ئۈرۈك تولدۇرمىسى

كېتەرلىك خۇرۇچلار تەھرىرلەش

500گىرام ئۇرۇقچىسىز ئۈرۈك قېقى، 100 گىرام گۈرۈچ، 100 گىرام سەۋزە، 100 گىرام ياڭاق مېغىزى10 تال قەلەمپۇز)سوقۇلغان بولۇشى كېرەك(، 200 گىرام شېكەر، 500 گىرام قايماق.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى تەھرىرلەش

1.ئۆرۇكلەر يۇيۇلۇپ بىر قازانغا سېلىنىدۇ، ئۇستىگە ئالتە پىيالە سۇ قۇيىلىدۇ.سۇ قاينىغاندىن كېيىن بەش مىىنۇت پىشۇرۇلۇپ سۈزىۋىلىنىدۇ.گۈرۈچلەر يۇيىلىدۇ، باشقا بىر كورىدا گۈرۈچكە بەش پىيالە سۇ قۇيىلىپ پىشۇرۇلىدۇ، سۇيى سۈزىلىدۇ.سەۋزە ئادالىنىپ قىرغۇچتا قىرىلىدۇ.

2.ياڭاق مېغىزى ئۇششاق توغرىلىدۇ، ئۇستىگە گۈرۈچ، سەۋزە، بىر ئاش قوشۇق شېكەر ۋە قەلەمپۇز قېتىلىپ، ئوبدان ئارىلاشتۇر-ىلىدۇ.

3.يەنە بىر تەرەپتە قالغان شېكەر ۋە قەلەمپۇز بىر پىيالا سۇ بىلەن 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ.

4.ئۆرۈكلەر ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلىنىدۇ، ئىچىگە تەييارلانغان گۈرۈچلۈك ئارىلاشمىدىن تۆكىلىدۇ.

5.ئاندىن 200 گىرادۇسقا توغرىلاپ قزىتىپ قويۇلغان دۇخۇپكىدا 10 مىنۇت پىشۇرۇلىدۇ.سوۋۇتىلغاندىن كېيىن تەخسىگە ئېلىنىپ، قايماق بىلەن داستىخانغا كەلتۈرىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى تەھرىرلەش

دانە-دانە، ساپسېرىق ۋە سۈپسۈزۈك.شەكلىنىڭ گۈزەللىكى كۈلۈپ تۇرغان خۇش چىراينى ئەسلىتىدۇ.تەمى تاتلىق، بەكمۇ يېيىشلىك، بەدەنگە قۇۋۋەت بېرىدۇ، نېرۋىنى كۈچلەندۇرىدۇ، سۈيدۇكنى، قاننى راۋان قىلىدۇ، ئۈچەينىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، زېھىن ھارغىنلىقنى يوقىتىدۇ.