ئۈرۈمچى شەنشى چوڭ مەسچىتى

. ئۈرۈمچى شەنشى چوڭ مەسچىتى


ئۈرۈمچى شەنشى چوڭ مەسچىتى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى خۇيزۇ مەسچىتلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى ، ئەڭ چوڭ مەسچىت . ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇڭخې ئۇدۇل كوچىسدا . چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ يىللىرى سېلىنىشقا باشلاپ ، 1906 - يىلى ( گۇاڭشۈينىڭ 32 - يىلى ) قايتا قۇرۇلغان . 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا چوڭ رېمونت قىلىنغان . مەزكۇر مەسچىت چاسا قورۇ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . نامازخانىسى جۇڭگو قەسىرلىرى شەكىلدىكى خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىمارەت بولۇپ ، ئالدى قىسمى تاق پەلەمپەيلىك بېلىق قاسراقسىمان ئۆگزىلىك ، كەينى قىسمى ئۈستى سەككىز بۇرجەكلىك ، ئاستى تۆت بۇرجەكلىك ، قەۋەت لەمپىلىك << سەككىز بۇرجەك راۋاق >> ، ئەزان ئېيتىش راۋىقىدىن ئىبارەت . نامازخانىنىڭ سىرتىدا ئايلانما دەھلىز تۇتىشىپ تۇرىدۇ . قورۇنىڭ شىمالىي ، جەنۇبىي ، شەرقىي تەرەپلىرىدە زال ، ياتاقخانا ، مەدرىسە ۋە غۇسلىغانا بار ، مەزكۇر مەسچىت ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مەدەنيەت يادىكارلىقى قاتارىدا قوغدىلىدىغان ئورۇن .