ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش

”ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش“ دوركخيمىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بىرى. چۈنكى دوركىيىم بۇ ئەسەردە پاكىت ئارقىلىق نەزىرىيىۋى يەكۈن چىقارغان. يەنى دوركخيىم ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھادىسىسىنى تەتقىق قىلغاندا نوقۇل ھالدا سوبىكتىپ تويغۇغۇغا ئاساسلانماستىن، بەلكى ئەينى زاماندا ئۈلۈۋېلىش ھەققىدە ئىرىشىش مۇمكىن بولغان بارلىق سان-سىفىر ۋە ماتېرىياللارنى توپلىغان ۋە بۇ ماتېرىياللار ئاساسىدا ئەينى زامانىدىكى فىرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۈلىۋېلىش ھادىسىسىنىڭ قانۇنىيتىنى سىستىمىلىق ھالدا ئېچىپ بەرگەن. شۇڭلاشقا بۇ ئەسەر دوركخيىمنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى كىتابلىرى ئىچىدە كىشىنى قايىل قىلارلىق پاكىت ۋە يەكۈنگە ئىگە قىلىدىغان كىتاب ھىسابلىنىدۇ. بۇ كىتاپ ئەينى زاماندىكى فىرانسىيەدە تۇلىمۇ كەڭ تارقالغان ئۆلىۋېلىش ھادىسىسىنى مەنبە قىلغان. دوركخيىم بۇ ئەسەردە يەنىلا ئالدىنقىلارنىڭ ئۈلۈۋېلىش ھەققىدىكى نوقتىنەزىرىگە ئاساسلانغان ۋە  مەلۇم دەرىجىدە قۇبۇل قىلغان.[1]

بۈگۈنكى كۈندە ئۈلىۋېلىش ھەققىدە دوركخيىمنىڭ قاراشلىرىغا ئاساسلىنىپ ياكى باشقىچە شەكىلدە خىلى كۆپ ئەسەر يېزىلدى. گەرچە بۈگۈنكى كۈندىكى ئۈلۈۋېلىش ھادىسىسىنىڭ ماھىيتى ۋە سەۋەبى دوركخيىم ئەينى زاماندا فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلاردىن مەلۇم دەرىجىدە پەرق قىلسىمۇ، ئەمما دوركخيىنىڭ جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان ھادىسىلەرنىڭ ماھىيتى ۋە كىلىپ چىقىشىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئېچىپ بەرمەكچى بولغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ”ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش“ ھەقىقىي شەكىلدە پاكىت ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەرنىڭ ماھىيتىنى ئېچىپ بىرىشتە باشلامچىلىق رول ئوينىغان.

دوركخيىم ئەينى زاماندا ئوتتۇرىغا قويغان يەكۈنلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۈلۈۋېلىش ئەمەلىيەتلىرىگە ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مەلۇم بىر جەمئىيەت ئۈستىگە مەركەزلەشكەندىلا ئاندىن شۇ جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەرگە خاس نەزەرىيۋى نەتىجە يارىتالايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، ياۋرۇپا ئۈچۈن جەمئىيەت مەسىلىسى بولغان ھادىسىلەر ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن مەسىلە بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلمىسى، ئەمەلىيتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىدىيسى پەرقلىق. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئىرىشىلگەن يەكۈن ھەممە جەمئىيەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ. بىز بۇ نوقتىدا ھەربىر جەمئىيەتنىڭ ئۈزىگە خاس جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسى بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيمىز.

دوركخيمنىڭ كىتابىغا كىلەيلى. مەن ئالدىنقى قىسىمدا دوركىيىم ياشىغان دەۋرنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىنى ئاز-تۇلا ئەسكەرتكەن ئىدىم. جۈملىدىن ئۈلىۋېلىشىمۇ ئەينى زاماندا فىرانسىيە جەمئىيتىدىكى سەلبى شەكىلدە يامراپ كەتكەن ئېغىر جەمئىيەت ھادىسىسى ئىدى. شۇڭلاشقا دوركىيىم جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئۈلۈۋېلىشىنىڭ قانداق سەۋەپتىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىنىقلىماقچى بولغان. ئەمما دوركخيىم بۇ تەتقىقاتقا كىرگەندە پىسخولوگلارنىڭ ئۈلۈۋېلىش ھەققىدىكى  يەكۈنلىرىگە نەزەر سالمىغان. چۈنكى، ئۇنىڭچە ئۈلىۋېلىشنى شەخىس ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئانچە كۆپ نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرىشىلگەن نەتىجە جەمئىيەت ھادىسىسىنى ئېچىپ بىرىشكە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئۈلىۋېلىشنى بىر خىل جەمئىيەت ھادىسىسى ياكى ئىجتىمائىي پاكىت سۈپىتىدە تونۇپ تەتقىق قىلىش كىرەك.

دوركخيىم كىتابىنىڭ كىرىش قىسىمىدا روھىي كىسەل ۋە ھاراقكەشلىكنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرۈرىۋېلىش بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ چوڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭچە روھىي كىسەللىك ۋە ھاراقكەشلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئۈزىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ۋە پاكىت بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتىنىڭ ئۇنچىلىك قويۇق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

دوركخيىمنىڭ قارىشىچە ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى تامان ئۈزىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىنكى سەلبىي ۋە ئاكىتىپ تەسىرلەرنى تامان بىلىدۇ.[2] بۇ سەۋەپتىن دوركخيىمغا نىسپەتەن ئۈلۈۋىلىش نادانلىق بىلەن چىقىرىلغان قارار بولماستىن بەلكى ئاقىلانىلىق بىلەن چىقىرىلغان قارار. بۇ دىگەنلىك ئۈلىۋالغۇچى ئۈزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ قانداق نەتىجە بىرىدىغانلقىنى كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغان بۇلىدۇ. ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەرگىزمۇ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۈلۈپ كىتىشكە ئوخشىمايدۇ.

دوركخيىم ئۈلۈۋېلىش ھەققىدە توغرا يەكۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئۈلۈۋالغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى، جىنىسى، دىنى، خاراكتىرى، دۆلەت تەۋەلىكى… قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەر ھەققىدە سىستىمىلىق تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنى ياش چوكايغانچە كۈپىيىپ بارىدىغان بىر ھادىسە.[3]دوركخيىم يەنە روھىي كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى بايقىغان. بۇ سەۋەپتىن ئۈلىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى روھىي كىسەلگە گىرىپتا بولغان دىيش ئانچە ئاقىلانىلىق ئەمەس.

دوركخيم مەلۇم بىر جەمەت ياكى رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ ئۈلۈۋېلىش نىسىپىتىنىڭ يۇقىرىلىق ھادىسىسىنىمۇ كۈزەتكەن. ئەينى زاماندا مەلۇم بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى شۇ جەمەتنىڭ گىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان. ئەمما دوركخيىم بۇ خىل قاراشقا كەسكىن قارشى چىققان. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۈلۈۋېلىشىنىڭ گىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق.[4]

دوركىيىم پەسىل، ھاۋا كىلىماتى، ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك شارائىتىنىڭ ئۈلىۋالغۇچىنىڭ ئۈلۈۋېلىش قارارىغا تەسىر كۆرستىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى قايسى پەسىلدە كۆپ بۇلىدۇ، دەپ سۇرالسا دەرھال قىش پەسلى دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن. چۈنكى قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، ئەتراپ قۇرۇق-قاقشال، ئىنساننىڭ قىش پەسلىدىكى ھەرىكىتى ناھايتى پاسسىپ. قىشتا كۈڭۈلنى خوش قىلىدىغان مەنزىرىلىك جاي ۋە ھاۋا بولمايدۇ، دەپ جاۋاپ بىرىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن قىش پەسلىدە ئۈلىۋالغۇچىلار كۆپ بۇلىدۇ، دىيىشى مۇمكىن. ئەمما دوركخيىمنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار قىش پەسلىدە ئەمەس، بەلكى ياز پەسلىدە ناھايتى كۆپ بولغان.[5] چۈنكى ئۈلىۋالغۇچىلار ئۈزىگە بىر خىل ئازادە، يېقىشلىق مۇھىتتا ئۈلۈشنى ئارزۇ قىلغان.

دوركخيىم يەنە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىدىنى تەقلىد قىلىپ ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ ئازلىقىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. يەنى بىرى ئۆلسە يەنە بىرى ئۇنىڭ ئۈلۈمىنىڭ سەۋەپ-نەتىجىسىگە ئاساسەن ئۈزىدە ئۈلىۋېلىش قارارىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ نىسپىتىنىڭ ئازلىقى بايقىغان. شۇڭلاشقا ئۈلىۋالغۇچىلار ئارىسىدا بىر-بىرىدىن تەسىرلىشىش ھادىسىسى تولىمۇ ئاجىز بولغان.

دوركخيىم يەنە  دىنلار، مەسىلەن خىرىسىتىيان دىنى، كاتولىك دىنى، يەھۇدىي دىنى قاتارلىقلارنىڭ ئۈلىۋېلىشقا تۇتقان پوزىتسىيسى ۋە بۇ دىنغا ئىتقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنى سېلىشتۇرغان. ئۇ ئادەمنىڭ ئۈزى ھەققىدە ئويلىنىش ئىمكانىيتى جىقراق بولغان، شەخسىي پائالىيەتكە كۆپرەك رۇخسەت قىلغان پىروتېستان دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ يۇقىرىقىلىقىنى بايقىغان. چۈنكى بۇ دىننىڭ شەخىسچانلىقى يوقىرى ئىدى.[6] ئەكىسچە ھالدا يەھۇدىي دىنى قاتارلىق دىنلاردا ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنىڭ تۈۋەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىققان. چۈنكى يەھۇدىي دىنى قاتارلىق دىنلار ئۈزىنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلىرى ۋە دىنىي ئەقىدىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ۋە ئىدىيەسىنى ناھايتى قاتتىق شەكىلدە كونترول قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دىنلاردىكى كوللىكتىپ مۇراسىم ۋە دىنىي پائالىيەتلەر شەخسنى كوللىكتىپ ھايات ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرگەن. بۇ سەۋەپتىن ئۈزىگە كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن دىنلاردا كىشىلەرنىڭ ئۈلىۋېلىش نىسپىتى تۈۋەن بولغان. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، ئەينى ۋاقىتتا دىننىڭ رولى كىشىلەر تورمۇشىدىن سىقىپ چىقىرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دوركخيىم ياشىغان دەۋرلەردە كوللىكتىپ پائالىيەتچانلىقى ئاجىز بولغان، كىشىلەرگە ئۈزى ۋە دۇنيا ھەققىدە ئويلىنىش پۇرستىنى كۆپرەك بەرگەن دىنلاردا ئۈلىۋېلىش نىسپىتى بارغانسىرى يۇقىرىلاپ ماڭغان.

دوركخيم يەنە ئىلىم-پەن تەرەققى قىلغانسىرى كشىلەرنىڭ ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈشى ھەرگىزمۇ پەن سەۋەبىدىن بولمىغانلىقنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە پەن كىشىلەرگە بالا-قازا ئېلىپ كەلگۈچى ئەمەس، بەلكى بۇ بالانى چىقىرىپ تاشلىغۇچى.[7] شۇڭلاشقا ئۈلىۋېلىشنىڭ پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئانچە مۇناسىۋېتى يوق. ئەگەر جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنى يۇقىرى كۈتۈرگەن بولسا، ئو ھالدا بىز قەدىمقى گۈللەنگەن مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەتلەردىكى ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ تۈۋەنلىكىنى ئىسپاتلىيالماي قالىمىز.

دوركخيىمغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئەگەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە كوللىكىتىپ پائالىيەت قانچىكى قۇيۇق بولسا ئو ھالدا جەمئىيەتتە ئۈلۈۋىلىش نىسپىتى ئاز بۇلىدۇ.[8] شۇنىڭغا ئوخشاش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋېتى قويۇق بولسا، جەمەتلەر قانداشلىقنى ساقلاپ كەلسە، ئو ھالدا بۇ خىل ئائىلە ۋە جەمەتلەردە ئۈلىۋېلىش نىسپىتى تۈۋەن بۇلىدۇ. بىز بۇ يەكۈننى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلاپ باقساق، مەلۇم دەرىجىدە توغرىلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە بارغانسىرى تەنھالىققا قاراپ يۈزلەنگەن ياۋرۇپا جەمىيتىدە كىشىلەرنىڭ ئۈلىۋېلىش نىسپىتى ئىجتىمائىي ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن خەلقلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ كەلدى. بىز ھەركۈنى جامائەت ئىچىدە ياشاشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىسلام ھاياتىغا قارايدىغان بولساق، ئىسلام ئەللىرىدىكى ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ تۈۋەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمما يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئۈزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتىرىدىكى ئۆلتۈرىۋېلىشلار ھەرگىزمۇ ئىسلامنىڭ ئىدىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئىسىلام دىنىنى پۈتۈن دۇنياغا يايغاندا ھېچقانداق كىشىنىڭ ئۈزىنى قۇشۇپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆلتۈرۈشىگە رۇخسەت بەرمىگەن.

دوركخيىم ئۈلۈۋېلىشىنى مۇنداق تۆت تۈرگە ئايرىيدۇ: مەنچى ئۈزىنى ئۆلتۈرۈش، ئەل ئۈچۈن(باشقىلار ئۈچۈن) ئۈزى ئۆلتۈرىۋېلىش، ئەنومىك(قالايمىقانچىلىقتىن) ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ۋە فەتالىستىك(تەقدىرچى) ئۆلتۈرىۋېلىشتىن ئىبارەت.

مەنچى ئۈزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش(Egoistic suicide) شەخسىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالمىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. يەنى شەخس ئائىلىدىن ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغاندا كىلىپ چىقىدىغان ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش شەكلى. بۇ خىل ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئادەتتە شەخسىنىڭ ئاشقۇن دەرىجىدە شەخسىي ياشاشنى خالاپ كەتكەنلىكىدىن ۋە جەمئىيەتتىن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ھايات ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋلغۇچىغا نىسپەتەن ئېيتقاندا مەنىسىز ۋە بۇرۇقتۇم بىلىنىدۇ. شەخسىي ياشاشنى خالاپ كەتكەن كىشى جەمئىيەتنىڭ قائىدە-تۈزۈم ۋە ئادەتلىرىگە ئانچە رىئايە قىلىپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل كىشىلەر جەمئىيەتتىن ھەر خىل نوقتىدا ئايرىلىپ قالىدۇ. مەنچى ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئاساسەن توي قىلمىغان بويتاقلاردا، بولۇپمۇ ئەرلەردە كۆپرەك بۇلىدۇ.

ئىككىنجىسى، ئەل ئۈچۈن ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش(Altruistic suicide). بۇ ئاساسەن شەخسىنىڭ ئۈزى تەۋە جەمئىيەتكە ئاشقۇن دەرىجىدە تەۋە بولۇپ كەتكەنلىكىدىن كىلىپ چىققان ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش شەكلىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئىپتىدائىي جەمئىيەت ياكى كىينكى جەمئىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى بىر خىل مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىرى ئۆلسە خوتۇنى ئۈزىنى ئۆلتۈرۈش  ۋە بىللە دەپنە قىلىش؛ پادىشاھ ئۆلسە قول ئاستىدىكىلەرنى بىللە  قوشۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە بىللە دەپنە قىلىش… قاتارلىقلار. ئالدىدا دەپ ئۈتۈلگىنىدەك مەجبۇرىيەتكە ئايلانغان ئۈزىنى ئۆلتۈرۈش ئاساسەن شۇ زاماندىكى تۈزۈملەرنىڭ ۋە ئادەتلەرنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. ئەمما شەرەپكە ئايلانغان ئۈزىنى ئۆلتۈرۈش بولسا ئاساسەن جەڭ مەيدانلىرىدا، دۈشمەننىڭ قۇلىدا يۈز بىرىدۇ. يەنى شەخىس پۈتۈنلەي ھالدا ئۈزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا، يەنى شەخس ئۈزىگە ئەمەس، ئۈزى ياشىغان جەمئىيەت ۋە خەلققە پۈتۈنلەي تەۋە بولغان چاغدا بۇ خىل ئۈلىۋېلىش بارلىققا كىلىدۇ. مەسىلەن ياپۇن سامارويلىرىنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى ھەرگىزمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۈزى تەۋە بولغان خەلق ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن. بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھادىسىلىرىنى كۆرىمىز. باشقىلار ئۈچۈن ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلار باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆپرەك ئويلاشقان بۇلىدۇ. جۈملىدىن ئۈزىنىڭ ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھاياتى ۋە مەنپەئەتىدىن تۈۋەن كۈرىدۇ.

ئەنومىك ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش(Anomic suicide). بۇ خىل ئۆلتۈرىۋېلىش جەمئىيەت تەرتىپى ئاستىن-ئۈستۈن بولغاندا كۆپرەك يۈز بىرىدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشتا كىشىلەر بىر بولسا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ بۇلالمايدۇ ۋە ياكى ئەخلاقى جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن، رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق تاپالمىغان بۇلىدۇ. دوركخيمنىڭ قارىشىچە سانائەت جەمئىيتىدە ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بەرگەن بەرگەن ۋاقىتتا ئۈلىۋېلىش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ھەرگىزمۇ كىشىلەرنىڭ نامرات ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ئەمەس. چۈنكى بۇنداق كىرىزىسلار يۈز بەرگەن ۋاقىتتا جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىدۇ، نورمال شەكىلدە ئىشلار يۈرۈشمەيدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۈلىۋېلىشىنى تاللايدۇ.[9] بىز بۇ نوقتىدىن مەيلى جەمئىيەت ئاكىتىپ ھالەتتە ئىلگىرىلىسۇن، ۋە ياكى كىرىزىس ئىچىدە ئىلگىرىلىسۇن ئۈلۈۋېلىش نىسپىتىنىڭ جەمئىيەت تىز ئۆزگىرىش ياسىغان ۋاقىتلاردا يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا شەخسىتە يىتەرلىك بولغان ئىجتىمائىي يۈنىلىش كەم بۇلىدۇ.[10] دوركخيمنىڭ قارىشىچە، ئورۇش بولغان يىللاردا ئۈلۈۋېلىش نىسپىتى كىرىزىس بولغان يىللاردىن تېخىمۇ تۈۋەن بولغان. بىز بۇ يەكۈندىن ئىمىل دوركخيمنىڭ نورمال بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش خاھىشىنىڭ بايقايمىز. مىنىڭ بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەپ ئېمىل دوركخيىم جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئۈچ چوڭ نەزىرىيەنىڭ بىرى بولغان قۇرۇلما-رول نەزىرىيەسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇ نەزىرىيۋى ئېقىمدىكىلەر جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى چۈشەندۈرۈشتە باشقا ئېقىملاردىن سەل ئاجىز. بۇ ئېقىمغا نىسپەتەن ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى ھەربىر ھادىسىنىڭ ئۈزىگە خاس بىر رولى بۇلىدۇ. بۇ رول قاچان يىمىرىلسە ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر رول ئالغۇچى كىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئېقىم باشتىن ئاخىرى بار بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ كەلگەن.

تۆتىنجى بىر خىل ئۈلۈۋېلىش شەكلى فەتالىستىك ئۆلتۈرىۋېلىش(Fatalistic suicide)تىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۈلىۋېلىش ئەنومىك ئۈلىۋېلىشقا قارشى بولغان ئۈلۈۋېلىش شەكلىدىن ئىبارەت. يەنى ئەنومىك ئۈلۈۋېلىشتا شەخس رىئايە قىلىدىغان ئەخلاق ۋە تۈزۈم تاپالمايدۇ. فەتالىستىك ئۈلىۋېلىشتا ئىنسان رىئايە قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈم بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. چۈنكى قائىدە-تۈزۈملەر ئادەمنى باسىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدىنى كىسىپ تاشلايدۇ. ياشاشنى مەنىسىزلەشتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ياشىغاندىن ئۆلگەن ئەلا، دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسان ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ خىل ئۈلىۋېلىش شەكلى ئاساسەن تۈرمىلەردە ۋە دىكتاتور دۆلەتلەردە كۆپرەك يۈز بىرىدۇ.

قىقىسى، مەنچى ۋە ئەنومىك ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش زامانىۋى جەمئىيەتلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئەل ئۈچۈن ۋە تەقدىرچى ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

دوركخيم كىتاپنىڭ كىيىنكى قىسىملىرىدا ئۈزىنى ئۆلتۈرۋېىلشىنىڭ خىلمۇ-خىل دۆلەتلەردە جىنايەت،دەپ بىكىتىلىش تارىخنى ئەسلەپ ئۈتىدۇ. ئەنگىلىيە 10-ئەسىردىلا ئۈلىۋېلىشىنى جىنايەت دەپ قارىغان. ئۈلىۋالغۇچىلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەن.[11] روسىيەمۇ ئوخشاش تۈزۈم قوللانغان. جۈمىلىدىن تارىختىن بۇيان ئۈلىۋېلىش كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئەيىپلەيدىغان، يامان كۈرىدىغان بىر خىل ھادىسە بولۇپ كەلگەن. چۈنكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۈلىۋېلىش بىر خىل ئەخلاقسىزلىق ۋە يولدىن چىققانلىق بولۇپ ھىسابلانغان. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۈزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئۈلىۋالغانلىقىدىن خۇشاللىق ھىس قىلىدىغان، ئۈلۈۋېلىشىنى ياخشى ئىش قاتارىدا تەرغىپ قىلىدىغان ھادىسىلەر بارلىققا كەلمەكتە. ھەرقايسى خەلقلەرمۇ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلارنى ئۇنداق ئەيبىلىمەيدۇ. قىسقىسى، كشىلەر ئۈزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىگە بىر خىل كەڭ قۇرساق مۇئامىلە تۇتىۋاتقان بولسا كىرەك. ئەمما شۇنى ئەسكەرتىپ ئۈتۈش كىرەككى، ئىسلام ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىنىڭ تۇلىمۇ ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئو دۇنيادىمۇ ياخشىلىققا ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

دوركخيمنىڭ خۇلاسىلىغىنى شۇ: ئاياللاردىن ئەرلەرنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسپىتى يۇقىرى؛

توي قىلغانلاردىن بويتاقلارنىڭ ئۈلۈۋېلىش نىسپىتى يۇقىرى بۇلىدۇ؛

بالىسىزلارنىڭ ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشى بالىلىقلاردىن ئۈستۈن بۇلىدۇ؛

پىروتېستان دىنىدىكى ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نىسپىتى كاتولىك ۋە يەھۇدىي دىنىدىن يۇقىرى؛

ئەسكەرلەرنىڭ پۇخرالارغا قارىغاندا ئۈزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش نىسپىتى يۇقىرى؛

جەمئىيەت تىنچ ۋاقىتلاردا ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئۇرۇش ۋاقىتلاردىكىدىن كۆپ بۇلىدۇ.

قىسقىسى، دوركخيىمنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈلۈۋېلىش ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە يەكۈنلىرى ئىلمىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان. بەلكىم بۇ پاكىتلار ئەينى زامان فىرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە جەمئىيتى ئۈچۈن تۇلىمۇ ماس كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە دوركىيمنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتىكى ئۈلۈۋېلىش ھادىسىسىنىڭ يەكۈنى سۈپىتىدە كۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى باشتا دەپ ئۈتۈلگىنىدەك، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە خاس ھادىسە شۇ جەمئىيەتكە ماس بولغان جەمئىيەتشۇناسلىق نەزىرىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

[1] Antony Giddens, Capitalism and Modern Social Theory, Peking University Press, 2006, P.82

[2] 埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第11页

[3]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第44页

[4]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第71页

[5]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第86页

[6] Steven Seidman, Contested Knowledge, fifth edition, Wiley-Blackwell, 2013, P.43

[7]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第166页

[8]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第207页

[9]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第261页

[10] Steven Seidman, Contested Knowledge, fifth edition, Wiley-Blackwell, 2013, P.44

[11]埃米尔.迪尔凯姆, 自杀论, 冯韵文译, 商务印书馆出版, 1996, 第354页