ئەتەبەتۇل ھەقايىق

ئەتەبەتۇل ھەقايىق (عتبة الحقائق\ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى)، ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى تەرىپىدىن يىزىلغان ئەسەر بولۇپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مۇھىم يازما يادىكارلىقلاردىن بىرىدۇر. مەزكۇر چوڭ ھەجىملىك شىېئرىي ئەسەرنىڭ يىزىلغان تارىخى ئېنىق ئەمەستۇر، بىراق ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە تىل ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن، 12- ئەسرنىڭ ئاخىرى، 13- ئەسرنىڭ باشلىرىدا، يەنى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىلىدە يېزىلغان، دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن.

ئەتەبەتۇل ھەقايىق

عتبة الحقائق

تۈر دىداكتىك داستان
ۋاقت 12- ئەسرنىڭ ئاخىرىقى
تەۋەلىكى قاراخانىيلار
تىلى خاقانىيە تۈركچىسى
كاتىب زەينۇل ئابىددىن قاتارلىقلار
مۇئەللىڧ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكى
تېما(لار) نەسىھەت
نۇسخا(لار) ئا، ب، ك نۇسخالار
ئورنى ئىستانبۇل

مۇئەللىف تەھرىرلەش

ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى “ئەدىب ئەخمەت” دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ . ئەسەرگە ئىلاۋە قىلىنغان پارچىلاردا ئاپتور “ئەدىب” نامى بىلەن ئاتالغاندىن باشقا، بىر پارچىدا ئەدىبنىڭ يۇرتى “يۈكنەك” ئىكەنلىكى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى "مەخمۇت يۈكنەكى” ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپتورنىڭ تولۇق ئاتىنى “ئەدىب ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكى” دەپ ئاتاشقا بولىدۇ .

ئالاھىيدىلىكى تەھرىرلەش

ئەسەر 14 باب، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار تامانىدىن ئىلاۋە قىلىنغان 3 پارچە شىئېرنى قوشقاندا توپلام 512 مىسرا بولىدۇ. ئەسەر ئارۇز ۋەزىنىنىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يۈكسەك ماھارەت بىلەن يېزىلغان.

“ئەتەبەتۇلھەقايىق” دىداكتىك داستان بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ ئەخلاقى، پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئوبرازلىق شېئىرىي تىل بىلەن بايان قىلىدۇ . ئاپتور ئىلىم – مەرىپەتكە، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە، مەرتلىك، ئادىللىق، كەمتەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بىلىمسىزلىك، جاھىللىق، خەسىسلىك، ئاچكۆزلۈك، تەكەببۇرلۇق قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە مەسخىرە قىلىدۇ . ئاپتورنىڭ بۇ خىل قاراشلىرى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئېيتقاندا زور ئىلغارلىققا ئىگە . لېكىن دەۋر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئاپتور بىر مۇنچە پاسسىپ قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان . بىز بۇ ئەسەرنىڭ مۇنداق پاسسىپ تەرەپلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە .

بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەش بىلەن بىرۋاقىتتا، ئۇيغۇر تىلى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . بۈيۈك ئەمىر ئارسلان خوجا تارقان تەرىپىدىن يېزىلىپ ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا ئىلاۋە قىلىنغان بىر شېئىرىدا ئەسەر “قەشقەر تىلى” بىلەن يېزىلغان دەپ ئېنىق ئەسكەرتىلگەن . بۇ يەردە تىلغا ئىلىنغان قەشقەر تىلى بىلەن مەھمۇد قەشقىرىدىۋانى لۇغەتىت تۈرك”تە تىلغا ئالغان “خاقانى تۈرك تىلى” ئەمەلىيەتتە بىر تىل بولۇپ، ھەر ئىككىسى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ . ئەسەردە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئامىللىرى بىلەن چاغاتاي تىلى (14 – ئەسىردىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى) ئامىللىرىنىڭ ئارىلاش قوللىنىلغانلىقىنى، ئەسەر تىلىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن چاغاتاي تىلىغا كۆچىۋاتقان ئۆتكۈنچى تىلنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز . بۇ ھال ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ تارىخىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈركى تىللار ئىچىدىكى تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ .

نۇسخىلار تەھرىرلەش

ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ 3 خىل قوليازما نۇسخىسى بار:

بىرى قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى ( ئا نۇسخا) بولۇپ 1444 – يىلى زەينۇل ئابىددىن، سۇلتان بەخت، ھۆسەيىن قاتارلىقلار تەرىپىدىن سەمەرقەنتتە كۆچۈرۈلگەن . ھازىر بۇ نۇسخا ئىستانبۇل دىكى ئايا سوفىيا (ئاياسوفيا) كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا؛

ئىككىنچىسى قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يىزىقىدا قۇرمۇ – قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ب نۇسخا) بولۇپ، 1480 – يىلى ئابدۇلراززاق قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىمۇ ئىستانبۇلدىكى ئايا سوفىيا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا؛

ئۈچىنچىسى، يالغۇز ئەرەب يىزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى (ك نۇسخا) بولۇپ بۇمۇ ئىستانبۇلدا كۆچۈرۈلگەن، بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە كۆچۈرگۈچىسى ئېنىق ئەمەس، بۇ نۇسخا ھازىر ئىستانبۇلدىكى توپكاپى سارىيى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا .

بۇ ئەسەر بەزىدە “ھەتەبەتۇلھەقايىق” (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نام بىلەنمۇ تىلغا ئىلىنىدۇ . بۇ نام ئەسەرنىڭ ب،ك نۇسخىلىرىغا بېرىلگەن نامىدىن كېلىپ چىققان . ئەسەرنىڭ ئا نۇسخىسى نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسىدىن كونا ھەم تولۇق بولۇپ، شۇنۇسخىدا ئەسەرنىڭ نامى “ئەتەبەتۇلھەقايىق” دېيىلگەنلىكى ھەم بۇنام ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئەسەر ئومۇمەن شۇ نام بىلەن ئاتالماقتا .

بۇگۈنكى زامان ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تەھرىرلەش

ئىجتىمائىي پەن خادىملىرىنىڭ بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەرنى تۈركىيە تۈركولوگى رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ تەييارلىشى بىلەن تۈركىيە ئاتەش نەشرىياتى تەرىپىدىن 1951 – يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان نەشىردىكى قوليازما نۇسخىلىرىغا ئاساسەن ۋە رىشىت رەخمەتى ئاراتنىڭ 3 خىل نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ توغرىلاش ئاساسىدا بېكىتكەن تېكىستى ۋە تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلىنىپ كونا ئۇيغۇر يىزىقىدا تىرانسكىرىپىسىيىلەشتۈرۈپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.[1]

قاراڭ تەھرىرلەش

ئەتەبەتۇل ھاقەيىقنىڭ تولۇق مەتنى

مەنبە تەھرىرلەش