ئېغىرلىق كۆتۈرۈش
ئېغىرلىق كۆتۈرۈش - ئۇيغۇر مىللىتى ياشلىرىدىن قۇرامىغا يەتكەن كۈچلۈك يىگىتلەر چوڭ - چوڭ قورام تاشلارنى كۆتۈرۈشتە بەسلىشىدىغان ئويۇن. قايسى بىر يىگىت ئەڭ ئېغىر تاشنى كۆتۈرەلىسە، شۇ يىگىت باتۇر ھېسابلىنىپ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. چوڭ - چوڭ قورام تاشلارنى كۆتۈرۈشتە بەسلەشكۈچىلەر ئايرىملىقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىچىكىدىن باشلاپ كىچىك تاشنى كۆتۈرۈشتىن مەشىق قىلىشتىن، تەدرىجىي ھالدا چوڭ تاشنى كۆتۈرۈشنى داۋاملىق مەشىق قىلغانلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ ھەقتە جەنۇبىي شىنجاڭدا تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر رىۋايەت بار: ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئاتۇشتىن <ھېيت نوچى> دېگەن نوچى چىققانىكەن. ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتىدىن باشقا ياقا يۇرتلاردىن كۈچلۈكلۈكتە تەڭ كېلىدىغان ئادەم چىقمىغانلىقى قەيت قىلىنغان. <ھېيت نوچى> داۋاملىق شىمالغا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ماڭغان يولىدا 25 چارەك ئەتراپىدا بىر تاش بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم شىمالغا ماڭغاندا بۇ تاشنى شىمال تەرەپكە 100 قەدەم يۆتكەپ قويىدىكەن، بۇنىڭدىن كىشىلەر <ھېيت نوچى> شىمالغا كېتىپتۇ، دېيىشىدىكەن. ئۇ قايتاشىدا بۇ تاشنى ئۆز ئورنىغا يۆتكەپ قويىدىكەن، بۇنىڭدىن كىشىلەر <ھېيت نوچى> قايتىپتۇ، دەپ بىلىدىكەن. شۇ زامانلاردا ھازىرقىدەك شىتانىكا بولمىغاچقا، يىگىتلەر كۈچ سىنىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ئېغىرلىقتىكى نەرسىلەرنى شىتانىكا ئورنىدا كۆتۈرپ بەسلىشىپ، <نوچىلىق> ىنى، <باتۇرلۇق> ىنى نامايان قىلىشقان.[1]