ئەخمەتجان ئوسمان

ئەخمەتجان ئوسمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Ahmatjan Osman )بولسا 1964-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋېيخۇلياڭ كان رايونىدا بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1981-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قۇبۇل قىلىنغان ۋە 1982-يىلى 10-ايدا دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن سۈرىيە دەمەشق داشۆسى تىل-ئەدەبىيات شۆيۈەنىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.

ئەخمەتجان ئوسمان
ھۆججەت:Eosman.jpg
شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى نىڭ 2-پرېزىدېنتى
ۋەزىپىدە
ۋەزىپىگە ئولتۇرغان
مۇئاۋىن رەئىس
سابىق رەئىس ئەنۋەر يۈسۈپ تۇرانى
شەخسىي ئۇچۇرلىرى
تۇغۇلغان 1964-يىلى (54ياش)

ئۈرۈمچى شەھىرى

مىللىتى ئۇيغۇر
دۆلەت تەۋەلىكى كانادا
تۇرار جايى كانادا
كەسپى ئۇيغۇر سىياسەتچى، ئىنقىلاپچى[1]
تور بەت شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمېتى

شەخسىي ئۇچۇرلىرى تەھرىرلەش

شائىرنىڭ ئىجادىيىتى دەسلەپتە بالىلار شېئىرلىرى بىلەن باشلاندى. بۇ ھال ئۇنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىدىكى بالىلارچە قىزغىنلىق ۋە جۇلا بىلەن بېزەلگەن رەڭدار شېئىرىي نەپىسلىكتىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۇ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان كېيىنكى مەزگىلدە سۈرىيىدە ئەرەپ تىلىدا يازغان «ئىككىنچى يىقىلىش»، «تويلار تىلسىمى» قاتارلىق توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. ئەرەپ ئوبزورچىلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا: «ئۇلىمپىس مەدەنىيىتى ۋە بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن تۇيۇنغان، يىراق شەرق چوڭقۇرلۇقىدىن كەلگەن بۇ روھ، بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە يىتتۈرۈپ قويغان سېھرىمىزنى قايتۇرۇپ بەردى» دەپ باھا بېرىشكەن. نۇرغۇن شېئىرلىرى خەنزۇ ۋە چەتئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

باشقىلار تەھرىرلەش

ئەخمەتجان ئوسماننىڭ «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى»، «روھ پەسلى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى