ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى1960-9-ئايدا قورغاس ناھىيىسىنىڭ كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر ھەربىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ،1978-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئۇ1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ،بۇ بۆلۈمنىڭ تۇنجى ئەدەبىي مۇھەررىرى بولۇپ قالغان.ئۇ بۇ جەرياندا 150دىن ئوشۇق ناخشا تېكىستىنىڭ تەھرىرلىكىنى ۋە ئون نەچچە درامما ئوپېرانىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان ،ئۆزىمۇ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇچۇن ناخشا تېكىستى يازغان. 1985-يىلى ئاپتونۇم رايۇنىمىز بويىچە تۇنچى قېتىملىق<< شىنجاڭنى سۆيىمەن >>دېگەن تېمىدامۇكاپاتلىق ناخشا قوبۇل قىلىشتائۇنىڭ ناخشاتېكىستىگە ئىشلەنگەن<< تەكلىماكاندا ياسايمىز گۈلباغ>>،<< يۇلتۇزۇم>>،<< تولۇنئاي >>دېگەن ناخشىلار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتقاندا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ،ناخشا-ئۇسۇل،دىرامما ئوپىرالارنى لېنتىغا ئېلىشقا ئەدەبىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ،ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىنىشى ئۇچۇن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ، 1986-يىلى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تەرجىمە-تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ،مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەخسۇس پىرگۇراممىلىرى،<< شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>نى تەرجىمە قىلىپ بېرىشتە مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى قىلغان. مەخسۇس پىروگراممىلاردا ئۇچرايدىغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى شېئىرلاردىن 300 دىن ئوشۇقنى تەرجىمە قىلىپ،مۇشۇجەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشتا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.

ئۇ1991-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇر مەخسۇس پروگرامما بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ چىققاندىن كېيىن ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پرگراممىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋەتەرەققىياتى ئۇچۇن يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە مەخسۇس پروگراممىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە گۈللىنىشى ئۇچۇن تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

ئۇ 1994-يىلىدىن تارتىپ شۇ چاغدىكى<<تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەر دوستى >>پرگۇراممىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدامۇخپىرلىق قىلىپ،500دىن ئوشۇق مەخسۇس پروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ سىنارىيىسىنى يازغان<<يۈكسەل قورغا, س>>،<<سېھىرلىك سىمپونىيە>>،<<پايتەختتىكى تەڭرىتاغلىقلار >> ، <<باغرىڭنى ئاچ باغراش>>،<<خسىلەتلىك بۇلاق>>،<<ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتاتغۇبىلىك>> قاتارلىق مەخسۇس فىلىملەر تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ مەخسۇس فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يېزىش بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسىنىمۇ يازغان.ئۇ ھازىرغىچە<<ياشلىق ساداسى>>،<<نوزۇر ناۋاسى>>،<<ناۋالىق دىيار تۇرپان يۇزى>>،<<ناۋا ۋە جۇلا>>،<<نورۇز شادلىقى>>،<<دۇنيا ۋە ئاياللار>>،<<ئىللىق دۇنيا>>،<<غۇلجا ناھىيىسىدە مەشرەپ>>قاتارلىق 50 نەچچە تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان.ئۇ يەنە رادىئو-تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ناخشا تېكىستىنى،ئېتوت يېزىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى،ھازىر ئۇ تېكىستىنى يازغان>>قىممەتلىك ھايات>>، <<يوقلاپ تۇرغىن ئاتا-******* >>،<<كارۋان ھېكمىتى>>،<<سىڭلىمغا>>،<<جۈپ پەرزەنت>>،<<نورۇز ناۋاسى>>، <<تۇرنىلار>>،<<ھايات دېگەن سىرلىق تېپىشماق>>،<<دوستلۇق كۇيى>> قاتارلىق 150دىن ئوشۇق ناخشا رادىئو تېلېۋىزىيىدە ئاڭلىتىلماقتا،ئۇنىڭ يەنە <<قىز بالا بولسا نېمە بولۇپتۇ>>، <<باجگىرنىڭ باش قېتىمچىلىقى>>،<<بالىلىرىنى كۈتۇش>>،<<ئانىسىز ئۆي>>،<<مېھىرى شەپقەت>>،<<يىراق يېزىدىكى مۇھەببەت>> قاتارلىق 90 نەچچە ئېتوتى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلگەن.

ئۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىشلەش بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتنىمۇ توختىتىپ قويمىغان.ئۇ بۇ جەرياندا<<مەخسۇس پروگراممىلار ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،<<تېلېۋىزىيە ئېكرانىنى رەڭدارلاشتۇرايلى>>،<<ئالتۇن كۆزنەك پىروگراممىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<<ئۇن-سىن بازىرىدىكى ئويلار>>،<<تېلىۋىزىيە سەنئەت فىلىمى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم>>،<< ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ئىتوتچىلىقى ھەقىدە>>قاتارلىق 30 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ئېلان قىلدى.ئەخمەتجان 2001-يىلى4-ئايدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەخسۇس پروگرامما بۆلۇمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ئورنىغا رقابەت ئارقىلىق چىققاندىن كېيىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ،پروگرامما ئىسلاھاتى ۋە نادىر پروگرامما يارتىشتا باشلامچىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە،ئۇ ھازىر <<ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار>>،<<كۆڭۈلدىكى سۆز>>،<<قانۇن ۋە پۇقرا>>،<<مائارىپ گۈلزارى>>،<<مۈنبەت تۇپراق>>،<<پەن ۋەمائارىپ >> قاتارلىق پروگراممىلارنىڭ فىلىم مۇدىرلىقى ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئەخمەتجان قۇربان سابىرى سىنارىيىسىنى يازغان <<<سىرلىق ئۆڭكۈر>>،<<سۆيگۈ گۈلى>>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>> ناملىق تېلىۋىزىيە سىنارىيىلىرى فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ تاماشبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.ئۇنىڭ چوڭ تىپتىكى بالىلار چۆچىكى<<يالغانچى تۇسۇق>>قا ئاساسەن شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن شۇ ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دراممىسى ئىشلىنىپ كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى .ئەخمەتجان قۇربان سابىرى خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى.ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى گېزىت -ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئوشۇق<< شېئىر >>،<<چاقىرغۇلۇق قىزلار>>،<<يالغۇز تام>>،<<بىزنىڭ دۇكان>> قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە،<<تىڭىرقىغان ئەپسانىلەر>>،<<سەھەردە كۆرگەن چۈشلەر>>،<<يىللار ۋە ئىنسانلار>> قاتارلىق 40 نەچچە نەسىر،<<ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا شاراپ بەدىئىي ۋاستە بولۇپ ئىشلىتىلىشى ھەققىدە>>،<<ھېكايىدىكى شېئىر ۋە مۇزىكا>>،<<ئىلى خەلق چاقچاقلىرى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە>>،قاتارلىق 30غا يېقىن ئىلمىي ماقالە ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلدى.

يېقىندا ئەخمەتجان قۇربان سابىرى بالىلار ئۈچۈن نەشىر قىلدۇرغان «ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (1-5) » ئۇيغۇر مەسەللىرى خەزىنىسىگە قۇشۇلغان يېڭى يۇلتۇز، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .

1 .كالتە قۇيرۇقلۇق چاشقان .

2. بالىلار يۇمۇرلىرى .

3. بالىلار چاقچاقلىرى .

4.تۇنۇر بېشىدىكى چۆچەكلەر( 3 قىسىم)

5 . ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە بالىلار تېپىشماقلىرى ( 5 قىسى)

6.ئۇيغۇر بالىلار تېپىشماقلىرى (6 قىسىم(7.ئۇيغۇر بالىلار چۆچەكلىرى (5 قىسىم)

8.ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى (5 قىسىم(9.ئۇيغۇر بالىلار مەسەللىرى (5 قىسىم)

10. كۈندە بىر كۈلكە (2 قىسىم)

11. كۆك ئۆستەڭ (رومان)

12.ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قىزىقارلىق سۇئال-جاۋاپلار (10 قىسىم)