مەنبەلەلەر ياكى پايدىلانغان ماتېرياللار يىتەرلىك ئەمەس

ئشەنچىلىك مەنبە ئارقىلىق تۇلۇقلاڭ، مەنبەسى بولمىغان مەزمۇن ئۆچۇرلىدۇ.

ئەكبەر غۇلام 1952-يىلى قومۇل شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960-يىلى ئاتا-ئانىسىنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا كېلىپ باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بېيجىڭدا ئوقۇغان .1969-يىلى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ،قومۇل شەھەرلىك شەھەر ئەتىراپى يېزىسىدا زىيالىي ياش بولۇپ قايتا تەربىيە ئالغان. 1971-يىلى شىنجاڭ يامانسۇ تۆمۈر كانىدا ئىشچى بولغان. 1972-يىلىدىن1975-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇرتىلى كەسپىدە ئوقۇغان .مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،«شىنجاڭ گېزىتى » ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىنىپ ،خەنزۇ تەھرىر بۆلىمىدە تەھرىرلىك ھەم مۇخبىرلىك قىلغان .1981-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى تەرىپىدىن مەملىكەت خاراكتىرلىك خەنزۇچە ئەدەبىي ژورنال «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» قۇرۇلغان چاغدا ،مەشھۇر شائىرلىرىمىز تىيىپچان ئېلىيۇف ،ئابدۇكېرىم خوجايۇفلارنىڭ ئالاھىدە كۆرسىتىشى بىلەن ،مەزكۇر ژورنالغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئىشلىگەن. 1997-يىلىدىن2002-يىلغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كوممېتىتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش تۆمۈر داۋامەتكە كاتىپ بولۇپ ئىشلىگەن .2003-يىلى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا قايتىپ كەلگەن.

ئەكبەر غولام قوش تىللىق يازغۇچى بولۇپ، ئۇنۇڭ ئىجاتىيىتى 70- يىللارنىڭ ئاخىرىداباشلانغان، « يامغۇردا قالغان سۆيگۈ»، « مودا قالپاق»، « سادىق ھەمراھ »، « ئاھ، ئاجىز بەندىلەر »، « ئايدىڭ كىچە » قاتارلىق ھېكايە، پوۋىست، شېئىر قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قوش تىلدا ئېلان قىلغان.

ئەكبەر غولام ئىجىدىيەتتىن سىرىت، يەنە ئەدەبىي تەرجىماللىق بىلەن كەڭ دائىرىدە شوغۇللانغان .1974-يىلدىن تاكى،ئۇ سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، تىيىپچان ئىلىيۇف، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، قېيۇم تۇردى، زوردۇن سابىر، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەخمەت تۇردى، مۇھەممەت باغراش، بۇغدا ئابدۇللا، مۇھەممەتجان سادىق قاتارلىق داڭلىق يازغۇچى،شائىلىرىمزنىڭ ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .

ئەكبەر غولام 1990-يىلىىدىن تارتىپ ھازىرغىچە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى يىغىش ،رەتلاش ،تەتقىق قىلىش ،تەرجىمە قىلىش ،نەشىر قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئىزچىل شوغۇللىنىپ كەلگەن .ئۇ ھازىرغا قەدەر نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى توغۇرىسىدا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە بولۇپ 30 پارچىغا يېققىن كىتاپ نەشىر قىلغان ۋە 50 قىسىملىق «نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەپ تاماشىبىنلارغا سۇنغان .

ئەكبەر غولام 2004-يىلدىن باشلاپ، ئۇزۇن مۇددەت بېيجىدا ھەر قايسى ساھەلەردە ئشلەپ ئۆتكەن ۋە ھازىغىچە ئىشلەۋاتقان بۇرھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئادۇرىشىت، قېيۇم باھاۋۇدۇن، ئەركىن تۇراخۇن قاتارلىق سىياسى ئەربابلار، مەشھۇر تارىخشۇناس جىيەن بوزەن، مەشھۇر ئۇسسۇلچى ئايتىللا قاسىم، مەشھۇر ناخشىچى ئايىمنىسا، ئابدۇكېرەم ئابدۇگۈلى، دىلبەر يۈنۈس، مەشھۇر تىلشۇناس ئىبىراھىم مۇتىئى، خەمىت تۆمۈر، غولام غوپۇر، مەشھۇر تەنھەركەتچى مالىك تاھىر، ئادىلجان، مەشھۇر شائىر ئابدۇكېرەم خوجايوف قاتارلىق 80 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر زاتلىرىنىڭ تارىخىدىن ئىز قالدۇرىدىغان 6000 پارچىدىن ئارتۇق تارىخى ۋە ھازىرقى سۈرەتلەر بىلەن تولغان، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان 100 تارىخىغا شاھىت بولالايدىغان «تەڭرىتاغ ئوغلانلىرى » ناملىق چوڭ تىپتىكى سۈرەتلەر توپلىمىنى ئشلەپ، نەشىرگە سۇنۇش ئادىدا. بۇنىڭدىن باشقا ئەكبەر غولام يەنە بۇھان شەھىدى، سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرىشت قاتارلىق بۇ بەش نەپەر ھۆرمەتلىك پىشقەدەم رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىر يۈرۈش ئايرىم-ئايرىم سۈرەتلەر توپلىمىنى جىددى تۇتۇپ ئىشلىمەكتە.

«نەسىردىن ئەپەندى» ناملىق 50 قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى ( ئۇيغۇرچە) ۋە 21 قىسىملىق تىلۋىزىيە فىلىمى( خەنزۇچە) ئەكبەر غولام بۇ فىلىملەرنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. بۇ فىلىمنىڭ خەنزۇچىسى مەملىكەت ئىچىدىكى 21 ئۆلكە دەرىجىلىك تىلۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا قويۇلدى. ئۇيغۇچە VCDسىنى شىنجاڭ ناۋا ئۈن-سىن مەركىزىدىن ئىشلەپ تارقاتىتى.

ئەكبەر غولام مانا مۇشۇنداق ئىجىدايەت نەتىجىلىرى بىلەن 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى « تۇلپار » مۇكاپاتىغا ،2-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سېستىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان مۇنەۋۋەر ئاخبارات مۇكاپاتىغا ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىلىدىكى تېلىۋىزىيە فىلىملىرى« ئالتۇن سۇمۇرغ» مۇكاپاتىغا ، 4-،5-،،7-،8 - نۆۋەتلىك « خان تەگرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى » قاتارلىق مۇكاپاتلەرغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى ياز بېيجىڭ تىل ئۇنۋېرسىتېتى نەشىرىياتى بىلەن بېيجىڭ شىدەن كىتاپچىلىق سارىيى بىرلىشىپ ئەكبەر غولامنىڭ « نەسىردىن ئەپەندى » ھەققىدىكى بىر يۈرۈش 6 كىتاپ ( خەنزۇچە) نى ئىمزا ىويۇپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەكبەر غولام پايتەخىتتە ئىمزا قويۇپ كىتاپ سېتىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تۇنجى ئۇيغۇر يازغۇچى بولۇپ قالدى.

ئەكبەر غولام جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ،جۇڭگۇ تەرجىمانلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، « مىللەتلەر ئەدەبىياتى » ژورنىلىنىڭ پارتىيە ياچىكا سېكىرتارى ، تەھرىر بۆلىمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.