ئېشەك بەيگىسى، ئۇيغۇر ئويۇنلىرى ئىچىدە كەڭ ئومۇملاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە بۇ ئويۇن بار. ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى چارۋا - مال بېقىش ئۈچۈن ئېشەككە مىنىپ يايلاقلارغا بارىدۇ. ئۇلاغلىرىنى ئوتلاققا قويۇۋېتىپ، بىر قانچە ياش كېڭىشىش ئارقىلىق مەلۇم ئارىلىق بەلگىلەپ ئېشەكلىرىنى بەيگىگە سېلىپ چپىشتۇرىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ئۆچكە تېرىسىنى سۇغا چىلاپ ئېشەك مىنىپ ئوغلاق تارتىشىپ ئوينايدۇ. ئېشەك بەيگىسىمۇ بىر خىل قىزىقارلىق پائالىيەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىشەھەر ناھىيىسى، يېڭىسار ناھىيىسى، يوپۇرغا ناھىيىلىرىدە مىللىي ئەنئەنىۋى ئويۇن سۈپىتىدە ئېشەك چېپىشتۇرۇشتا ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلدى. ئېشەك بەيگىسىنى ئويناش ئۇسۇلى: بىرەر كەنت ياكى بىرەر يېزا بازىرىنى ئاساس قىلىپ، خىل ھاڭگا ئېشەكلەر تاللىنىپ 1000 مېتىرلىق، 2000 مېتىرلىق مەيداندا ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشىپ چاپتۇرسا بولىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچىلەر بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېشەكنىڭ ئۈستىگە توقۇم ياكى يۇمشاق نەرسىلەرنى چىگىپ مەيدانغا چۈشۈشى لازىم. بۇ پائالىيەتنى ئات، تۆگە يوق يەرلەردە ئات بەيگىسى مۇسابىقە قائىدىسىگە ئوخشاش ئوينىسا ۋە كېڭەيتسە بولىدۇ."[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش