ئەرمەنىي تەقۋىمى

ئەرمەنىي تەقۋىمى (ئەرمەنچە: Հայկական եկեղեցական տոմար)، ئەرمەن خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي كالېندارىدۇر. قەدىمىي مىسىر تەقۋىمىگە ئوخشاش «قۇياش تەقۋىمى» ئاساسىدا تۈزۈلگەندۇر.

بۇ تەقۋىمدىمۇ بىر يىل 12 ئاي ۋە ھەر ئاي 30 كۈندۇر. قېلىپ قالغان 5 ياكى 6 كۈن بولسا «ئارتۇق كۈنلەر» دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما بىر ئاي سۈپىتىدە كۆرۈلمەيدۇ.

ئەرمەنىي تەقۋىمىدىكى ئاي ئىسىملىرىدە زەردۇشت تەقۋىمىنىڭ تەسىرىنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن بولۇپ بۇ ئاي ئىسىملىرى 18 - ئەسرگىچە قوللىنىلغان.

  1. ناۋاسارد (قەدىم پارس تىلىدا «يېڭى يىل» مەنىسىدىكى «ناۋا سارىدا»)
  2. ھورى (گرۇزىنچە «ئىككى» مەنىدىسىكى «ئورى»)
  3. ساھمى (گرۇزىنچە «ئۈچ» مەنىدىسىكى «سامى»)
  4. ترې (زەردۇشت تەقۋىمىدە «تىر»)
  5. كاغوتس («تېرىم ئېيى»، زەردۇشت تەقۋىمىدە «ئامېروجاد»)
  6. ئاراتىس
  7. مەھاكان (پارسلاردىكى «مىھراكانا»؛ زەردۇشت تەقۋىمىدە «مىترو»)
  8. ئارېگ («قۇياش ئېيى» زەردۇشت تەقۋىمىدە «ئاۋان»)
  9. ئاھەكان ( زەردۇشت تەقۋىمىدە «ئاتارو»)
  10. مارەرى (ئېھتىمال قەدىم پارسچىدىكى «ئوتتۇرا يىل» مەنىسىدىكى «مائىديائىريا»؛ زەردۇشت تەقۋىمىدە «دىن»)
  11. مارگاتوس ( زەردۇشت تەقۋىمىدە «ۋوھۇمان»)
  12. ھروتىتس

بۇ تەقۋىم، ئەپسانىلەرگە كۆرە، ئەرمەنلەرنىڭ بوۋىسى ھەيك دېگەن كىشىنىڭ بېل/بەل دېگەن كىشىنى يەڭگەن ۋاقتى دەپ قارالغان م.ب 2492 - يىلىدىن باشلايدۇ. ئەمما مىلادى 552 - يىلىدىن ئېتىبارەن تەقۋىمدە يېڭىچە بىر ھېساپلاش سېستىمىسى قوللىنىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ تەقۋىم 574 - يىلى، ئەرمەنىي چېركاۋىنىڭ روھانىي داھىيسى كاتولىكوس موۋسېس تەرىپىدىن رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغاچقا «موسېس كالېندارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. موسېس تەقۋىمى مىلادى 551 - يىلىدىن باشلايدۇ.

شۇنداقلا ئەرمەنىي تەقۋىمىدە ئاينىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىسىم باردۇر:

1. ئارەگ (قۇياش)؛ 2. ھراند؛ 3. ئارام؛ 4. مارگار (يالۋاچ/پەيغەمبەر)؛ 5. ئەھرانك (چالا كۆيۈك)؛ مازدەغ؛ 7. ئاستغىك (ۋېنۇس)؛ 8. مىھر (مىتھرا)؛ 9. جوپابەر؛ 10. مۇرتس (غەلبە)؛ يەرەزكان (ياۋۇز)؛ 12. ئانى؛ 13. پارخار؛ 14. ۋاناۇر؛ 15. ئارامزاد (ئاھۇرا مازاد)؛ 16. مانى (باشلانغۇچ)؛ 17. ئاساك؛ 18. ماسىس (ئاغرى تېغى)؛ 19. ئاناھىت (ئاناھىتا)؛ 20. ئاراگاتس؛ 21. گرگۇر؛ 22. كوردۇيك؛ 23. تسماگ (كۈنچىقىش شامىلى)؛ 24. لۇسناك (يېرىم ئايدىڭ)؛ 25. تسرون (تارقىلىش)؛ 26. نپات (ئاپام ناپات)؛ 27. ۋاھاگن؛ 28. سىم (تاغ)؛ 29. ۋاراگ؛ 30. گىشەراۋار.

مەنبەلەر تەھرىرلەش