ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى

ئۇيغۇرلار تارىختا شامان دىنى ۋە بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتقاد قىلغان بولۇپ، 10- ئەسىردىن باشلاپ 16- ئەسىرگىچە ئالدى كەينى بولۇپ بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. 21- ئەسىر بولغان ھازىرقى مەزگىلدىمۇ ئۇيغۇرلاردا كونا دىننىڭ ئاسارىتى تېخى تولۇق، تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىدى. مەسىلەن ئىسىرىق سېلىش، چاچ چۈشۈرۈش، پىېرىخونلىق قىلىش، قەبرە قاتۇرۇش، قاتارلىقلار. ھەممە مىللەت باراۋەر، ھەمدە ئۆزىنىڭ مىللىي خاسلىقى بولسا بولىدۇ، يۈزدە يۈز ئەرەبلەرنى دوراش ھاجەتسىز. مەسىلەن بادام دوپپا، ئەتلەس دېگەندەك. ئىسلام ئاساسىي قانۇن بولسا، مىللىي خاسلىق يەرلىك قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەرلىك قانۇن ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆز خاسلىقى بولسا بولىدۇ. ئەمما خاسلىق بولسۇن دەپ دىنىمىزنى ئەبجەش قىلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ھەم بۇنداق قىلىش ئاساسىي قانۇن ئىسلامغا زىتتۇر. ئاللاھنىڭ يولىغا كىرگەن ئىكەنمىز، ھەق دىنغا سەمىمىي ئېتقاد قىلىپ، كونا خۇراپىي ئىشلارنى تاشلاپ، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ئەگىشىشىمىز لازىم. ئىنشاء ئاللاھ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى بىر، دىلى بىر، دىنى بىر بولغاي. ئامىين.