تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىدىكى پېشقەدەم كىنو ئوپېرتورى ئېلىجان ساقى دۆلىتىمىز ئازاد بۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆزبىك مىللىتى ئىچىدىن تۇنجى يېتىشىپ چىققان ، يۇقىرى تېخنىكا ۋە سۈرەتكە ئېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۇرگەن داڭلىق ئوپېرتوردۇ. ئۇ 1927 يىلى ئۆزبېك ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ 1950 - يىلدىن 1951 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق بىرنچى قارار لىق جامائەت خەۋپسىزلىكى كادرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئۇقۇغان . كىچىكىدىن تارتىپ شىنجاڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىدە ئۆسكەن ئېلىجان ئازادلىقتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە قويۇلۋاتقان كىنولارنى زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈپ تۇرغاچقا ، ئۇنىڭ قەلبىدە كىنو غا بولغان ئىشتىياق يالقۇنجاپ ، كەلگۇسىدە ياراملىق بىر كىنو خادىمى بولۇش ئارزۇسى بىخلىنىشقا باشلىغان . ئۇ شۇ ئارزۇلىرى ۋەجىدىن1951 - يىلى 4 - ئايدا بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسىگە ئۆگىنىشكە بارغان ۋە 1956 - يىلغىچە بىر تەرەپتىن كەسپى بىلىملەرنى ئۆگەنگەچ ، يەنە بىر تەرەپتىن ھېكايە فىلىم ئوپېرتورلۇقنى قېترقىنىپ ئىگىلەپ ، « لۇڭشۇ جىلغىسى » ، « يىگۈەنداۋ » ،«خۇاشەن تىغىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى » قاتارلىق بىر قانچە ھېكايە فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىدا ھېكايە فىلىم ئوپېرتورلىرىغا ئەگىشىپ شاگىرىت بولغان، بىر نەچچە يىل داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە سۈرەتكە ئېلىش ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىش داۋامىدا پەيدنپەي كىنو ئوپېرتورلۇق تېخنىكىسى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرۋالغان ، 1956 - يىلى بېيجىڭ كىنو ستۇدىيىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ ، « كىنو ئوپېرتورى» دېگەن نامغا ئېرشكەن ، شۇنڭدىن ئېتىبارەن كىنو ساھەسىدە مۇستەق ئوپېرتورلۇقنى ئۈستىگە ئالغان . 1956 - يىلدىن 1957 - يىلغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا بىر يىل ئۇقۇغان ئۇقۇش تاماملىغاندىن كېيىن 1958 - يىلى بېيجىڭ مەركىزى يېڭى خەۋەر ۋە ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى ئوپېرتورلۇق قىلىپ نۇرغۇن خەۋەر فىلىملىرى ، چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىم ، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىملەرنى سۈرەتكە ئالغان . 1956 - يىلى شىنجاڭدا كىنو ستۇدىيىسى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپ ، خادىملارنى تەربىيىلەش ، سەپلەش خىز مەتلىرنى قانات يايدۇرۇلغان ،ئېلىجان ساقى1958 -يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كېلىپ سابىق شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى ( ھازىرقى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ) ئوپېرتورلۇق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان . ئۇ بۇ ستۇدىيىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ئىشلىگەندىن كېيىن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن 1960 - يىلى ئىچكى موڭغۇل كىنو ستۇدىيىسىگە ئالمىشىپ ، بۇ ستۇدىيىدە 1972 - يىلىغىچە ھۆججەتلىك فىلىم ۋە خەۋەر فىلىملىرى ئوپېرتورلۇقىنى ئىشلىگەن . ئېلىجان ساقى 50 -يىللار دىن باشلاپ 1966 - يىلىغىچە بولغان مەزگىلىدە بېيجىڭ ، شىنجاڭ ، ئىچكى موڭغۇل كىنو ستۇدىيىلىرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 600 چاستىن ئارتۇق ھۆججەتلىك فىلىم ۋە خەۋەر فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىپ ، كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپە قۇشتى. 1966 - يىلى باشلانغان « مەدەنيەت زور ئىنقىلابى » دىكى ئاپەتلىك يىللاردا ئىچكى موڭغۇلدا پەيدا بولغان ئەڭ چوڭ ناھەق دېلولاردىن بىرى _ ئاتالمىش « ۋۇلەنفۇ پارتىيىگە قارشى گۇرۇ ھى » دېلوسىنىڭ غۇللۇق ئەزاسى دەپ بىگۇناھ قارىلىنىپ ، ئېغىر رىيازەت ، روھىي ئازاپ تارتتى ، جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق زىيانكەشلىككە ، خۇرلۇققا ئۇچرىدى . بۇ ناھەق دېلو ئاقلانغاندىن كېيىن ئېلىجاننڭمۇ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئېلىجان ساقى1972 - يىلى ئىچكى موڭغۇل كىنو ستۇدىيىسىدىن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ « تەڭرىتاغدىكى ھەسەن -ھۈسەن » ، « شانلىق مۇساپە» ، « ماۋ جۇشىنى سېغىنىمىز » قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك فىلىملەردىن « داچىڭدىن قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆگىنىمىز » ، « كوئېنلۇن باغىردا يېڭى مەنزىرە بەرپا قىلىش » ، « نېفىت جەڭگاھى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى » ، « ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا تەنتەنە » بوغدا كۆلى ، « ئېگىر تاغدىكى مۇز تېيلىش مەيدانى «» قاتارلىق كۆپلىگەن خەۋەر فىلىملىرنى سۈرتكە ئالدى. ئېلىجان ساقى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىدە ئىشلىگەن مەزگىلىدە «غىرىپ - سەنەم » رولدا مۇئاۋىن ئوپېرتورى بولغاندىن كېيىن ، « مۇز تاغ ئېتىكىدە » ، « نۇرنىسا » قاتارلىق ھېكايە فىلىملەرنى سۈرەتكە ئالغاندىن سىرت ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئۇزىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپلا قالماي ، يەنە ئوپېرتورلۇق كەسپىدە ئىز باسارلارنى يېتشتۈرۈش جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ گۇللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قۇشتى . ئۇزىنىڭ يۇقىرىقىدەك جىزمەت نەتىجىسى بىلەن 1988 - يىلى 2- دەرىجىلىك ئوپېرتور ئۇنۋانىنى ئالدى. ئېلىجان ساقى 2003 - يىلى 9 -ئاينىڭ 20 -كۈنى ئۈرۈمچىدە 77 يېشىدا ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ نامى شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر كىنوچىلىقى تارىخىدا يول ئاچقۇچ تۆھپىكارلار قاتارىدا مەڭگۈ يادلانغۇسى. [1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش