ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئەل-غازالىي

ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد ئەل-غازالىي


abu- Hamid al- Ghazali


[{{|url=https://web.archive.org/web/20110203095833/http://www.dinarstandard.com/images/ghazali.jpg |date=2011-02-03 }}]


ھۆججەتۇل ئىسلام ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد بىننى مۇھەممەد بىننى مۇھەممەد ئەل- غازالىي (1058~1111) تۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا دادىسىدىن ئايرىلغان، ئۇنى ۋەسىي سوپى ئۆز زامانىسىنىڭ ئادىتى بويىچە تەربىيىلىگەن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ياشىشى ئۈچۈن خەيرىيەت مەدىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئەل-غازالىي نىشاپۇرغا كەلگەن، فەرامىدىيدا تەسەۋۋۇپنى، ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامىدا كالام ئىلمى ۋە فىقھىنى ئۆگەنگەن، كېيىن نىزامۇل مۇلكنىڭ مەجلىسىگە كەلگەن، شۇ يىلى (1085) نىزامۇل مۇلك سالجۇقىيلارنىڭ ۋەزىرى ئىدى، ئەل-غازالىي ئۇ يەردە ئالتە يىل تۇرغان، ۋەزىر ئۇنى باغداد نىزامىيە مەدرىسىگە ئۇستاز قىلىپ تەيىنلىگەن، ئەل-غازالىي باغداتتا تۆت يىل دەرىس ئۆتكەن... ئۇ بۇ جەرياندا ئىككى كىتاب تۈزگەن: «پەيلاسوپلارنىڭ مەقسىدى»، بۇنى فارابىي ۋە ئىبىن سىنانىڭ پەلسەپىسىگە قارىتا يازغان؛ «پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى»، بۇنى پەلسەپىنى تەنقىدلەپ يازغان. ئۇ باغداتتىن كەتكەن، ئون يىل زاھىدلىق بىلەن ياشاشقا ئۇرۇنغان. كېيىن ئۆگىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن نىشاپۇرغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ 1106-يىلدىن كېيىن ئۆزىنى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغىلا ئاتىغان، تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىلىم بىلەنلا شۇغۇللانغان.

ئەل-غازالىي پەلسەپە ساھەسىدە ئىنىسكلوپىدىك مۇتەپەككۇر، ئۆز زامانىسىدىكى يىراقنى كۆرەر ئالىم. گەرچە ماتېماتىكا، تەبىئەت بىلىملىرىگە پىشىشىق بولمىسىمۇ، بىراق، ئۇ ئىلىملەردىن ئۆزىگە لايىق نېسىۋىسىنى ئالغان ۋە مۇھىم پىرىنسىپلىرىنىڭ توغرىلىقىنى بېكىتكەن. ئەمما مەنتىق ئىلمى (لوگىكا)، پەلسەپە ساھەلىرىدە شۇ ئىلىملەرنىڭ ئۆزىگىلا خاس نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان. مەنتىق ئىلمىنى ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن، ئۆتكۈر ئەقىللىق ئىستىداد ئىگىلىرىنى ئازدۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن پەلسەپىگە قارشى چىققان.

ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم كىتابلىرى: «پەيلاسوپلارنىڭ مەقسىدى»؛ «پەيلاسوپلارنىڭ ھالاكىتى»؛ «ئېتىقادتا ئىقتىساد»؛ «دىن ئىلىملىرىنى گۈللەندۈرۈش»؛ «ئى، ئوغلۇم»؛ «ئازغۇنلارنىڭ نىجاتلىق يۇلتۇزى»...قاتارلىقلار (ئۈچ كىتابىنىڭ ئىسمىنى نېمە دەپ ئاتاشنى بىلمىدىم، چوڭلاردىن سوراپ شۇ بويىچە تولۇقلاپ قوياي-ئەفىيفىي)


«خەلقئارا ئەرەب ئىنىسكلوپىدىيىسى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىنغان.