ئېتنومېتودولوگىيە

ئېتنومېتودولوگىيە (Ethnomethodology本土方法论) ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىقىدا 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا باشلانغان ۋە گۈللەنگەن ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئېتنومېتودولوگىيە يەنە (民俗学方法论) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل مىتودنىڭ ئاتالغۇسى 1954-يىلى   Harold Garfinkelتەرىپىدىن ئوتتۇرىغا  چىققان. 1967-يىلى نەشىر قىلىنغان “ ئېتنومېتودولوگىيە تەتقىقاتى“ ناملىق كىتاب بىلەن گارفىنكىل ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى سىستىمىلاشتۇرغان.[1]

گارفىنكېل 1917-يىلى توغۇلىدۇ ۋە 1952-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېرستىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملايدۇ.

ئېتنومېتودولوگىيە ئاساسلىقى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش جەريانىدا ياشىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئوسۇل ۋە ئەمەلىيتىنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.[2]  يەنى بۇ مىتود كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشىنى ۋە بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ئۈزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىشىنى تەتقىق قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ مىتود مەلۇم بىر شەخسىكە تەۋە بولغان مەنە ۋە ۋاستىلەرنى تەتقىق قىلىشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بەزى تەرەپلىرى سىمېۋوللۇق ئالاقە نەزىرىيەسى بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ.  بۇ خىل ئۇسۇل كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قېلىپلىشىپ كەتكەن تۇرمۇش ئىچىدىن ”ئەقلىيلك“نى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نورمال بولغان ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئالاقىنى قانداق ساقلايدىغانلىقىنى بىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر ئىجتىمائىي رىئاللىق ھەققىدە مۇقەررەرلىشىشپ كەتكەن(taken for granted 理所当然) بىلىم ۋە چۈشەنچىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر تاماق يىيىش، خىزمەت قىلىش، كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىش، مەكتەپتە بېرىش، باشلىق بولۇش… قاتارلىق نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە ھەيران قالمايدۇ. ئەكىسچە ھالدا، كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى خۇددى شۇنداق بولۇشى كىرەكتەك، ھېچقانداق شۆبىھەلەنمەستىن قوبۇل قىلىدۇ ۋە داۋاملاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇ، بۈگۈنكى زاماندا كىشىلەر ئوقۇش، خىزمەت قىلىش، پۇل تېپىش… دىگەندەك ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىپ ئولتۇرماستىن ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ھەرىكەت ئەندىزىسى ۋە ئوسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ يەردىكى ئەنزىدە ياكى ئوسۇل بولسا ئېتنومېتودولوگلار تەتقىق قىلىماقچى بولغان نىشاندىن ئىبارەت.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر كۈپىنچە ھاللاردا ئورتاق بولغان مىتود ئىشلىتىدۇ.  بۇدىگەنلىك ئەگەر بىر كىشى كۇچىدا يىقىلسا يىقىلغاننى كۆرگەن ئەتراپتىكى كىشىلەردە ھامان يىقىلغاننى يۆلەش خاھىشى بۇلىدۇ، يىقىلغۇچىدىمۇ كىشىلەرنىڭ يۈلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىش بۇلىدۇ. ئەمما ھېچكىم يۈلىمىسە ۋە يۈلەيدىغان ئادەم بولمىسا ياكى يۈلىنىشنى خالىمىسا قانداق ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ جەمئىيەتشۇناسلارغا نىسپەتەن دەل مۇشۇنداق ئالاھىدە شارائىت، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئالاھىدە ھادىسىلەر جەمئىيەتنى چۈشىنىشكە ياردەم بىرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا بىز كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئوڭۇشسىز ۋە ناچار مۇھتىنى ئوڭشاشنىڭ چارىسى ئۈستىگە باش قاتۇرىدىغانلىقى ۋە نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى قانداق قىلىپ قايتا شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە مەۋجۇت بۇلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەرتىپنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

ئېتنومېتودولوگىيە تەتقىقاتى ئېمىل دۇركخېيىمنىڭ ئىجتىمائىي پاكىت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رەت قىلىدۇ.[3] ئېمىل دوركخيىمغا نىسپەتەن ئېيتقاندا ئىنساننىڭ تېىشىدىكى، يەنى ئادەمنىڭ سوبىكتىپ خىيالىدىن سىرت ھالدا ئىجتىمائىي پاكىت مەۋجۇت بولغان بۇلىدۇ. بۇ دىگەنلىك ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل ئاپاراتلار ۋە ۋەقەلەر كونكرتىنى ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ پائالىيتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما ئېتنومېتودولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى دوركخيىمنىڭ يۇقاردىكى قارىشىنى رەت قىلىدۇ. ئۇلارغا نىسپەتەن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ھەرىكىتى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ياكى ئىنساننىڭ ھەرىكىتى بىر نوقتىدا توختاپ قالمايدۇ. ئىنسان ئۆزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئىمىل دوركخيىمغا ئوخشاش ئىجتىمائىي پاكىتنى كۆرسەتمەك تەس، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ نوقتىدا ئېتنومېتودولوگلار ئوخشاشلا تالكوت پارسونىسنىڭ سىستىما نەزىرىيەسىگە قارشى چىقىدۇ.

ئېتنومېتودولوگىيە ئىنساننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئالاقە، قارار چىقىرىش، بىر ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش… قاتارلىق ناھايتى نۇرغۇنلىغان ئىچكى دىتاللارنى ئۈزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى قىلغان. بۇ نەزىرىدە دەسلەپتە ئېقىم بولۇپ شەكىللەنگەن ۋاقىتتا تىلشۇناسلاردىن ئىندىكىسكالىتي (indexicality)، يەنى گەرچە سۆزلەنگەن تىلنىڭ شەكلى ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە بىرىدىغان مەنىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىلمىي ئاتالغۇنى قوبۇل قىلغان. مەسىلەن، ”مەن ناھايتى ياخشى“ دىگەن جۈملە ئوخشىمىغان شارائىتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى مەنىلىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناسقا نىسپەتەن بۇ جۈملىنىڭ ئومۇملاشقان مەنىسى ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر شارائىت ۋە ۋاقىتتىكى مەنىسى مۇھىم. چۈنكى بۇ جۈملىدىن بىز شۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ ھەرىكىتىدىكى مەنىنى چۈشىنەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھادىسەشۇناسلاردىن (reflexivity)نى، پارسونىسنىڭ سىستىما نەزىرىيەسىدىن ئەزا(member) ئوقۇمىنى قوبۇل قىلغان.

بۇ نەزىرىيۋى ئېقىمنىڭ تۈپ قارىشى ئادەتتىكى جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىق ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بۇ ئېقىمغا نىسپەتەن ئېيتقاندا سۆلىنىۋاتقان تىل بىر خىل ھەرىكەت گىرامماتىكىسىغا ئىگە. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان گىرامماتىكا ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر جۈملە سۆزلەنگەن ۋاقىتتا ئىشلىتىدىغان ياكى سۆزلىگۈچى رىئايە قىلىشى كىرەك بولغان تىل گىرامماتىكىسى ئەمەس. ئەكسىچە سۆزلەنگەن سۆزدە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ھەرىكەت، تەرتىپ ۋە ھالەت ھەققىدىكى مەنەدىن ئىبارەت. مەسىلەن، بىز باشقىلاردىن ”قەيەردىن كەلدىڭ“ دىگەن سۇئالنى سورىغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ سۇئالىمىز ئاڭلىغۇچىدىن مەلۇم بىر جاۋابنى كۈتىدۇ. بۇ جاۋاپ مەجبۇرىلانغان بۇلۇپ، ھەرىكەت ئىگىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مەلۇم ھايات تەرتىپىنى تەسۋىرلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئېتنومېتودولوگىيەدە تەتقىقاتچى تەتقىقاتقا سىرتتىن ھېچقانداق نەرسە كۈتۈرۈپ كىرمەيدۇ. بۇ دىگەنلىك مەلۇم ھادىسە تەتقىق قىلىنىشتىن ئىلگىرى جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ پىلان ۋە تەسەۋۋۇر تۈزىۋېلىشىنىڭ ئاساسى يوق. چۈنكى سىرتتىن ئېلىپ كەلگەن نەرسە ئەمەلىي رىئاللىقتا ئويغۇن ئەمەس، ئو پەقەت تەتقىقاتچىنىڭ كاللىسىدىكىلا بىر نەرسە. شۇڭا ھادىسە ئەمەلىي ئاساسەن تەتقىق قىلىنىشى، ئالدىن ئويلىشىۋېلىنغان مۇمكىنچىلىكلەر نەزەرگە ئېلىنماسلىقى كىرەك.

بۇ خىل مىتودنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈزى مۇقەررىرلەشتۈرىۋالغان(taken for granted) تۈزۈملەرنىڭ ھەرىكەت ھەققىدىكى جەريانىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولۇپ، كىشىلەر دائىم پائالىيەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە بۇ پائالىيەتلەردىكى مەنەنى ھىس قىلىدۇ.[4] بۇ مىتودقا ئاساسلانغاندا جەمئىيەت بىر خىل ئوبىكتىپ ھادىسىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتىمۇ دەل بۇ خىل ئوبىكتىپلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا نۇرغۇنلىغان قائىدىلەرگە بويسۇنىدۇ ۋە شۇنداقلا قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۈزىنىڭ گەپ-سۈزى ۋە ھەرىكىتىنى تەڭشەيدۇ. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نورمال ئالاقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر قاتار ئوسۇللارنى ئىشلەتكەن بۇلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئوسۇللار نورمال ئەھۋلالدا كىشىلەر تەرىپىدىن پەرق ئىتىلمەيدۇ. ئەگەر كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئوسۇلى ۋە سىتىراتىگىيىسى بۇزۇلسا، ئاندىن ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ قانداق قىلىپ قايتا قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. بۇ دىگەنلىك كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى ساقلاپ قالىدىغان بىر ئىجتىمائىي تەرتىپ بۇلىدۇ. بۇ تەرتىپ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى مەنىگە ۋە قېلىپقا ئىگە قىلىدۇ. دىمەك، شەخسىنىڭ ئىجتىمائىىي ئالاقە جەريانىدا ئىشىلىتىدىغان ئۇسۇللىرىنى بىلگەندىلا ئاندىن شەخسىنىڭ ھاياتىنى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ. مەسىلەن، بىر ئوقۇتقۇچى دىھقان بۇلىۋېلىپ، دىھقانلار تۇپىغا قېتىلغاندىلا ئاندىن دىھقانلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلەلەيدۇ. تەتقىقاتچىمۇ ئالدىن بەلگىلىۋالغان پىلانى ۋە تەسەۋۋۇرى بۇيىىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا ئۈزىگە كىرەكلىكلا ئوچۇرغا ئىگە بۇلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئەمەلىي مەۋجۇت ئۇچۇرغا تەڭ ئەمەس.

فونكىسيە ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە نورم ۋە قىممەت-قاراشلار ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. سىمۋوللۇق ئالاقە نەزىرىيەسىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، نورم ۋە قىممەت-قاراشلار ئۆز-ئارا ئالاقە ياكى تەسىرلىشىش جەريانىدا بارلىققا كىلىدۇ. ئېتنومېتولوگىيەچىلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، نورم ۋە قىممەت-قاراشلار مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، كىشىلەرنىڭ نورم ۋە قىممەت-قاراشقا تايىنىپ تورۇپ ئالاقە قىلىشى ۋە بىر-بىرىنى ئىسپاتلىشىدىن ئىبارەت.[5]

ئېتنومېتولوگىيەچىلەر گەرچە كونكىرتنى ئادەم، ۋاقت ۋە شارائىت ئۈستىگە مەركەزلەشسىمۇ، ئەمما بۇ ئارقىلىق نۇرۇغۇن كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ، ئورتاق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بىردەك بولغان تۇرمۇش قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. ئېتنومېتولوگىيەچىلەرنىڭ شەخس ئۈستىگە مەركەزلىشىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ شەخس تەرىپىدىن قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

Harold Garfinkelتالكوت پارسۇنىسنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ”بۈيۈك نەزىرىيە“ سىگە قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. گەرچە پارسونىسنىڭ نەزىرىيەسىگە تولۇق قارشى چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشمىغان يول تۇتقان.  Harold Garfinkelنىڭ قاراشلىرى كىيىنچە كوسىر تەرىپىدىن خىلى زور تەنقىدكە ئۇچرىغان.

ئېتنومېتولوگىيەچىلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ھىس قىلغان مەنە ۋە قوللانغان ئۇسۇللىرى تۇلىمۇ مۇھىم. ۋەھالەنكى، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇ-خىل ھايات شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا قوللانغان ئۇسۇلى ۋە ھىس قىلغان مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ.

مەسىلەن، بىر سورۇنداناخشا كىچىلىكى بولدى، دەيلى. ناخشا كىچىلىگە كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ناخشىچى تەرىپىدىن ئورۇندالغان ئوخشاش بىر نومۇرنى كۈرىدۇ. ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە ناخشا ھەققىدە ئوخشىمىغان تەسىرات ۋە تۇيغۇلار بولغان بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر ناخشىچى بولسىمۇ، ئورۇنلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىلەت باھاسىمۇ ئوخشىمايدۇ ۋە پەرقلىق بۇلىدۇ. دىمەك، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىنى قامداش ئۈچۈن، ياشاش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇللىرى قارىماققا ئوخشاشتەك قىلسىمۇ، ئەمما ھەر بىر كىشىنىڭ ئۈزىگە خاس ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە كۆز قارىشى بولغان بۇلىدۇ. تەتقىقاتچى دەل بۇ ئالاھىدىلكنى ئويلاشمىسا قىلغان تەتقىقاتى ئىشەنچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇرلۇق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى پۇل يوق كىشىلەر ياكى ئوغۇرلۇققا كۈنۈپ قالغان كىشىلەر، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. مەلۇم بىر كونكىرتنى ئوغرىنىڭ ئوغرۇلۇق قىلىشى دەسلەپ باشلىغىنى بىلەن كىيىنكى ۋاقىتلىرىدا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، ئوسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.

بۇ خىل مىتود تەتقىقات ئوبىكتىغا نىسپەتەن ئۈزى بېرىپ كۈزىتىش، سۆھبەت ئېلىپ بېرىش، تەجرىبە قىلىش، فىلىم تەھلىل قىلىش، ھۆججەت ئۇسۇلى قاتارلىق ئوسۇللارغا تاينىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ. مىقدارلىق ئوسۇل (quantitative method, 定量研究)نىڭ ئانكىت توشقۇزۇش قاتارلىق ئوسۇللىرىغا قارشى تورىدۇ. چۈنكى بۇ خىل مىتودنىڭ جېنى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پارىڭىنى تەھلىل قىلىشتىن ئىبارەت. ئېتنومېتولوگىيەچىلەر پاراڭ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۈندىك ھەرىكەتلەرنى قانداق يۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ چىقىدۇ.

[1] George Ritzer: Modern Sosyoloji kuramlari, Himmet Hülür çev, Yedinci edisyon, 2012, S.254

[2] Harold Garfinkel: Studies in Ethnomethodology, University of California, 1967, p.vii

[3] Ruth Wallace, Alison Wolf, Cotemporary Sociological Theory(sixth edition), New Jersey, 2005, P.270

[4] Ruth Wallace, Alison Wolf, Cotemporary Sociological Theory(sixth edition), New Jersey, 2005, P.271

[5] Ruth Wallace, Alison Wolf, Cotemporary Sociological Theory(sixth edition), New Jersey, 2005, P.271