ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى

ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى [三角形的垂心] : ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىگىزلىكىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ داۋامىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى دەپ ئاتىلىدۇ. تار بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىچىدە ياتىدۇ. تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۇنىڭ تىك بۇلۇڭلۇق چوققىسى بولىدۇ. كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ئۈچبۇلۇڭنىڭ سىرتىدا ياتىدۇ.

ئۈچبۇلۇڭنىڭ تىكلەر مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形垂心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۈچ ئىگىزلىكى ياكى ئۇلارنىڭ داۋامى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ.