يەر شارىدا غەلىتە بىر خىل كۈچ مەۋجۇت، ئۇ يەر يۈزىدىكى جىسىملارنى تۆۋەنگە تارتىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل كۈچ ئېغىرلىق كۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.

پىشىپ كەتكەن ئالما پەقەتلا تۆۋەنگە چۈشىدۇ، باشقا يۆنىلىشكە قاراپ ئۇچۇپ كەتمەيدۇ؛ سىز كۈچەپ سەكرەپ قانچىلىك ئېگىز سەكرىسىڭىزمۇ، ھامان تېزلا يەر يۈزىگە چۈشىسىز؛ ھازىرقى زامان راكېتالىرى يەر يۈزىدىن10 مىڭ مېتىرلاپ ئېگىز ئۆرلەپ يۇقىرى بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ، يېقىلغۇ كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا ئاستاغىنە يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ.

ئېغىرلىق تەھرىرلەش

ئېغىرلىق كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئېغىرلىق دەپ ئاتىلىدۇ. بىر تۆمۈر شارچە بىر تۆمۈر مىختىن ئېغىر بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، تۆمۈر شارچىنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر كۆپ بولغاچقا، يەر شارىنىڭ تۆمۈر شارچىنى تارتىش كۈچى چوڭ بولىدۇ. تۆمۈر مىخنىڭ تەركىبىدىكى تۆمۈر ئاز بولغاچقا، يەر شارىنىڭ تۆمۈر مىخنى تارتىش كۈچى كىچىك بولىدۇ.

يەر يۈزىدىكى جىسىملارنىڭ ئېغىرلىقى مۇقىم بولمايدۇ. ئېكۋاتوردىن چىقىپ شىمالىي قۇتۇپقا بارغان بىر تەكشۈرگۈچى (ئېكسپېدىتسىيىچى)نىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. ئېكۋاتوردا بەدەن ئېغىرلىقى 50kg بولغان بولسا، شىمالىي قۇتۇپقا بارغاندا بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 50.25kg بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ شىمالىي قۇتۇپتا ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئېكۋاتوردا ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق كۈچىدىن چوڭراق بولغانلىقىدا.

جىسىم يەر يۈزىدىن قانچە ئېگىز كۆتۈرۈلسە، ئۇچرايدىغان ئېغىرلىق كۈچى شۇنچە كىچىك بولۇپ، ئېغىرلىقى شۇنچە يېنىك بولىدۇ. يەر يۈزىدە بەدەن ئېغىرلىقى 50kg كېلىدىغان تەنھەرىكەتچى دېڭىز يۈزىدىن 8848m ئېگىز بولغان چومولاڭما چوققىسىغا چىقسا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تەخمىنەن 0.14kg يېنىكلەيدۇ. ئەگەر راكېتا ئارقىلىق بۇ تەنھەرىكەتچىنى يەر يۈزىدىن 6371km ئېگىز بوشلۇققا چىقارسا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارانلا 12.5kg بولۇپ قالىدۇ.

ئېغىرلىق كۈچىنىڭ ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ئېغىرلىق كۈچى بولمىسا، قار - يامغۇرلار يەر يۈزىگە چۈشەلمەيدۇ؛ دەريادىكى سۇلار ئاقماي توختاپ قالىدۇ؛ تېپىپ چىقىرىلغان توپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىدۇ؛ ئازراقلا سەكرەپ قويسىڭىز، قايتا يەر يۈزىگە چۈشەلمەي قالىسىز، … شۇنىڭ بىلەن، تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى ھازىرقى مۇشۇ ھالەتتە بولماي قالىدۇ.