ئەلبانى

ھىجرىيە 1332-يىلى، مىلادىيە 1914-يىلى، كېيىن ئالبانىيەنىڭ پايتەختى بولغان ئاشكودېرادا بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئەلھەج نۇھ نەججاتى ئەل ئەلبانى ئىستانبۇلدا شەرىئەت ئىلمىدە ئوقۇغان ۋە ئالبانىيەگە ئالىم بولۇپ قايتقانىدى. ئالبانىيە ئاتىزىمنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى دەمەشىققە ھىجرەت قىلىدۇ. بۇ يەردە شەيخ ئەلبانى ئۆزىنىڭ دەسلەپكى تەربىيىلىرىنى تاماملايدۇ ۋە شۇ چاغدىكى مۆتىۋەر ئالىملاردىن ۋە دادىسىنىڭ دوستلىرىدىن قۇرئان، تەجۋىد، ئەرەب تىلى ئىلىملىرى، ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقھىسى ۋە باشقا شاخچە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.

شەيخ ئەلبانى ئۇنىڭغا ھەدىس ئىلمىنى ئۆگەتكەن ئۇستازى ئەللامە شەيخ مۇھەممەد رەغىب ئەت تەباغدىن ئۇنىڭدىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا ئىزنى ئالىدۇ ۋە ئىجازەت(گۇۋاھنامە) ئالىدۇ. شەيخ بۇ ئىجازەتنى مۇختەسەر ئەل-ئۇلۇۋ (72-بەت) ۋە تەخدىر ئەس سەجىد(63-بەت) تە تىلغا ئالغان. ئۇنىڭ يەنە شەيخ باخجەتۇل بەيتار (ئۇنىڭ ئىسنادى ئىمام ئەھمەدكە تۇتىشىدۇ) دىنمۇ مۇشۇنداق ئىجازەت ئالغان. بۇلار مۇھەممەد شەيبانىنىڭ ئەلبانىنىڭ ھاياتى دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنداق ئىجازەت پەقەت ھەدىس ئىلمىدە ناھايىتى ياخشى نەتىجە ئالغان، ناھايىتى ئىشەنچلىك، ھەدىس رىۋايەت قىلسا بولىدۇ، دەپ قارىلىدىغانلارغىلا بېرىلەتتى. بۇ ئىجازەتنىڭ بىر نۇسخىسى ھازىر ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەلى ھەسەن ھەلەبى تەرىپىدىن ساقلانماقتا.

ئۇ دادىسىدىن يەنە سائەت ياساشنى ۋە رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەنىدى، كۆپ ئۆتمەيلا ئۇ بۇ ساھەدە پىشىپ يېتىلىشكە باشلايدۇ ھەم شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئازراق كىرىم قىلىدۇ. ئۇ 20 ياش ئەتراپىدىلا ئەل مەنار ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى بىلەن ھەدىس ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئىلىملەردە بارا-بارا كۆز-كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇ ھەدىس ساھەسىدىكى خىزمىتىنى ھافىز ئەل ئىراقىنىڭ داڭلىق ئەسىرى "ئەل مۇغنى ئەن ھەملىل ئەسفار فى تەخرىج مە فىل ئىھيا مىنەل ئەخبار" دېگەن ئەسىرىگە شەرھ يېزىش بىلەن باشلايدۇ.

ئۇ ھەدىس ۋە ئۇنىڭ شاخچە ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرمەكچى بولغاندا دادىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ھەدىس ئىلمىگە ئالاقىدار كىتابلار كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئاساسەن ھەنەفىي فىقھىسىگە ئائىت كىتابلار بىلەن توشقۇزۇلغان ئىدى. ئەلبانىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى. شۇڭا ئۇ دەمەشىقتىكى داڭلىق كۈتۈپخانا "ئەل مەكتەبە ئەد-داھىرىييە" دىن، بەزى چاغلاردا كىتابپۇرۇشلاردىن كىتابلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ كۆرەتتى. ھەدىس ئىلمى ئۇنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي جەلپ قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەدىس ئۆگىنىشكە بېشىچىلاپ كىرىپلا كېتىدۇ، ئۇ بەزى چاغلاردا دۇكىنىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، ئۇدا 12 سائەتلەپ كىتاب كۆرەتتى، پەقەت ناماز ئۈچۈنلا ئىشىنى توختىتىپ سىرتقا چىقاتتى. ھەتتا تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى، پەقەت يېنىغا ئازراق ئىچىملىكلا قويۇۋالاتتى.

كۈتۈپخانا ئۇنىڭ تەتقىقاتىنى خاتىرجەم ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئايرىم بىر ئۆي ئاجرىتىپ بېرىدۇ. يەنە ئۇنىڭغا كۈتۈپخانا ئېچىلىشتىن بۇرۇن كېلىپ كىتاب كۆرۈشى ئۈچۈن كۈتۈپخانىنىڭ ئاچقۇچىدىن بىرنى بېرىدۇ. ئۇ شۇ يەردىكى ئايرىم ئىشخانىسىغا ئەتىگەندىلا كىرىۋالسا تاكى خۇپتەندىن كېيىنگىچە شۇ يەردە بولاتتى. مۇشۇ مەزگىلدە ئۇ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى تا ھازىرغىچە كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنى يوق.

شەيخ كىىشلەرگە تەۋھىدنى تارىتىش ۋە سۈننەتنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قارشىلىقلارغا ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنى دەمەشىقتىكى نۇرغۇن مۆتىۋەر ئۆلىمالار ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇ، بۇلاردىن شەيخ بەھجەتۇل بەيجار، شەيخ ئابدۇلفەتتا ۋە تەۋفىق بەرزەخ رەھىمەھۇللا قاتارلىقلار بار ئىدى.

كېيىن ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتىت مۇئەللىملىرىگە ئەقىدە، فىقھى، ئۇسۇل ۋە ھەدىس ئىلمىدىن دەرس ئۆتۈشكە باشلايدۇ. ئۇ يەنە سۈرىيە ۋە ئىئوردانىيەگە دەئۋەت ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ. شەيخ ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشۈشنى ئىستەپ كەلگەن ھەدىس ئۇستازى ئەھمەد شاكىر بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەدىس ئىلمى توغرىلىق ناھايىتى قىزغىن سۆھبەتلەردە بولىدۇ. شەيخ دائىم ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىكى ناھايىتى نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھاياتىنى ئەسلەپ قالاتتى. ئۇ دائىم كوچىدىكى تاشلىۋېتىلگەن قەغەز پارچىلىرى، باغاقلاردىن تارتىپ يىغىۋېلىپ، ئۇنى ھەدىس خاتىرىلەشكە ئىشلىتەتتى. ئۇ يەنە دائىم كىشىلەر ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن قەغەز پارچىلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ ئىشلىتەتتى.

ئۇنىڭ ھەدىس ساھەسىدىكى بىر قانچە كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، شەيخ مەدىنىدە يېڭى قۇرۇلغان بىر ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەدىس دەرسى ئۆتۈشنى قارار قىلىدۇ. ھىجرەتنىڭ 13381-يىلىدىن 1383-يىلىغىچە بولغان مۇددەتتە ئۇ ھەم مەكتەپ باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرىدۇ.ئاندىن ئۇ بۇرۇنقى قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى قايتىدىن قولىغا ئالىدۇ، دۇكىنىنى ئىنىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى "مەكتەبە ئەد زاھىرىييە" دىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇ دەۋەت خىزمىتى بىلەن قاتار، مىسىر، كۇۋەيت، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى، ئىسپانىيە ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ نۇرغۇن قېتىم يۆتكىلىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. سۈرىيەگە، سۈرىيەدىن ئىئوردانىيەگە، ئاندىن يەنە سۈرىيەگە، ئاندىن بېيرۇتقا، ئاندىن بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىگە، ئاندىن ئوممانغا، ئاندىن ئىئوردانىيەگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەدىس ئىلمىدە يازغان ئەسەرلىرى 100 پارچىدىن ئاشىدۇ.

ئۇھىندىستانلىق ئۇلۇغ ھەدىس ئالىمى، نەسەئىنىڭ سۇنەن كۇبراغا ۋە مىززىنىڭ تەخفەتۇل ئەشرەفكە شەرھ يازغان شەيخ ئابدۇسسەمەد شەرىفىدىن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، كېيىن ئۇلار داۋاملىق خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەدىس ئىلمى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇرىدۇ. بىر قېتىملىق خېتىدە شەيخ ئابدۇسسەمەد شەيخ ئەلبانىنى شۇ دەۋردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەدىس ئالىمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقراقلىرىدىن: شەيخ ئابدۇل مۇھسىن ئاباد، شەيخ رابى مادالى، شەيخ ھەمدى ئابدۇلمەجىد، شەيخ مۇھەممەد ئىد ئابباسى، دوكتور ئۇمەر سۇلايمان ئەشقەر، شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم شەقرەھ، شەيخ مۇقبىل ئىبن ھەدى ئەل ۋادىيە، شەيخ ئالى خۇشخان، شەيخ مۇھەمەد جەمىل زەينۇ، شەيخ ئابدۇراھمان ئابدۇسسەمەد، شەيخ مەشۇر ھەسەن، شەيخ ئالى ھەسەن ئابدۇلھەمىد ئەل ھەلەبى، شەيخ سەلىم ئەل ھىلالى، شەيخ مۇھەممەد مۇسا نەسىر ۋە شەيخ ھۇسەيىن ئەۋەيشەھ قاتارلىقلار بار.

ھاياتىدا 30،000دىن كۆپرەك ھەدىسنىڭ ئىسنادىنى تەكشۈرگەن ۋە شەرھى يازغان.60 يىل سۈننەتنى تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش ۋە ئۇنى يېيىش بىلەن مەشغۇل بولغان شەيخ ئەلبانى ھىجرەتنىڭ 1420-يىلى جامادىيەل ئاخىرنىڭ 22-كۈنى، مىلادىيە 1999-يىلى 2-ئۆكتەبىر، شەنبە كۈنى 87 يشىدا ئالەمدىن ئۆتتى