يىتىملارنىڭ غەمگۇزارى --ئەبرا باي

20 -ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەننى،مىللەتنى سۆيىدىغان بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر زاتلار يېڭىلىق ۋە ئىلىم-ئىرپانغا يۈرۈش قىلىپ ،مەدەنىيەت- ما.ارىپ ئۈچۈن پۈتۈن مال- مۈلكىنى سەرپ قىلىپ مەكتەپ سېلىپ،جاھالەت ھۆكۈم سۈرگەن تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇب- شىمالىدا ئىلىم-مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇردى.

1933-يىلى 2-ئايدا ،شىنجاڭ قەشقەردە بىر بۆلۈك يىڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ باشچىلىقىدا <ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى> قۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەۋقاپ مۇدىرى (ۋەخپە ئاشلىق باشقۇرغۇچى)ئەبرا باي قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباۈ دەرۋازىسى بىلەن تۈمەن دەرياسى ئارىلىقىدىكى ەۆركارلار مەھەللىسىدە 12سىنىپلىق دارىلئېتام مەكتىپى سېلىپ،سەككىز سىنىپقا يىتىم ئوغۇل بالىلارنى ،تۆت سىنىپقا يىتىم قىزلارنى قوبۇل قىلىپ ئوقۇش باشلىدى.بالىلارنىڭ ياتاق،تاماق، يوتقان-كۆرپە،كىيىم-كېچەك، قەغەز-قەلەم،دەپتەر ھەتتا تۇرمۇش راسخوتىنىمۇ ئۆز يېىنىدىن چىقىرىش بىلەن بىرگە مەكتەپ مۇدىرلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.ئارقىدىنلا شۇ مەكتەپكە يېقىن جايدىن يەر سېتىۋېلىپ ئۆز يېرىنى قوشۇپ،جەمئىي 32مو يەرگە دارىلئاجىزىن سېلىپ، ققەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئىگە -چاقىسىز، يېتىم-يىسىر ،قېرى-چۆرى ،مېيىپ-كېسەل ھەم تىلەمچىلەردىن 300دىن ئارتۇق ئادەمنى يىغىپ،بۇ دارىلئاجىزىنغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەبرا باي بۇ دارىلئاجىزىننىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دارىلئېتام،دارىلئاجىزىندىكى 1000غا يېقىن يېتىم-يىسىرلار بىلەن تۇرمۇشتا بىللە بولدى.بۇنى ككرەەن بەزىلەر:<ئەبرا باي ساراڭ بوپتۇ،مۈلكىننى يېتىم-يىسىر ،ساراڭ، ئاقساق-چولاق،مەقنۇنن ،ئېلىشىپ قالغانلارغا بېرىپ،ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە كىرىۋاپتۇ>دېيىشتى. لېكىن ئەبرا باي ھېچقانداق ئىككىلەنمەستىن رارىلئېتام ،دارىلئاجىزىندىكى بۇ 1000دىن ئارتۇق ئىگە -چاقىسىزلارنىڭ غەمگۇزارى بولۇپ ئۆتتى.

ئەبرا باينىڭ بۇ ئەخلاقىي-پەزىلىتى ۋە بۇ سېخىيلىقى نەتىقىسىدە،قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كوچىلاردا ماكانسىز ئۆتىدىغان غېرىب-غۇرۋا يرتىم-يىسىرلار ماكنلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ىارۇ-زار يۈرىدىغان كىشىلەر ،تىلەمچىلەر تۈگەپ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىمائىي تۈزۈمى نىسبەتەن ياىشىلاندى.كېيىنكى ۋاقىتتا نەزىر قىلغۇچىلار سەدىقىلىرىنى دارىلئاجىزىنغا بېرىدىغان ياىشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنىڭدىن كېيىن دارىلئېتام ،دارىلئاقىزىننى ققەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغير ئۇيۇشىمىسى ئۆتكۈزىۋېلىپ،ۋەىپە زىمىنىدىن كىرگەن كىرىم بىلەن باشقۇردى. بۇ چاغدا ئەبرا باي يەنىلا ئىككى ئورۇننىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېتىملار تەربىيىچىسى بولدى.كېيىن ئەبرا باينىڭ بۇ ئىش- پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن يەكەن ،خوتەن ،ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ باشقۇرىشىدا دارىلئېتام ،دارىلئاجىزىنلار ئارقا -ئارقىدىن قۇرۇلدى.شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇر ئۇيۇيشمىلىرى باشقۇرىشىدىكى دارىلئېتام مەكتەپ 180 سىنىپقا ،دارىلئاقىزىن 12گە يەتتى!

1935-يىلنىڭ ئاىىرلىرىدا، ئەبرا باي ۋەتەن-خەلققە ككرسەتكەن تكھپىسى بەدىلىگە ئاقسۇغا ھاكىم قىلىپ ئۆستۈرۈلدى. ئۇھاكىم بولغان مەزگىلدە ئاقسۇنىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ ئىشلىرىغا ،بولۇپمۇ دارىلئېتام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىت ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساۈلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۇ دارىلئېتام مەكتتىپىگە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىم قىلىپ تەنتەربىيە ۋە مۇزىكا سايمانلىرى ئېلىپ بەردى. مەكتەپ ئىزچىلار ئەترىتى ،تەنتەربىيىچىلەر ۋە مۇزىكانتلارغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىم قىلىپ كىيىم- كېچەك تەييارلاپ بەردى. ئۇ ھەر قېتىم ھېيت- ئايەملەردە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ھېيتلىق بېرىپ تۇراتتى.ئادەتتە بولسا ئايدا بىر قېتىم تۇرمۇش پۇلى تارقىتىپ بېرىپ تۇراتتى.

ئەبرا باينىڭ بۇ خىل ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى شىڭ شىسەينى ئەندىشىگە سالدى. شۇڭا ئۇ: <ئەبرا باي يوقسۇللارنى يىغىپ قوزغىلاڭ قىلماقچى> دېگەن بەد نام بىلەن ئۇنى قولغا ئالدى ۋە پۈتۈن مال- مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. ئائىلىسىدىكىلەر تەقىپ قىلىندى. سوراق جەريانىدا ئەبرا باينىڭ قەشقەردە ئۆتكەن ئاتاقلىق باي نىياز خوجا ھاكىمنىڭ ئوغلى ۋە ئاككىسى مەمتىللا ھاجىم شاڭخەينىڭ ھېلىمۇ چەتئەلدە ئىكەنلىكى ،ئەبرا باينىڭمۇ روسىيە ،تۈركىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدە سودا قىلغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ،شېڭ شىسەي ئۇنىڭغا <چەتئەل جاھانگىرلىرىنىڭ ئىشپىيونى > دېگەن بەد نامنى چاپلاپ ،1939-يىلى ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرىۋەتتى. بۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلەتىن 51 ياشقا كىرگەن ئىدى.

مەنبە: < شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر > ---شىرىپ خۇشتار [/size]