ئەركىن سىدىق يازما سۆھبەت 9-بۆلۈم

16. ﺳﻮﺋﺎﻝ: ﺳﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﭼﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﯖﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ؟

ﺟﺎﯞﺍﺏ: ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ، ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﭽﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯘ 2 ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﻝﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ-ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﯓ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﻪﻛﺮﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ، ﺋﯘﻧﯟﺍﻥﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻧﻰ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯩﺶ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻣﺎﺋﺎﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺟﺎﺭﯨﻲﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﯜﮔﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﺋﯩﺶ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ 4-5 ﮬﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﯩﻠﯩﻚ دەم ئېلىش ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ دەم ئېلىش ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 10 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﻮﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯩﻘﻘﺎﻥ دەم ئېلىش ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭﻣﻪﯞﺳﯘﻣﺪﻩ 4 ﺗﯩﻦ 5 ﻛﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﮬﻪﺭ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ 4-5 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻓﻮﻧﺪﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ-ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺰﮔﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﯧﺴﺎﺑﺎﺕ ﺗﺎﻟﻮﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Bill» ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺝ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ:

ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «Bill» ﻻﺭ:

ﺗﻮﻙ ﭘﯘﻟﻰ (ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 45 ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﺳﯘ ﭘﯘﻟﻰ (20ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﮔﺎﺯ ﭘﯘﻟﻰ (25ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﭘﯘﻟﻰ (18 ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﭘﯘﻟﻰ (55ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ (55ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﯞﻩﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﭘﯘﻟﻰ (60 ﺩﻭﻟﻼﺭ). ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﺳﯘ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ 2 ﻗﯧﺘﯩﻢﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﭘﯘﻟﻰ (ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ 4 ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ 1800 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ) ﯞﻩ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ (ﺑﯩﺰ 600 ﺩﻭﻟﻼﺭﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ). ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻣﺎﻱ ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﯚﻳﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﻳﯩﻠﺪﺍ 1 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﻳﮕﻪﺋﻮﺕ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ ﭘﯘﻟﻰ (950 ﺩﻭﻟﻼﺭ)، ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 2 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻪﺭ بېجى ﭘﯘﻟﻰ (ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ 3000 ﺩﻭﻟﻼﺭ) ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺗﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﻮﺕ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﻝ ﻗﻪﺭﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﻧﻜﺎ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻳﻪﺭ ﺗﻪﯞﺭﻩﺵ ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ، ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﻪﺭ 2 ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻧﻜﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻧﻪﻕ ﭘﯘﻝ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﻨﯩﺪﯗ:

-- ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺵ بېجى. ﺑﯘ ﭘﯘﻝﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ 15 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ 35 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﮕﯩﭽﻪﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

-- ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﯧﺠﻰ. ﺑﯘﻣﯘ ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ 8 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

-- ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺠﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺋﺎﺵﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ 65 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﺮﯨﻤﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 5 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ 1-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺰ 65 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ 1200 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﻳﯧﺘﻪﻣﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰﺋﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﮕﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺮﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ 1000 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯘﻝ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

-- ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯧﺠﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ 65 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺧﻪﺟﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﺩﯨﻦﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺰﯨﻤﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 1-2 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

-- ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻟﻰ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 4 ﺧﯩﻞ ﺑﺎﺝﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ «401K-ﭘﯩﻼﻧﻰ» ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻲ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺭ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯘ ﭘﯘﻝﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ 13 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﯖﯩﺰ 50 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯩﺰ 20 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯧﺠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘ 50 ﻣﯩﯔﺩﻭﻟﻼﺭﻧﯩﯔ 10 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯧﺠﯩﻐﺎ ﺗﯚﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ 13 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯧﺠﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 37 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ 37000 * 0.2 = 6700 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺑﺎﺝ ﺗﯚﻟﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﯧﻨﺴﯩﻴﻪﮔﻪ ﭘﯘﻝﻳﯩﻐﯩﺸﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ 401K-ﭘﯩﻼﻧﯩﻐﺎﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ 65 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﺟﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﻪﺭﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﯚﻟﻪﻳﺴﯩﺰ.

-- ﺑﯩﺰﺩﻩﻙ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘﻝ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻱﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﻣﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ 30 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺭﺯ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ، 6 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 300 ﻣﯩﯔﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﻧﻜﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ 1800 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺗﯚﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 1-ﺋﯧﻴﯩﺪﺍﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ 1500 ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 300 ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺭﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎﻣﺎﯕﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻧﯩﺴﺒﻪﺕ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ 21 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 1800 ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﯩﯔﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﮕﻪ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻗﻪﺭﺯﮔﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ.

ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺗﻮﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺳﺎﻥ-ﺳﯩﻔﯩﺮﻻﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻗﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥﺑﯩﻠﻪﻥ، ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﺩﯙﻟﻪﺕ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﭘﻪﺭﻩﺯﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. كۆپ سانلىق ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﻳﯜﺯﺩﻩ-ﻳﯜﺯ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ-ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﺘﯩﻦ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﭘﯘﻝ تېپىشنىڭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘﻛﯧﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﭽﯩﻞ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻛﯧﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﺗﻮﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﺭﻣﯩﯔ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺟﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺩﻩﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﮬﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، يۇرتىمىزﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﺑﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﺎﻥ-ﺳﯩﻔﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮﺩﯨﻦﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯘﺧﺮﺍﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﯩﻨﻰ «ﻣﯘﺋﺎﺵ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﻣﯘﺋﺎﺵ»ﻧﻰﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﺋﯚﺯ ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﻪنچە ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ. 50 ﺟﯩﯔ (㎏25) ﮔﯜﺭﯛﭺ 8.50 ﺩﻭﻟﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ، ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ 10 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻗﻘﯩﮕﻪ 50 ﺟﯩﯔ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥﻛﯩﻠﻮﮔﺮﺍﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ، «pound» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. 1 ﭘﻮﺋﯘﻧﺪ ﺩﯦﮕﻪﻥ 454 ﮔﺮﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮﺟﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ «ﺟﯩﯔ» ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﻟﻴﻪﺗﺘﻪ «pound» ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ). 25 ﺟﯩﯔ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﻰ 3.50 ﺩﻭﻟﻼﺭ. ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺟﯩﯔ ﻟﻮﻕ ﮔﯚﺵ 3.50-4.00 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ. ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ 0.80 ﺩﯨﻦ 2 ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﯩﭽﻪ. ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻼﺭ، ﺗﺎﯞﯗﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﯖﻰ 0.20-0.50 ﺩﻭﻟﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺟﯩﯖﻰ 0.50 ﺩﻭﻟﻼﺭ، ﺷﺎﭘﺘﻮﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯩﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ. ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﺴﻪ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ 15 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﯩﺰﮔﻪﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﺪﯗ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﮬﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﯞﻩﺗﻪﺷﺘﻪﻛﻜﻪ ﮔﯜﻝ ﺗﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ 25 ﺟﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ 12 ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻳﺪﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ Toyota Corolla ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﮬﯧﺴﺎﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ 14 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ، Toyota Camry 18 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ، ﺗﻮﻳﻮﺗﺎ ﻣﯩﻨﺑﯘﺱ 28 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﯞﻩﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻣﯩﻨﺑﯘﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ Toyota 4Runner 30 ﻣﯩﯔ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻛﯧﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ، ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﺋﯚﻱ ﻳﺎﺳﺎﺵﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ 2 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯔ 1-ﺧﯩﻠﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﺎﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ 1-ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﺭﻯﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﻩﻙ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯧﻴﯩﻤﻨﯩﯔﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺭﺍﮬﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻛﯧﻴﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗﻗﺎﺭﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ: ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎﻳﯜﺭﯛﺵ-ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯩﺴﻰ “ﻧﻴﯘﺯﻩﻳﻜﯘ” ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ ﻛﯧﻴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﮕﻪ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘﺳﻪﻥ ﻛﺎﺳﺘﻴﯘﻡ-ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﻛﻪﻳﺴﻪﯓ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ»، ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻳﺪﯗ. ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﺳﯩﯖﯩﺰ، ﮬﻪﻣﻤﻪﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻗﺎﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺳﯩﺰ. ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻳﯩﻐﯩﻦ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖﭼﻮﯓ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻪﭘﻜﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻮﺭﻣﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻗﻮﺭﺳﯩﻐﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﺍﻧﻼﺗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﮬﯧﭻﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴﯩﺰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺯﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﮬﻪﻣﺪﻩﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 2 ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰﻣﯘﻣﻜﯩﻦ: 1) ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ. 2) ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻳﯜﺭﯛﺵ.

ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﻯ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺟﯩﻖﻳﻪﯞﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺭﺍﮬﻪﺕ ﻳﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰﺳﻪﻣﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺳﻪﻣﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﻳﯧﺸﯩﯖﯩﺰ 45 ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﺎﭘﺎ چىكىشىڭىز ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﻳﻪﭖ، ﻣﯧﯟﻩ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﻯ ﻣﺎﯕﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، «ﻣﻪﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﻤﯩﺶ-ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻘﯩﻼﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ»، ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ تەنتەربىيە ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﺪﯛﻡ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ-ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦﺋﺎﺳﺴﯩﻤﯩﻠﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﻧﯧﻤﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯩﺶﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ.

ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ 4 ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

1) ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ، ﮬﻪﻣﺪﻩ TOEFL ﯞﻩ GRE ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ.

2) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «comprehensive exam» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵ. ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ 2 ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 10 ﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﯘﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯗﮬﻪﻣﺪﻩ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ئىنژىنىرلىقىنىڭ 5 ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺳﻰﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 3 ﺳﺎﮬﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ 3 ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ، 3 ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﻪﺩﻩ ﺑﺎﻛﺎﻻﯞﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ 2-3 ﺩﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﺶﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺳﯩﺰﻧﻰﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺗﻪﺭﻩﭖ-ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

3) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Qualifying exam» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻰ. ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﻨﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﻼﺕﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، «ﻣﻪﻥ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ-ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﺍﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ «ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، «ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺳﻪﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﺎﻻﻻﻳﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎ، ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩﺴﯩﺰ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺴﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺴﯩﺰ. ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢﺋﯚﺗﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺳﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺴﯩﺰ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺑﯘﻝﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 1/3 ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺷﯘ 2 ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻪﻟﻤﻪﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ.

4) ﺳﯩﺰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﭖ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ 3-ﺑﺎﺳﻘﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﺑﯧﺮﯨﺴﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ 3 ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺴﺎ، ﺳﯩﺰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯨﺴﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺗﺎﻛﻰﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ئىنژىنىرلىق ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﯞﺍﻗﺘﻰ 6-7 ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﻨﻰ 4 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺳﻪﻝﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﻩﻙ، ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﺎ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ 15 ﺗﻪﻙ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺩﯨﺴﺴﯧﺮﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﺑﯩﺰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﮬﻪﺭ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 20 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.

ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺑﻮﻟﺪﻯ. 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺑﯘ 3 ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻕﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ،

--ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﯔ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.

--ﻣﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ...

--ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﺎ؟

--ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ! ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻠﯩﺴﻪﻥ؟

--ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺑﯘ 1992-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻥﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ 4 ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ھېچقانداق ﻧﻪﻗﯩﺸﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺩﯗﺗﺘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻤﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻼ ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﺷﯘ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. 1989-ﻳﯩﻠﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺷﯩﺘﺎﺕ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺗﺎﻻﻧﺖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ» ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﭼﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﺗﺘﯩﺮﯨﻢ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﻩﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭼﺎﻧﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﯧﻨﻰ «ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦﺳﯩﺪﯨﻖ ﺑﯩﺮ 2 ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﯩﻨﻰ ﭼﺎﻟﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﻼ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ، ﻣﻪﻥ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭﭼﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ Davis ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺩﯗﺗﺘﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺰ ﺳﻪﮬﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎﻛﯧﻠﯩﭗ، «ﺳﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﯖﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ VCD ﻻﺭ بۇ يەرگە ﺗﯧﺨﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺵﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻤﯩﺰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻱ، ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯞﻩﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﺎﺗﺘﯘﻕ. ﺑﻪﺯﻯ ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻣﻪﻥ «ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﺮﺍﻕﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ، ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻳﯘﺭﺗﯘﻡ ﺑﺎﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟» ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﻟﻤﺎﻱﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺍﻡ-ﺗﺎﺭﺍﻡ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ. 1992-ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﯞﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ (ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 20 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ 1100 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮ، ﺷﺎﯕﮕﺎﯓ ﯞﻩ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ) ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ، ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﯞﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎﻟﯩﻨﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﯗﻕ. ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ Davisﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ، 1-ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﯨﻨﯩﯔﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ. ﮬﻪﻣﺪﻩﺭﻩﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ «Davistiki ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﻏﺎﻥﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ. ﺭﻩﺳﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ 1-ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ» ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﭖﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ.

ﻣﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻳﺎﭘﻮﻧﻠﯘﻗﻼﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ، «ﺳﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ؟»، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ «ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯩﺮﺋﯘﻳﻐﯘﺭ»، ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﺋﯘﻻﺭ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ، «ﮬﻪ! ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻤﯘ؟»، ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ «ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ؟ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥﺗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻪﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻥ»، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰﺗﯧﺨﯩﭽﻪ 500 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﺭﯛﭖﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼ ﮔﻪﭖ-ﺩﻩ.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻏﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ 10 ﻳﺎﺵﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ 6 ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰﺋﯚﻳﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯗﻕ. ﺋﺎﻣﺎﻧﮕﯜﻝ ﭘﻮﻟﻮ، ﻣﺎﻧﺘﺎ، ﺳﺎﻣﺴﺎ، ﻧﺎﻥ ﯞﻩ خامسەي ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻐﯩﭽﻪﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﯘﻕ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻳﯧﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ «ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﻣﺎﯞﯗ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪﻙ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﺳﯜﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﺗﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ 2-3 ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺭﺍﺳﻼﺵﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺩﻩﻟﺪﻩﯕﻠﻪﭖ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻐﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﻪﺭﺗﯩﭗ، ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﮕﻪﺗﻮﺷﯘﻏﯘﺯﺩﻯ. ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺧﺴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻧﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﺎﻻ ﮔﯚﺷﻰ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «steak» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﭽﻪ ﻛﺎﯞﺍﭘﺪﺍﻧﺪﺍ ﻗﺎﻗﻼﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ)، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚﺑﻮﻟﻜﺎ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ. ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، «ﺩﺍﺩﺍ، ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻧﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻳﯧﺴﻪﻡ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟»، ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﯟﯦﺪﻯ، ﺋﯘ «ﻳﺎﻕ، ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﺴﺎﯓ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻳﺪﯗ»، ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻕﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺗﺎﻛﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺴﺎ، «ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺘﺘﻰ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ 3 ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﺘﯩﻜﻰﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘ 3 ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩﺑﯘ 3 ﻛﺎﻧﺪﯨﺪﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺩﻭﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ IBM ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﻩ 7 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، «ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯘﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﯨﯔ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻳﯧﺮﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻤﻪﻥ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻟﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﯨﻢ ﺑﯩﺮﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﺸﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ 3 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺗﻪﻧﮭﺎﻳﺎﺷﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ. ﻣﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «Spagatti» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﭼﯚﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﮕﻪﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻻ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻤﯩﺰﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﻪﺧﺴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﻪﭘﻜﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦﺋﯘﺯﺍﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﯗﻕ.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻤﯘ ﺩﯨﻠﻨﺎﺭﯨﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺪﺍﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﭙﻜﯧﻠﻪﺗﺘﯘﻕ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻱ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﺘﯘﻕ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ، ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻳﻪﻧﻪﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ) ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «cariole» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺷﯘﻳﺘﺘﯘﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯗﻕ. ﺋﯚﺯﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻛﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺩﻭﺭﺍ-ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ﺋﯘﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﭘﯩﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﮔﯩﻠﻪﻙ ﺑﻮﻟﻜﺎ ﻧﺎﻥ (ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «bread» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﻜﯩﻨﻰ ﺷﻮﺭﭘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﻪﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ.

ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﺯﻏﯩﻨﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪﻣﯩﺴﺎﻟﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ «Nancy» ﺑﯩﻠﻪﻥ «John» ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺖ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ 3-4 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﺳﻰﺋﯚﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖﻗﺎﺭ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺳﺎﻕ، ﺋﯚﻳﯩﺪﻩﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻏﺎ ﻳﻪﭖ، ﻗﺎﺭ ﺗﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺳﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﺭ ﺗﻪﻳﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘ جوھىن ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﻯ ﻧﯧﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺴﻪ، ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰ 5 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻳﯧﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ. ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﭘﻪﺭﻗﺘﯘﺭ.

ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ-ﺗﯚﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻥﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 16 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍﻥ 4 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗﺑﺎﻗﺘﯩﻢ. ﺑﯘ ﺗﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﺩﻩ، ﺑﯩﺮﻯ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﺍ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻮﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺰﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ--ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻳﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﺍﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻻﻳﻤﯩﺰ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﯩﺰﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯧﺰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻧﺎﻳﻤﯩﺰ. ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، «ﺋﯘﮪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯘ»، ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ.

ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻟﻮﺱ-ئانژىلىس ﺷﻪﮬﯩﺮﻯﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ 15 ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﭖ 49 ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 32 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ، ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ 240 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﮬﻪﻳﺪﻩﭖ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ. 2004-ﻳﯩﻠﻰ 12-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 31-ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯩﺰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻳﻼﻧﺪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﯗﻕ. ﺑﯘ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯧﭙﻜﻪﻟﺪﻯ. ﻳﯧﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﭘﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﭼﺎﭼﺘﯘﻕ. 5 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢﺋﺎﺩﻩﻡ، 10 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ، 5 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﻝﻳﯩﻐﻤﯩﺪﯗﻕ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ 10 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ 2005-ﻳﯩﻠﻰ 16-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ) ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ 7 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻻ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ «picnic » ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﻛﺎﻟﯩﻔﻮﺭﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﮬﺎﯞﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘ قىتىمقى دالا ئولتۇرىشىدا ﻳﻪﻧﯩﻼﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯧﭙﻜﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻳﯧﻤﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، كاۋاپنىڭ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﭼﯜﺷﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ دالا ئولتۇرىشىدا ﻳﻪﭖ، ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻰﻛﺎﯞﯨﭙﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﭖ، ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ 7 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍﻛﻪﻟﺪﻯ. دالا ئولتۇرىشىدا ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦﺑﺎﺷﻘﺎ، ﭼﻮﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﯘﻕ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﻩ ﺳﯘ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﺎﻏﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ-ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗﺭ. ﺑﯩﺰﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ دالا ئولتۇرىشىنى ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻛﭽﻰ. ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ دالا ئولتۇرىشىﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻧﯚﯞﯨﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰ ﺗﺎﻛﻰ ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﻏﯩﭽﻪ دالا ئولتۇرىشى ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ دالا ئولتۇرىشى پائالىيىتىنىڭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ بىلىۋال تورىغا ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩﺋﯚﻳﮕﯩﻤﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ. ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻱ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﺯ-ﺋﺎﺭﺍﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﺪﻩﻛﻼ ﺋﯚﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﻱ. ﺋﺎﻣﯧﺮﻛﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ «ﻣﯘﺋﺎﺵ» ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪﻩ «allowance» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥﭘﯘﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﺋﺎﻳﺪﺍﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ-ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ 6 ﻳﺎﺷﺘﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ، ﻳﻪﻧﻰ 6 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ 6 ﺩﻭﻟﻼﺭ، 7 ﻳﺎﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ 7 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﯘﻝﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. 13 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻴﯩﻐﺎ 20 ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﭘﯘﻝ ﺳﻪﻝ ﺟﯩﻖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭘﯘﻝﺑﻪﺭﺩﯗﻕ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﻛﻮﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ، ﮬﯚﻛﯜﻡ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﭘﯘﻟﻨﻰ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﭘﯘﻟﻰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ «ﺑﺎﻻﻡ، ﻣﺎﯞﯗﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻦ» ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﻣﻪﻱ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰﻗﺎﺭﺍﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺋﺎﺵﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﺎﻟﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﭘﯘﻝ ﺧﻪﺟﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﮬﻪﻣﺪﻩﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪﭼﻮﯕﻼﺭﺩﻩﻙ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭘﯘﻟﻐﺎﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯩﺰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﻻﺷﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰﺳﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، «ﺋﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯘﻡ. ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪﻡ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ. ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﭘﯘﻝﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.


مەنبەلەر

تەھرىرلەش