ئەدەبىي تەرجىمىلەر

<ئەدەبىي تەرجىمىلەر> - ئايلىق ئەدەبىي تەرجىمە ژۇرنىلى بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى باشقۇرىدۇ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلىدۇ، <ئەدەبىي تەرجىمىلەر> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تۈزۈپ نەشرگە تەييارلايدۇ، بۇ ژۇرنال خەنزۇ ھازىرقى زامان، بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن مۇنەۋۋەر پوۋېست، ھېكايە، شېئىر، ئەدەبىي ئاخبارات ... لارنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ژۇرنال 1960 - يىلى نەشر قىلىنىشقا باشلىغان، ئارىلىقتا بىر مەزگىل نامىنى <كۆۋرۈك>كە ئۆزگەرتكەن، ژۇرنال نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاز بولمىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. ژۇرنالنىڭ ھازىر <پوۋېستلار>، <ھېكايىلار>، <شېئىرلار>، <ئەدەبىي ئاخبارات>، <بالىلار ئەدەبىياتى>، <چەت ئەل ئەدەبىياتىدىن>، <ماقالە ۋە ئوبزور>، <ئەسەر ۋە باھا>، <ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن> قاتارلىق سەھىپىلىرى بار.[1]

مەنبەلەر تەھرىرلەش