ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (Uyghur Latin Yёziqi) لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا بولۇپمۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق.ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

رەت نومۇرى 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 11 12 13 14 15 16 17 18 19 20 21 22 23 24 25 26 27 28 29 30 31 32
چوڭ ھەرپلەر A E B P T J CH X D R Z ZH S SH GH F Q K G NG L M N H O U Ö Ü W Ё I Y
كىچىك ھەرپلەر a e b p t j ch x d r z zh s sh gh f q k g ng l m n h o u ö ü w ё i y
ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻳﯧﺰﺋﻘﻰ ﺋﺎ ﺋﻪ ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ﺋﻮ ﺋﯘ ﺋﯚ ﺋﯜ ۋ ﺋﯥ ﺋﻰ

ئالاقەدار تەھرىرلەش

1. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2000-يىل 16-دېكابىر (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى .jpg فورمات)

2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى 2000-يىل 25-دىكابىر (ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى .jpg فورمات)

3. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانال(XJTV-2) دە 2001-يىلىنىڭ بېشىدا تارقىتىلغان UKY غا ئائىت مەخسۇس خەۋەر ۋە شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى قاتارلىقلار

4. تورىدىكى ئارخىپ: http://www.voy.com/37018 

5. An Introduction to Latin-Script Uyghur (by Jean R. Duval, Waris A. Janbaz, 2006) {{|url=https://web.archive.org/web/20191104172355/http://www.uyghurdictionary.org/excerpts/An%20Introduction%20to%20LSU.pdf |date=2019-11-04 }}.

مەنبەلەر تەھرىرلەش