ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 11-بۆلۈم

18- سوئال: ئامېرىكىدا يېڭى شىركەت قۇرۇش ئىشلىرى قانداق بولىدۇ؟ ئۆزىڭىزنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: كالىفورنىيەنىڭ San Francisco شەھىرى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز ئىچىگە سوزۇلغان، خۇددى بىر كىچىك ئارالدەك يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئەگەر ئۇ شەھەرنىڭ ئۈستىدىن ئايروپىلان بىلەن ئۆتسىڭىز، بىر توپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ۋە چىرايلىق ئىگىز بىنالارنى كۆرىسىز. بۇ بىنالاردا ئىشلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئىنگلىزچە «Venture Capitalist» دەپ ئاتىلىدىغان، قىسقارتىپ «VC» دەپ يازىدىغان كەسپتىكىلەر ئەڭ كۆپ. ئۇنىڭدىن قالسا ئادۋوكاتلار كۆپ. بۇ يەردىكى «Venture» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدە «دەتتىكام دەپ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، تەلەي سىناپ بېقىش» دەپ چۈشەنسەك ئانچە خاتالاشمايمىز. يەنى، بۇ كاپىتالىستلار يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان شىركەتلەرگە مەبلەغ سالىدۇ. ئەگەر ئۇ شىركەت ياخشى مېڭىپ قالسا، ئۇلار مەبلەغ سالغان پۇلىدىن 10 ھەسسە ھەتتا 100 ھەسسىلەپ پايدا كۆرىدۇ. ئەگەر ئۇ شىركەت مەغلۇپ بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ سالغان مەبلىغى يوق بولۇپ كېتىدۇ. San Francisco دىن باشقا، سىلىكون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان Palo Alto دېگەن شەھەردىمۇ كىشىلەر VC» لار كوچىسى» دەپ ئاتايدىغان بىر كوچا بار بولۇپ، بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە نۇرغۇن VC شىركەتلىرى جايلاشقان.

ئەگەر بىر ئادەمدە بىرەر يېڭى تېخنىكا ياكى يېڭى ئىدىيە بولسا، ئۇ ئادەم كەم دېگەندە يەنە بىر ئىككى ئادەمنى يېنىغا يىغىپ، بىر شىركەت قۇرۇش توغرىسىدا ئىگىلىك پىلانى تۈزىدۇ. بۇلار ئاشۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر شىركەتنى 2 ئادەم باشلىسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئادەتتە «رەئىس»، «باش ئىجرالىغۇچى ئەمەلدار» (ئىنگلىزچە «Chief Executive Officer» دېيىلىپ، قىسقارتىلىپ «CEO» دەپ ئاتىلىدۇ)، ياكى «Reis ۋە CEO» دېگەن ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىشى شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىك ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە شىركەتكە مەبلەغ ئېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. يەنە بىر ئادەم «باش تېخنىكا ئەمەلدارى» (ئىنگلىزچە «Chief Technology Officer» دېيىلىپ، قىسقارتىلىپ «CTO» دەپ ئاتىلىدۇ) دېگەن ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ. بۇ كىشى شىركەت چىقارماقچى بولغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتنى لايىھىلەش، ئۇ مەشۇلاتنى چىقىرىشقا زۆرۈر بولغان ئادەم، ئەسۋاب-ئاپپارات ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى پىلانلاش، ئۆزى چىقارماقچى بولغان، شۇ ۋاقىتتا باشقا شىركەتلەر تەرەپىدىن ياسىلىپ سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەتكەن تېخنىكىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ۋەزىپىسى ئاساسەن مۇشۇ كىشىگە يۈكلەنگەن بولغاچقا، بۇ كىشى شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆپىنچە ئەھۋالدا 3-بىر كىشىمۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلىشىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇ كىشى شىركەتنىڭ سودا-سېتىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شىركەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ كىشى مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق بازارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىنتايىن مۇكەممەل تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ شىركەت چىقارماقچى بولغان يېڭى مەھسۇلاتنىڭ قانچىلىك بازىرى بارلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا دەسلەپكى مەزگىلدىلا بۇ شىركەت چىقارماقچى بولغان مەھسۇلاتقا خېرىدار توپلاشنى باشلايدۇ. بۇمۇ شىركەت ئۈچۈن مەبلەغ ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى VC كاپىتالىستلارنىڭ ئالدىغا مەبلەغ تەلەپ قىلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، چوقۇم بىر تەپسىلىي «ئىگىلىك پىلانى» تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. بۇ پىلان كەم دېگەندە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1) ) بۇ شىركەت ئىگە بولغان يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى تېخنىكا ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ تېخنىكىسىنى باشقىلارنىڭ كۆچۈرۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم توسالغۇلار. ئەگەر مۇشۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا تەۋە بىر قانچە پاتېنت بولسا تېخىمۇ ياخشى. بۇ يېڭى ئىدىيە ۋە تېخنىكىنىڭ باشقا تېخنىكىغا سېلىشتۇرغاندىكى ئالاھىدىلىكلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىشى كېرەك.

2) )مەھسۇلات چىقىرىش ۋاقىت جەدۋىلى. مەسىلەن، شىركەتكە مەبلەغ بېرىلىپ بىر يىلدىن كېيىن مەھسۇلاتنىڭ 1-نۇسخىسىنى، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن 2-نۇسخىسىنى، ئىككى يىلدىن كېيىن رەسمىي نۇسخىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپ، مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش. تۆت يىلدىن كېيىن كىرىم-چىقىم تەڭلىشىش. ئالتە يىلدىن كېيىن پايدا كۆرۈش قاتارلىقلار.

3) ) مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئادەملەرنىڭ كەسپىي تۈرلىرى ۋە سانى.

4) ) مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ ئوخشىمىغان باسقۇچلىرىدا سېتىپ ئېلىنىدىغان ئاپپارات-ئۈسكۈنىلەر (ئىنگلىزچە «capital equipment» دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ تۈرلىرى، سانى ۋە باھاسى.

5) ) مەھسۇلاتنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن، ھەمدە پايدا كۆرۈشكىچە بولغان ۋاقىت جەريانىدا چىقىم بولىدىغان پۇلنىڭ تەپسىلىي سانى، پىلانى ۋە جەمئىي مەبلەغ پۇلىنىڭ سانى.

سىز ئىشلەپ چىقىرىدىغان نەرسىگە باشقا شىركەتنىڭ زاپچاسلىرى ئىشلىتىلىدىغان بولسا، سىز ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ، سىزگە كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۇنىڭ باھاسى قاتارلىقلارنىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىسىز.

مۇشۇنداق بىر ئىگىلىك پىلانىنى يېرىم يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىركەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزلىرى بىلىدىغان ياكى بىر ئاز ئىشەنچ باغلىغان، كاپىتالىستلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئىگىلىك پىلانىدىن دوكلات بېرىپ، ئۇلاردىن مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ كاپىتالىستلار كەم دېگەندە بىرەر كەسپىي ساھەدە باكالاۋر ئۇنۋانى، كۆپىنچە ھاللاردا ماگىستېرلىق ھەتتا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار ھەمدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدە 10 يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپ باققانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق تېخنىكا بازىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار بازار ئەھۋالىدىنمۇ ھەمدە تېخنىكا ئەھۋالىدىنمۇ تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئالدىغا پۇل سوراپ كەلگەنلەرنى تەرەپ-تەرەپلەردىن سىقىپ تەرلىتىۋەتىدۇ. ئۇلار ئالدىغا كەلگەنلەرنىڭ دوكلاتىنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ، ئۆزلىرى بۇ «ئىگىلىك پىلانى» دىكى ھەممە مەزمۇنلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ راستلىقىغا ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىدا ئۈمىد بارلىقىغا تولۇق ئىشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن بۇ شىركەتكە ئىنتايىن قاتتىق شەرت ئاستىدا مەبلەغ سالىدۇ. بۇ شەرت مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: شىركەتنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۆزلىرىگە بېرىش. بۇ، ئەگەر ئۇلار بۇ شىركەتكە 5 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، 5 يىلدىن كېيىن بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكى بازارغا سېلىنىپ، ئۇنىڭ بازار قىممىتى 100 مىليون دوللارغا يارىسا، ئۇنىڭ 50 مىليون دوللار قىسمى مۇشۇ كاپىتالىستلارنىڭ بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەگەر 5 يىلدىن كېيىن بۇ شىركەت ئەسلىدە پىلانلىغان مەھسۇلاتنى چىقىرالماي قالسا، ئۇ ھالدا بۇ شىركەت تاقىلىپ، ھېلىقى كاپىتالىستلار مەبلەغ سالغان 5 مىليون دوللار پۇلىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالىدۇ. شىركەتنى قۇرغۇچىلار ھەرگىز قانۇن جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىلمايدۇ. ئاڭلىشىمچە، ئادەتتە كاپىتالىستلار مەبلەغ سالغان 10 شىركەتنىڭ ئىچىدە 3ى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، قالغان يەتتىسى مەغلۇپ بولىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ياخشى ماڭغان 30 پىرسەنت شىركەتتىنلا ئۆزلىرىنىڭ مەبلەغ سالغان ھەممە پۇلىنىڭ 10 ھەسسىسىدىن كۆپرەكىگە تەڭ كېلىدىغان پايدا كۆرىدىكەن. شۇڭا بۇ كەسپكە كىرىپ قالغانلار ھەرگىز باشقا كەسپنى قىلغۇسى كەلمەيدىكەن.

كاپىتالىستلار ئۆزلىرى تېخنىكا ۋە سودا بازارلىرىنى ئىزچىل تۈردە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن باشقا، ئامېرىكىدا يەنە نۇرغۇن مەخسۇس كەسپلەر بويىچە ئوخشىمىغان مەھسۇلاتلارنى تەھلىل قىلىپ، شۇ ئاساستا يېزىپ چىققان ئىلمىي دوكلاتىنى باشقا شەخسلەر ۋە شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىدىغان شىركەتلەر بار. ئۇلار تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرنى ئانالىز قىلىپ، كەلگۈسىدىكى بازار ھەققىدە ئىلمىي مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر دوكلاتىنى ئادەتتە 1500 دوللارغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

ئامېرىكىدا خۇسۇسىي مەبلەغ سالىدىغان كاپىتالىستلاردىن باشقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ كىچىك تىپلىق ئىگىلىكلەر ئۈچۈن ھەر يىلى بەلگىلىك پۇل ئاجرىتىپ مەبلەغ سالىدۇ. مېنىڭ پەرىزىمچە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ ئۈچۈن ئاجراتقان پۇلى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە ھەر يىلى مەبلەغ سېلىنىدىغان پۇلنىڭ تەخمىنەن 10 پىرسەنتىنى ئىگىلىشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت مەبلىغىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت مۇداپىئەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرگە بېرىلىدۇ.

مەن تېخى يەنە بىر مۇھىم مەسىلىنى چۇشەندۈرمىدىم VC دەپ ئاتالغان كاپىتالىستلارنىڭ ئەسلىدىكى پۇلى نەدىن كېلىدۇ؟ ئۇنى ھەرگىز ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپ تاپقان مائاشىدىن يىغقان ئەمەس. ئامېرىكىدا مائاشنى يىغىپ ئۇنچىلىك پۇل توپلاش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى ۋاقىتتا كەم دېگەندە بىر شىركەت قۇرۇپ، ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ماڭدۇرۇپ، 5-10 يىلنىڭ ئىچىدە ئۆز شىركىتىنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سېلىپ، شۇ ئارقىلىق نەچچە مىليون دوللارلىق بولغانلاردۇر. مەن سىلىكون جىلغىسىدىكى SDL دېگەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ لازېر نۇرى زاپچىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر شىركەتتىكى سودا-سېتىققا مەسئۇل بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشلىقىنى تونۇيتتۇم. ئۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى 20 دوللاردىن بازارغا سالغانىدى، 2001-يىلىنىڭ ئاخىرى بىر پاي چېچكنىڭ باھاسى 300 دوللارغا چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىركەتكە بالدۇر كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مىليونېر بولۇپ كەتتى. مەن كېيىن بىر ئىش بىلەن ھېلىقى تونۇشۇمنى ئىزدەپ بارسام، شىركەتتىكىلەر ماڭا ئۇ كىشىنىڭ بۇ شىركەتتىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، كاپىتالىست بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەگەر سىز بىر يېڭى قۇرۇلغان شىركەتكە قانچە بالدۇر كىرسىڭىز، ئۇ شىركەت سىزگە ئىنگلىزچە «Option» دەپ ئاتىلىدىغان پاي چەكتىن شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە ئەرزان بېرىدۇ. ئۇنى سېتىپ ئېلىش-ئالماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارلىقىدا. ئەگەر شىركەت ئوبدان مېڭىپ، ئۇنىڭ پاي چېكىنى بازارغا سالغاندىن كېيىن ئۇ پاي چەكنىڭ باھاسى شىركەت سىزگە سېتىپ بەرگەندىكى باھادىن يۇقىرى بولسا، سىز ئۆزىڭىزگە تەۋە پاي چەكنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى بازاردا ساتىسىز. شۇنىڭ بىلەن پايدا كۆرىسىز. ئەگەر شىركەت ياخشى ماڭمىسا، ئۇ پاي چەكنى ئالمايسىز.

سىلىكون جىلغىسىدا «Cisco» دېگەن بىر چوڭ شىركەت بار. پۈتۈن دۇنيادا خەۋەرلىشىش تورلىرى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسۋاب-ئاپپاراتلارنىڭ يېرىمىدىن تولىسىنى مۇشۇ شىركەت ئىشلەپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئاپپاراتلار بىر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يېرىم مېتردىن ئاشمايدىغان قەلەي ساندۇققا قاچىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى ئىنتايىن يۇقىرى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، «Cisco» ئىشلەپ چىقارغان بىر ساندۇق بىلەن ھەجمى شۇ ساندۇق بىلەن ئوخشاش بولغان ئالتۇننىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرغاندا، «Cisco»نىڭ ساندۇقى ئالتۇندىن جىق قىممەت توختايدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسىمۇ 2001-يىلى ئىنتايىن ئۆسۈپ كېتىپ، شىركەتتە بىرەر باشلىق دەرىجىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا مىليونېر بولۇپ كەتتى. شۇ يىلى «Cisco» دىكى مىليونېر بولغانلارنىڭ سانى 800 كىشىدىن ئاشىدىكەن.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئامېرىكىدا شىركەتنىڭ پاي چېكى بىلەن باي بولۇپ كېتىدىغانلارنىڭ بولغىنىدەك، شۇ پاي چەك بىلەن كەمبەغەل بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. يەنى، ئىقتىساد ياخشى بولغاندا، شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئۆسۈپ، ئادەملەر باي بولىدۇ. ئىقتىساد ياخشى بولمىغاندا، شىركەتنىڭ، جۈملىدىن شىركەتلەر پاي-چېكىنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىپ، كىشىلەر نۇرغۇن بايلىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. مەن مۇشۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى بىر بۆلۈمىدە ئېيتقاندەك، 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغا قەدەر 2 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ، جۈملىدىن كالىفورنىيەنىڭ نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىشنى مەركەز قىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، كالىفورنىيە شىتاتىدا 2.3 ترىللىيون دوللار قىممىتىدىكى ئىقتىساد يوقىلىپ كەتكەن. ماڭا30 «WaveSplitter» مىڭ پاي چېكىنى بىر دوللاردىن بەرگەنىدى. ئارىلىقتا شىركەتنى بازارغا سالىدىغان گەپ-سۆزلەر كۈچىيىپ قالغاندا، مەن ئۇنىڭدىن 5 مىڭىنى 5 مىڭ دوللار خەجلەپ سېتىۋالغانىدىم. دەل شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش سانائىتى پەسكە چۈشۈشكە قاراپ مېڭىپ، بىر چۈشكەنچە توختىمىدى. بىزنىڭ شىركەتنىڭ پاي چېكى دەپتەر ئۈستىدە بىر دوللاردىن 9 دوللارغا ئۆسكەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چۈشۈشى بىلەن ئۇنىڭ باھاسىمۇ چۈشۈپ، ئاخىرىدا بىر پاي چېكىنىڭ قىممىتى 3 سەنت (يەنى 0.03 دوللار) بولۇپ قالدى. مېنىڭ 5 مىڭ دوللار مەبلىغىم 150 دوللارغا چۈشۈپ قالدى. بۇ 150 دوللار پۇلمۇ ماڭا قايتىپ كېلەمدۇ-يوق، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن. بىزنىڭ شىركەتتىكى يەنە بىر بالا مۇشۇنداق ئىش بىلەن 10 نەچچە يىل يىغقان 90 مىڭ دوللار پۇلىدىن قۇرۇق قالدى. ئاشۇ ۋاقىتتا مەن رادىيو خەۋەرلىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇپ، يىغلاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى خېلى ئاڭلىدىم. مەسىلەن، بىر كىشى شىركەتتىن بەرگەن پاي-چېكىنىڭ دەپتەردىكى قىممىتىنى ھېسابلاپ، پايدا تېخى ئۆز قولىغا تەگمىگەن بولسىمۇ، 3 مىليون دوللارلىق ئۆيدىن بىرنى قەرزگە ئالغان پۇل بىلەن سېتىۋاپتۇ. كېيىن ئۇ پاي چېكىنىڭ قىممىتى يوق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆيىنىڭ باھاسىمۇ 2 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۆيىنى سېتىپ، قەرز تۆلەپ، بانكىغا يەنە بىر مىليون دوللار قەرز بولۇپ قاپتۇ. شىركىتى يوقاپ كېتىپ، خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قاپتۇ. ئەگەر سىزنىڭ بانكىغا يىللىق ئۆسۈمى 6 پىرسەنتلىك بىر مىليون دوللار قەرزىڭىز بولسا، ئۇنىڭ ئۆسۈمى ئۈچۈنلا ھەر ئايدا 5000 دوللار تۆلىشىڭىز كېرەك. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا، كىشىلەر نۇرغۇن شەرتلەر ئاستىدا ئىنگلىزچىدە «bankruptcy» دەپ ئاتىلىدىغان ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، قەرز پۇلىدىن قۇتۇلالايدۇ. ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلىشنىڭ خېلى كۆپ زىيىنى بار. مەسىلەن، سىز ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە بانكىدىن ھېچقانداق قەرز پۇل ئالالمايسىز.

1996-يىلى 6-ئايدا، مەن ساندىئا دۆلەت تەجرىبىخانىسىدا دوكتۇرئاشتىلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا، مېنىڭ ئاشۇ ئىدارىدىكى ئۇستازىمنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، بىر يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭى شىركەت قۇرماقچى بولغان 3 كىشىنىڭ بىرى بولدۇم. بىزگە «CEO» بولغان كىشى ھىندىستاندىن 6 يېشىدا كەلگەن، سىلىكون جىلغىسىدا ئۇزۇن يىل ئىشلەپ، ئۆزى بۇرۇن 2 شىركەت قۇرۇپ باققان، يېشى 60 قا يېقىنلىشىپ قالغان بىر كىشى ئىدى. سودا-سېتىققا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس بولسا ئەينى ۋاقىتتا سىلىكون جىلغىسىدىكى يىللىق سودىسى بىر قانچە مىليارت دوللارلىق بىر چوڭ شىركەتنىڭ سودا-سېتىقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، بىزنىڭ «CEO» بىلەن يېقىن دوست ئىدى. مەن بولسام «CTO» بولدۇم. شىركىتىمىزنىڭ ئىسمى «Telelase» بولۇپ، بۇ يەردىكى «Tele» دېگەننىڭ مەنىسى خۇددى «تېلېگرام»، «تېلېفون» دېگەندىكىگە ئوخشاش «يىراق» دېگەن مەنانى ئۇقتۇراتتى. «Lase» بولسا (ئىنگلىزچە «Laser» يەنى لازېر نۇرى) نىڭ بىر قىسمى ئىدى. بىزنىڭ چىقارماقچى بولغىنىمىز، لازېر نۇرىنى ھاۋادا ماڭدۇرۇپ، ئارىلىقى 1 كىلومېتردىن 4 كىلومېترغىچە بولغان بىنالارنىڭ ئارىلىقىدا يۇقىرى سىغىملىق خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاپپارات ئىدى. بۇ ئاپپاراتنىڭ كۆرۈنۈشى بىر خىل تېلېسكوپقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تېلېسكوپتىن باشقا يەنە نۇر سىگنالىنى ئېلېكتىر سىگنالىغا ئايلاندۇرىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك زاپچاسلار ھەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكتىر سىگنالىنى باشقا خەۋەرلىشىش تورلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان زاپچاسلارمۇ بار ئىدى. . San Franciscoغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەردە بىنالار بەك زىچ بولغاچقا، ئەگەر يەرنى كولاپ نۇرلۇق تالا كۆمۈپ، خەۋەرلىشىش تورى ياسىماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ۋاقىت ۋە ئىقتىساد ئىنتايىن كۆپ كېتەتتى. بەزى جايلاردا بولسا ئۇنداق قىلىش مۇمكىن، پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايمۇ قالىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ئاپپاراتتىن ئىككىنى بىر-بىرىگە قارىتىپ ئورناتسا، بىر-ئىككى ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا ئىككى بىنانى بىر-بىرىگە ئۇلىغىلى بولاتتى. مەن مۇشۇنداق ئاپپاراتتىن 3 خىلنى لايىھىلىدىم. ئۈچىمىز بىرلىشىپ شىركىتىمىزگە ئىگىلىك پىلانى تۈزۈپ، نۇرغۇن «VC» لارنىڭ قېشىغا ئاپاردۇق. لېكىن، بىزنىڭ ئىگىلىك پىلانىمىز ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەي، بىز زادىلا پۇل ئالالمىدۇق. بۇ جەرياندا مەن ئۆز يېنىمدىن 5 مىڭ دوللاردەك پۇلنى مۇشۇ شىركەت ئۈچۈن خەجلىدىم. بىزنىڭ يېڭى قۇرغان شىركىتىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ھېچ قانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغاچقا، مەن بۇ شىركەتكە ئۆزۈمنىڭ 2-نىشانى تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ رەسمىي خىزمىتىنى زادىلا توختاتمىدىم. پەقەت بىزنىڭ «CEO» لا بۇ شىركىتىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈن ئىشلىدى. 1996-يىلى 9-ئايدا، مەن «CVI» دېگەن لازېر شىركىتىگە خىزمەتكە كىردىم. بىر تەرەپتىن «CVI» دىكى خىزمىتىمنى نورمال داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى، شەنبە-يەكشەنبە ۋە باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى «Telelase» نىڭ ئىشىنى قىلدىم. بىز مەبلەغ ئېلىش جەھەتتە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەكمۇ، ھەرگىز بۇ شىركەتتىن ۋاز كەچمىدۇق. ئەمما، 1998-يىلى ئامېرىكىدىكى غايەت چوڭ شىركەتنىڭ بىرى بولغان «Lucent Technology» شىركىتى ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ Seattle شەھىرىدە قۇرۇلغان «Terrabeam» دېگەن بىر شىركەتكە 500 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى «Terrabeam» نىڭ چىقارماقچى بولغىنىمۇ بىزنىڭ چىقارماقچى بولغىنىمىز بىلەن ئوپ-ئوخشاش ئىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن بىزنىڭ مەبلەغ ئالالىشىمىزدا ئاساسەن ئۈمىد قالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بىز باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق نەرسە چىقىرىش يولىدا ئىزدەندۇق. مۇشۇ جەرياندا «Telelase» نىڭ ئېھتىياجى بىلەن مەن ئۆزلۈكىمدىن ۋىندوۋس پروگراممىسى ۋە SMNP قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئۆگەندىم. 2001-يىلىغا كەلگەندە مەن ئىنتايىن ھارغىنلىق ھېس قىلىپ، بۇ شىركەتتىكى ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەردىم. «Telelase» بىر رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەت بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ مەۋجۇت. مەن يەنىلا ئۇنىڭ بىر ئاساسلىق پاي چەك ئىگىسى. ھازىر ئۇنى بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «CEO» بولغان كىشى ئۆزى يالغۇز ماڭدۇرۇۋاتىدۇ. باشقا شىركەت-ئىدارىلەرگە مەسلىھەتچىلىك قىلىپ بېرىپ، ئىشخانىنىڭ ئىجارىسى بىلەن ئۆزىنىڭ مائاشىنى تېپىپ ياشاۋاتىدۇ. ھازىر بىز چىقارماقچى بولغان ھېلىقى ئاپپاراتنى چىقىرىدىغان شىركەتلەر ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىسرائىلىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە قۇرۇلۇپ كەتتى. ھازىر يەر شارى بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلىشىشتە ئىشىلتىدىغان «Deep Space Network, DSN» دەپ ئاتىلىدىغان(ئۇيغۇرچە مەنىسى «چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقى تورى» دېگەنگە يېقىن كېلىدىغان) بىر مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىش تورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھازىر مارستىكى ئىككى تەكشۈرگۈچى ماشىنا تارتقان رەسىملەرنىمۇ ئاشۇ تور ئارقىلىق يەر شارىغا ماڭدۇرۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ تورنىڭ ئانتېنناسى قازان شەكلىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن جەمئىي 3 ى بار. ئۇلار يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆز-ئارا 120 گىرادۇس ياسىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا، بىرى ئاۋىسترالىيەدە، يەنە بىرى ئىسپانىيەدە. بۇ ئانتېننانىڭ دىئامېتىرى 34 مېتر ۋە 70 مېتر چوڭلۇقتا بولۇپ، ئىگىزلىگى بىر 10 قەۋەتلىك بىنا بىلەن باراۋەر كېلىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق خەۋەرلىشىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولمىغاچقا، ھازىر ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى يەر شارى بىلەن ئالەم بوشلۇقى ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلىشىش ۋە ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۆز ئارا خەۋەرلىشىشنى نۇر دولقۇنى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

تۆۋەندە يازىدىغان نەرسىنى چۈشىنىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، نۇرلۇق تالا (ئىنگلىزچە «optical-fiber») خەۋەرلىشىشىگە ئائىت ئازراق ئۇقۇم بېرىپ ئۆتۈپ كېتەي. ھازىر كۆپ سانلىق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىشتە بىر كانالىنىڭ تېزلىكى بىر سېكۇنتىغا 10 گىگا بىت بولۇپ، ئۇنى قىسقارتىپ 10 GBPS (ئىنگلىزچە «10 giga bit per second») دەپ ئاتايدۇ. بىر نۇرلۇق تالادا مۇشۇنداق كانالدىن تەخمىنەن 40 بولىدۇ. بىر ئاۋاز كانالىنىڭ ئىگىلەيدىغان مىقتارى (بەزى بىر يېڭى تېخنىكىنىڭ ياردىمى بىلەن) تەخمىنەن سېكۇنتىغا 10 كىلو-بىت (10 Kbps)بولغاچقا، بىر نۇرلۇق تالادا 40 مىليون ئاۋاز (يەنى تېلېفون) كانالى ماڭدۇرغىلى بولىدۇ. 2001-يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە بىر نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش كانالىنىڭ سۈرئىتىنى 40Gbps قىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن گەپلەر بولدى. بۇ تېخنىكىغا كېرەكلىك بولغان زاپچاس-ئاپپاراتلارنى ياسايدىغان نۇرغۇن شىركەتلەر قۇرۇلدى. لېكىن، 2003-يىلىغا كەلگەندە بۇ تېخنىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەسلىكى بايقىلىپ، بۇ تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرمايدىغان بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان نەچچە مىڭ شىركەت ۋەيران بولدى.

كانادادا بىر تۈركىيەلىك ئۆمەر ئىسىملىك تۈرك قۇرغان بىر ئوپتىكا شىركىتى بار. ئۇ بىر 200 كىشىلىك شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتى ئامېرىكىدىمۇ كۆپ سېتىلىدۇ. مەن «CVI» ۋە «WaveSplitter» دېگەن شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ شىركەتتىن نەچچە قېتىم ئوپتىكا زاپچاسلىرى سېتىۋالغانىدىم. 2001-يىلىنىڭ بېشىدا بىر خەلقئارالىق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش يىغىنىغا بېرىپ، كۆرگەزمە زالىدا بۇ شىركەتنىڭ كۆرگەزمىسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ئۆمەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئىشخانىسىغا مەسئۇل بىر مۇئاۋىن رەئىسى بىلەنمۇ تونۇشتۇم. ئۇ بىر دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار، زەينەپ ئىسىملىك ئايال كىشى بولۇپ، ئۇمۇ تۈركىيەلىك تۈرك ھەمدە يېشى ئۆمەرنىڭكىدىن 10 ياشلارچە چوڭ ئىدى. بىز كەسپ توغرىسىدا كۆپ پاراڭلاشتۇق. پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىدا زەينەپ مېنىڭ ئۇلارنىڭ شىركىتىگە يۆتكىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشىمنى تەكلىپ قىلدى. گەرچە شۇ چاغدا بۇ شىركەت «WaveSplitter»گە قارىغاندا كۆپ پىشىپ يېتىلگەن شىركەت بولۇپ، ئىستىقبالىمۇ كۆپ ياخشىدەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. بۇنىڭ سەۋەبى، مەن زەينەپ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر قېتىم ئۆمەر بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلىپ، زەينەپنى «ئىشلىمەي كەچكىچە پاراڭ سالامسەن؟» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئىنتايىن سەت سىلكىشلىۋەتتى. زەينەپ ئۆز شىركىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈچەۋاتقان بولۇپ، ئۆمەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەدىسىدەك بىر كىشىگە ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشى مېنى ئىنتايىن سەسكىندۈرگەنىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىنىغىنىنى زەينەپكە شۇ پەيتتىلا ئېيتتىم.

2001-يىلىنىڭ ئاخىرى زەينەپ مېنى بىر ئايرىم كۆرۈشۈشكە چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ بىر يېڭى شىركەت قۇرماقچى بولغان ئىدىيىسىنى ئېيتتى. ھەمدە مېنىڭ ئىنژىنېرلىققا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلەپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. زەينەپ مەندىن باشقا يۇمشاق دېتال مۇتەخەسسىسىدىن بىرنى ۋە ئېلېكتىر ئىنژىنېرلىق مۇتەخىسسىسىدىن بىرنىمۇ ئۆز يېنىغا يىغىپ بولغانىكەن. ئۇلار ئۆمەرنىڭ شىركىتى سېتىۋالغان بىر كىچىك شىركەتنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى بولۇپ، زەينەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ يېڭى شىركەتنى قۇرۇشقا ماقۇل بولغانىكەن. بىزنىڭ چىقارماقچى بولغىنىمىز، ئۇزۇن يوللۇق، 40Gbps لىق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىشىگە ئىشلىتىدىغان بىر ئاپپارات بولۇپ، مۇشۇنداق خەۋەرلىشىش تورىدا كەم بولسا بولمايدىغان، ئىنگلىز تىلىدا Polarization Mode Dispersion PMD» »دېگەن بىر خىل ھادىسىنىڭ نۇر سىگنالىنىڭ سۈپىتىنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر يېڭى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئاپپارات ئىدى. ئۇ بىر يېڭى نەرسە بولغاچقا، ئۇنى بۇرۇن ھېچكىم قىلىپ باقمىغانىدى. بىزنىڭ «WaveSplitter» دېگەن شىركىتىمىزدە مۇشۇ PMD پارامېتىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئاپپارات لازىم بولۇپ قېلىپ، ئاشۇنداق ئاپپاراتنى چىقىرىدىغان بىر شىركەتنىڭ ئادەملىرى بىزنىڭ شىركەتكە كېلىپ، ئۆز مەھسۇلاتىنى تونۇشتۇرغاندا، مەن ئۇ ئاپپاراتنىڭ ئىشلەش پرىنسىپىنى پۈتۈنلەي چۈشىنىۋالغانىدىم. مەن ئۆزىمىزنىڭ شىركىتىگە «ماڭا 6 ئاي ۋاقىت بېرىڭلار. ئۇنى مەن لايىھىلەپ ياساپ چىقاي» دېگەندە، شىركەتتىكىلەر «بىزنىڭ 6 ئاي ۋاقتىمىز يوق» دەپ، ئۇ ئۆلچەش ئاپپاراتىدىن بىرنى 120 مىڭ دوللارغا سېتىۋالغانىدى.

مەن ئۆزۈمنىڭ «Telelase» دىكى تەجرىبەمگە ئاساسەن، بىزنىڭ بۇ ساھەدە تېخى تەجرىبىمىز ياكى تېخنىكىمىز يوقلۇقىنى، شۇڭا مەبلەغ ئېلىشنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى ئېيتقاندا، زەينەپ ئۆزىگە پۇل بېرىشكە تەييار بولۇپ قالغان بىر قانچە «VC» كاپىتالىستلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەندە خېلى كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا بولدى، مەن بۇ يىڭى شىركەت مەبلەغ ئېلىپ بولغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭدا پۈتۈن كۈن ئىشلەيدىغانغا، ئۇنىڭغىچە «WaveSplitter»دىكى خىزمىتىمنى تاشلىمايدىغانغا شەرت قويۇپ، زەينەپنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدۇم. بىز تۆت كىشى بىرلىشىپ ئىگىلىك پىلانى تۈزگەندە، زەينەپ پىلانغا «بىزنىڭ بۇ ساھەدە يېڭى تېخنىكىمىز بار» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. مەن ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ ئەگەر بىز ئۇنداق قىلمىساق، كاپىتالىستلار پۇل بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنداق قىلىش مېنىڭ كەسپىي ئەخلاقىمغا ۋە كىشىلىك پرىنسىپىمغا پۈتۈنلەي خىلاپ بولۇپ، مەن بۇ ئىشنى ئازراقمۇ ياقتۇرمىدىم. شۇنىڭ بىلەن قالغان 3 كىشىگە «يېڭى تېخنىكىمىز بار» دەپ يالغان ئېيتماي، بىزدە ئاشۇنداق بىر ئاپپاراتنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان تالانت ئىگىلىرى ۋە بىلىم بارلىقىنى، ئەگەر بىزگە مەبلەغ سېلىنسا، بىز ئۇ ئاپپاراتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لايىھىلەپ ياساپ چىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىشنى تەشەببۇس قىلدىم. لېكىن مېنىڭ گېپىمنى قالغانلار ئاڭلىمىدى «VC» كاپىتالىستلارنىڭ ئالدىغا دوكلات بېرىش ئۈچۈن بارىدىغاندا، ئۇلار بىزنىڭ ئىگىلىك پىلانىمىزدىكى ئوپتىكىلىق تېخنىكىغا ئائىت مەزمۇن توغرىسىدا مېنىڭ دوكلات بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۇنىمىدىم. مەن ئادەتتىكى ئىشلاردا يالغان گەپ قىلالمايدىغان بىر ئادەم، بۇنداق يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلاردا تېخىمۇ يالغان سۆزلىيەلمەيتتىم. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ گۇرۇپپىنىڭ دوكلاتىنى تەييارلاشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلدىم. بىز بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئىككى «VC» كاپىتالىست شىركىتىگە بېرىپ، ئۇلارغا دوكلات بەردۇق. بىزنىڭ تېخنىكىمىز توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى زەينەپ ئۆزى دوكلات قىلدى. ئەمما، خۇددى مەن پەرەز قىلغاندەك، ھەر ئىككىلىسىدىلا كاپىتالىستلار «سىلەر ئۆزەڭلاردا يېڭى تېخنىكا بارلىقىنى دېدىڭلار. كېلەر قېتىم شۇ تېخنىكا توغرىسىدا بىزگە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىڭلار» دەپ، بىزنى چىرايلىق يولغا سالدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا ئۆزىمىز پالتا چېپىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا قايتا بېرىشقا ئامالسىز قالدۇق. يەنى، ئەگەر بىز دوكلاتنى مەن يۇقىرىدا تەشەببۇس قىلغاندەك بەرگەن بولساق، بىزنىڭ «VC» كاپىتالىستلارنى ئۆزىمىزنىڭ تالانتى بىلەن تەجرىبە-بىلىملىرىگە ئىشەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. بىز ئۇنداق قىلماي، يالغان گەپ قىلىپ، ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا قالدۇق. شۇ چاغدا مەن قالغانلارنىڭ بۇ ساھەدە تېخى مەنچىلىك تەجرىبىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ئارىلىقتا بىر ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ، بىز كېيىنكى قەدەمنى قانداق ئېلىشنى مۇزاكىرلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش سانائىتى 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ، ئىنتايىن تىز سۈرئەتتە تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەبلەغ ئالالىشىمىزدىن ئۈمىد قالماي، بىز تۆتىمىز تارقىلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇق.

2000-يىلىنىڭ بېشىدا، مەن «CVI» دىن چىقىپ كېتىپ، يېڭى خىزمەت تاپىدىغاندا جەمئىي 3 شىركەتكە تەڭلا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ 3 شىركەتنىڭ ھەممىسىمۇ مېنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىرى «WaveSplitter» بولۇپ، يەنە بىرى «KLA-Tencor» دەپ ئاتىلىدىغان، يىللىق سودىسى 4 مىليارت دوللاردىن ئاشىدىغان، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چوڭ تىپلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بىر خەلقئارالىق چوڭ شىركەت ئىدى. بۇ شىركەتتىكى مېنى قوبۇل قىلغان كىشى مەندىن 5 ياش ئەتراپىدا چوڭ، ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، بۇ شىركەتتە ئىشلىگىلى 10 يىلدەك بولغان، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، شىركەتنىڭ پۈتۈن يېڭى تۈرلەرنى تەتقىق قىلىدىغان بۆلۈمىگە مەسئۇل كىشى ئىكەندۇق. ئۇ ئەسلىدە ئىرانلىق بولۇپ، چىرايى ئۇيغۇرغىلا ئوخشايتتى. مەنمۇ بىۋاسىتە شۇ كىشىنىڭ قولىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇ مەندىن ھەر خىل ئىمتىھانلارنى ئېلىپ بېقىپ، مېنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ قالدى ھەمدە مېنى ئالغان 3 شىركەتنىڭ ئىچىدە مائاشنىمۇ ئەڭ كۆپ بەردى. لېكىن، ئاخىرىدا قارار قىلىدىغاندا، مەن يەنىلا «WaveSplitter»نى تاللىدىم. سەۋەبى «WaveSplitter» پاي چېكى تېخى بازارغا سېلىنمىغان يېڭى شىركەت بولغاچقا، پاي چېكى ئارقىلىق بىراقلا باي بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. مەن «KLA-Tencor»غا بارمىغان بولساممۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئالغان ھېلىقى ئىرانلىق بىلەن دوست بولۇپ قالدىم. ئۇنى بىر قېتىم ئۆيۈمگە چاقىردىم. ئۇ بىزنىڭ ئۆي تۇتىشىمىز ۋە دۇتتىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭكى بىلەن قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. بىز ئادەتتە پات-پات تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇردۇق. ئۇ ئاللىقاچان مىليونېر بولۇپ بولغان بولۇپ، 2002-يىلى ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش ساھەسىدە شىركەت قۇرماقچى بولۇپ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىشىمنى تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش سانائىتى ھە دەپ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقانىدى. مەن ئۇنىڭغا پۇل ئېلىشنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى، ھەتتا ئاساسەن مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ «VC» كاپىتالىستلاردىن يېقىن تونۇشلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا پۇل ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن شىركەتكە پۇل ئېلىشتىن بۇرۇن «WaveSplitter»دىكى ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغانغا، پۇل ئالغاندىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ئىشلەيدىغانغا ماقۇل بولدۇم. شىركەتكە ئۇ ئۆزى رەئىس، مەن ئىنژىنېرلىققا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىس بولدۇم.

بىزنىڭ دەسلەپتە چىقارماقچى بولغىنىمىز ئۇزۇن يوللۇق نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش تورىغا بىر كانالنى قوشۇپ، بىر كانالنى چۈشۈرىدىغان، ئىنگلىزچە «Optical Add/Drop Multiplexer, OADM» دەپ ئاتىلىدىغان ئاپپارات ئىدى. مەسىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىن بېيجىڭغىچە بولغان خەۋەرلىشىش تۈرىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۇ تور ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۇنىڭدىكى بىر كانالنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا يېڭى بىر كانالنى قوشۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرغان ئېلخەت ئۈرۈمچىگە، قەشقەردىن بېيجىڭغا ماڭدۇرغان ئېلخەت بېيجىڭغا، ۋە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ماڭدۇرغان ئېلخەت بېيجىڭغا يېتىپ بارالايدۇ. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇشۇنداق نەرسە چىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ تېخنىكىسىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ «WaveSplitter»دە قىلىۋاتقان نەرسىلىرىمدىنمۇ پايدىلىنىپ، چىقىرىدىغان نەرسىنى لايىھىلەپ چىقتىم. ئىگىلىك پىلانىنى تۈزۈپ، بىز «VC» كاپىتالىستلار بىلەن كۆرۈشۈشنى باشلىدۇق. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان ئىرانلىقلار خېلى كۆپ ئىكەن. مەسىلەن، مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتۈپ كەتكەن «Cisco» شىركىتىنىڭ سودا-سېتىققا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى ئىرانلىق ئىكەن. ياپونىيەنىڭ« Hitachi» خىتاچى شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سېلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىمۇ ئىرانلىق ئىكەن. مەن ئۇ ئىرانلىق شىرىكىمگە ئۇزۇن يوللۇق خەۋەرلىشىش تورى ئاپپاراتى چىقىرىدىغان، «OADM» نى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بار بىر شىركەتنى تونۇشتۇرۇپ قويسام، ئۇنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە 1-قول باشلىقىمۇ ئىرانلىق چىقىپ قالدى. مۇشۇنداق تونۇشلىرىمىز بولغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىزگە پايدىسىز ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۈپەيلىدىن، بىز بۇ شىركەتكىمۇ پۇل ھەل قىلالمىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدۇق. ئامېرىكىدا ئۆزىنىڭ دۆلىتى بار ھەر قانداق بىر مىللەتنى سۈرۈشتۈرسە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئادەم نوپۇسىنىڭ خېلى كۆپلۈكى بايقىلىدۇ. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئامېرىكىدا ئۇيغۇردەك نوپۇسى ئاز ئىككىنچى بىر مىللەت بولمىسا كېرەك.

بۇ ئىشتىن كېيىن، مەن سىلىكون جىلغىسىدىكى 15 تەك ئادىمى بار بىر يېڭى قۇرۇلغان شىركەتكە خىزمەت تېپىش كۆرۈشۈشىگە باردىم. مەن شىركەتنىڭ 5-6 باشلىق ۋە ئىنژىنېرلىرىغا ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن قىلغان ئىشلىرىم ۋە «OADM» توغرىسىدىكى بىلىدىغانلىرىم توغرىسىدا بىر سائەت دوكلات بەردىم. دوكلات جەريانىدا ئۇلار مەندىن ئۈزۈلدۈرمەي سوئال سوراپ تۇردى. بۇمۇ «OADM» ئاپپاراتى چىقارماقچى بولغان بىر شىركەت بولۇپ، تېخى قايسى تېخنىكىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلىپ بولالمىغان ئىكەن. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا شىركەتنىڭ «CEO» باشلىقى مەندىن: «ئەگەر بىز قايسى تېخنىكىنى ئىشلىتىشنى سېنىڭ ئۆز ئىختىيارىڭغا قويساق، سەن بىر OADM نى قانچە پۇلغا پۈتتۈرەلەيسەن؟» دەپ سورىدى. مەن «4500 دوللاردىن 6000 دوللارغىچە» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ كىشى: «ساڭا بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمىز. ئەگەر مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 2500 دوللارغا پۈتىدىغان OADM دىن بىرنى لايىھەلىسەڭ، بىر ھەپتىدىن كېيىن بىزنىڭ شىركەتكە كېلىپ ئىشقا چۈشكىن. ئەگەر لايىھەلىمىسەڭ، بىز بىلەن ئىككىنچى ئالاقىلەشمە» دەپ مېنى يولغا سالدى. مەن بۇرۇن قانداق قىلىپ قاتتىق رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدىغان «OADM» توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن بولغاچقا، 2500 دوللارغا «OADM» دىن بىر پۈتتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. شۇڭا بۇ كۆرۈشۈشتىن چىقىپلا بۇ شىركەتنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىم. بۇنىڭدىن 2-3 ئاي ۋاقىت ئۆتكەندە، بۇ شىركەتتىكى مەن ئالاقىلەشكەن كىشىگە تېلېفون قىلسام، شىركەتنىڭ تېلېفونى ئىشلىمىدى. قارىغاندا ئۇلار «OADM» نىڭ 2500 دوللارغا پۈتىدىغان لايىھىسىنى تاپالماي، «VC» كاپىتالىستلار يېڭى پۇل بەرمەي، شۇنىڭ بىلەن ئىشىكنى تاقاپ ئۆيلىرىگە كەتكەن ئوخشايدۇ. سىلىكون جىلغىسىدا بۇنداق ئىشلار ئىنتايىن كۆپ. ئەگەر ھازىر سىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ماشىنا بىلەن ئايلانسىڭىز، ئۇ يەردىكى شىركەت بىنالىرىنىڭ يېرىمىنىڭ ئىچى قۇرۇق ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. 2003-يىلللىرى نۇرغۇن شىركەتلەر تاقىلىپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەر سىلىكون جىلغىسىدىن باشقا جايلارغا، ھەتتا باشقا شىتاتلارغا كۆچۈپ كەتتى. ئالدىنقى بىر بۆلۈمدە تىلغا ئالغىنىمدەك، بىزمۇ جورجىئا شىتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىگە كۆچۈپ كەتكىلى تاس قالدۇق.

2003-يىلى ئەتىيازدا، مەن «WaveSplitter»دىن چىقىپ كېتىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر كىچىك، يۇقىرى تېخنىكىلىق بىئولوگىيە شىركىتىنى تېپىپ، شۇنىڭغا يېڭى ئىشقا كىردىم. مەن كىرىشتىن بۇرۇن بۇ شىركەتتە جەمئىي 7 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانى، بىرىنىڭ ماگىستېرلىق ئۇنۋانى، قالغانلىرىنىڭ باكالاۋر ئۇنۋانى بار ئىكەن. مەن 4-دوكتور ئۇنۋانلىق خادىم بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئاق تەنلىك دوكتورنىڭ كەسپى بىئولوگىيە (شىركەتنىڭ رەئىسى)، بىر ئاق تەنلىك دوكتورنىڭ كەسپى خىمىيە، يەنە بىر ئىرانلىق دوكتورنىڭ كەسپى مېخانىكا بولۇپ، مېنىڭ كەسپىم ئېلېكتىر بىلەن ئوپتىكا ئىدى. قالغان 3 دوكتور كالىفورنىيەدىكى «Livermore» دۆلەتلىك تەجرىبىخانىسى ۋە يەنە بىر شەخسىي شىركەتتە بىرگە ئىشلىگەن دوستلاردىن بولۇپ، ھەممىسى ئۆز كەسپىي ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ باققان كىشىلەر ئىكەن. شىركەتنىڭ رەئىسى 2003-يىللىق مىكرو ئېقىملىق ئۆلچەش ئەسۋابلىرى بويىچە ئېچىلغان بىر خەلقئارالىق يىغىننىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىدى. ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلاردىن بىر قانچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر كىچىك تىپلىق، ھاۋادىكى بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قورالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغان ئاپپارات ياساپ بېرىش ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر بىر تېخنىكىلىق ساھەدە مۇشۇنداق شىركەتلەردىن ھەر يىلى بىر قانچىسىگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى رىقابەتكە سېلىپ، قايسى شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى ئۇتۇپ چىقسا، شۇنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئىش ئۈچۈن بۇ شىركەتكە ھۆكۈمەتتىن 1.5 مىليون دوللار پۇل بەرگەن ئىكەن. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ياسالغان نەرسىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەندۇق. بۇ ئاپپارات ھاۋادىكى زەررىچىلەرنى يىغىپ، ئۇنى كۆپەيتىپ، DNA ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھاۋادا بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قورالنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن. بۇ زەررىچىنىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىدىغان نەرسە بىر ئوپتىكىلىق ئاپپارات بولۇپ، مېنىڭ ئىشىم ئەنە شۇنى لايىھىلەپ ئىشلەپ چىقىرىش ئىدى. مەن بۇ ئوپتىكىلىق قىسمىنىڭ ئوپتىكا، ئېلېكتىر، مېخانىكا ۋە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم لايىھىلەپ ھەمدە ياساپ چىقتىم. ھەمدە ئۇنى ئامېرىكىدا سېتىلىۋاتقان، پەقەت بىرلا ئىشنى قىلالايدىغان يەنە بىر ئاپپارات بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مەن ياسىغان ئاپپاراتنىڭ فۇنكسىيەسى باشقىلارنىڭكىدىن سەل ياخشىراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتىم. شىركەتتىكىلەر مەندىن ئىنتايىن رازى بولدى. بۇ ئومۇمىي مەھسۇلاتنى ھۆكۈمەتكە 2003-يىلى نويابىردا تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ۋاقىت توشقاندا ئۇنىڭ مىكرو ئېقىملىق زەررىچىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قىسمى ئىشلىمىدى. شۇنداق بولسىمۇ، شىركەت بۇ ئاپپاراتتىن بىرنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختىگە ماڭدۇردى. بۇ ئاپپارات گەرچە ئىنگلىز تىلىدا «portable» يەنى «كۆتۈرۈپ يۈرگىلى بولىدىغان» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئۇنى بىر بىر توننىلىق ماشىنا ئاران سۆرىدى. بۇ ئاپپاراتنى ماڭدۇرۇپ بولۇپلا، شىركەتنىڭ باشلىقلىرى بىزنىڭ ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ۋە كۆپ يىللىق تەجرىبىسى بار مېخانىكىلىق ئىنژىنېرىمىزنى ئىشتىن بوشاتتى. ئەگەر بىر شىركەت ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرىغا ئىشلىمەيدىغان ياكى سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتنى ماڭدۇرسا، ئۇ بۇ شىركەتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، مەن بۇ شىركەتتە داۋاملىق تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىستىقبالى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ، يېڭى ئىش تېپىش قارارىغا كەلدىم. بۇ شىركەت ھازىرمۇ مەۋجۇت. ئۇنىڭ قۇرغۇچىلىرى كەسپىي جەھەتتە ناھايىتى نوپۇزلۇق كىشىلەر بولغاچقا، ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئالىدىغان مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قالماي، شىركەت ھازىرمۇ مېڭىۋاتىدۇ.

2003-يىلى نويابىردا مەن ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ئىدارەم بولغان JPL بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، بىر كۈنلۈك خىزمەت تېپىش كۆرۈشۈشىگە ئېرىشتىم ھەمدە مەن ئىشلەۋاتقان يۇقىرىدىكى شىركەتتىن ئىككى كۈنلۈك تەتىل رۇخسىتى ئېلىپ، «JPL» بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىم. بۇ كۆرۈشۈشنىڭ رەسمىي نەتىجىسى چىققىچە مەن ئىلتىماس قىلغان، سىلىكون جىلغىسىدىكى يەنە بىر يېڭى قۇرۇلغان شىركەت مېنى كۆرۈشۈشكە چاقىردى. بۇ شىركەت ياپونىيەنىڭ «Fuji-Xerox», «Hitachi» قاتارلىق 3 چوڭ شىركىتىدىن چىققان 3 ئادەم بىرلىشىپ قۇرغان شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم مەبلىغىنى ياپون ھۆكۈمىتى سالغان ئىكەن. شىركەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلۈمى ئامېرىكىدا بولۇپ، مەن كىرسەم ئاشۇ بۆلۈمدە «ئوپتىكا لايىھىلەش دىرېكتورى» بولۇپ ئىشلەيدىكەنمەن. شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش فابرىكىسى ياپونىيەدە بولۇپ، مەن دەسلەپتە ياپونغا بېرىپ، 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە بىر تەجرىبىخانا قۇرىدىكەنمەن. مەن ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ ئېلان قىلغان مائاشىنىڭ ئازلىقىنى، ماڭا يىللىق مائاش ئۈچۈن يەنە 5000 دوللار قوشۇپ بېرىشىنى ئېيتتىم. ئۇلار ماقۇل بولدى. ھەمدە 45 مىنۇتلۇق دوكلات ۋاقتى بەردى. لېكىن، مېنىڭ دوكلاتىم باشلانغاندىن كېيىن، يىغىنغا كىرگەنلەر يالغۇز تېخنىكا ئەمەس، مەندىن شىركەت باشقۇرۇش، خېرىدار تېپىش، يېڭى شىركەت قۇرۇش توغىرىسىدا ھەر خىل سوئاللارنى سوراپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ دوكلات يىغىنىمىز 3 سائەتتە ئاران تۈگىدى. شىركەتنىڭ ياپونلۇق باشلىقلىرى مېنى ئىنتايىن ياقتۇردى. دوكلاتتىن كېيىن مەن بىلەن يەنە ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى. بەزىدە ياپونچىلا سۆزلەشتۇق. ئۇلار مېنى ئىشقا ئالىدىغانلىقىنى شۇ چاغدىلا قارار قىلىپ، مېنىڭ قارار قىلىشىم ئۈچۈن ساق بىر ھەپتە ۋاقىت بەردى. مەن ئۇلاردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمنىڭ «JPL» بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ بولغانلىقىمنى، ئەگەر «JPL» مېنى خىزمەتكە ئېلىپ قالسا، چوقۇم «JPL»گە كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلار مېنىڭ بۇ قىلغىنىمدىن ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ. ماڭا «ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاقى يۇقىرى، سەمىمىي كىشى ئىكەن» دەپ باھا بېرىپتۇ. ئارىلىقتا بىر ھەپتە بولمايلا ئۇلاردىن ماڭا تېلېفون كەلدى:

-- ئەگەر مائاشىڭنى يەنە ئۆستۈرۈپ بەرسەك، بىزنىڭ شىركەتكە كېلەمسەن؟

-- رەھمەت. مەن «JPL»نى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بۇ شىركەتتىكى مائاشىمنى ئۆستۈرۈۋېلىشنى خالىمايمەن. مەن ئۇنداق ئادەم ئەمەس. ئەگەر سىلەرنىڭ شىركەتكە بارسام، ھازىرقى مائاش بىلەنلا بارىمەن. بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئىپادەمگە قاراپ بېقىپ ئاندىن مائاشىمنى ئۆستۈرۈپ بەرسەڭلار بولىۋېرىدۇ. مەن «JPL» نىڭ جاۋابىنى چوقۇم كۈتمىسەم بولمايدۇ.

-- «JPL» ساڭا قانچىلىك مائاش بەرسە، بىزمۇ شۇنچىلىك مائاش بېرەيلى. شۇنداقتا كېلەمسەن؟

-- رەھمەت. ئەمما، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. بۇ پەقەت پۇلنىڭلا ئىشى ئەمەس.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ماڭا «JPL» دەك چوڭ ئىدارىنىڭ ئۇلارنىڭكىدەك كىچىك شىركەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق يېتەرسىزلىكى بارلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ ماڭا دېگەنلىرى توغرا بولۇپ، مەن ئۇنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلدۇم. لېكىن، «JPL» كىملا بولسا كىرەلەيدىغان ئورۇن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئالەم تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەم ئىنتايىن مۇقىم بىر ئورۇن بولغاچقا، «JPL» نى ئۇ شىركەت بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى. شۇڭا مەن «JPL» نىڭ جاۋابىنى كۈتتۈم. ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى مېنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بېرىشىم كېرەكلىگى توغرىسىدىكى شەرتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارمۇ «JPL» نىڭ جاۋابىنى ساقلىدى. ماڭا «JPL» دىن رەسمىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خېتى كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇلار بىلەن تېلېفوندا يەنە بىر ئاز پاراڭلىشىپ، چىرايلىق خوشلاشتىم. مەن بۈگۈن مۇشۇ قىسىمنى يېزىۋاتقاندا، ئۇ شىركەتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ قاراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ تور بېتى ئېچىلدى. لېكىن، «شىركەتنىڭ تارىخى» دېگەن بەتتە پەقەت 2003-يىلىغىچە بولغان ئۇچۇر بار ئىكەن. قارىغاندا بۇ شىركەتمۇ 2004-يىلىنى چىقىرالمىغان ئوخشايدۇ.

مەن يۇقىرىدا ئامېرىكىدا يېڭى ئىگىلىك يارىتىشتىكى سەلبىي نەرسىلەرنى كۆپرەك سۆزلىدىم. بۇ ھەرگىز ئامېرىكا بىر ناچار مەملىكەت دېگەنلىك ئەمەس. مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىر قانچە يىل ئىچىدە، ئامېرىكىدا ئەنە ئاشۇنداق ئىشلار بولۇپ ئۆتكەنىدى. مەن ئۇلارنى شۇ پېتىچە يازدىم. پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا يەنىلا يېڭى ئىگىلىك يارىتىشتىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ ياخشى دۆلەتتۇر. دۇنيادىكى يەڭى ئىلىم-پەن ۋە يېڭى تېخنىكىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يەنىلا ئامېرىكىدا ئىجات قىلىنىدۇ. ئامېرىكىدا شىركەتلەر دەسلەپتە كىچىك قۇرۇلۇپ، سېتىۋېلىش ۋە قوشۇلۇش ئارقىلىق ئۇ بارغانسېرى چوڭىيىپ ماڭىدۇ ھەمدە يېڭى ئىگىلىك يارىتىش پۇرسىتى ھەممە مىللەتلەر ئۈچۈن ئوخشاش. مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ «CPU» سىنى چىقىرىدىغان ئىنتېل شىركىتىنى ئەسلىدە بىر ۋېنگىرىيىلىك ئىنژىنېر قۇرغان. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇ ئادەم ھازىرمۇ ئىنتىلنىڭ «CEO» سى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئىگىلىك يارىتىشتا، بىز ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن ئاجىزلىق بار. مەن بۇرۇن يۇرتىمىزغا بېرىپ كېلىپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، ئاتا-بالا ئىككەيلەنمۇ بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەي، دۇكان ئايرىغىنىنى كۆرگەنىدىم. بىز بىرلەشمەي، بۆلۈنىمىز. بۇنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدە 100 ئۇيغۇر دۇكان ئاچقان بولسا، ئۇلار بېيجىڭغا كەم دېگەندە 100 ئادەم ماڭدۇرۇپ، شىنجاڭغا مال توشۇيدۇ. ئەگەر مۇشۇ 100 ئادەم بىرلىشىپ، بىر چوڭ دۇكان ئاچقان بولسا، بېيجىڭدىن مال توشۇش ئۈچۈن بىر قانچە ئادەم ماڭدۇرۇلسىلا كۇپايە قىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئىگىلىكى زەنجىرسىمان ۋە ئومۇملاشقان بولىدۇ. بۇ يەردىكى «زەنجىرسىمان» دېگىنىمىز، ئەگەر بىرى «رابىيە سودا سارىيى» دېگەن بىر شىركەتنى قۇرغان بولسا، 6 شەھەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ شىركەتنىڭ سودا سارىيىدىن بىرنى ئاچىدۇ («ئارمان» شىركىتىدەك). «ئومۇملىشىش» دېگىنىمىز، ئەگەر بىر ئادەم قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان بىر يولۇچى توشۇش شىركىتى ئاچقان بولسا، بۇ 1500 كىلومېتر ئارىلىقتا يولۇچىلار كېچىسى چۈشىدىغان مېھمانساراي، يول بويى تاماق يەيدىغان ئاشخانا قاتارلىقلارنىمۇ مۇشۇ ئادەم ئۆزى قۇرىدۇ. زەنجىرسىمان ئىگىلىك بىلەن ئومۇملاشقان ئىگىلىكنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى، مالىيەسى، تەشۋىقاتى، مال يۆتكىشى قاتارلىق ئىشلىرى بىر تۇتاش بولىدىغان بولغاچقا، ئايرىم-ئايرىم ئىش ئېلىپ بارىدىغان كىچىك شىركەتلەرگە قارىغاندا، نۇرغۇن چىقىمنى ئازايتىپ، پايدىنىمۇ شۇنىڭغا ئوڭ تاناسىپ ھالدا كۆپەيتكىلى بولىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشلاردا ئاجىز بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 3 سەۋەپ مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: 1) ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن؛ 2) ئۇيغۇرلاردا ئۆز شىرىكلىرىگە بولغان سەمىمىيەت يېتەرلىك ئەمەس؛ 3) ئۇيغۇرلار ھازىرقى زاماندا بىر نورمال ھالەتتە ياشاپ مېڭىشى ئۈچۈن، چوقۇم بىر-بىرىنى شەرتسىز يۆلەپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى تېخى تونۇپ يەتمىگەن.

مەن بىر دوستۇمدىن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان. ئۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن، ئۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان بىر گەۋدىلىك مەسىلىنى ناھايىتى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. ئۇ ھېكايىدە مۇنداق دېيىلگەن:

چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە، چىڭ ئەسكەرلىرى ئۇيغۇرلارنى زادىلا بېسىۋالالماي، پادىشاھ ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىر قانچىنى ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ ياساپ، ئۇيغۇر دىيارىغا ماڭدۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ قارىسا، ھەممە ئادەم ئىنتايىن قاۋۇل ۋە جەڭگىۋار بولۇپ، كىچىك بالىلارمۇ بىر ياغاچنى ئات قىلىپ مىنىپ، يەنە بىر تاياقنى قېلىچ قىلىپ، ئۇرۇش قىلىشنى مەشق قىلىپ ئوينايدىكەن. بۇلارنى كۆرگەن چىڭ پادىشاھىنىڭ ئادەملىرى «ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش بىلەن يېڭىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپتۇ. دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىرى بىر قوغۇنچى ئۇيغۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قوغۇنلىرىنى كۆرۈپ، باھاسىنى سوراپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ قوغۇنچىنىڭ يېنىدىكى يەنە بىر قوغۇن دۆۋىسىگە قاراپ ماڭسا، بۇ قوغۇنچى «ئۇنىڭ قوغۇنىنى ئالما. ئۇنىڭ ياخشى ئەمەس. سۇنى جىق قويۇپ، چىرايلىق قوغۇنلارنى چۈشۈرگەن بىلەن، ئۇنىڭ قوغۇنى تاتلىق ئەمەس. مېنىڭكى كۆپ ياخشى». دەپتۇ. بۇنى كۆرگەن چىڭ پادىشاھىنىڭ ئادىمى «ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، ھېلە بىلەن، بىر-بىرىنى ئۇرۇشقا سېلىپ، ئاسانلا يەڭگىلى بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلاردا ئۆز-ئارا ھېچقانداق ساداقەتلىك يوق ئىكەن» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ، قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنداقلا، راستتىنلا كېيىنلىكتە ھېلە-مىكىر بىلەن ئۇيغۇرلارنى يېڭىۋاپتۇ.

مەن 1991-يىلى يۇرتقا بېرىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ، شىنجاڭ ئىش ئورنىغا چۈشكەندە، بىر قېتىم گەنجياكوغا چۈشلۈك تاماق يېگىلى باردىم. ياتاققا ئەڭ يېقىن بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىرىپ، يېرىم سائەت ساقلىسام، ئاشپەز ئۇستام ماڭا زادىلا تاماق كەلتۈرمىدى. مەندىن كېيىن كىرگەن خەنزۇلاردىن نەچچە گۇرۇپپا كىشىلەرگە تاماق كەلتۈرۈپ بولدى. مېنىڭ قورسىقىم بەك ئېچىپ كېتىپ ھەم بۇ ئىشلارغا قورسىقىم كۆپۈپ، ئاشپەز ئۇستامدىن نېمىشقا مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە مەندىن بۇرۇن تاماق بېرىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ كىشى «ئۇكام، سىز تاماقتىن ئاران بىر كىشىلىك بۇيرۇتىدىكەنسىز. ماۋۇلار دېگەن بىر قېتىمدىلا 40-50 كويلۇق تاماق بۇيرۇيدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن شۇلارنى كۈتمىسەك بولمايدۇ. يەنە سەل ساقلاپ تۇرۇڭ» دېدى. مېنىڭ غەزەپ ئاچچىقىم كېلىپ، بۇ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. يەنە بىر ئاشخانىغا بېرىپ، ئۇ يەردە يەنە بىر ئاز ساقلاپ، ئاران تاماق ئېلىپ، بىر ۋاق قورسىقىمنى تويغۇزدۇم. يەھۇدىيلار ئارىسىدا بۇنداق ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مەن ئالدىنقى بىر بۆلۈمدە، يەھۇدىيلارنىڭ «ياشاش يولى» نى خۇلاسىلىگەندە، «بىر-بىرىنى شەرتسىز يۆلەيدۇ» دېگەنىدىم. بۇنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئامېرىكا نىيۇ-يورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون دېگەن رايونىدا يەھۇدىيلار ئىنتايىن كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار بىر نەرسە ئالماقچى بولسا، پەقەت يەھۇدىيلارنىڭ دۇكىنىدىنلا ئالىدىكەن. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، يەھۇدىيلارنىڭ ماللىرى باشقا يەردىن قىممەت ھەمدە باشقا دۇكانلاردا يوق بىر خىل ئالاھىدە باج پۇلىمۇ بار ئىكەن. بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىلا باشقا دۇكانلار بار بولۇپ، يەھۇدىينىڭ دۇكىنى نەچچە كىلومېتر يىراقلىقتا بولسىمۇ، يەھۇدىيلار ئاشۇ يىراق يەرگە ئېرىنمەي بېرىپ، نەرسە-كېرەكنى شۇ يەردىن ئالىدىكەن. بىز شىمالىي كالىفورنىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، تاللىغان ئائىلە دوختۇرىمىز بىر يەھۇدىي دوختۇر ئىكەن. كېيىن ئۇ بىزنى بەل ئاغرىقى دوختۇرى، كۆز دوختۇرى ۋە بالىلار دوختۇرى قاتارلىق باشقا دوختۇرغا ماڭدۇرغاندا، ئۆز شەھىرىمىزدىكى دوختۇرنى كورسىتىپ بەرمەي، نەچچە شەھەر يىراقلىقتىكى دوختۇرلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز دەسلەپتە بۇنىڭ نېمىشقىلىقىنى بىلمەپتىمىز. كېيىن ئۇقساق، بىزنى داۋالىغان بۇ دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىي ئىكەن. «بىر-بىرىنى شەرتسىز يۆلەش» دېگەن مانا شۇ. بۇلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزىنىڭ ئازراق ماددىي مەنپەئەتىنى دەپ، ئۆز مىللىتىگە زىيان سالىدىغان، ئۆز مىللىتىنى خارلايدىغان، ئۆز مىللىتىدىن يۈز ئۆرۈيدىغان ئۇيغۇرلارنى بىز نېمە دەپ ئاتىساق بولىدۇ؟ مەن ئۇنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە، كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار «مىللەت»نىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن يالغۇز ئېغىزدىلا ئەمەس، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۈستۈن قويۇپ، قىلغان ھەر بىر ئىشىدا ئاڭلىق ھالدا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى يۆلىشىدىغان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئۇيغۇرنىڭ كۈنى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن.

ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ناھايىتى چىڭ تۇتۇلىۋېتىپتۇ. بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان ياش-ئۆسمۈرلەر بارا-بارا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا تەببىئى پەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي خەنزۇچە كىتابلارنى قوللىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىجتىمائىي پەن ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلارمۇ ئانچە ئوقۇلمايدىغان بىر ھالەت شەكىللەنسە، ئۇيغۇر مىللىي نەشرىياتچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر تەھدىدكە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇيغۇر مىللىي نەشىرياتچىلىقى ۋەيران بولسا، شېئىر، ھېكايە، رومان قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باشقا تىلدا يازغىلى بولمىغاچقا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ بىر ئېچىنىشلىق تەقدىرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئاشۇنداق بىر شارائىتتا، ئەگەر بىر مىليون ئۇيغۇر ئائىلىسى ھەر يىلى بىر-ئىككى مىھماندارچىلىقتىن ۋاز كېچىپ، بىر يىلدا 100 سوم پۇلنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا خەجلىسە، ئۇيغۇر مىللىي نەشرىياتچىلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىمۇ يەنە بىر مەزگىل قوغداپ قېلىش مۇمكىن. مۇشۇ ئىشنى بىز ئۇيغۇرلار قىلالارمىزمۇ؟‏