ئېسىلىپ يىراققا سەكرەش ئويۇنى

ئېسىلىپ يىراققا سەكرەش - ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساڭگىلاقلىق ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۇچۇپ، يىراققا سەكرەشتە ئۆز ئارا بەسلىشىدىغان ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بەدەننى چېنىقتۇرۇش، قاڭقىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ. مەيدان - ئۈسكۈنە: چوڭ قاپاق تېرەكلەرنىڭ توغرىسىغا ئۆسكەن تام شاخلىرىغا ياكى قاتار تۈز ئۆسكەن ئىككى تېرەكنىڭ ئۈچ تەرىپىگە بىر توغرا ياغاچ باغلاپ، بۇ توغرا ياغاچنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئادەمنىڭ ئېسىلىپ ئۇچۇشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پۇختا ئارغامچىدىن بىرى ئېسىلدۇرۇپ باغلىنىدۇ. ئېسىلدۇرۇلغان بۇ ئارغامچىنىڭ يەرگە ساڭگىلاپ چۈشكەن ئۇچى يەر - يۈزىدىن 60 - 70 سانتىمېتىر ئېگىز بولىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئېسىلىپ ئۇچۇپ يىراققا سەكرەشتە بەسلەشكۈچىلەر نۆۋەت بىلەن ئېسىقلىق ئارغامچىنى ئېسىلىپ ئۇچۇش ئورنىغا تارتىپ ئەكېلىپ، ئۇنى ئىككى قولى بىلەن مەھكەم تۇتىدۇ، ئاندىن پۇتى بىلەن يەرنى كۈچەپ تېپىپ، قاڭقىپ ئۇچۇپ چىقىپ، قارشى تەرەپكە سەكرەپ چۈشىدۇ. بۇ خىل سەكرىشىشتە ئۇچۇپ بېرىپ ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىققا سەكرىگۈچى غەلىبە قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ياكى ئۈچ قېتىمدىن سەكرىشى ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن بېكىتىلىدۇ. ئېسىلىپ يىراققا سەكرەش ئويۇنىدا بەسلەشكۈچىلەرنڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. قىز، ئوغۇل بىردەك قاتنىشالايدۇ. بۇ ئويۇن قانات يايدۇرۇشقا ئوڭاي، تەنتەربىيىۋىلىكى يۇقىرى بولغاچقا مەكتەپلەردە، يېزىلاردا قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئارغامچىنى تارتىپ ئۇچقاندا، ئۇچقۇچى ئۇچۇپ بېرىپ تېرەككە ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇچۇش جازىسى ياسىلىدىغان ئىككى تېرەكنىڭ ئارىلىقى ئۈچ مېتىردىن كەم بولماسلىقى، سەكرەپ چۈشىدىغان يەر يۇمشىتىلغان بولۇش كېرەك."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش