ئېشەككە مىنىش ئويۇنى

ئېشەككە مىنىش ئويۇنى ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قاڭقىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ. بىراق، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئويۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. ئويناش ئۇسۇلى: ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئىككى بالا باش بولۇپ بالىلارنى ئىككىگە بۆلىدۇ. ئاندىن چەك تاشلاش ئارقىلىق ئېشەك بولغۇچى تەرەپ بەلگىلىنىدۇ. ئېشەك بولغۇچى تەرەپنىڭ ئەزاسىدىن بىرى تامغا دۈمبىسىنى چاپلاپ تىرەك بولۇپ تۇرىدۇ. باشقا ئەزالىرىدىن بىرى تىرەك بولغۇچىنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ ئېڭىشىدۇ. قالغانلىرى ئاشۇ ئۇسۇلدا بىر - بىرىنىڭ بەللىرىنى تۇتۇشۇپ ئۇزۇن بىر ئېشەك بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپنىڭ ئەزالىرى نۆۋەت بىلەن بىر - بىرلەپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېشەككە سەكرەپ مىنىدۇ. مىنگۈچى تەرەپنىڭ ھەممە ئەزاسى ئېشەك بولغۇچى تەرەپكە تولۇق مىنىۋالسا ياكى ئېشەك بولغۇچى تەرەپ مىنگۈچىلەرنى كۆتۈرۈلمەي يىقىلسا، ئېشەك بولغۇچى تەرەپ داۋاملىق ئېشەك بولىۋېرىدۇ. ئەگەر مىنگۈچى تەرەپنىڭ بىرىنچى بولۇپ مىنگەن ئەزاسى ئېشەكنىڭ ئەڭ باش تەرىپىگە مىنەلمەي قېلىپ، باشقا ئەزالىرىنىڭ مىنىشىگە جاي قالمىسا ياكى مىنىش جەريانىدا مىنەلمەي چۈشۈپ كەتسە، ئۇ چاغدا ئېشەك بولغۇچى تەرەپ بىلەن مىنگۈچى تەرەپ ئالمىشىدۇ. بۇ ئويۇندا، مىنگۈچىلەر يان تەرەپتىن كېلىپ مىنىشكە بولمايدۇ. بىر بالىنىڭ ئۈستىگە بىر قانچە بالا مىنىپ قالىدىغان ئەھۋاغا دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش