ئۇيغۇلار قوللانغان يېزىقلار

ئۇيغۇرلار تارىخىتا قوللانغان يېزىقلار ئۇيغۇر يېزىقلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا، يۈكسەك يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەۋرمۇ دەۋر كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز زامانىسىدا خېلى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن، موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، جىمىسار، كۇچا، مارالبېشى، خوتەن، قارا شەھەر، چاقىلىق،  مىرەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ھەم دۇڭخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، مەڭگۈ تاشلارغا يېزىلغان تەزكىرىلەر، كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، پەن-مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىشى ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خېلى تەرەققىي قىلغان، پارلاق مەدەنىيەتكە، خېلى مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان مىللىي تىلغا ھەم بۇ تىلنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىققا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن يېزىقلار ھەققىدە ھازىر قولىمىزدا بارتەتقىق قىلىنىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، براھمىي يېزىقى، ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلغان. بۇلاردىن مەلۇم تارىخىي شارائىتتا مەلۇم قەۋم ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم دائىرىدە ئىشلىتىلگەن يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك قوللىنىلىش دائىرىسى خېلى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن قوللىنىلىش دائىرىسى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئورتاق قوللىنىلغان، تەسىرى چوڭراق، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

تەتقىقاتلاردىن  قارىغاندا سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، براھمىي يېزىقى، ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلغان.