ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بولۇپ، 1999-يىلى 10-ئايدا رەسمىي بازارغا سېلىنغان. ئۇ Windows مۇھىتىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، 6 خىل خەت نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئارىلاش كىتاب-ژۇرنال مۇقاۋىلىرى ۋە دۇكان-ساراي ۋىۋىسكىسىنى لايىھىلەش؛ تېلېۋىزىيە فىلىمىگە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى.