ئەلمۇستەدرەك (سەھىھەينگە تولۇقلىما / المستدرك على الصحيحين)»، ئاتاقلىق ھەدىس ئالىمى، ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ھاكىم نىشاپۇرىي (ھ. 321 – 405 / م. 933 – 1014) «سەھىھەين» نامى بىلەن مەشھۇر ئەڭ ئىشەنچلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى «سەھىھۇل بۇخارىي» بىلەن «سەھىھۇ مۇسلىم»گە تولۇقلىما قىلىپ، ئۇ ئىككى كىتابتا كەلتۈرۈلمىگەن ھەدىسلەرنى توپلاپ «سەھىھەين»نىڭ ئىككىلىسىنىڭ ياكى بىرىنىڭ ئۆلچىمىگە توشىدىغان، ئۆزى سەھىھ دەپ قارىغان ياكى ئۆزى سەھىھ دەپ قارىمىسىمۇ ئىسنادلىرى سەھىھ بولغان ئۆلچەم بويىچە 30 يىلدىن زىيادە مۇددەتتە «ئەلمۇستەدرەك» ناملىق ئەسىرىنى يازغان (ھ. 373 – 405 / م. 983 – 1014). ئەپسۇس مۇئەللىف تېخى كىتابىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ پىششىقلاپ بولغۇچە ئۆمرى ۋاپا قىلماي ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇڭا ئەسەردە سەھىھ بولمىغان بەزى ھەدىسلەرمۇ يەر ئالغان. لېكىن بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كېيىنكى ئالىملار تولۇقلىۋەتكەن. ھەدىس ئىلمىدە قىممەتلىك بولغان بۇ كىتابتىكى 8803 ھەدىس تۆت جىلدقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھاكىم بۇ ھەدىسلەرنى «سەھىھەين»دىكىدەك فىقھىي ئەھكاملار تەرتىپى بويىچە رەتلىگەن. ھاكىمنىڭ بۇ كىتابى ئۆز ۋاقتىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر پەقەت «سەھىھەين»دىلا بار دەپ قارايدىغان بەزى ساغلام بولمىغان قاراشلارغا خاتىمە بەرگەن.

مەنبەلەر تەھرىرلەش