ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى

ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى [三角形的旁心] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئىككى بۇلۇڭىنىڭ تاشقى بۇلۇڭلىرىنىڭ بىسسېكترىسالىرى بىلەن ئۈچىنچى بۇلۇڭىنىڭ ئىچكى بۇلۇڭ بىسسېكترىساسىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى دىيىلىدۇ. ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى ئۈچبۇلۇڭغا ياندىن ئۇرۇنىدىغان چەمبەرنىڭ مەركىزى بولىدۇ. ھەربىر ئۈچبۇلۇڭدا ئۈچ دانە يان مەركەز بولىدۇ.

ئۈچبۇلۇڭنىڭ يان مەركىزى ھەققىدىكى تېئورېما [三角形旁心定理] : ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر ئىچكى بۇلۇڭىنىڭ بىسسېكترىساسى بىلەن قالغان ئىككى ئىچكى بۇلۇڭنىڭ تاشقى بۇلۇڭلىرىنىڭ بىسسېكترىسالىرى بىر نۇقتىدا كېسىشىدۇ ھەمدە بۇ نۇقتىدىن ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئۈچ تەرىپى ياتقان تۈز سىزىقلارغىچە بولغان ئارىلىقلار ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.