ئۈرۈمچى نەنمېن مەسچىتى ( خانتەڭرى جامەسى )

ھۆججەت:Hantengri.jpg


ئۈرۈمچى نەنمېن مەسچىتى مەشھۇر مەسچىت . 1882 - يىلى سېلىنىپ ، 1902 - يىلى قايتا قۇرۇلغان . ئۇزۇن يىللار رېمونت قىلىنماي ، 1985 - يىلى قايتا قۇرۇلغان . شۇندىن باشلاپ << خانتەڭرى جامەسى >> دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ . قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى جامەنىڭ ئورنى نەنمېن چوڭ كوچىسىدا بولۇپ ، شەرققە قاراپ تۇرىدۇ . سېلىنىشى چىرايلىق ، تۆت ئۇچلۇق مۇنار مەسچىتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يېرىم شارسىمان قۇببىنىڭ تۆت تەرىپىدە قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ ، ئىككى يېنىدا يەنە كىچىكرەك ئىككى قۇببە بولۇپ ، قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن شەكلى تىپىك ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ ، ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . قۇرۇلۇشنىڭ گەۋدىسى مۇنار شەكىللىك بولۇپ ، يەر مەيدانى 2800 كىۋادىرات مېتىر ، تۆت قەۋەتتىن تەشكىل تاپقان . ئالدىنقى چوڭ ئىشك ۋە نامازخانا بىر گەۋدە بولۇپ ، ئالدىدا كەڭ ئايۋان ، ئىككى تەرىپىدە رېشاتكىلىق پەلەمپەي بار . نامازخانىنىڭ ئىچى ئازادە ۋە يورۇق بولۇپ ، تىنچ ، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ . بىرىنچى قەۋىتى يەر ئاستى قەۋىتى . ئىككىنچى قەۋىتى يەر ئۈستى بىرىنچى قەۋەت بولۇپ ، مەسچىتتە مۇستەھەپخانا ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلدىغان ھۇجرىلار ھەمدە مەسچىت سودا سارىيى بار . ئىككى تەرەپتىكى پەلەمپەينىڭ ئۈستىدىكى ئۈچىنچى قەۋەت قۇرۇلشنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى _ نامازخانا . تۆتىنچى قەۋەت تالىپلارنى تەربىىيلەيدىغان دەرسخانا .



ئۇرۇمچى خانتەڭرى جامائەسى ئۇرۇمچىدىكى تارىخىي بىر قەدەر ئۇزۇن ، كۆلىمى چوڭ ، مەشھۇر مەسچىتلەرنىڭ بىرى . كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ جايغا سىلىنغان دەسلەپكى مىسچىت 200 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ ، ئاددى ھەم كىچىك ئىكەن . ئەينى چاغدا بۇ ئەتراپتا قەشقەرلىك كىشىلەر كۆپرەك بولغاچقا « قەشقەر مەسچىتى » دەپ ئاتالغانىكەن . 1764- يىلى دىخۇا ( ئۇرۇمچى ) قەلئەسى ياسىلىپ ، « نەنمىن » ( جەنۇبىي قوۋۇق ) ، « داشىمىن » ( شىمالىي چوڭ قوۋۇق ) ، « دۇڭمىن » ( شەرقىي قۇۋۇق ) دېگەن يەر ناملىرى پەيدا بولغاندىن كىيىن « نەنمېن مەسچىتى » دەپ ئاتالغان . كىيىنچە بۇ جاي ئاۋاتلىشىپ شەھەر مەركىزىگە ئايلانغاندىن كېيىن ، 1882- يىلى ئەسلىدىكى كونا مەسچىت بۇزۇلۇپ ئورنىغا يېڭى مەسچىت سىلىنغان . بۇ مەسچىت شەھەرنىڭ ئاۋات رەستىسىگە جايلاشقانلىقى ئۇچۇن « رەستە مەسچىت » دەپ ئاتالغان . 1902 - يىلى مەسچىت ۋە مەسچىت يىنىدىكى ۋەخپە يەرلەرگە دىننىي ۋە پەننىي بىلىملەر ئۆتۇلدىغان مەكتەپ سىلىنغان . بۇخارا ، قەشقەر ، تۇرپانلاردىن مۇدەرىسلەر تەكلىپ قىلىنغان . بۇ مەكتەپ 1953- يىلىغىچە ئىچىلغان ، 1918 - يىلى مەسچىت كەڭەيتىلگەن . 1942 - يىلى مەسچىت پەشتىقى ئارقىغا سۇرۇلگەن ( سەۋەبى ئىنىق ئەمەس _ يىلان ) ، 1948- يىلى ئەيسابەگ سەرراپ سالدۇرغان ، ئەينى چاغدا قازىخانىمۇ مۇشۇ جامە ئىچىدە ئىدى . شۇ چاغدىكى جامەنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1512 كۇۋادىرات مېتىر ئىدى . قۇرۇلۇش ككلىمى 611 كۇۋادىرات مېتىر ئىدى .شۇ يىللاردا روزى ھاجىم يوقسۇللارغا خەير _ ساخاۋەت قىلىپ مەسچىت ئىشلىرىغىمۇ ھەر جەھەتتىن كۆڭۇل بۆلۇپ ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغاچقا « روزى ھاجىم مەسچىتى » دەپ ئاتىلدىغانمۇ بولغان . ( مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىنىڭ كاساپىتى بىلەن - يىلان ) 1983- يىلىغا كەلگەندە بۇ مەسچىت كونىراپ ناماز ئوقۇش خەۋەپلىك بولۇپ قالغاچقا پىچەتلەنگەن . شۇڭا 1984- يىلدىن 1988- يىلغىچە ئەسلىدىكى مەسچىت ئورنىغا تۆمۈر ، بىتۇندىن قوپۇرۇلغان كۆركەم يېڭى مەسچىت سىلىنغان ۋە بۇ مەسچىتكە « خانتەڭرى جا مەسى » - دەپ نام بىرىلدى . بۇ جامەنىڭ ئىگىزلىكى 25 مېتىردىن ئارتۇق ، كۆلىمى 2500 كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدە 737 كۇۋادىرات مېتىر كىلىدىغان ناماز ئوقۇلىدىغان ئورۇن ھەم ھاممام ، 150 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان كۇتۇپخانا بار . بۇ مەسچىتكە 1937 - يىلى ئابلا ئىمام ئىمامەتچىلىك قىلغان ، 1940 - يىلىلىرى نەزەر قارى ئىمام ۋە خاتىپ بولغان ، ئۇندىن كېيىن ئىسمائىل قارى ، شاھىمەردان قارى ، ئەسەدۇللا موللا قاتارلىقلار ئىمام بولغان .