ئېففىل تۆمۈر مۇنارى

Tour_Eiffel_Wikimedia_Commons.jpg ئورنى: فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرى ياسالغان ۋاقتى: مىلادى1887-يىلى باھا: پارىژنىڭ سىمۋول خاراكتىرلىك قۇرۇلىشى، فىرانسىيەدىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق پولات _تۆمۈردىن ياسالغان قۇرۇلۇش.

پارىژنى تىلغا ئالغاندا كىشلەر ئالدى بىلەن ئەسكە ئالىدىغىنى ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق قۇرۇلۇشى_ ئېففىل تۆمۈر مۇنارى.بۇ 1887-يىلى پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كۆرگەزمىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياسالغان دۇنياغا داڭلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ لاھىيلىگۈچىسى فىرانسىيەلىك داڭلىق بىناكار سىتاف.ئېففىل بولۇپ، بۇ مۇنار ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.

ئىففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكى320مېتىر بولۇپ ئىگەللىگەن كۆلىمى 10مىڭ كۇۋادىرات مېتىر.تۆت تەرىپىدە بېتوندىن قۇيۇلغان مۇنار گۇندىسى بولۇپ، گەۋدە قىسىمى پولات قۇرۇلمىدىن تۈزۇلگەن. بۇنى 300 قۇراشتۇرۇش خادىمى 2مىليون دانە ۋېنتا، 18مىڭ مېتال بۆلەكلىرىنى 2يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتكۈزگەن. ئېغىرلىقى7000توننا كېلىدۇ. ئۇستىدىكى تېلىۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىكىنى قوشقاندا 9757 توننا كېلىدۇ. قۇرۇلۇشقا جەمئىي 7مىليون 46مىڭ فىرانىك پۇل كەتكەن. ئۇ جەمئىي 3 قەۋەتتىن تۈزۈلگەن. بىرىنچى قەۋىتى 57مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، پولات چىۋىقلىق بېتوندىن ياسالغان 4 ئەگمە ئىشىك. ئىككىنچى قەۋىتى 115مېتىر ئىگىزلىكتە ، ئۈچىنچى قەۋىتى 276مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ قارىماققا تەتۈر يېزىلغان «Y» ھەرپىگە ئوخشايدۇ. 320مېتىر ئىگىزلىكتىن قارىغاندا پۇتكۇل پارىژ شەھىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. زەپەر دەرۋازىسى، پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى ھەتتا پارىژنىڭ شەرقى جەنوبى تەرەپتىكى 96 كىلومېتىر كىلىدىغان يەردىكى ساتېرچوڭ چېركاۋىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

ئېففىل تۆمۈر مۇنارى 1887-يىلى 1-ئايدا ئىش باشلىغان.بۇ مۇنارنى لاھىيلىگەن ئېففىل بولسائىلگىرى بىر خىمىيە ساھەسىدىكى ئىنژىنىر بولۇپ، پارىژدىكى بىر داڭلىق قۇرۇلۇش مەكتىپىگە نۇرغۇن قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن. كېيىن ئۇ بوشىشىپ قالماي،ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئاخىرى بىر تۆمۈر يول كۆۋرۇك ساھەسىدىكى بىر « كۆپ ئىقتىدارلىق ئېنژىنىر » بولۇپ يېتىشىپ چىققان. مۇنارنىڭ ياسىلىشى دەسلەپتە بىر قىسىم داڭلىق ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسدىكى مۇپاسسان،شارلۇن قاتارلىق داڭلىق شەخىسلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىغان . لېكىن ئېففىل بوشاشماستىن ،قارشىلىققا قارىماي، ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇنىڭ لاھىيەسىنى ئىشلىگەن. مۇنارنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ، يەرلىك خەلقنىڭ مال-مۇلكى ۋە ھاياتىغا زىيان ئېلىپ كەلدى دەپ بىر مەزگىل توختىتىپ قويۇلغان. بىر ماتىماتىك مۇنار 229مېتىر ئىگىزلىككە چىققاندا چوققۇم ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ دىگەن. قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ قىسىم ھەققىنى ئۈستىگە ئالغان ئېففىل كېلىپ چىقىدىغان خەتەرگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى توغىرسىدا قول قويغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قايتا داۋاملاشقان. مۇنار 1889-يىلى پۈتكۈزۈلگەن. پۈتۈش قىممىتى ئەسلىدىكى ھېساپتىن نەچچە ئون تۈمەن فىرانىڭ ئاز بولغان.1889-يىلى 5-ئايدىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىدە مۇنار كىشلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلغان يەرگە ئايلانغان. ئېففىلنىڭ كارامەت لاھىيەسى ۋە تىرىشچانلىقى مۇنارنىڭ پۈتۈپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. كىشلەر بۇ ئۇلۇغ ئىنژىنىرنى خاتىرلەش ئۈچۈن مۇنارنىڭ نامىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاشنى قارار قىلدى.مۇنار ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنارنىڭ ياسىلىشىغا قارشى چىققان بىر مۇزىكانت مۇنارچوققىسىدىكى سالونغا چىقىپ ، كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ ، بۇرۇنقى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ «بۇلۇت ئارىسىدىكى سىمفونىيە» دەپ بىر مۇزىكىنى يازغان. گەرچە مۇنار قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر مەيدان قارشىلىقنى قوزغىغان. نۇرغۇن يازغۇچىلار بىر پارچە قەغەزگە ئىمزا قويۇپ، مۇنار پارىژ شەھىرىگە يامان تەسىر ئېلىپ كەلدى ، پارىژنىڭ داڭلىق قۇرلۇشلىرى ئۈچۈن بىر ھاقارەت دەپ ھېساپلاشقان. يازغۇچى مۇپاسسان دائىم بىر ئاشخانىدىلا تاماق يەيدىكەن. سەۋەبى بۇ ئاشخانا پارىژدىكى مۇنارنى كۆرگىلى بولمايدىغان يەر ئىكەن. يەنە بىر پاۋىل. ۋېرل ئىسملىك شائىر تۇنجى قېتىم بۇ مۇنارنى كۆرگەندە، ھارۋىكەشكە بۇيرۇق قىلىپ ھارۋىنىڭ بېشىنى كەينىگە قايتۇرغۇزغان. بۇ غەلىتە سەت نەرسە ئۇنىڭ شېئىر يېزىش ئىلھامىغا دەخىل قىلدىكەنمىش. 1-دۇنيا ئۇرىشى باشلانغاندا بۇ خىل قاراش سەل پەسكويغا چۈشكەن. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇنارنى ئۆرۈپ تاشلاپ ئۇنىڭغا كەتكەن ئونمىڭ توننا پولات-تۆمۈرنى ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان زاۋۇت -كارخانىلارنى قۇرۇشقا ئىشلەتمەكچى بولۇشقان. بىراق شۇ چاغدىكى ئۇرۇش ھالىتنىڭ كەسكىنلىشىگە ئەگىشىپ ئۇنتۇلۇپ قالغان. ئەينى چاغدا توختامغا مۇنار ياسىلىپ 20 يىلدىن كېيىن بۇزۇشقا بولىدىغانلىقى يېزىلغانىكەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن بىر قىززىق ئىش بولغان . بىر قوشۇمچە يىمەكلىكلەر سودىگىرى بۇ مۇناردىكى 7000توننا تۆمۈرنى بىر ئەسكى -تۈسكى نەرسىلەر سودىگىرىگە ساتقان ۋە 500مىڭ فىرانىڭ كاپالەت پۇلىغا ئېرىشكەن. بۇ ئىشتىنمۇ شۇ چاغدىكى كىشلەرنىڭ بۇ مۇنارغا تۇتقان پوزىتىسىيەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كىشلەرنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ خىل كەمسىتىش بارا-بارا يوقىغان. 1964-يىلى مۇنار قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. بۇ مۇنار ئاخىرى پارىژنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان.20-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىغا كەلگەندە كىشلەر مۇنارنى چوڭ رېمونت قىلغان. رېمونتتا 2-قەۋەتتىكى بېتوندىن ياسالغان سۇپا پولات سۇپىغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇنارنىڭ ئېغىرلىقى 1000توننا ئازايغان. ئاندىن 2-قەۋەتتىكى كاتتا مېھمانخانىنى 3-قەۋەتكە يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاۋام قاۋاقخانىسى سالغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قانچە يىلدا بىر مۇنارنى سىرلاپ تۇرغان. مۇنارنى ھەربىر قېتىم سىرلاش ئۇچۈنلا 52توننا سىر كېتىدىكەن. فىرانسيە ئىنقىلابىنىڭ200 يىلللىقى ۋە ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئالدىدا كىشلەر مۇنارنى ھەرخىل چىارقلار بىلەن بېزىگەن ھەمدە ساياھەت يىتەكچىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنى تەڭشىگەن.2-قەۋەتتىكى سۇپىغا كۈتۈش زالى تەسسس قىلغان. بۇ يەردە كىشىلەر ھەرخىل يىغىن - يىغىلىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇنار مۇزىيىدا كىشىلەر ھەرخىل فىلىم ۋە تېلىۋىزىيە پىروگرامملىرىنى كۆرەلەيدۇ. بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى ھازىر كىشلەر 3-قەۋەتكە چىقىشتا لېفىت ئالماشمايلا چىقالايدۇ. 20-ئەسىرنىڭ50-يىللىرىدا ئېففىل تۆمۈر مۇنارىدا رادىئو -تېلىۋىزىيە مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز رادىئو سىگنالى تارقىتىش مۇنارلىرىنىڭ بىرى. ھازىر ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ھەريىلى 2مىليوندەك ساياھەتچىنى كۈتىۋالىدۇ. ئۇ ھازىر نۇرغۇن كىشلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ئابىدە بولۇپلا قالماستىن بەلكى پارىژنىڭ ۋە فرانسىيەنىڭ سىمۋولى ھېساپلىنىدۇ.