ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى

ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى [三角形的外心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچى سىزىقلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ئۇ ئۈچبۇلۇڭغا سىرتتىن تېگىشكەن چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ. تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۇنىڭ يانتۇ تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا نۇقتىسى بولىدۇ. كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىرتىدا ياتىدۇ.

ئۈچبۇلۇڭنىڭ تاشقى مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形外心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپىنىڭ تىك تەڭ بۆلگۈچى سىزىقلىرى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ ۋە بۇ نۇقتىدىن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ چوققىسىغىچە بولغان ئەرىلىقلار ئۆز ئارا تەڭ بولىدۇ.