بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا (1697-يىلدىن 1709-يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ، ئەبەيدۇللا ۋاڭلىققا تەيىنلىنىپ ئىككىنچى يىلى (1698-يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قۇمۇلدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ۋاسساللار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى بورسەي ئارقىلىق ئۇنىڭغا قۇمۇلنى ئىدارە قىلىش تامغىسىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە يامبۇ، قىزىل تۇغ قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىدۇ. ئەبەيدۇللانىڭ چوڭ ئوغلى گوپا بەگنى 2-دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەپ، خوشۇن ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە ، 100ئەسكەر بىلەن سۇجۇدا تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئەبەيدۇللانىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەچى بەگنىمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك جاساقلىققا تەيىنلەيدۇ، خوشۇندا زەڭگى ، ئورۇنباسار زەڭگى، جارائېرجىن، سۇمۇن زەڭگى ، چەۋەنداز چېرىك دىگەنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى قويىدۇ. سۇجۇغىمۇ بىر سۇمۇن زەڭگى تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل خوشۇنىنىڭ تەشكىلى ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ بولىدۇ. شۇ يىلى 12-ئايدا ئەبەيدۇللا بېيجىڭغا سالامغا بارىدۇ. كاڭشىنىڭ 39-يىلى (1700-يىلى) سېۋىن ئارۇبدان قەشقەرگە قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى مەخمۇتنى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاپ ، قارا تاغلىقلارنىڭ باشلىقىنى خان قىلىپ تىكلەپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ كۆڭلىدە قۇمۇلغا باشتىن_ ئاخىر ئۆچمەنلىك ساقلاپ ، قۇمۇلدىن تۇرپانغا بارىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مال-دۇنياسىنى دائىم تالان-تاراج قىلىدۇ. قۇمۇل گەرچە چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئەل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاجىز بولغاچقا، جۇڭغارلارنىڭ چاڭگىلىغا قايتا چۈشۈپ قېلىش خەۋىپى ھەرقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىكى چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئايدىڭ ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن سېۋىن ئارۇندانغا قۇمۇلغا پاراكەندىچىلىك سالماسلىق توغىرسىدا بۇيرۇق چۈشۈرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەبەيدۇللانىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ، قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇپ، ئۇلانىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادى ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ. كاڭشىنىڭ 45-يىلى (1706-يىلى) ئەبەيدۇللا ئىچكىرىدىن خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ،ۋاڭ ئوردىسىنى قايتا ياسىتىدۇ. كاڭشىنىڭ 48-يىلى (1709-يىلى) ئەبەيدۇللا ۋاپات بولىدۇ.