى يۇمغاقسۈت سالسا بولىدۇ.


يارما پولۇ تەھرىرلەش

يارما پولۇ

خۇرۇچى

كۆممىقوناق يارمىسى ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر باش، گۆش 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، ياغ 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق، سەۋزە بىر كىلوگرام.

ئېتىش ئۇسۇلى

1. قوناق يارمىسىنى ئىلمان سۇدا پاكىز يۇيۇپ، قىزىق سۇغا چىلاپ 3-2 سائەت دۈملەپ يۇمشىتىلىدۇ. سەۋزە، گۆشنى قوناقتەك توغرىلىنىدۇ. 

2. خۇرۇچلارنى <شاد پولۇ>نىڭكىدەك قىلىپ قورۇپ، زىرە، تۇز سېلىپ، سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ، گۈرۈچ ئورنىغا يارما سېلىپ 40-30 مىنۇت دۈملىنىدۇ. ئاش دۈملەنگەندىن كېيىن ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، لېگەن بىلەن داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.


ياغ سامسا تەھرىرلەش

ياغ سامسا

ئۇن ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، سۇ يېغى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، گۆش بىر يېرىم كىلوگرام، زىرە ئازراق، پىياز 750 گرام، قوي يېغى 140 گرام.

1. گۆش، پىيازنى ئۇششاق توغراپ، ئۇنىڭغا تۇز، سوقۇلغان قارىمۇچ، زىرە، سۇ ئازراق، قوي يېغى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.

2. ئۇنغا تۇز، تۇخۇم، سۇ يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ قۇيۇپ قاتتىق خېمىر يۇغۇرۇپ، يېرىم سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، نېپىز جىلت ئېچىپ تەييارلىنىدۇ.

3. جىلتقا قىيما سېلىپ ئۈچ بۇرجەك، تۆت بۇرجەك ياكى يېرىم ئاي شەكلىدە سامسا تۈگۈپ، تاۋىدىكى ياغدا ياكى دۇخاپكىدا سامسىدەك پىشۇرۇلىدۇ.


ياغ مانتا تەھرىرلەش

ياغ مانتا

ئۇن بىر كىلوگرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، دۈمبە ياغ 175 گرام، سۇ 500 گرام، تۇخۇم ئىككى دانە، خېمىرتۇرۇچ ئازراق، پىياز 500 گرام، سۇ يېغى 150 گرام.

1. ياغنى چوڭ - چوڭ، گۆش ۋە پىيازنى ئۇششاق توغراپ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ.

2. ئىلمان سۇغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا تۇز ۋە تۇخۇم سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ، قېلىنراق جىلىت ئېچىپ، ھەربىر جىلىتقا تەييار قىيمىدىن سېلىپ بولاق مانتا تۈگكەندەك تۈگۈلىدۇ.

3. تاۋا ياكى قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزىتىپ، تۈگۈلگەن مانتىنى ياغدا قورۇپ، ئېلىپ قاسقانغا تىزىپ 25 ـ 20 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ. ئەگەر قاسقان بولمىسا، قازاندا دۈملەپ پىشۇرسىمۇ بولىدۇ. ياغ مانتىنى لېگەن ياكى تەخسىلەرگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلگەندە، ھەربىر كىشىنىڭ ئالدىغا بىردىن كىچىك تەخسە ۋە ئاچچىقسۇ، لازىلار ئايرىم قويۇلىدۇ.


ياغلىق توقاچ تەھرىرلەش

ياغلىق توقاچ

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 70 گرام، سۈت بىر يېرىم كىلوگرام، قۇيرۇق ياغ 70 گرام، سۇ يېغى (قوي يېغى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ) 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. ئىسسىق سۈتكە تۇز قۇيىمىز. خېمىرتۇرۇچنى يۇمشىتىمىز. ئۇلارنى ئۇنغا سېلىپ ۋە داغلانغان سۇ يېغىنى قۇيۇپ يۇغۇرىمىز. خېمىر بولغاندىن كېيىن 175 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ توقاچ ياساپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى تاغاق بىلەن گۈل چېكىپ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ، يۈزىگە داستىخان يېپىپ 10 - 15 مىنۇت تىندۈرۇلىدۇ.

2. تونۇرنى قىزىتىش، ناننى يېقىش، پىشۇرۇش گىردە ناننىڭكىدەك بولىدۇ. نان پىشقاندىن كېيىن قىزىق ۋاقتىدا يۈزىگە ئېرىتمىگەن قۇيرۇق ياغنى سۈركەپ، ئىككى ناننىڭ يۈزىنى بىر - بىرىگە يېقىپ شامالدىتىدۇ.


ياقما كاۋاپ تەھرىرلەش

ياقما كاۋاپ

قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە مۇۋاپىق، سوققان زىرە ئازراق، ئاق 140 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، تۇخۇم تۆت دانە.

1. گۆشنى ئالىقاندىن كىچىكرەك كەڭلىكتە، بارماقتەك قېلىنلىقتا توغرىلىنىدۇ. تۇخۇمنى چېقىپ ئۇنىڭغا زەرچىۋە قارىمۇچ، زىرە ئاق ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ، توغرالغان گۆشنى چىلاپ قو يۇلىدۇ.

2. تونۇرنى قىزىتىپ، داپخاننى ئېتىپ، تۇز سېپىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تۇخۇمغا چىلانغان گۆشنى تونۇرغا يېقىپ 20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ.

3. پىشقان كاۋاپنى تونۇردىن ئېلىپ، يالپاقلاپ توغراپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇزلارنى سېپىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

لازا بىلەن تۇزنى ئايرىم كەلتۈرسىمۇ بولىدۇ.


يالپۇز پۆرىسى تەھرىرلەش

يالپۇز پۆرىسى

يالپۇز يوپۇرمىقى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 500 گرام، ئېرىتمىگەن چاۋا ياغ 105 گرام، سۇ يېغى 70 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ ئازراق

1. يالپۇزنىڭ يۇمران يوپۇرمىقىنى تاللاپ، پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغرىلىدۇ.

2. چاۋا ياغنى ئۇششاق توغراپ، يالپۇز، تۇز، قارىمۇچ كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ يالپۇز قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

3. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، كىچىك زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلت ئېچىپ، ئىچىگە يالپۇز قىيمىسى ئېلىپ پۆرە تۈگۈپ، تاۋىدا ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.


يالپۇز چۆچۈرىسى تەھرىرلەش

يالپۇز چۆچۈرىسى

يالپۇز يوپۇرمىقى 250 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن 500 گرام، ياغ لازا مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ 70 گرام، سوققان كاۋاۋىچىن ئازراق.

1. خېمىرى ۋە جىلتى چۆچۈرىنىڭكىدەك تەييارلىنىدۇ.

2. يالپۇزنىڭ يوپۇرماقلىرىنى چاناپ، پاكىز يۇغاندىن كېيىن سۇ يېغى ياكى چاۋا ياغ، تۇز، سوققان كاۋاۋىچىن ئارىلاشتۇرۇپ يالپۇز قىيمىسى تەييارلىنىدۇ.

3. تەييارلانغان جىلتقا يالپۇز قىيمىسىدىن ئېلىپ چۆچۈرە تۈگۈپ، قايناق سۇغا سېلىپ 5 ـ10 مىنۇت قاينىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. ياغ لازا ئايرىم كەلتۈرۈلىدۇ. ھەر كىم خالىغانچە سالسا بولىدۇ.


ياڭاق تائاملىرى تەھرىرلەش

ياڭاق تائاملىرى

كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى : كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ . قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن چۆچۈرە تۈگۈلۈپ قايناپ تۇرغان قازانغا سېلىپ پۇشۇرىلىدۇ. قوناق ئۇنىدا ئېتىلگەن كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى تېخىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ .

كۆك ياڭاق مانتىسى: تەييارلىنىدىغان قىيما كۆك ياڭاق چۆچۈرىسىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كۆك ياڭاق چۆچۈرىسى سۇدا پىشۇرسا، كۆك ياڭاق مانتىسى قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .

كۆك ياڭاق كۆمىچى: كۆك ياڭاق پوستىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ، چانالغان پىياز ۋە گۆش بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قىيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆمەچ راسىنىپ، قىززىتىلغان مايدا ياكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىلىدۇ .

كۆك ياڭاق سامسىسى: كۆك ياڭاق كۆمىچىنىڭ قىيمىسى بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلدا قىيما تەييارلىنىپ، سامسا تۈگۈلگەندىن كېيىن تونۇرغا يېقىلىدۇ .

ياڭاق مانتىسى: ياڭاق مېغىزى ئۈششاق ئېزىلگەندىن كېيىن شېكەر، قوي يېغى ئارىلاشتۇرلۇپ قىيما قىلىنىدۇ. قيما تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مانتا تۈگۈلۈپ قاسقاندا پىشۇرىلىدۇ .

ياڭاق نېنى: ياڭاق، سۈت، تۇخۇم، ھەسەل، ماي قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپخېمىر يۇغۇرلۇپ تىندۇرۇلغاندىن كېيىن نان ياسىلىپ، تونۇرغا يېقىلىدۇ . بۇ خىل نان ئادەتتە « سەپەر نېنى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن چۈرۈك ۋە مەزىلىك بولىدۇ . ئۇزاققىچە قېتىپ قالمايدۇ .

ياڭاق چېيى: ياڭاق قىزىتىلغان تونۇردا ساغارتىلغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ ئۈستىگە قايناقسۇ ۋە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ياڭاق مۇرابباسى: كۆك ياڭاق مېغىزىنىڭ پوستى سويۇۋىتىلگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرلۇپ، قاچىنىڭ ئېغىزى خام قەغەزدە ئورىلىپ، كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان جايدا قويۇپ 30 كۈن ئەتراپىدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .

سوقماق: ياڭاق بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ئۇششاق ئېزىلىپ ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يومىلاقلىنىپ تەييارلىنىدۇ . سوقماقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، يىراق سەپەرگە چىققاندا ياكى ئادەتتىكى كۈنلەردە ئازراقتىن ئىستېمال قىلغاندا قورساق ئاچۇرمايدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ.


ياڭاق سامسىسى تەھرىرلەش

ياڭاق سامسىسى

ئۇن بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق، سۇ 500 گرام، قايماق 140 گرام، خېمىرتۇرۇچ 20 گرام، پىياز 500 گرام، ياڭاق 20 دانە، قارىمۇچ مۇۋاپىق.

1. ياڭاقنى چېقىپ مېغىزىنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق چانالغان پىياز، سوققان قارىمۇچ، قايماق، تۇز سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.

2. خېمىرنى يېرىم بولدۇرۇپ تەييارلاپ، يېرىم سەر چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلت ئېچىپ، تەييارلانغان قىيمىدىن سېلىپ سامسا تۈگۈپ، تونۇرغا يېقىپ ياكى دوخاپكىغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.


يومدان تەھرىرلەش

يومدان

يومدان (قوناق ئۇنى سۇيۇق ئېشى) يۇرتۇم قەشقەردە، بولۇپمۇ قەشقەر كونا شەھەر، يېڭى شەھەر ناھىيلىرىنىڭ جەنۇبى يىزىللىرىدا، يېڭىسار، ئاقتۇ ناھىيلىرىدىكى يىزىلاردا كەڭ ئېتىلىدىغان بىر تۇرلۇك ئەنئەنىۋى تاماق تۇرىدۇر. يومداننىڭ تارىخى 500يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە تاماق تۇرى بولۇپ، تەييارلىنىشى، خۇرۇچقا قويغان تەلىۋى ئاددى، شىپالىق رولى چوڭ تاماقتۇر.

ئادەتتە ھەر قايسى نوپۇزلۇق تېببى ئورۇنلار ئادەتتىكى ئوزۇقلىنىشقا دورىلۇق ئورنىدا بۇيرۇيدىغان، ئەتىۋارلىق تاماقتۇر. ئومۇمى شەكلى خۇيمىيەن بىلەن ئوخشاش.

شىپالىق رولى: ئسسىق قايتۇرۇش، قان بىسىمنى تۆۋەنلىتىش، قاندىكى ۋە بەدەندىكى ماينى سېرىش، قەۋزىيەت، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان بەدەندىكى ئاغرىقلارنى تۇگۇتۇپ ھاردۇق چىقىرىش، ئىشتاھا ئېچىش رۇلىغا ئىگە.

ئەكىس تەسىرى: ھەزىم بولىشى قىيىن، ئاشقازاننى ئېچىشتۇرىدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى: 1. ماتىرىيال تەييارلاش

ئىشلىتىلىدىغان ماتىرياللار:1. قوناق ئۇنى (قوناق ئۇنى ئادەتتە ئاق قوناق ئۇنى ۋە سېرىق قوناق ئۇنىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، يومدانغا ئامال بار ئاق قوناق ئۇنى ئىشلەتسە ياخشى بولىدۇ)؛ 2. چامغۇر، باش چامغۇر ۋە چامغۇر كۆكى؛ 3. گۆش، ئۇستىخانلىق قوي گۆشى ئالاھىدە تەم ھاسىل قىلىدۇ. 4. پەمىدۇر. 5. يۇمغاقسۇت (ئاش كۆك) ياكى پېننە. 6. تېخمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۇز ۋە قىشتا كاۋا ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) سىلىۋەتسەك بولىدۇ.

2. ئېتىش باسقۇچى

1. سۇيىنى تەييارلاش. جان سانىغا ئاساسەن قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ، سۇغا ئىسسىق ئۆتمەستىلا بادام چوڭلىقىدا تۇغرالغان گۆشنى، سەيگە توغرالغان ياڭيۇ چوڭلىقىدا تۇغرالغان چامغۇرنى ۋە تېخمۇ تەم ھاسىل قىلىش ئۇچۇن ئەتىياز ۋە يازدا غورا، كۇز ۋە قىشتا كاۋا (كاۋىنى چوڭراق بولغان توخۇ تۇخۇمىدەك توغرايسىز، ئۇرۇقىنى ئىلىۋىتىسىز) ياكى ئۇرۇك قېقى (گۇلە) دىن ئادەم بىشغا 3-4 تالدىن توغرا كەلگۇدەك قىلىپ سالىسىز، ئوتتا سۇيى قاينىغاندىن كىيىن ھاسىل بولغان كۆپۇكىنى سۇزۇۋىتىپ، ئۇششاق چوقۇلغان پەمىدۇرنى سالىسىز، سۇيى ئامال بار پەس ئوتتا ئۇزاق قاينىسۇن.

2. خىمىر تەييارلاش. قوناق ئۇنىدىن جان سانىغا ئاساسەن مۆلچەرلەپ ئىلىپ خېمىر يۇغۇرلىدۇ. (دېققەت: قوناق ئۇنىنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن ۋە ھەزىم بولىشى قىيىن، ئاشقازاننى ئېچىشتۇرىدىغانلىقى ئۇچۇن بۇغداي ئۇنىدىن ئۇچتە بىر نېسبەت بويىچە ئارلاشتۇرلىدۇ) خىمىر يۇغۇرۇلغاندا چوقۇم ئىشلىتىلگەن سۇنىڭ تىمپىراتۇرسى 40-50سېلسىيە گىرادۇس ئەتىراپىدا بولىشى لازىم، ئەلۋەتتە مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز قۇيلىدۇ، خېمىر چىڭ يۇغۇرلىدۇ. (خىمىر سىزگە نىسبەتەن قولاشمىغاندەك تۇيلىدۇ، بۇ نورمال، خىمىرنى ئۇزاق تېندۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇغۇرۇپ بولۇپلا كىسىپ، تەييارلىغان قايناۋاتقان ئاش سۇيىگە سالىسىز) خېمىرنى كەسكەندە ئاۋۋال تۇگرە ئېچشتا ئىشلىتىلىدىغان پوزا ئارقىلىق تاختا ئۇستىگە 0. 5 0. 3-سانتىمىتر قىلىنققا كەلتۇرۇپ يايىسىز، تەكشى يېيىلغاندىن كىيىن، كەڭلىكى 0. 3-0. 5 سانتىمىتىر، ئۇزۇنلىقى5 سانتىمىتىر ھالەتتە كىسىز.

3. پىشۇرۇش. تەييار بولغان ئاش سۇيىگە كىسىلگەن خېمىرنى سىلىپ 13مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە قاينىتىمىز. (دىققەت: خمىرنى تۇزسىز يۇغۇرغان ياكى سوغۇق سۇدا يۇغۇرغان، بوش يۇغۇرغان بولسىڭىز ئىزىلىپ كىتىدۇ) قوناق ئۇنى ئۇزۇندىراق پىشىدۇ، پىشقاندا تۇزىنى تەڭشەپ يۇمغاقسۇت (ئاش كۆك) ياكى پېننە، چوقۇلغان سامساقلارنى سىلىپ، بىر قاينىتىپ ئوتنى توختىتىسز.

يەلقازان كالا گۆشى تەھرىرلەش

يەلقازان كالا گۆشى

كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشى 500 گرام، سۇدا كۆپتۈرۈلگەن پۇراقلىق موگۇ يەتتە تال، تۇز ئازراق، پىششق بامبۇك ياپرىقى ئازراق، تېتىتقۇ ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، سېرىق ھاراق مۇۋاپىق، زەنجىۋىل ياپرىقى ئازراق، توخۇ شورپىسى بىر كىلوگرام.

كالىنىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى چوڭ - چوڭ نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، سوغۇق سۇغا 25 مىنۇت چىلاپ گۆشنىڭ قېنىنى چىقىرىۋېتىپ، قايناۋاتقان سۇغا سېلىپلا ئېلىپ، يەلقازانغا سېلىپ توغرالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، تۇز، سېرىق ھاراق، پۇراقلىق موگۇ، بامبۇك ياپرىقى، تېتىتقۇ، كۈنجۈت يېغى، توخۇ شورپىسى قۇيۇپ ئىككى سائەت ئەتراپىدا قاسقانغا سېلىپ بوسلاپ پىشۇرۇلىدۇ.


ھەمەك نان تەھرىرلەش

ھەمەك نان

ئاق ئۇن بەش كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

1. خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، بولدۇرۇپ، بىر يېرىم كىلوگرام زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كېڭەيتىپ، غەلۋىردەك چوڭ نان تەييارلىنىدۇ.

2. قىزىتىلغان تونۇرغا تۇز سېپىپ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننى گەزنىگە تەكشى قويۇپ يېقىپ، سىڭدۈرۈپ پىشۇرۇلىدۇ.