ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 5-بۆلۈم

12-سوئال: چەت ئەل ياشلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش روھى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟


جاۋاب: چەتئەل ياشلىرىنىڭ ۆزلىكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش رۇھى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مائارىپ سىستېمىسى، ھەمدە ئوقۇش بىلەن كەلگۈسىدىكى خىزمەت، كىرىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن 16 يىلدىن بۇيان پەقەت كالىفورنىيەدىلا تۇرغان بولغاچقا، يۇقىرىقى ئىشلاردا كالىفورنىيەنىڭ ئەھۋالىنى سەل ياخشىراق بىلىمەن. شۇڭا مەن كالىفورنىيەنى مىسالغا ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.

ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى 300 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كالىفورنىيەنىڭ نوپۇس سانى ئۇنىڭ 10 دىن بىر قىسمىغا، يەنى 35 مىليونغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، كالىفورنىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكىدا 50 شىتات بولغىنى بىلەن، پەقەت كالىفورنىيەلا ئامېرىكا ئىقتىسادىي كىرىمىڭ 20 پەرسەنتتىن كۆپىنى يارىتىدۇ. يەنى، كالىفورنىيە ئامېرىكا بويىچە ئالىي مائارىپ ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

كالىفورنىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى جەمئى 4 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:

1) كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇ مەكتەپنىڭ جەمئىي 10 شۆبىسى بار بولۇپ، ھەر بىرسىدە 20 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بار. بۇ مەكتەپلەرگە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغان 12.5 پىرسەنت ئادەمنى ئالىدۇ. باكلاۋىر، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرەلەيدۇ. ئۇلار تەتقىقات بىلەن ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئوخشاش نىشانىسى قىلغان مەكتەپلەردۇر.

2) كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى. ئۇنىڭ جەمئىي 22 شۆبىسى بار بولۇپ، ھەر بىرنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا. ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 33 پىرسەنتى بۇ مەكتەپلەرگە كىرەلەيدۇ. باكلاۋىر ۋە ماگىستېرلىق ئۇنۋانلىرىنى بېرەلەيدۇ. ئۇلار ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كالىفورنىيەنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

3) جەمئىيەت ئىنستىتۇتلىرى (ئىنگلىزچە "Community College" دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇنىڭ جەمئىي 106 شۆبىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇيالىغىدەك ئىقتىدارى بار، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەكتەپلەرگە كىرەلەيدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 2 يىل بولۇپ، 2 يىلدىن كېيىن ئىنگلىزچىدە "Associate in Art" ۋە "Associate in Science" دەپ ئاتىلىدىغان "كاندىدات باكلاۋىر " ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، يەنە 2 يىل ئوقۇپ، باكلاۋىر ئۇنۋانى ئالسىمۇ بولىدۇ. ھەر بىر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئوقۇش پۇلى يۇقىرىقى قالغان 2 تۈرگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان. شۇڭا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن ئوقۇغۇچى دەسلەپكى 2 يىلنى مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇپ، ئاندىن 4 يىللىق ئالىي مەكتەپكە يۆتكىلىدۇ.

4) خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر. بۇ ئىقتىسادىي راسخودنى شىتات ياكى دۆلەتتىن ئالمايدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، كالىفورنىيە خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلىرى بىرلەشمىسى قارىمىقىدا 77 ئالىي مەكتەپ بار ئىكەن. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق مەكتەپلەردىن Stanford, Caltech ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگلىزچە "University of Southern California" دەپ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار بار.

مەن يۇقۇرىدا تىزغان مەكتەپلەرنىڭ سانىنى قوشقاندا، ئۇ جەمئى 215 ئالىي مەكتەپ بولىدۇ. كالىفورنىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي سانى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. 35 مىليون نوپۇسى بار بىر شىتاتتا 215 ئالىي مەكتەپنىڭ بارلىقى، كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان باشقا بىر دۆلەت ياكى رايون بولماسلىقى مۈمكىن. بۇ پاكىت ھازىر نېمە ئۈچۈن كالىفورنىيەنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كىرىمى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان بىر رايون بولالىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىلەن ئوقىمىغانلارنىڭ مائاشى ئىنتايىن چوڭ پەرقلىنىدۇ. كالىفورنىيە ئامېرىكا بويىچە كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىتات بولۇپ، بۇ شىتاتتىكى كىشىلەرنىڭ مائاشىمۇ يۇقىرى، نەرسىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆينىڭ باھاسىمۇ ھەممىدىن يۇقىرى. مەسىلەن، يېقىنقى بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، لوس-ئانژىلىس ناھىيىسىدىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 450 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ دېگەنلىك يېقىندا لوس -ئانژىلىس ناھىيىسىدە سېتىلغان ئۆيلەرنىڭ يېرىمىنىڭ باھاسى 450 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن، قالغان يېرىمىنىڭ باھاسى 450 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ئىجارىگە بېرىلىدىغان 2ئېغىزلىق ياتاقنىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسىمۇ 1000-1800 دوللار دائىرىسىدە. ئېلېكتىر، يۇمشاق دېتال، مېھانىكا، خىمىيە، ۋە بىئولوگىيە قاتارلىق ساھەدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان تېخنىكلار ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئىنژىنىرلارنىڭ يېڭى خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىدىكى ئوتتۇرىچە سائەتلىك مائاشىنى تەخمىنەن مۇنداق دەپ ئېيتىش مۇمكىن (بۇ بىر ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەر بولۇپ، ئايرىم شەخسلەرنىڭ مائاشى بۇنىڭدىن كۆپ پەرقلىق بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن(: ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن تېخنىكلار: 10 دوللار؛ باكلاۋىرلىق ئالغانلار: 20 دوللار؛ ماگىستېرلىق ئالغانلار: 25 دوللار؛ دوكتۇرلۇق ئالغانلار: 35 دوللار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى.

مەن ھازىر سىلەرگە بىر ئاددىي ھېساپ ئىشلەپ بېرەي. بۇ ھېساب مەن تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

سائەتىگە 10 دوللار ئالىدىغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىر ياش 10 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ ھەر بىر يىلنىڭ ئىچىدە 52 ھەپتە بار بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر ھەپتىدە 5 كۈن، بىر كۈن 8 سائەت ئىشلەيدىغان بولغاچقا، بىر ئادەم بىر ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەيدۇ. شۇڭا10

يىللىق كىرىم = 10 دوللار * 10 (يىل) * 52 (ھەپتە) * 40 (سائەت) = 208 مىڭ دوللار.

سائەتىگە 20 دوللار ئالىدىغان، باكلاۋىر ئۇنۋانى بار بىر ياش 10 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟

ئون يىللىق كىرىم = يۇقىرىقى پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىسى = 416 مىڭ دوللار. لېكىن، بۇ ياش باكلاۋىر ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن 4 يىل ئىشلىيەلمەيدۇ، ھەمدە بىر يىللىق كىرىمى 4 يىللىق ئوقۇشى ئۈچۈن كېتىدۇ، دېسەك، بۇ ياشنىڭ دەسلەپكى 10 يىللىق كىرىمىمۇ 208 مىڭ دوللار بولىدۇ.

نورمال ئوقۇغان بىر ياش، 22 يېشىدا باكلاۋىر ئۇنۋانى ئېلىپ بولىدۇ. بۇنىڭغا يۇقىرىقى 5 يىلنى قوشساق، يۇقىرىقى 10 يىلدىن كېيىن بۇ ياشنىڭ يېشى 27 ياش بولىدۇ. بۇ چاغدا، باكلاۋىر ئۇنۋانى بار ياشنىڭ سائەتلىك مائاشى 30 دوللارغا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياشنىڭ مائاشى 15 دوللارغا ئۆسكەن بولۇشى مۇمكىن (ئامېرىكىدا بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن. كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىنژىنېرلارنىڭ ئىچىدە سائەتلىك مائاشى 50-60 دوللاردىن ئاشىدىغانلار كۈرمىڭ). ئەگەر بۇ ئىككى ياش 60 ياشقىچە ئىشلىسە (ئامېرىكىدا 65 ياشقىچە ئىشلەيدىغانلار ئىنتايىن كۆپ)، بۇ يېڭى مائاش بىلەن يەنە 33 يىل ئىشلىيەلەيدۇ. ئۇلار بۇ 33 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ باكلاۋىر ئۇنۋانى بار كىشى 2 مىليون 59 مىڭ دوللار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان كىشى 1 مىليون 30 مىڭ دوللار تاپىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگىنىش، كەسىپ جەھەتتە توختىماي ئىلگىرلەش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنرەك بولىدىغان بولغاچقا، مائاشى ئۆسۈپ مەلۇم بىر سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن توختىشى مۈمكىن. ئوقۇغانلار ئۈچۈن بولسا، كەسىپتە ۋە ئىقتىسادىي كىرىمدە ئۆمۈر بويى توختىماي ئىلگىرلەش پۇرسىتى بولىدۇ.

 ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى يالغۇز ئىقتىسادىي كىرىمدىلا ئەمەس. ئوقۇغانلارنىڭ قىلىدىغىنى كەسىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتە بىر ئاز يوقىرى دەرىجىلىك خىزمەت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئېرىشىدىغان ھۆرمىتىمۇ يوقىرى بولىدۇ.

مەن بۇ ھېسابنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىدىم؟ چۈنكى، بۇ ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ئاق تەنلىكلەر ئىشلەيدىغان ھېساپ. ئۇ يەھۇدىيلار، ياپونلۇقلار، گېرمانلار، ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە چوقۇم ئىشلەپ كۆرىدىغان ھېساب. ھەر قانداق بىر تەرەققىي تاپقان ئەلدىن كېلىپ چىققان كىشى بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، سىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىزكى، ئۇلار مەيلى بىر ئىگىلىك پىلانى توغرىسىدا سۆزلىسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى بىرەر ئاددى ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى ھېسابلاپ تۇرۇپ قىلىدۇ. تەبىئىي پەن، ئىنژىنېرلىق ۋە ئىقتىسادلا ئەمەس، ئىجتىمائىي پەن ۋە سىياسەتتىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ، مەن بىر قەدەر چوڭقۇرراق ئارىلىشىپ باققان ياپونلۇقلار ۋە يەھۇدىيلار ئەنە شۇنداق. بۇ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى "ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىش قىلىش" دېگەن ئۇقۇمنى، "ھېسابلاپ تۇرۇپ ئىش قىلىش"، دەپ ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشەنسىڭىز، ھەرگىز خاتالاشمايسىز. يەھۇدىي ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى ھېسابنى بەك ياخشى بىلگەچكە، ئۆزلىرى قانچىلىك جاپا چېكىشىدىن، خارلىنىشىشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا ئوقۇتىدۇ. ئەڭ قىيىن كەسپلەردە ئوقۇتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىدا كىرىمى ئەڭ يۇقۇرى بولغان دوختۇرلۇق (مىدىتسىنا) كەسپى، ئادۋوكاتلىق كەسپى، ئىقتىساد كەسپى، ئالتۇن-بۇيۇم، سەنئەت ۋە كىنو ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەردە يەھۇدىيلارنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ نوپۇس سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يۇقۇرى.

ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ياشلارنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش روھىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەنى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يۇقىرىراق ئىقتىسادىي كىرىم ۋە شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ياخشىراق تۇرمۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىدىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى كەلگۈسىدە باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقى، ھەمدە كۆپىنچىسى ئوقۇش پۇلىنى ئۆز يانچۇقىدىن تۆلەيدىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھېچ كىم مەجبۇرلىمىسۇ، ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدۇ.

ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى 4 نومۇرلۇق سىستېما بولۇپ، دەرس نەتىجىلىرى مۇنداق بېرىلىدۇ: A=4, B=3, C=2, D=1, ۋە. F=0 شۇڭا ھەممە دەرسلەردە تولۇق نومۇر ئالغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 4.0 بولۇپ، بۇ ئوتتۇرىچە نومۇر ئىنگلىزچىدە "Grade Point Average"، ياكى قىسقارتىلىپ "GPA" دەپ ئاتىلىدۇ (ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئوقۇشتا ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا بىر خىل ئالاھىدە كاتېگورىيە بويىچە 4.0 دىن يۇقىرى نومۇرمۇ بېرىلىدۇ). مەن كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "Northridge" بىلەن "Sacramento" دىگەن شۆبىسىدە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "Davis" دېگەن شۆبىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ باقتىم. نورمال دەرسنىمۇ، ۋە تەجرىبە دەرسلىرىنىمۇ ئۆتۈپ باقتىم. تەجرىبە دەرسلىرىدە، دەرسكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ تەجرىبە دوكلاتى يېزىپ تاپشۇرۇشىغا يول قويمىدىم. دەرسكە كېلىپ، تەجرىبە ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن دوكلات تاپشۇرغانلارنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ نومۇر بەردىم. دەرسخانىدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسكە كەلسەك، مېنىڭ كىم دەرسكە كەلدى، كىم كەلمىدى، ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز كارىم بولمىدى. ئەمىلەيتتە ئۇ ئىشلار بىلەن كارى بولۇشنىڭ ھەرگىزمۇ ھاجىتى يوق. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي بىلىم ئېلىش، ھەقىقىي ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەممە ۋاقىتتا كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. دەرسكە خۇددى ئوقۇتقۇچىدا قەرزى باردەك كىرىدۇ: مەن مەكتەپكە پۇل تۆلىدىم، شۇڭا سىز دەرسنى ياخشى ئۆتۈشىڭىز كېرەك دەپ قارايدۇ. دەرس سۆزلەۋاتقاندا كىچىككىنە خاتالىق بولۇپ قالسىمۇ، ئۇلار دەرھال بىلىۋېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ سوئال سورايدۇ. سىز شۇ نەق مەيداندا جاۋاپ بېرىسىز. ئەگەر شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز، ئوقۇغۇچىلارغا دەپ قويۇپ، كېيىنكى دەرستە جاۋاب بېرىسىز. مەكتەپ سىزگە بىر دەرسنى ئۆتۈشنى تاپشۇرغاندا، سىزگە ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ دەرسنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نېمىلەرنى بىلىشى كېرەك، شۇنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. قايسى كىتابنى ئۆتىسىز، قانداق تەرتىپ بويىچە ئۆتىسىز، قانچىلىك تاپشۇرۇق بېرىسىز، قانچە قېتىم ئىمتىھان ئالىسىز، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى دەرس نەتىجىسىنى قانداق بېرىسىز، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقى. ئادەتتە، باكلاۋىر ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس نەتىجىسى مۇنداق بېرىلىدۇ: تاپشۇرۇق 30 پىرسەنت، يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان 30 پىرسەنت، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان 40 پىرسەنت. سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى 10-15 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "A", ئۇنىڭدىن كېيىنكى 30 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "B"، ئۇنىڭدىن كېيىن 30 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "C"، قالغانلارغا "D" بىلەن "F" بېرىلىدۇ. ھەرگىز بىرەر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى شۇ بويىچە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەشنى 1-ئورۇنغا، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنى 2-ئورۇنغا قويىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان ئاسىيالىقلار بولسا، بۇنىڭ قارمۇ-قارشىسىنى قىلىدۇ.

مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، خىزمەت تېپىشتا، ئوتتۇرىچە مەكتەپ نەتىجىسى 2.5 نومۇردىن يۇقىرى بولسا بولىۋېرىدۇ. يېڭى بىر شىركەتكە خىزمەتكە كىرگەندە، باكلاۋىر ئۇنۋانى بارلارنىڭ مەكتەپ نەتىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى 4.0 ئورتۇچە نومۇر بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنى بەزى شىركەتلەر "بىر ئاز چاتىقى بار ئوخشايدۇ" دەپ قارايدىكەن. ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بارلارنىڭ نەتىجىسىگە ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، باكلاۋىر نەتىجىسى كام دېگەندە 3.0، ئەڭ ياخشىسى 3.5 دىن يۇقىرى بولۇشى كىرەك.

ئىزاھلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، بىر كىشىنىڭ بىرەر ئۇنۋانى بولۇشى، ھەرگىز ئۇ كىشىنىڭ چوقۇم بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى كاپالەتكە ئىگە، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن ھەر خىل دەرىجىدىكى مائاشنى چوقۇم ئالالايدۇ، دېگەندىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ئامىللار بىر كىشىنىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر شىركەت سىزنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەتكە ئالالىغانىكەن، سىزنى يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىركەتتىن بوشىتالايدۇ. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ "WaveSplitter" دېگەن شىركەتكە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋىر، ئامېرىكىنىڭ خېلى داڭلىق بولغان خۇسۇسىي مەكتەپ Purdue ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر خەنزۇ قىزنى ئالدى. لېكىن، ئۇ قىز ئىشنى زادىلا ياخشى قىلالمىدى. مەن بىرەرسى بىلەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلاشسام، ئاستا قېشىمغا كېلىپ ئوغرىلىقچە ئاڭلايتتى. ئىنژىنېرلار يىغىنىدا پەقەت پىكىر قاتناشتۇرالمايتتى. مېنىڭ ئۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىپ، ئۆزۈم شىركەت ئۈچۈن تەييارلىغان بارلىق تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرىمنى ئۇنىڭغا نۇسخىلاپ بەردىم. "ھەر قانداق ۋاقىتتا سوئالىڭ بولسا، مەندىن تارتىنماي سورا" دەپ تۇردۇم. لېكىن، بۇ قىز خىزمەتنى زادىلا قولىغا ئالالمىغاندىن كېيىن، شىركەتكە كىرىپ 5 ئايلاردىن كىيىن، ئۇنى شىركەتتىن بوشاتتى. 2003-يىلى مەن "نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش" خەلقارالىق يىغىنىغا بارغاندا، بۇ قىزنى شۇ يىغىن زالىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئورنىدا ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ قىز شۇ چاغقىچە باشقا خىزمەت تاپالماي يۈرۈپتۇ. چىڭخۇدا باكلاۋىر لىق ئېلىپ، ئامېرىكىدىكى يەنە بىر داڭلىق مەكتەپ بولغان Prinséton ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئالغان يەنە بىر خەنزۇ بالا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن ئوقۇغىنى ئاكتىپ ئوپتىكىلىق زاپچاسلار ئىكەن. بىزنىڭ شىركەتتە قىلىدىغىنى پاسسىپ زاپچاسلار بولۇپ، ئۇ بالا ئىنژىنېرلار گۇرۇپپىسىدا زادىلا ئىشلىيەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنى شىركەتنىڭ سودا-سېتىق بۆلۈمى

(ئىنگلىزچە "Sales and Marketing Deparment" دەيدۇ) گە يۆتكەپ قويدى. لېكىن، ئۇ يەردىمۇ ياخشى ئىشلىيەلمىگەچكە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىمۇ ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. مەن بۇ يەردە ھەرگىز خەنزۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلىيەلمەيدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. يۇقىرىقىلار ناھايىتى داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇنۋان ئالالىغان بولسىمۇ، خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەن، ھەمدە يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشىش قابىلىيىتى يوقلارنىڭ بىر قانچە مىساللىرىدىنلا ئىبارەت. ئامېرىكىدا ياخشى ئىشلەپ، ئۆز كۈنىنى ياخشى ئېلىپ كېتىۋاتقان خەنزۇلار ئىنتايىن كۆپ. ئۆزلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت قۇرغانلارمۇ خېلى بار. مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا جۇڭگو، شاڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن كەلگەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتتە ئىشلەيدىغان خەنزۇ خادىملاردىن 50 مىڭدىن كۆپ ئادەم بار ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر ھەقىقىي ئىقتىدارى يوق، شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا ئۆز سالاھىيىتىگە چۇشلۇق تۆھپە قوشالمايدىغانلارنى ئىشتىن تېزلا بوشىتىۋەتكەن بىلەن، شىركەت ئۈچۈن مۇھىم كىشىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن، سىلىكون جىلغىسىدىكى يەنە بىر شىركەتكە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا خادىمىنى ئىزدىدىم. ئۇلار ماڭا ئارىزونا شىتاتىنىڭ بىر تېلېفون نومۇرىنى بېرىپ، شۇيەرگە تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى. مەن "سىلەرنىڭ ئارىزونادىمۇ بىرەر شۆبەڭلار بارمۇ؟" دەپ سورىسام، ئۇلار "ياق. بىزنىڭ شىركەت بۇرۇن ئارىزونادا بولۇپ، كېيىن كالىفورنىيەگە يۆتكەپ كەلگەن. لېكىن ئۇ كىشى كالىفورنىيەگە كەلگىلى ئۇنىمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئارىزونادا بىر ئايرىم ئىشخانا ئېچىپ بەردۇق"، دېدى. مەن 2003-يىلى Wave Splitter دىن چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئۆزۈمنىڭ ھەممە تونۇشلىرىغا يېڭى ئىش ئىزدەۋاتقانلىقىم توغرىسىدا ئېلخەت يازدىم. مېنىڭ بۇرۇنقى ساندىئا(Sandia ) دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى ئۇستازىم، ھازىر Georgia تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى مېنى ئۆز مەكتىپىنىڭ تارمىقىدا ئەمدىلا قۇرۇلغان، پەقەت بىر رەئىسى بىلەن بىر مۇئاۋىن رەئىسىدىن ئىبارەت ئىككىلا ئادىمى بار، شىركەت ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەبلەغنى ھەل قىلىپ بولغان بىر شىركەتنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپ چىقارماقچى بولغىنى، ھەر خىل دورا ۋە يېمەكلىكلەر شىركىتى دورا بىلەن يېمەكلىكتە مىكروپ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان بىر ئوپتىكىلىق ئاپپارات بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ئۇستازىمنىڭ بىر قانچە پاتېنتىغا ئاساسلانغان بولۇپ، مېنى شىركەتنىڭ باش تېخنىكى قىلىپ ئالماقچى بولدى. مەن كالىفورنىيەنىڭ يۇقۇرى مائاشىغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن مائاشىنى ئاز كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مائاش قوشۇپ بەرگەنىدى، مېنىڭ مائاشىم قالغان 2 كىشىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتتى (ئاتلانتانىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كالىفورنىيەنىڭكىدىن جىق تۆۋەن بولۇپ، كالىفورنىيەدە بىر ئۆي ئالغان پۇلغا ئۇ يەردە كام دېگەندە 2 ئۆي ئالغىلى بولىدۇ). ماڭا شىركەتنىڭ 3 پىرسەنتىنى بەرگەنىدى، ئۇنىمۇ ئاز كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى 7 پىرسەنتكە كۆتۈرۈپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ ئۆينى Georgia شىتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىگە يۆتكەپ بېرىشتىن بۇرۇن، مەن ھەر 4 ھەپتە ئاتلانتادا ئىشلەپ، 5-ھەپتىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيدە بىر ھەپتە ئىشلەيمەن، دېگەن شەرتنى قويدۇم. ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولدى. لېكىن، دەل شۇ چاغدا، بىز تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ قېشىدىكى شەھەرگە جايلاشقان، بىر بىئولوگىيە تېخنىكىسى شىركىتىدىن ماڭا خىزمەت چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتلانتادىكى شىركەتكە بارمىدىم. بۇنداق دېسەم، بەزىلەر ئۈچۈن مەن ئاجايىپ يۈزسىزدەك تويۇلۇشۇم مۇمكىن. بۇ ئامېرىكىدا بىر ئىنتايىن نورمالنى ئىش. مەن بىر شىركەت ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلالايمەن. بىر شىركەت مەن ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق قىلالايدۇ. 2001-يىلى مېنىڭ ئايالىمنىڭ يۇمشاق دېتاللار شىركىتى ئازراق ئادەم قوبۇل قىلدى. يېڭى قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى، بۇ يېڭى خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ياۋروپاغا بېرىپ، بىر-ئىككى ئاي تاماشا قىلماقچى بولۇپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ھېلىقى ئىشقا ئېلىپ بولغان، ئەمما تېخى خىزمەت باشلىمىغانلاردىن بىر قانچىسىنى شىركەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت ياۋروپادا تاماشا قىلىۋاتقانلارغا "سىزنى ئىشتىن بوشاتتۇق. ئەمدى بىزنىڭ شىركەتكە كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ" دەپ خەت ماڭدۇرۇپتۇ.

مېنىڭ ئاتلانتادىكى بۇرۇنقى ئۇستازىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ھازىرمۇ ئىنتايىن ياخشى. يۇقىرىقى شىركەتتىكى ئۇ ئىككى ئادەم بىلەنمۇ ھېچ قانداق يامانلىشىپ قالمىدىم. مەن بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتقاندا، ئۇلار "بىزگە بىرەر ئادەم كۆرسىتىپ بەرسەڭ"، دەپ ئىلتىماس قىلىۋېدى، مەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچىسىنى كۆرسىتىپ بەردىم. كېيىن ئۇقسام، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىگە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى يېڭى پۈتتۈرگەن بىر ياشنى ئېلىپتۇ.


مەن يۇقىرىدا ئامېرىكا توغرىسىدا خېلى كۆپ سۆزلىدىم. مەن تەسۋىرلىگەن بۇ ئىشلارنى بىزنىڭ يۇرتقا قانداق تەدبىقلاش مۇمكىن؟

يۇرتىمىزدا بۇ ئىشلار بىلەن ئالاقىدار مۇنداق 3 تەرەپ بار. 1) ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى. 2) ئوقۇتقۇچى، ۋە ئاتا-ئانىلار. 3) ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.


ئامېرىكىنىڭ بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۆزى خالىغان، ئۆزىنىڭ كۇدرىتى يېتىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلەيدىغان، ھەمدە بۇ بىلىم بىلەن ئىقتىدارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغان پۇرسەت بار. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى "خىزمەتنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش" دىگەن سىياسەت، "خىزمەتنى ئۆزى تېپىش" دېگەن يېڭى بىر سىياسەتكە ئۆزگىرىپتۇ. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر. ئامېرىكىدا ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولغانمۇ-يوق، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تارىختىن خەۋىرىم يوق. لېكىن، ھازىر ئامېرىكىدا "ھەممە ئادەم، ئۇنىڭ قايسى مىللەتىن بولۇشى، قايسى دىنغا ئىشىنىشى، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىزمەت پۇرسىتى ئالدىدا پۈتۈنلەي باراۋەر" دېگەن ئىنتايىن قاتتىق قانۇن بار. خىزمەت تېپىشتا بىر ئادەم ئازراق كەمسىتىشكە ئۇچراپ قالسا، ئۇ ئادەم شىركەت ئۈستىدىن ئەرز قىلالايدۇ. ئەگەر شىركەتنىڭ ئادەم كەمسەتكەنلىكى راست بولۇپ چىقسا، بۇ شىركەت ئىنتايىن ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ. ئادەم كەمسىتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن، گەپ-سۆزنى قىلىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. ئەگەر شىنجاڭدا "خىزمەتنى ئۆزى تېپىش" تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، "خىزمەت پۇرسىتى ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم، ھەممە مىللەت باراۋەر" دېگەن بىرەر قانۇن تۈزۈپ چىقىرىلمىسا، ھەمدە بۇ قانۇن قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، خۇددى ھازىرقىدەك، شىنجاڭدىكى شۇ ئىككى توك-توك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تاپالمايدۇ. سىز ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارىي قىلدۇرىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرمىسىڭىز، بۇ ھېچ بولمىغاندا بىر ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ "دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق سەۋىيىسىگە يېتىۋېلىش"، "ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش" ۋە "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش" دېگەندەك شۇئارلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور دەرىجىدە زىيانلىق ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىشىگە ئۈندەشتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، جۇڭگودا بۈگۈنكىدەك زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى كۆپىنچە ئادەملەر پەرەز قىلالمايتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل، 20 يىل، 30 يىلدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ سىز ئوقۇغۇچىڭىزغا ياكى پەرزەنتلىرىڭىزگە يول كۆرسەتكەندە، نەزەرىڭىزنى ئاشۇنداق كەلگۈسىدە كېلىدىغان بىر دەۋرگە سېلىڭ. ھېچ بولمىغاندا، ھازىرقى ۋەزىيەتكە قاراپ، سىزنىڭ روھىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى بالىڭىزنىڭكىدىن بەكراق چۈشۈپ كەتمىسۇن. ئۆزىڭىزنىڭ روھى چۈشۈپ كەتسە، ياشلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسىتەلمەيسىز.

بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ بۇرۇن بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالىغانلىقىدا ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى توغرا مۆلچەرلىيەلىشىدە.

تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر پارچە گۆشنى تالىشىۋاتقان بۆرە-يولۋاسلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتىمۇ ھازىر دەل ئاشۇنداق بىر جەمئىيەت بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ۋاقىتنى زايا قىلماي، ئۆزىڭىزدە ھەقىقىي بىلىم بىلەن ھەقىقىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرسىڭىز، كەلگۈسىدە پۇرسەت ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان بىر جەمئىيەت شەكىللەنمەي قالغاندىمۇ، ھەچ بولمىغاندا سىزگە ھېچ قانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئەگەر پۇرسەت ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم، ھەممە مىللەت باراۋەر بولىدىغان بىر جەمئىيەت شەكىللىنىپ قالسا، سىز ھازىر ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار سىز ئۈچۈن بىر بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر كەتكەندىن كېيىن، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. "ئەگەر يەنە بىر كۈن ھايات بولغان بولسا، ماۋۇنى قىلىپ بەرگەن بولسام"، "ئەگەر يەنە بىر ئاي ھايات بولغان بولسا، ئاۋۇنى قىلىپ بەرگەن بولسام"، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چاغدا سىز مىڭ يىغلىسىڭىزمۇ، تۇققىنىڭىز تىرىلىپ بەرمەيدۇ. شۇڭا، تۇققىنىڭىز ھايات ۋاقتىدا، سىز قىلىپ بەرىشكە تېگىشلىك ۋە سىز قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ بېرىڭ. ھازىردىن باشلاپ قىلىپ بەرگەچ تۇرۇڭ. ئاشۇنداق قىلسىڭىز، تۇققىنىڭىز ئۆلۈپ كەتكەندە ھەچ قانداق يىغلىمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ--مېنىڭچە، سىز ئۇ چاغدا پەقەتلا يىغلىمىسىڭىزمۇ، تۇققىنىڭىز چوقۇم سىزدىن رازى بولىۋېرىدۇ .‏