ئەقىدە - ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك سۆز - ھەرىكەتلەر

ھەر بىر مىللەت تىلىدا شۇ مىللەت ئېتىقاد قىلغان دىن (دىنلار) ئىلاھنىڭ نام - سۈپەتلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھەرخىل ئەقىدە - ئۇقۇملىرىنى بىلدۈرىدىغان بەزى مەخسۇس سۆز - ئاتالغۇلار بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى ئاللا (خۇدا)، رەببىم، بىسمىللا، شۈكرى، پىرىم، توۋا قاتارلىق بىر يۈرۈش سۆزلەر ئەنە شۇنداق سۆزلەر جۈملىسىدىن. مۇنداق سۆز - ئاتالغۇلار ئادەتتە مەخسۇس دىنىي سورۇن ۋە ئاڭلىق، مەقسەتلىك ھالدا خۇداغا سېغىنىپ ئىبادەت، دۇئا - تىلاۋەت قىلىشتا ئىسمى - جىسمىغا مۇۋاپىق قوللىنىلىدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ ھەرخىل رايى - خاھىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز - ئىبارىلەر ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. مۇنداق تىل شارائىتىدا، بۇ سۆز - ئىبارىلەر ئەسلىدىكى دىن ئېتىقاد ئۇقۇمىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان بولىدۇ. شۇڭا شۇنداق تىل شارائىتىدا ئۇنداق سۆز - ئىبارىلەرنى <ئادەت تىل> دەپ دىنىي خۇراپاتلىقتىن پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، <ۋاي خۇدايىمەي، ئەمدى كەلگىنىنى!>، <ۋاي خۇدا، بېشىمنى ئاغرىتىشماي مېڭىشساڭچۇ!>، <ئاللا بۇ نېمە گەپ!>. <يائاللا، نېمىدىگەن سەتچىلىك!> <يائاللا، ھەجەبمۇ تۈگىمەسكە قالدى!>، <يائاللا، ئەمدى كېچىكتۇق>، <يائاللا، نېمىدېگەن چىرايلىق!>، <ۋاي خۇدايىمەي گېپىڭنى قارا!>، <خۇدا ھەققى، چوقۇم بارىمەن>، <يا رەببىم، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك>، <يا رەببىم، نېمىدىگەن كاتتا ئۆي!>، <يا رەببىم، شۇنداق گەپمۇ بارمۇ تېخى!>، <ئەمدى شۈكرى دەيدىغان بولدۇق>، <شۈكرى، بۇمۇ تۈگىدى>. <شۇنى ئالغىنىڭغا شۈكرى دېگىنە!>، <بىسمىللاسىغا سەن كەلدىڭ>، <بسىمىللاسىغا ئوبدان سودا بولدى>، <ئاللاھۇ ئەكبەر، ئۇنى ئۇنتۇلۇپتىمەن!>، <ئاللاھۇ ئەكبەر، ماۋۇ ئىشنى كۆرمەمدىغان> دېگەنلەرگە ئوخشاش .