UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]

ئەلكىمياگەر

O Alquimista

مۇئەللىڧ Paulo Coelho
دۆلەت برازىلىيە
تىلى پورتۇگالچە
ژانىرى رومان
تۇنجى نەشرى 1988
بەت سانى 264
ئۇيغۇرچە نەشرى يوق
خەنزۇچە نەشرى 炼金术士 - 2009 نەنخەي نەشرىياتى

ئەلكىمياگەر (ئەسلى نامى: O Alquimista) برازىليەلىك كونا ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى پائۇلو كوئېلھو (Paulo Coelho)نىڭ، ئېلان قىلىنغان 1988- يىلىدىن بېرى ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان ۋە تەھلىل قىلىنغان ئۈچىنچى روماندۇر. ئەلكىمياگەر ئېلان قىلىنغان دەستلەپكى ئالتە يىلدا 42 ئەلدە 26 تىلغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 7 مىلىيوندىن كۆپرەك سېتىلدى. بۇ گابرىيەل گارسىيا ماركۇس (Gabriel Garcia Marquez) تىن بۇيان كۆرۈلمىگەن بىر ئىش ئىدى. ئۇشبۇ رومان، قەلبىدە بالىلىقىنى تېخىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن بىر كلاسسك ئەسەر ھالىغا كەلگەن.

ئەلكىمياگەر، ئىسپانىيەدىن چىىقىپ مىسىر پرمىدالىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە خەزىنىسىنى تېپىش ئۈچۈن بارغان ئەندەلۇسلۇق چوپان يىگىت سانتىياگونىڭ چۆچەكلەردەك سەرگۈزەشتىسىنىڭ ڧەلسەڧىي ھىكايىسىدۇر. كىمياگەرنى تېپىش ئۆزىنى تېپىشتۇر... ئەلكىمياگەر رومانىنىڭ دۇنيادا بۇنچە كۆپ سېتىلىشىنىڭ ۋەجى بەلكىدە يولباشلىغۇچىلىق سۈپىتىنى گەۋدىلەندۈرىشىدىن بولسا كېرەك. ئەلكىمياگەرنى ئوقۇش، ھەممە ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا تاڭ سۈزۈلگەندە قۇياشنىڭ كۆتۈرلىشىنى كۈتۈشتۇر.