ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرقتىكلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەر ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىدىن يۇقىرى بولغان . يەنە شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئىرىقتىكىلەرنىڭ ئارلاشمىسىدىن بولغان كىشلەرنىڭ روھىي كىسەل بولۇش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان .

باشقا تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كۆرە : ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى ئانا سۈتى بولمىغان سۈتلۈك يىمەكلىكلەر بىلەن بېقىلغان پەرزەنىتلەرنىڭكىگە قارىغاندا 3--10 نومۇر يۇقىرى بولغان .

1. يىمەكلىك : گۆش ۋە چىلانغان يىمەكلىك ۋە چىرىگەن يىمەكلىكلەرلەرنى كۆپ يىگۈچىلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان .

2. يۇقىرى مايلىق يىمەكلىك: كانادا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتتىن بايقىشىچە ، يۇقىرى مايلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا زىيىنى بولغان ، تەجىربىلەردىن ئىسپاتلىشىچە ، يۇقىرى مايلىق ھايۋان چاشقان گۆشىنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن .

3. تاماكا ۋە ھاراق : كۆپ مىقداردا ھاراق ئىستىمال قىلىش ۋە تاماكا چىكىش ئادەم چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى ئاقسىلنىڭ بىركىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى چېكىندۈرىۋېتىدۇ. بىر تال تاماكا چەككەندە ، ئادەم بەدىنىدە 25 مىللىگىرام ۋىتامىن C كەملەپ كىتىدۇ .

4.ئېغىر مىتاللار بىلەن بۇلغانغان سۇ ۋە يىمەكلىك بىلەن ئۇچۇرىشىشتىن ساقلىنىش : لىدىي ۋە ئاليۇمىنغا ئوخشاش ئېغىر مىتال تەركىبلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرسە چىقىرىۋېتىش تەس بولۇپ ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئۇزۇن مەزگىل ئاليۇمىن تەركىبلىك ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەندە ۋە يوتىياۋ، پىنتوزا ، سىرتقى قەۋىتى ھاكلاشتۇرۇلغان تۇغۇم قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدىكى ئاليۇمىن تەركىب مىقدارىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ ۋە ئاليۇمىندىن زەھەرلىنشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. ئېلىكتىر ماگىنىت بۇلغۇنىشى : بىزنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىكى ئېلىكتىر ماگىنىت بۇلغۇنىشى ئاڭ تەپەككۇرنىڭ قالايمىقان بولۇشى ، ئەستە تۇتۇشنىڭ خۇۋا بولۇشى ، نورمال مىڭە ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەسلەن : ھاۋالىغۇچ ، تىلۋىزور ،كومپيۇتېر .

سىناق نەتىجىلىرىدىن كۆرە : تۆۋەن دولقۇنلۇق ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى كۆپ ھەركەت قىلىش ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى زىيانغا ئۇچىرىتىدىكەن . رادىئو - تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئانتىنا مۇنارى ، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى ، ئايرىدىروم ، رادار ، ئائىلە ئىكىترى ئۈسكۈنىلىرى رادىئاتسىيىسى، ئېلىكتىرون توزانلىرىنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ ، ئۇ چوڭ مىڭىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

6.زىيادە تويۇنۇپ يىمەكلىنىش : زىيادە تويۇنۇپ يىمەكلىنىش ئادەم بەدىنى ۋە مېڭىدە ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىغان بولۇپ ، ئۇزۇن مەزگىل زىيادە تويۇنۇپ تاماقلانغاندا ، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە ئەكىس تەسىرى بولىدىكەن.

7. ئۇزۇن مەزگىل تىز تاماقخانىدىن تاماقلىنىش ياكى تەييار تاماق يىگەندە ، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ياكى ماددىنىڭ بىرخىللا بولۇپ قېلىشىنى پەيداقىلىپ ،مېڭىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىرى بولىدىكەن .

8. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇ دورىسى ۋە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلغاندا . چوڭ مىڭىگە زىيىنى بولىدۇ.

9. تاماقنى چاينىمايلا ، يالماپ يۇتۈش : بىر ئوزۇقلۇقشۇناس ئالىم ، بىر مايمۇننىڭ سول تەرەپ چىشلىرىنى يۇلىۋېتىپ ، پەقەت ئوڭ تەرەپ چىشلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، يېرىم يىلدىن كىيىن كۆزىتىش ۋە تەجىربە ئارقىلىق ئۇ مايمۇننىڭ ئوڭ تەرەپ مېڭىسىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلغانلىقىنى بايقىغان ، ئەكىسچە چىشى كەمتۇك بولغا نسول تەرەپ مېڭىسى ئازراق كىچىكلىگەن(Atrophy ) ، بۇ تەجىربە نەتىجىسىدىن كۆرە ، چوڭ مىڭە ئۈزلۈكسىز ئىشلىتىلىپ تۇرمىغاندا ، چىكىنىش ۋە كىشىكلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ .

تاماق يىگندە كۆپ چايناش ۋە تىز چاينىغاندامېڭىدىكى قان ئايلىنىش ياخشى بولغان بولۇپ ، چىشى بار ياشلار بىلەن چىشى يوق ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىدىكى قان ئايلىنشى پەرق كۆرسەتكۈچى 30 بولغان .


دەنخام.ھارمان دوكتۇرنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئادەم بەدىنىدە ئەركىن رادىكال (Free radical ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ ، ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ چىكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۇ (DNA) نىڭ غەيرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، Deaeration دىن ئۆتكەندە ، چوڭ مىڭىگە نىسبەتەن بۇزغۇنچىلىق يەنى مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يەنە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، بالدۇر قېرىش ، داغ ، سەپكۇ، قورۇقلار كۆپ بولۇش ، بوغۇم ياللۇغى ، ھەركىتى ئاستا ئېغىر بولۇش ، سەكتە ،راك كىسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .

بۇلغانغان مۇھىتتا ئەركىن رادىكال (Free radical ) لار پەيدا بولىدۇ ، مەسلەن : رىنتىگىن نۇرى ، مىكرو دولقۇن ، يادىرو رادىئاتسىيەسى ، زەھەرلىك ئېغىر مىتاللار ، ئىش تۈتەك ، تاماكا ئىس تۈتىكى ، خىمىيىلىك( Chemical additive 添加剂) قوشۇلغان يىمەكلىك ، ماشىنىلارنىڭ كىرەكسىز گازى ، ھىدىروگىنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مېيى ، ئادەم ياسىغان ياغسىز يىمەكلىكلەر: سۈت پاراشوكى ، ئوكسىگىنلاشتۇرغان ئۆسۈملۈك مېيى ، ھەرخىل تەم تەڭشەش ماتىرىياللىرى، سۈپىتى ناچار ئاشلىق مايلىرى.

بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى (پىشىقلاپ ئىشلەنگەن ، تاماقخاناۋە تىز تاماقخانىلارنىڭ تامىقى ) ئىستىمال قىلغاندا ئادەم بەدىنىدە ئەركىن رادىكال (Free radical ) پەيدا قىلىدۇ .

مايلىق يۇقىرى تېمپىراتۇرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندا ، ئوكسىدلاش سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ئەركىن رادىكال (Free radical ) نى پەيدا قىلىدۇ ، شۇنداقلا ئادەم چوڭ مىڭىسىگە كىرىدۇ ، ئادەم چوڭ مىڭىسى بولسا ئەركىن رادىكال (Free radical ) لار ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئاسان تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئورۇن .

مەنبەلەر تەھرىرلەش