ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 3-بۆلۈم

9. سوئال: يۇرتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يەرلىك مائارىپنىڭ يېتەرسىز تەرەپلىرىنى ئۆزلىرىگە توسالغۇ بىلىپ، ئۆگىنىشتە بوشىشىشنىڭ سەۋەبى قىلىۋالماسلىقى توغرىسىدا يۇقىرىقى بايانلىرىڭىزدىن باشقا قىستۇرمىڭىز بارمۇ؟

جاۋاب: يۇرتىمىزدا بىر جايدىكى مەكتەپ بىلەن يەنە بىر جايدىكى مەكتەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ پەرق بار. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيىسى ئوخشىمايدۇ. بىر شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرق بولىدۇ. كۆپ ساندىكى ياش ئۆسمۈرلەر ئوقۇتۇش ئەھۋالى ياخشىراق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ بىر نورمال ئەھۋال. لېكىن، سىز ئۆز مەكتىپىڭىزنىڭ سەۋىيىسىنىڭ باشقا مەكتەپلەردىن سەل تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ياخشى ئوقۇمىسىڭىز، ئىنتايىن چوڭ زىيان تارتىسىز. جۇڭگو مائارىپىنىڭ بىر پايدىلىق تەرىپى ياكى بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، جۇڭگودا دەرسلىك كىتابلار بىر تۇتاش تەييارلىنىدۇ. شۇڭا سىز يۇرتىمىزنىڭ قەيېرىدە ياشاۋاتقانلىغىڭىزدىن قەتئىينەزەر، سىزگە ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلىك كىتابلار سىز تۇرۇۋاتقان جايدىكى باشقا مەكتەپ ۋە باشقا جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭكى بىلەن ئوپ-ئوخشاش. دەرسخانا ۋە ئوقۇتقۇچى سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىزدىكى بىر ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىز سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىڭىزگە باغلىق. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى تاشقى ئامىل، سىز بولسىڭىز ئىچكى ئامىل. بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋىلايەتلىك مەكتەپتە تۇرۇپ، ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشىراق ئوقۇيالىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. سىز مەلۇم بىر يىزىدا تۇرۇپ، ۋىلايەت مەركىزىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشىراق ئوقۇيالىشىڭىزمۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى، پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.

مەكتەپ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىدىن باشقا، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى، يەنە مۇنداق بىر قانچە ئامىلغا باغلىق:

ئاتا-ئانىنىڭ ئۆز بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى.

دوست ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ تەسىرى.

ھەمدە شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەت.

تۆۋەندە مەن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن:

مەن تۈنۈگۈن (2005-يىلى 27-فېۋرال، يەكشەنبە) تېلېۋىزوردا ئامېرىكا كىنو ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوسكار مۇكاپىتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆردۈم. ئايال باش رولچى تۈرىدە ئوسكار مۇكاپىتىنى ئالغان قىزچاقنىڭ ئىسمى ھىلاري سۋانك بولۇپ، مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىش نۇتقىنى سۆزلىگەندە، ئۇ مۇنداق دىدى: "مەن بۇ مۇكاپاتقا لايىق بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆمرۈمدە نېمە ئىش قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. مەن بىر “ۋاگون ئۆي”دە (يەنى، بىر ماشىنىغا سۆرىتىپ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكىگىلى بولىدىغان ئۆينى دېمەكچى بولۇپ، ئىنگلىزچىدە "trailer home" دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ كەمبەغەل كىشىلەر ئەنە شۇنداق ئۆيدە ياشايدۇ) بىر غايە بىلەن چوڭ بولغان بىر ئادەتتىكى قىز. كىچىكىمدە ھازىرقىدەك بىر كىنو چولپىنى بولۇش ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى. مەن ئەڭ ئالدىدا ئاتا-ئانامغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەگەر ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچى ۋە ماڭا قىلغان ئىزچىل ياردىمى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈن بۇ سەھنىگە چىقالىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى." ئەر باش رولچى تۈرى بويىچە ئوسكار مۇكاپىتىنى ئالغان بىر Jamie Foxx ئىسىملىك قارا تەنلىك بولۇپ، ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: "بۇ مۇكاپات مېنىڭ چوڭ ئانامغا مەنسۇپ. مەن كىچىكىمدە ئۆرە تۇرغاندا ئوبدان تۇرالمىسام ۋە يول ماڭغاندا ئوبدان ماڭالمىسام، چوڭ ئاپام قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەمدەك تۇر! قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەمدەك ماڭ! دەپ ئۇراتتى. مەن بۈگۈن چوڭ ئانامنىڭ شۇ تەنبىھلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. چوڭ ئانام بۈگۈنكى بۇ ئىشلارنى كۆرەلمەيدۇ. بىراق، مەن ئۇنىڭ بىلەن چۈشۈمدە داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرىمەن. مەن ھازىر ئۆيگە قايتىپ كېتىپ ئۇخلاشقا ئالدىراۋاتىمەن. مېنىڭ بۈگۈن چوڭ ئانام بىلەن سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن گېپىم بار." ئۇ كىشى ئارىلىقتا كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىغىلى تاسلا قالدى. يۇقىرىقى نۇتۇقلاردىن چىقىپ تۇرغىنىدەك، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئاشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلىشىدە، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان. شۇنداق. بەزىلەر ئاتا-ئانا جەھەتتە تەلەيلىك. ئۇلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ساغلام، كارغا كېلىدىغان بولۇپ چوڭ بولۇشىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىزچىل تۈردە ئۆز پەرزەنتلىرىگە ياخشى شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان ھەمدە باشتىن ئاخىر بالىلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان بىر ياخشى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئۇنداق ئائىلىلەردىن بولمىسا، قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئاتا-ئانىڭىز ھە دېسىلا سىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇش-مېھماندارچىلىققا بارسا، سىز تاماكا ئىسى ۋە ھاراق پۇرىقى بىلەن لىق توشقان ئۆينىڭ ئىچىدە كېچە-كېچە ئۇخلىماي يۈرسىڭىز بولامدۇ؟ ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىدە، ئەگەر سىز 8-9 سائەت ياخشى ئۇخلىمىسىڭىز، سىزنىڭ مېڭىڭىز نورمال ئىشلىمەيدۇ. ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ مەكتەپكە كېرەكلىك بولغان كىتاب، قەلەم-دەپتەرلەرنى ئېلىپ بەرمىسىچۇ؟ سىزگە باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىڭىز چۈشۈپ كەتمىگىدەك كېيىم ئېلىپ بەرمىسىچۇ؟ ئەگەر سىز ئاشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسىڭىز، مېنىڭ سىزگە بىرلا نەسىھىتىم بار: سىز ئاتا-ئانىڭىزغا يۆلەنمەڭ--ئۆز تەقدىرىڭىزنى ئۆز قولىڭىزدا تۇتۇڭ. ئەگەر ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ، ئوبدان ئوقۇمىسىڭىز، كەلگۈسىدە زىياننى كىم تارتىدۇ؟ ئاتا-ئانىڭىز سىزنى مەڭگۈ باقمايدۇ. ھەمدە مەڭگۈمۇ بېقىپ بولالمايدۇ. ئۇلار ئەڭ مەرت بولغاندىمۇ، سىزنى ئۆزلىرىنىڭ كىرىمى توختىغىچە باقالىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىسىز؟ بىر كىشىنىڭ يېشى 18 دىن ئاشقاندىن كېيىن، يەنىلا ئاتا-ئانىغا يۆلىنىپ جان بېقىش ئىنتايىن نومۇسلۇق ئىش. ئۇنى سىز ھازىر ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەگەر ھازىر ياخشى ئوقۇمىسىڭىز، كەلگۈسىدە مۇستەقىل جان باقالايدىغان بىر ئىقتىدارنى يېتىلدۈرمىسىڭىز، ۋاقتى كەلگەندە سىزگە چىقىپ كېتەي دېسىڭىز ئاسمان يىراق، كىرىپ كېتەي دېسىڭىز يەر قاتتىق بىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىسىز. شۇڭلاشقا ھەرگىز ئاتا-ئانىڭىزغا قېيداپ، ياخشى ئوقۇماسلىق يولىغا كىرىپ قالماڭ.

مېنىڭ ئاپام بىلەن رەھمەتلىك دادام مەن كىچىك ۋاقتىمدا بالىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى. لېكىن، ئائىلىمىزدە بالا كۆپ، تۇرمۇشىمىز قىيىن بولغاچقا، ئاكام بىلەن ئىككىمىز نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزىمىزگە تايىنىشقا مەجبۇر بولدۇق. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلارنىڭ قىش كۈنلىرى بىز ئەتىگەنلىك تامىقىمىز ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۇماچ چېلىپ ئىچەتتۇق. ئەتىگەنلىكى ئۆيدىكى مەشنىڭ ئوتى ئاللىقاچان ئۆچۈپ بولغان بولغاچقا، ئۆينىڭ ئىچى ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، ئوت قالاشتىن بۇرۇن ئورۇندىن تۇرۇش ئەڭ مۈشكۈل ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. مەن مەكتەپكە بەك ئامراق بولغاچقا، ھەر كۈنى ئەتىگەندە 1-بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، مەشكە ئوت قالايتتىم (ئېھتىمال ئاكام بىلەن نۆۋەتلەشكەن بولۇشۇممۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنداق قىلغانلىقىمىز ھازىر مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ). ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن، مەن ئۇماچ چالاتتىم. ئۇماچ تەييار بولاي دېگەندە قالغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇراتتى. ئۇ چاغدا بىر ئايلىق نورمىلىق ئۇن بىلەن ماينى بىراقلا ئالاتتۇق. بەزىدە، دادام ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن مېنىڭ ئەتىسى مەكتەپتىن سوراپ كېلىپ، ئۇن پونكىتىدىن ئۇن ئەپكېلىشكە بىرگە بېرىشىمنى تاپىلايتتى. مەن "ماقۇل" دەيتتىم. لېكىن، ئەتىگىنى قالغانلار قوپۇشتىن بۇرۇن، سومكامنى ئېلىپ، ئاستا تالاغا چىقىپ، ئۇنى بىر يەرگە تىقىپ قوياتتىم. ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولغاندا، مەن دادامغا "مەن مەكتەپكە بېرىپ سوراپ كېلەي"، دەپ تالاغا چىقىپ، يوشۇرۇپ قويغان سومكامنى ئېلىپ مەكتەپكە كېتىپ، شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەيتتىم. مەن ئۈچۈن بىر كۈنلۈك مەكتەپتىن قېلىش ئىنتايىن ئېغىر مەسىلە بولۇپ، مەن دەرس قالدۇرۇشقا قاتتىق ئۆچ ئىدىم. مۇشۇنداق سەۋەب بىلەن، مەن دادامدىن نەچچە قېتىم جازا يېگەن ئىدىم. بىر كۈنمۇ مەكتەپتىن قالماسلىق مېنىڭ شۇ چاغدا باشلانغان ئادىتىم بولۇپ، ئۇ ئادەتنى ئۆز باللىرىمغىمۇ ئىزچىل تۈردە قوللىنىپ كېلىۋاتىمەن. ئاپامنىڭ ۋاقتى يەتمىگەندە، مەن رەختنى كەستۈرۈۋېلىپ، ئۆزۈم ماشىنىچىلىق قىلىپ، ئىچكى كېيىملىرىمنى ئۆزۈم تىكىپ كەيدىم. ئايىغىم يىرتىلىپ كەتسە، ئۆزۈم موزدۇزلۇق قىلىپ، ئايىغىمنى ئۆزۈم ياماپ كەيدىم. ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپتىن كەلگەندە ئىنتايىن كۆپ ۋەزىپىمىز بار ئىدى. كۈز ۋاقتى تونۇرغا قالاپ نان يېقىش ئۈچۈن غازاڭ يىغاتتۇق. ئۆيدىن 5 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جاڭگالغا بېرىپ، قۇرۇپ قالغان يانتاق-يۇلغۇنلارنى يىغىپ، ئۇنى ئارغامچا بىلەن يوغان بىر توپ قىلىپ تېڭىپ، يۈدۈپ ئۆيگە ئەپكېلەتتۇق. قىش كۈنلىرى مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار تۆكۈۋەتكەن كۆمۈر كۈللىرىنى تاسقاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شاخارنى يىغاتتۇق. بۇنى "شاخار تېرىش" دەپ ئاتايتتۇق. ياز كۈنلىرى ئۆيدىن 5-6 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزىلارغا بېرىپ، ئىگىز ئۆسكەن ئوت-چۆپلەرنى ئورۇپ يىغىپ، يۈدۈپ كېلىپ، ياكى ساتاتتۇق، ياكى توشقانغا بېرەتتۇق. شۇ چاغدا مېنىڭ بىر ئاق رەڭلىك كۆينىكىم سۈتلۈك ئوتنىڭ سۈتى بىلەن بويىلىپ، قاپ-قارا بولۇپ كەتكەنىدى. تولۇقسىزنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپلا، مەن ھەر يىلى يازلىق تەتىلدە قۇرۇلۇشتا ئىشلىدىم. بىر كۈن 8 سائەت ئىشلىسەم، 80 تىيىن (يەنى 8 موچەن) پۇل تاپاتتىم. تام ئۇلى كولاش، تام ئۇلى چىڭداش، سامانلىق ۋە سېمونت لاي ئېتىش، ئەپكەشتە لاي توشۇش، تام قوپۇرۇش، تام سۇۋاش ئىشلىرىنى قىلاتتىم. سامانلىق لاي ئەتكەندە، لايغا يالاڭ ئاياغ كىرىدىغان بولغاچقا، پۇتۇمنى سامان غاجاپ، قىپقىزىل بولۇپ كەتەتتى. ھاك ئارىلاشتۇرۇپ سېمونت لاي ئەتكەندە، پۇتۇمغا ھاك چاچىراپ، پۇتۇمنى يېرىپ قانىتىۋېتەتتى. ئۇ چاغدا رادىئو ياساش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بىر دانە 3 قۇتۇپلۇق لامپا بىر يۈەن بولۇپ، تاپقان پۇلۇمنىڭ بىر قىسمىدا رادىئو سايمىنى ئالاتتىم. قالغىنىنى كىيىمگە خەجلەيتىم. بۇنداق ئىشلارنى يازسام، يەنە ئىنتايىن كۆپ. مەن ئاشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، يەنە كېچىسى يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلاتتىم. ئۆيدىكى ھەممەيلەندىن كېيىن ئۇخلايتىم. تەبىئى پەنلەردە مەن كىتابتىكى ئۆتۈلمىگەن مەزمۇنلارنى ئالدىن ئالا كۆرۈۋالىدىغان بولغاچقا، دەرس ۋاقتىدا كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى باھالاپ ئولتۇراتتىم. مېنىڭ چىرايىم سەل ئۆزگىرىپ قالسا، ئوقۇتقۇچى دەرھال توختاپ، "ئەركىن، بىر يېرى خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟" دەپ سورايتتى. بىر قېتىم ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بىر يېڭى باپنى باشلىغاندا، ئۇنى ئۆزۈم ئالدىنئالا ئۆگىنىپ، كىتابتىكى مەشقلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئىشلەپ بولغان بولغاچقا، ئوقۇتقۇچۇم: "ئەركىن، تالاغا چىقىپ ئوينا" دەپ، مېنى ئويناشقا قويۇپ بەرگەن ئىدى. مەن پۈتۈن مەيداندا ئۆزۈم يالغۇز ۋاسكېتبول ئوينىغان ئىدىم. ھازىرقى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يۇقىرىقىدەك شارائىت ئاستىدا ئوقۇشقا مەجبۇر بولمىسا كېرەك. ئەگەر ئەمەلىي ئەھۋال ياكى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ياخشى ئوقۇشىڭىزغا پايدىلىق شەرت-شارائىت يارىتىپ بەرمىگەن بولسا، ئۇ شارائىتنى ئۆزىڭىز يارىتىڭ. مەن شۇنداق قىلغان. سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز.

مەن 1971-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولماي تۇرۇپلا، "ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش" سىياسىتى يولغا قويۇلدى. ئىچكىركى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئاق قەغەز تاپشۇرغانJang Tiéshéng نىڭ “ئىش-ئىزلىرى” كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار "سېسىق 9-ئۇنسۇرلار" دەپ تەنقىد قىلىندى. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار كۈرەشكە تارتىلىپ، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئامالسىز قالدى. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى "ياشلار بەرىبىر يېزىغا بارىدىغان بولغاندىكىن، شۇ يېزىدا لازىم بولىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىتەيلى"، دەپ، بىزگە يەرنى قانداق ئاغدۇرۇش، زىرائەتنى قانداق تېرىش، قانداق ئاسراش، قانداق پەرۋىش قىلىش، كۆچەتنى قانداق ئۇلاش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆتۈشكە باشلىدى. نېمىدىگەن “پارلاق” ئىستىقبال؟ پۈتۈن مەكتەپ پالەچ بولدى. لېكىن، ئالدىنقى قىسىملاردىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، مەن ئۆگىنىشىمنى داۋاملاشتۇردۇم. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن قىيىن بولسىمۇ، ئۇلار شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن خاتالىقىنى ماڭا مەخپىي ھالدا ئېيتىپ تۇراتتى. بىر مەزگىل ھەممە ئادەم ھەممە سۆزنىڭ بېشىغا "ئەڭ ئالىي يوليورۇق"، ”پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە” دېگەن سۆزنى قىستۇرمىسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئوقۇتقۇچۇم سىنىپتا، "ئەگەر يەرگە بۇغداي تېرىسىڭىز، پارتىيىنىڭ رەھبەرلىگىدە، بۇغداي ئۈنۈپ چىقىدۇ"، دەيتتى. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، مېنىڭ قۇلىقىمغا ئاستا "ئەگەر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىگى بولمىسا، يەرگە بۇغداي تېرىسىڭىز، يەردىن قوناق بولۇپ ئۈنۈشى مۇمكىن ئەمەس"، دەيتتى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگىدەك نورمال ئوقۇشتىن ۋازكەچتى. ياخشى ئوقۇمىسا، ھېچكىم ھېچنېمە دېيەلمەيتى. ئاخىرقى نەتىجە قانداق بولدى؟ بىز 1977-يىلى 12-ئايدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە، مەن بىلەن ئوخشاش يىللىقتا ئوقۇغان ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 3 سىنىپىدىن ئاران 3 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. ئۇنىڭ بىرى مەن. قالغان ئىككىسى قىز ئوقۇغۇچى. ئۇنىڭ بىرى تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلىدە كوناشەھەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىگە كىردى. يەنە بىرى شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىغا كىردى. قالغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىشچى بولدى. بەزىلىرى شوپۇر، بەزىلىرى ساقچى، يەنە بەزىلىرى بولسا يېزىغا بېرىپ دېھقان بولدى. مەن 1989- ۋە 1991-يىللىرى يۇرتقا بارغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى كوچىدا ئۇچراتتىم. مېنىڭ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن بەكمۇ پاراڭلاشقىم بار ئىدى. لېكىن، ئۇلار مېنى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئەپقاچتى. مەن ئىنتايىن ھەسرەتلەندىم. ئىنتايىن ئازابلاندىم. ئۇلار ئاشۇنداق بىر تارىخىي دەۋردىكى سىياسەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئەسلەيمەن. لېكىن، پەقەت بىر قانچە ساۋاقدىشىمنىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن. بىزنىڭ بىرەر پارچە سىنىپ رەسىمىمىز يوق. ئەمىلىيەتتە باشقا خىلدىكى رەسىملەردىنمۇ ھېچقاندىقى يوق. ئۇ چاغدا كىچىك تىپتىكى رەسىم ئاپاراتى تېخى يوق ئىدى. ئامېرىكىدا باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاخىرلاشقىچە، مەكتەپتىن ھەر يىلى "يىلنامە" دېگەن ئىسىملىك بىر كىتاپ ئىشلەپ بېرىدىكەن. ئۇ كىتابقا شۇ يىلى شۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم چۈشكەن رەسىمى، سىنىپ رەسىمى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەسىمى ۋە شۇ بىر يىلدىكى ئالاھىدە پائالىيەتلەرنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى مەزمۇن قىلغان رەسىملەرنى كىرگۈزىدىكەن. ھەر بىر رەسىمنىڭ ئاستىغا شۇ رەسىمدىكى كىشىنىڭ تولۇق ئىسمى يېزىلىدىكەن. بۇ كىتابنىڭ باھاسى 65 دوللار ئەتراپىدا. مەن بالىلىرىمغا ھەر يىلى ئېلىپ بېرىپ، ساقلاپ قويۇۋاتىمەن. ۋەتەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە بىر تەۋىسىيەم: رەسىمگە چۈشۈپ، خاتىرە قالدۇرۇڭلار. ياخشى ئۆتكەن بولساڭلارمۇ، ياخشى ئۆتمىگەن بولساڭلارمۇ خاتىرە قالدۇرۇڭلار. سىلەرنىڭ زامانىڭلار بىر گۈزەل زامان. ئۇ بىر كەتسە، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ.

يېقىندا مەن بىز تام قوشنىمىزنىڭ يەنە بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان سۆزىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ قوشنىمىزنىڭ شەخسىي شىركىتى بار بولۇپ، قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "مەن كىچىكىمدە ياخشى ئوقۇماي، مۇشۇ كەسپكە كىرىپ قالغانىكەنمەن. ئەمدى كەسپ ئۆزگەرتەي دېسەم، باشقا ساھەدە ھېچقانداق بىلىم ياكى ئىقتىدارىم يوق. بۇ ئىشتىن بىر ئاز زېرىكتىم. ئەمدى بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇسام بولىدىغان ئوخشايدۇ." مەن ئۆتكەن يىلى ئۆي ئېلىش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان يەنە بىر قوشنام بار. يېقىندا ئۇ كىشى بىلەن ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىدا ئۇچرىشىپ قېلىپ، "ئىشلىرىڭ قانداقراق؟ ئالدىراشمۇ؟" دەپ سورىسام، ئۇ كىشى: "خىزمىتىمغۇ ئالدىراش ئەمەس. لېكىن، يېقىندىن بۇيان بىر ئاز بىلىمگە ئېھتىياجىم چۈشۈپ قېلىپ، ئالىي مەكتەپنىڭ بىر ماتېماتىكا دەرسىنى تاللىغان ئىدىم. ھازىر شۇ دەرسنىڭ تاپشۇرۇقلىرى مېنى ئىنتايىن ئالدىراش قىلىۋەتتى. قېرىغاندا ئۇنداق نەرسىنى ئۆگىنىش ئاسان ئەمەسكەن". بۇ كىشىنىڭمۇ خوتۇنى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان شەخسىي شىركىتى بار. ھازىر 50 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغاندا، ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا دەرسىنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ. مەن 1990-يىلى ماگىستېرلىق ئۇنۋانى ئالغاندا، ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سەھنىگە چىقىپ، كېنىشكە ئالغانلارنىڭ ئىچىدە 65 ياشلىق بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ كىشى سەھنىگە چىققاندا، زالدىكىلەر ئۇنىڭ ئاشۇنداق قېرىغاندا ئوقۇغانلىقىنى تەبرىكلەپ، قاتتىق چاۋاك چېلىپ كەتكەنىدى. مېنىڭ بىر ئۇيغۇر دوستۇمنىڭ 3 كىچىك بالىسى بار بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ھەم پۈتۈن كۈن ئىشلەپ، ھەم بىر ئالىي مەكتەپتە پۈتۈن كۈن ئوقۇۋاتىدۇ. ئائىلە كىرىمىنى ئۆزى تاپمىسا بولمىغاچقا، ئاشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى. يېقىندا مەن ئۇنىڭغا بىر قېتىم تېلېفون قىلسام، ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: "ئەركىن، مەن ھازىر دەھشەت ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئۆينىڭ ئىچىدە ماۋۇ ئۆيدىن ئاۋۇ ئۆيگە ماڭساممۇ قولۇم قۇرۇق ماڭمايدۇ. تاپشۇرۇقۇمنى تاماق يەۋېتىپ ئىشلەيمەن. كېچىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 4 سائەت ئۇخلايمەن. خۇدايىم نېمىشقىمۇ ئادەملەرنى كېچىسى ئۇخلايدىغان قىلىپ قويغانكىن. بەزىدە كۈنىگە 24 سائەت ئىشلەۋېرىدىغان قىلىپ ياراتسا بولماسمىدى، دەپ ئويلايمەن".

مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن بۇيان، مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن جۇڭگولۇق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىرى مەندىن جۇڭگودىكى قايسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى سوراپ بولدى. مەن ھەر قېتىم ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا "شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى" دەپ جاۋاب بېرىپ كەلدىم. مەن ھازىرغىچە ئەنگلىيەنىڭ ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد، ستانفورد، مىت، Caltech قاتارلىق مەكتەپلىرىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى بىلەن ئىشلەپ باقتىم. ياپونىيەدە ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بىلەن ئىشلەپ باقتىم. شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرۇپ باقتىم. ئامېركىلىق، ياپونىيىلىك، ئەنگلىيىلىك، فىنلاندىيەلىك، ئىرانلىق، ھىسدىستانلىق، شاڭگاڭلىق، تەيۋەنلىك، كورىيەلىك، ۋېنگىرىيەلىك ۋە كانادالىق قاتارلىق يوقۇرى دەرىجىلىك ئىنژىنېرلار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت باشلىقلىرى بىلەن ئىشلەپ باقتىم. ئۇلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشتىم. كەسپ جەھەتتە مەندىن ئالاھىدە ئېشىپ چۈشىدىغان بىرەر جۇڭگولۇق خەنزۇ ئىنژىنېرنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم. ھازىرغىچە مېنىڭ ئاقسۇ 4-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلىقىم چېنىپ باققان ئەمەس. ئۆزۈمنىڭ بىر ئۇيغۇرلۇقۇم چېنىپ باققان ئەمەس. ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، رىقابەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرىلىقى ۋە پۇرسەتنىڭ بولماسلىقىدىن داڭلىق مەكتەپكە كىرەلمەيدۇ. ئەگەر داڭلىق مەكتەپكە كىرەلىسىڭىز، ئۇ يەردە سىزمۇ ئوقۇپ كېتەلەيسىز.

شۇڭا ئوبدان ئويلاڭ. قانداق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇشنى سىز بەلگىلىيەلمەيسىز. قايسى باشلانغۇچ مەكتەپ، قايسى ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشنى سىز ئاساسەن بەلگىلىيەلمەيسىز. سىز ياشىغان دەۋردىكى سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشى سىزنىڭ ئىرادىڭىزگە باغلىق ئەمەس. ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايدىغان ئىشلار ئۈستىدە قانچىلىك ئاھ ئۇرۇڭ، يولىڭىزنى تۈز قىلمىغان باھانە-سەۋەبلەر ئۈستىدە قانچىلىك شىكايەت قىلىڭ، بۇ جەھەتتە سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز قانچىلىك ئەقىلگە مۇۋاپىق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىز ئۈچۈن، سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن ھەچ قانداق قىممىتى يوق. كۈن بويى باشقا ئىش قىلماي، باشقىلار ۋە جەمئىيەت ئۈستىدە شىكايەت قىلسىڭىزمۇ، سىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىڭىزدە تۇرۇپ قېلىۋېرىسىز. شۇڭا ياخشى ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدىمەڭ. ياخشى ئوقۇشقا يول ئىزدەڭ. سىزگە يۆلەنچۈك بولمىسا، ھېچ كىمگە يۆلەنمەڭ. ھازىرقى سىزگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرگە ئالدىنىپ، كەلگۈسىدىكى رىقابەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ. سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى باشقا ھېچكىم ياشاپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىز ياشايسىز. ئۈزۈل-كېسىل ئىزدىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى، ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە قايسى تەرەپتە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدىغانلىقىڭىزنى تېپىپ چىقىڭ. شۇنىڭغا ئاساسەن ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى نىشانىڭىزنى تۇرغۇزۇپ چىقىڭ. ئاندىن ئاشۇ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىڭ. ئەتە باشلايمەن ئەمەس، بۈگۈن باشلاڭ. ھېلىراق ئەمەس، ھازىر باشلاڭ. ئاندىن مەڭگۈ بوشاشماڭ. ئاشۇنداق قىلسىڭىز، سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسىز. مەن شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەن.


10. سوئال: يۇرتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى نوبېل مۇكاپاتى. سىزچە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالىدىغان ئادەم چىقارمۇ؟ بۇ توغرىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: مەن ئالدى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. نوبېل مۇكاپاتى 1-بولۇپ تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق مۇكاپات بولۇپ، ئۇ 1901-يىلى فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق قاتارلىق ساھەلەر بويىچە بېرىلىشكە باشلىغان. 1968-يىلى Sweden (شىۋېتسارىيە) بانكىسى Alfréd Nobél خاتىرىسى ئۈچۈن ئىقتىساد ئىلمى ساھەسىدىمۇ نوبېل مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان. ھەر بىر مۇكاپات بىردىن مېدال، خۇسۇسىي دىپلوما (گۇۋاھنامە) ۋە پۇلدىن تەركىب تاپىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىنى ئەڭ كۆپ ئالغان ئالدىنقى 10 دۆلەت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت (1901-2002):

1.ئامېرىكا: (261)؛ 2.ئەنگلىيە: (79)؛ 3.گېرمانىيە: (61)؛ 4.فرانسىيە: (28)؛ 5.شىۋېتسارىيە: (22)؛ 6.شىۋېدسىيە: (18)؛ 7.روسىيە: (11)؛ 8.گوللاندىيە: (9)؛ 9.دانىيە: (8)؛ 10.ياپونىيە: (7). جۇڭگو تېخى بىرنىمۇ ئالالمىغان.

ياشلار ئۆزلىرىگە تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك نىشان 2 خىل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن ئۆز تىرىشچانلىقىغىلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېتەرلىك دەرىجىدە تىرىشسا، ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشاندۇر. مەسىلەن، ئەگەر سىز كىچىكىڭىزدىلا "مەن چوڭ بولغاندا چوقۇم بىر دوختۇر بولىمەن"، دېگەننى ئۆزىڭىزگە نىشان قىلىپ، شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، سىز چوقۇم دوختۇر بولالايسىز. بۇ جۇڭگودىمۇ، ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ رادىئو ئېلېكترونىكا كەسپىگە قىزىققان ئىدىم. مانا ھازىر ئاشۇ كەسپنىڭ بىر تارمىقىدا ئىشلەۋاتىمەن. يەنە بىرى بولسا، ئۇ پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزغىلا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان، دەرىجىدىن تاشقىرى رىقابەت ۋە بەلگىلىك دەرىجىدىكى تۇغما تالانت تەلەپ قىلىدىغان نىشاندۇر. مەسىلەن، بىر ناخشىچى بولۇش، ھولليۋودقا كېلىپ، كىنو چولپىنى بولۇش ۋە نوبېل مۇكاپاتى ئېلىش. 2-خىلدىكى نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىش-ئاشماسلىقى پەقەت ئۆزىڭىزگىلا مۇناسىۋەتلىك بولمىغاچقا، ئۇنى ھەرگىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلماسلىقىڭىز كېرەك (ئەگەر سىزنىڭ ئاۋازىڭىز ياخشى بولسا، ناخشىچى بولۇشنى ئاساسلىق نىشان قىلسىڭىز ئەلۋەتتە بولىۋېرىدۇ). كۆپىنچە ئەھۋالدا، ئۆزىڭىزگە 1-خىلدىكى نىشاندىن بىرنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، ئاندىن 2-خىلدىكىنى قوشۇمچە قىلىشىڭىز كېرەك.

نوبېل مۇكاپاتى ھەر يىلى ھەر بىر ساھەدە دۇنيا بويىچە پەقەت بىرلا ئادەمگە ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەمگە بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئالغانلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئالالايدىغانلىقىنى تاكى ئەڭ ئاخىرىدا نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى چىقمىغىچە بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەرگىز ئۆمۈر بويى نوبېل مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقانلار ئەمەس. لېكىن، ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن ئۆمرىنى ئاتىغانلاردۇر. بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەڭ ھوزۇرلىنىدىغان، ھەممىدىن مۇھىم ئىشى ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقاتتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۈچۈن، مەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا بايان قىلغان ئىشلارنىڭ مۇھىملىق تەرتىپىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تەتقىقاتى تۇرىدۇ.

مەن يېقىندا بىر قېتىم Caltech (يەنى، "California Institute of Technology" دېگەن ئالىي مەكتەپنى دېمەكچى. بىزنىڭ ئىدارە JPL ئاشۇ مەكتەپكە قارايدۇ) زىيارەت قىلدىم. باكالاۋر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا كىرىپ باقتىم. بۇ مەكتەپكە كىرگەن ھەر قانداق باكالاۋر ئوقۇغۇچىسى 1-يىلى چوقۇم مەكتەپ تەمىنلىگەن، مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى ياتاقتا تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ مەكتەپكە ھەر يىلى ئالىدىغان باكالاۋر ئوقۇغۇچىنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، 200 ئەتراپىدا ئىكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تالانت جەھەتتىن "نورمال ئادەم" لەردىن ئەمەس بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرەر نەرسە ئىجات قىلىپ باققانلار ئىكەن. مەكتەپتىكى پروفېسسور بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ نىسبىتى 1:3 ئىكەن. يەنى، ھەر 3 ئوقۇغۇچىغا بىردىن پروفېسسور توغرا كېلىدىكەن. دېمەك، بۇ مەكتەپتىكى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي قىسمى دەرس ئۆتۈش ئەمەس، پەن تەتقىقاتى ئىكەن. Caltech تە ھازىرغىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 30 نەپەر ئىكەن.

مەن ئالدىنقى سوئالنىڭ جاۋابىدا ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردىن ھېچ قانداق پەرقى يوق. ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەر قىلالىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلالايدۇ. يۇرتىمىزدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ھازىر "مەدەنىيەت ئىنقىلابى"، "قايتا تەربىيە ئېلىش" دېگەن ئىشلار بولمىغاندىكىن، ئۇلار ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ھەقىقىي ئىرادە باغلاپ، قاتتىق تىرىشسىلا، 28 ياشقا كىرمەي تۇرۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالالايدۇ. مانا شۇ ياشلارنىڭ ئىچىدىن، ھەمدە ھازىر چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئىچىدىن ئامېرىكىدىكى خارۋارد، ستانفورد، Caltech، مىت گە ئوخشاش داڭلىق مەكتەپكە كىرەلەيدىغانلىرى چىقىپ، ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرەرسىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسا، ئۇيغۇرلار ئىچىدىنمۇ نوبېل مۇكاپاتى ئالىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ. مەن بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

مەن بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆرگەن مۇنداق بىر ئىش بار. بالىلارنى ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ھەرگىز ئۇلارنى باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن باشلاپ ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت ئۆگىنىش قىلىشقا مەجبۇرلاش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن زىيانلىق. ئامېرىكىدا باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا ئاساسەن تاپشۇرۇق بېرىلمەيدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ تاپشۇرۇق بىر قەدەر يەڭگىل بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن تاپشۇرۇق ئېغىرلىشىدۇ. باشلانغۇچتا ئاتا-ئانىلاردىن پەقەت بالىلىرىغا كۆپلەپ كىتاب ئوقۇپ بېرىش ھەمدە بالىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ھەر كۈنى 3-4 سائەت ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرىغا كىتاب ئوقۇپ بېرىش ۋە كىتاب ئوقۇتۇش ئادىتى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، بەزىلەر قورسىقىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىلارغىمۇ كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ياش ئۆسمۈرلەر كىتابتىن نۇرغۇن كىشىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭا ھەر بىر ئاتا-ئانا بۇ مەسىلىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئىمكانىيەتلا يار بەرسە، بالىڭىزغا ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىڭ. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار گەپ-سۆزگە، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا ئىنتايىن ئۇستا. ئۆزلىرى شىركەت ئېچىشقا ئىنتايىن ماھىر. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملار بىرەر ساھەدە ئالاھىدە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ راۋان تىلى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ناھايىتى ئوبدان جان باقالايدۇ. بۇ جەھەتتە كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىشنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. جۇڭگو مائارىپىدا كىچىك ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان بېسىم ھەددىدىن تاشقىرى يۇقىرى. بۇنى ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىكى رىقابەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، مېنىڭچە ياشلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن ئېغىر زىيىنى بولۇۋاتىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مەن ئالدىنقى قىسىملاردا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرەر ئۆي ھايۋىنىنى بېقىشى ۋە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن بىرەر تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ ساغلام، ئىقتىدارلىق بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچتا ئىشلىگەن بىر پروجەكت، ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۇغقىنى، دوستى، كىتابى، تامىقى، ئويۇنى، ئۆي ھايۋىنى، تەنتەربىيە تۈرى قاتارلىقلارنى رەسىملەر بىلەن بىر چوڭ تاختايغا تىزىپ، ئۇلار توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش يېزىپ ئاندىن بۇ تاختاينى مەكتەپتە كۆرگەزمە قىلىش بولدى. دېمەك، ئامېرىكىدا كىتاب ئوقۇش، ئويناش، ئۆي ھايۋىنى بېقىش ۋە تەنتەربىيىگە قاتنىشىش قاتارلىقلار بالىلار ھاياتىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەركىبكە ئايلانغان.

ئامېرىكىدا ھەر قانداق ئادەم، "مەن كەلگۈسىدە ئامېرىكا پرېزىدىنتى بولىمەن" دېيەلەيدۇ. ھەمدە ئاشۇ يولنى بويلاپ، ئۆز ئىقتىدارى يار بەرگەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە چىقالايدۇ. ياش ئۆسمۈرلەردە ئۇلارنىڭ تىرىشسىلا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشەنچسىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا، ئەگەر ئۇلار ياخشى ئوقۇسا، ئۇلار كەلگۈسىدە چوڭ ئالىم بولالايدىغانلىقى، چوڭ شىركەت قۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر بىلەن چوڭ بولۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.‏