ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى (ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 27 _ ھىجرىيە 73 / مىلادىيە 595 _ 692) ئەسما يۈز يىل ئۆمۈر كۆردى، ئۇنىڭ بىرەر تال چىشى چۈشمىدى، يا ئەقلىدىن ئادىشىپمۇ قالمىدى. — تارىخچىلار

بىز بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغان ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى، ھاياتىدا كىشىنىڭ دىلىنى سۆيۈندۈرگىدەك پەزىلەت، ئارتۇقچىلىق ۋە ئۇلۇغلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر ئايالدۇر. چۈنكى ئۆزى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئەبۇ بەكرى سىددىقنىڭ يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كيېىنكى خەلىپىسى ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزىدۇر. ئۇنىڭ قىز قېرىندىشى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئانىمىز ھەزرىتى ئائىشەدۇر. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ بوۋىسى، يەنى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئاتىسى ئەبۇ ئەتىيق.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئېرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير ساھابىلاردىندۇر (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!). ئۇنىڭ باشقىلارغا چېتىلغان شەرىپىنى قويۇپ ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ شەرەپلىنىشىگە يېتەرلىكتۇر.

ئەسما دەسلەپ ئىمان ئېيتقانلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەت 17 ئادەم ئىمان ئېيتقان ئىدى. ئەسما يەنە «ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى» دېگەن نامغىمۇ ئىگە بولغان بىر پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئاتىسى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدىغان كۈنى ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ۋە سۇ تەييارلاپ بېرىپ، بۇ نەرسىلەرنى تاڭىدىغان نەرسە تاپالمىغاندا ئۆزىنىڭ بەلۋىغىنى ئوتتۇرىدىن يىرتىپ بىر پارچىسىدا ئوزۇق خالتىسىنى، يەنە بىرىدە تولۇمنى باغلىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن جەننەتتە ئىككى بەلۋاغ بېرىشكە دۇئا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئىككى بەلۋاغ ئىگىسى» دېگەن نامغا ئىگە بولغان.

ئۇ زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام بىلەن نىكاھلانغاندا زۇبەير بولسا قولىدا نە خىزمىتىنى قىلىدىغان خىزمەتچىسى نە بىر ئېتىدىن باشقا ئائىلىسىنى باياشات قىلغۇدەك مال ـ دۇنياسى يوق كەمبىغەل يىگىت ئىدى. بىراق ئەسما ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا ياخشى بىر ئايال ئىدى، ئەسما دائىم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئېتىنى يېتىلەيتتى، ئۇنى ئوتلىتىپ، ھەلەپ ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن دانلارنى يەنچىيتتى. ئاللاھ ئۇلارغا كەڭچىلىك ئاتا قىلىپ ئۇلارنى ساھابىلەرنىڭ ئەڭ بايلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلغانغا قەدەر ئۇ شۇ ھالەتتە ياشىدى.

ئەسمانىڭ دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە ھىجرەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ۋاقىتلىرى دەل ئۇنىڭ ئوغلى زۇبەيرگە بولغان ھامىلىلىك مەزگىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كەلدى، ئۇ ئەھۋالىنىڭ بۇنچىلىك قىيىنچىلىقىدىن قورقماي سەپەرگە ئاتلاندى.

ئۇ دەل مەدىنىدىكى قۇبا مەسجىدى بار كەنتكە يېتىپ بارغاندا كۆزى يورۇدى. مۇسۇلمانلار خۇشاللىنىپ تەكبىر ۋە تەھلىل ئېيتىشتى، چۈنكى تۇغۇلغان بۇ بوۋاق مەدىنىگە ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى تۇغۇلغان بوۋاق ئىدى. ئەسما ئوغلى ئابدۇللاھ زۇبەيرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك تۈكرىكلىرى بىلەن بالىنى ئېغىزلاندۇردى ۋە دۇئا قىلدى. بۇ بالىنىڭ قورسىقىغا كىرگەن تۇنجى نەرسە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك تۈكرىكى بولدى.

ئەسمادا ئەرلەردىمۇ ئاز تېپىلىدىغان ئەقىل ـ ئىدراك ۋە پەزىلەت، ئۇلۇغلۇق سۈپەتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ سېخىيلىكى بولسا ئۈلگە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىدى، بۇ ھەقتە ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن ھاممام ئائىشە ۋە ئانامدەك سېخى كىشىنى كۆرمىدىم، بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ سېخىيلىكى ئوخشىمايتتى، ھاممام ئائىشە بولسا نەرسىلەرنى يىغىپ قويۇپ ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈدەك بولغاندا ئاندىن بېرەتتى، ئانام بولسا ئەتىگە ھېچنېمە قالدۇرمايتتى.

ئەسما ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئەقىل ئىگىسى ئىدى. ئاتىسى ئەبۇ بەكرى ئەينى زاماندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولۇپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا ئۆيىدە بار بارلىق مال ـ مۈلكىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ ئېلىپ ماڭغان مېلىنىڭ سانى ئالتە مىڭ دىرھەم بولۇپ ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ھېچنېمە قالدۇرمىغان ئىدى. ئەسمانىڭ بوۋىسى ئەبۇ قۇھافە ئەبۇ بەكرىنىڭ سەپەر قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ (ئۇ چاغدا ئۇ مۇشرىك ئىدى) ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى ۋە ئەسماغا:

— ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنىڭ ئۆزى ئارقىلىق سىلەرنى غەم ـ ئەندىشىگە سېلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە سىلەرنى كەمبەغەل بىر ھالەتتە قالدۇردى، دەپ قارايمەن،— دېگەندە، ئەسما ئۇنىڭغا:

— ئى بوۋا! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىزگە كۆپ مال قالدۇرۇپ قويدى،— دېگىنىچە شېغىللارنى ئېلىپ مال ساقلايدىغان تەكچىگە قويغاندىن كېيىن ئۈستىگە بىر پارچە رەختنى يېپىپ بوۋىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ (ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس ئىدى) رەختنىڭ ئۈستىدىن سىلاتقۇزۇپ،— قانداق، راستمىكەن؟ — دېۋېدى، بوۋىسى:

— قالدۇرۇپتۇ، ئەگەر ئۇ مۇشۇ ماللارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرغان بولسا ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىپتۇ، — دېگەنىدى.

ئەسما مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياشانغان كىشىنى خاتىرجەم قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مال بېرىشىدىن توسۇپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. چۈنكى ئۇ گەرچە بوۋىسى بولغان تەقدىردىمۇ مۇشرىكلاردىن ئۆزىگە ياردەم قىلىنىشنى خالىمايتتى.

تارىخ ئەسمانىڭ ھاياتىدىكى نۇرغۇن ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇپ قالدى، دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير بىلەن ئاخىرقى قېتىمقى ئۇچرۇشىشى ۋە بۇ ئۇچرىشىشتا نامايەندە بولغان ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئەقلى، كەسكىن پوزىتسىيىسى ۋە كۈچلۈك ئىمانىنىڭ سۆھبەتتىكى ئىپادىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ ۋەقەلىك مۇنداق ئىدى:

يەزىد ئىبنى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەسمانىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيرگە ھىجاز، مىسىر، ئىراق، خۇراسان، شام دىيارلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بەيئەت قىلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇمەييە جەمەتىدىكىلەر ھەجاج ئىبىنى يۈسۈف سەقەفىينىڭ قوماندانلىقىدا ئابدۇللاھقا قارشى زور قوشۇن ماڭدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن جەڭ باشلاندى. ئۇ جەڭدە ئۆزىگە خاس باتۇرلۇق ۋە چەۋەندازلىق بىلەن قەھرىمانلارچە ئۇرۇش قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر پەيدىن ـ پەي ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئۆيى بىلەن پاناھلاندى، يەنى ئۇ بىر قانچە كىشىلىرى بىلەن مۇقەددەس كەبىنىڭ ئىچىدە قوغدىنىشقا مەجبۇر بولدى.

ئۇ شېھىت بولۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئانىسى ئەسمانىڭ قېشىغا كەلدى، بۇ چاغدا ئەسما كۆزى تۇتۇلۇپ ياشىنىپ قالغان ئىدى.

— ئى ئانا! سىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى بولسۇن، — دېدى ئابدۇللاھ.

— ئوغلۇم ئابدۇللاھ، ساڭىمۇ تىنچلىق بولسۇن!... ھەجاجنىڭ مەنچاناقلىرى (چوڭ ـ چوڭ تاشلارنى يىراققا ئاتىدىغان قورال) ئاتقان تاشلار يەرلەرنى تىترىتىۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا سەن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟

— سىزدىن مەسلىھەت سورىغىلى.

— مەندىن؟ قايسى ئىش توغرىسىدا؟

— كىشىلەر ماڭا ياردەم قىلمىدى، ھەجاجدىن قورقۇپ ۋە ئۇنىڭ مال ـ دۇنياسىغا قىزىقىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى. مېنىڭ قېشىمدا پەقەت بىر قانچە كىشىلا قالدى. ئۇلار ھەر قانچە چىداملىق بولغان تەقدىردىمۇ، پەقەت بىرنەچچە سائەتلا بەرداشلىق بېرەر. بەنى ئۆمەييەنىڭ ئەلچىلىرى ناۋادا مەن قورالنى تاشلاپ ئابدۇللاھ ئىبنى مەرۋانغا بويسۇنسام ماڭا خالىغىنىمنى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ قىلىۋاتىدۇ، سىزنىڭچە قانداق؟

ئەسما ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:

— ئى ئابدۇللاھ! ئۆز ئەھۋالىڭنى ئۆزۈڭ بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئوبدان بىلىسەن!... ئەگەر ھەقىقەتكە چاقىرىپ ھەق ئۈستىدە تۇرساڭ چىداملىق بول! سەن خۇددى سېنىڭ بايرىقىڭ ئاستىدا ئۆلگەن مۆمىنلەر سەۋرى قىلغاندەك سەۋرى قىل!... ئەگەر سەن مالنى كۆزلىگەن بولساڭ ناھايىتى ئەسكى ئادەم بولغان بولىسەن، نەتىجىدە ئۆزۈڭنىمۇ، ئادەملىرىڭنىمۇ ھالاك قىلىسەن. — لېكىن، مەن بۈگۈن شەكسىز ئۆلتۈرىلىمەن.

— بۇ سەن ئۈچۈن ھەجاجغا تەسلىم بولۇپ، كاللاڭنى بەنىي ئۇممەيەنىڭ بالىلىرى ئوينىغىنىدىن ياخشى.

— مەن ئۆلۈمدىن قورقىۋاتمايمەن، بەلكى ئۇلارنىڭ مېنى چانىۋېتىشىدىن ئەنسىراۋاتىمەن.

— ئۆلگەندىن كېيىن ئىنسان ئەنسىرەيدىغان ئىش قالمايدۇ، بوغۇزلىنىپ بولۇنغان قوي سويۇشنىڭ ئازابىنى سەزمەيدۇ...

— ئاللاھ سىزنىڭ ئانا بولغىنىڭىزغا، ئۇلۇغ خىسلەتلەرگە ئىگە بولغىنىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن! مەن پەقەت يېنىڭىزغا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا كەلگەنمەن، ئاللاھ مېنىڭ ئاجىزلىشىپ قالمىغانلىقىمنى ئوبدان بىلىدۇ، مېنىڭ ئىشلىرىمدا دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىرىنى ياقتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارغا يول قويۇلىۋاتقانلىقىغا غەزەپلەنگەنلىكىمگە شاھىت، مانا مەن ھازىر سىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشقا ماڭىمەن، ئەگەر شېھىت قىلىنسام ماڭا قايغۇرماڭ، ئىشلىرىڭىزنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭ...

— ئەگەر سەن ناھەق ئىش ئۈستىدە ئۆلتۈرۈلسەڭ ئاندىن ساڭا قايغۇرىمەن.

— ماڭا ئىشىنىڭ ئانا، ئوغلىڭىز بولغان مەن ھەرگىز يامان ئىش قىلىش نىيىتىدە بولمىدىم، بۇزۇقچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇلانمىدىم، ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە زۇلۇم قىلمىدىم، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش نىيىتىدە بولمىدىم، مېنىڭ نەزىرىمدە ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن ئەلا نەرسە يوق، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۆزۈمنى ئاقلاش نىيىتىدە ئەمەس بەلكى دىلىڭىزغا سەۋرى كىرگۈزۈش ئۈچۈن دەۋاتىمەن. — سېنى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئىش ئۈستىدە قىلغان ئاللاھقا مەدھىيىلەر بولسۇن! ئى ئوغلۇم! يېقىنراق كەل، مەن سېنىڭ پۇرىغىڭنى پۇرىۋالاي، بەدەنلىرىڭنى سىلىۋالاي، بۇ بەلكىم سەن بىلەن ئاخىرقى ئۇچرىشىشىمىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەسما شۇنداق دەپ ئوغلىنىڭ قوللىرىغا، پۇتلىرىغا ئۆزىنى ئېتىپ سۆيۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى، بۇيۇنلىرىنى پۇرايتتى، بەدىنىنى سىلايتتى. ئۇ تۇرۇپلا قولىنى يىغىۋېلىپ، — بۇ كەيگىنىڭ نېمە؟— دەپ سورىدى.

— ساۋۇتۇم.

— ئى بالام! بۇ شېھىت بولۇشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنىڭ كىيىدىغان كىيىمى ئەمەس.

— لېكىن مەن ئۇنى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا كىيىۋالغان ئىدىم.

— بۇنى سىلىۋەت، بۇ كىيىم سېنى قوغداشقا لايىق، ھۇجۇم قىلىشىقا ۋە ھەرىكىتىڭنىڭ يەڭگىل بولۇشىغا پايدىلىق، لېكىن ئۆلۈپ كېتىپ قالساڭ ئەۋرىتىڭنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇزۇن ئىشتان كىيىۋال!

ئابدۇللاھ ساۋۇتىنى سىلىۋىتىپ ئۇزۇن ئىشتاننى كەيدى ۋە جەڭنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرەم تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ كېتىۋاتقاچ: «ئى ئانا! ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۈزۈپ قويماڭ!» دەيتتى. ئەسما قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ:

— ئى ئاللاھ ئۇنىڭ قاراڭغۇ كېچىلىرى كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا ئۇزاق ئىبادەت قىلغانلىقى، قاتتىق يىغلىغانلىقىغا رەھمەت قىلغىن!... ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ روزا تۇتقان ھالدا مەككە ـ مەدىنە ئارىسىدا قىلغان سەپىرىدىكى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا رەھمەت قىلغىن! ئى ئاللاھ! ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا قىلغان ياخشىلىقىغا رەھمەت قىلغىن!... ئى ئاللاھ مەن ئۇنى ئۆزۈڭگە تاپشۇردۇم! سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە رازى بولدۇم، ماڭا سەۋرى قىلغۇچىلارنىڭ ساۋابىنى بەرگىن!... — دەپ دۇئا قىلدى.

شۇ كۈنى قۇياش پاتماي تۇرۇپلا ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير شېھىت قىلىندى. ئۇنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئانىسى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرىمۇ ۋاپات بولدى. ئۇ يۈز يىل ئۆمۈر كۆرگەن، بىرەر تال چىشى چۈشمىگەن، ئەقلىدىن ھېچ كېتىپ قالمىغان ئايال ئىدى. (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)