ئەخمەتجان قاسىمى كىمنىڭ دۈشمىنى؟كىمنىڭ دوستى؟ كىمنىڭ رەھبىرى؟
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىگە 80 يىل ئالدىدا: ئەخمەتجان قاسىمى كىمنىڭ دۈشمىنى؟كىمنىڭ دوستى؟ كىمنىڭ رەھبىرى؟
نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
1931-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 15 يىل ياشاپ، قالغان ھاياتىنى تاشكەنتتە ئۆتكۈزگەن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنى نىگىرى تونۇمىغان ئۆزبېكلەر مانا ھازىر ئۇنى قايتىدىن تونۇپ، ئۇنى ئۆزبېك خەلقىنىڭ بىرىنچى مارشالى، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرغۇچى، ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق دۆلەتنى قۇرۇپ بەرگۈچى، بۈيۈك ئەللامە، شائىر، پەيلاسوف، 20 نەچچىلىگەن ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن دەپ تەرىپلەپ بۇ بۈيۈك زاتنى مەدھىيەلەشكە سۆز يېتىشمەسلىكىگە دۇچ كەلمەكتە، ھەم ئۇنىڭ 30 يىللار تاشلىنىپ قالغان قەبرىسىنى مەرمەردىن ياساشتى.
قىرغىزلار ئىسھاقبەكنى قىرغىز خەلقىنىڭ تۇنجى گېنېرالى، بۈيۈك ئىنسان ، قەھرىمان دەپ مەدھىيەلەپ ئوش شەھىرىگە چوڭ ھەيكەل ئورناتتى ۋە پوچتا ماركىلىرىنى چىقاردى. قازاقلار ئوسمان باتۇرنى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىردىن بىرى باتۇرى، ئۇ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلماقچى بولغان دەپ تەرىپلەشمەكتە، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا غەنى باتۇرلار ۋە باشقا ئۇيغۇر باتۇرلىرى بىلىنمىگەن، لېكىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىسمەن كىشىلەر ئۆز مىللىتىدىن چىققان ئەخمەتجان قاسىمىنى << جاسۇس>> ، << خائىن>> دەپ تىللاپ بارلىق لەنەتلەرنى ياغۇدۇرىدىغان خاھىشلارمۇ كۆرۈلمەكتە. 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 80 يىل توشۇشقا ئاز قالدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدىكى بۇ ماقالىنى يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مانا، 1933-يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بۈيۈك شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ91يىللىقى ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان بۇيۈك شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ 80 يىللىقىغا ئاز كۈن قالدى.بۇ كۈنلەرنى خاتىرىلەش ۋە بۇ كۈنلەرنى بىزلەرگە ئەبەدىيلىك خاتىرە ۋە ئۈمىد نۇرى ھەم مىللىي روھ سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان يولباشچىقلار، قەھرىمانلار، پىداكار جەڭچىلەرنى ياد ئېتىش ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېسابلايدىغان كىشىنىڭ بۇرچى !
مەنبەلەر
تەھرىرلەشنەبىجان تۇرسۇن يازمىسى