كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئۇيغۇر تۆھپىكار--- ئەلى مەمتىمىن


ئەلى مەمتىمىن ئەر، ئۇيغۇر، 1978-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيسىدە تۇغۇلغان. سانائەت پەنلىرى باكلاۋىرى، 1997-يىلى شىنجاڭ مېتىئورولوگىيە مەكتىۋىنىڭ ھاۋا رايى كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

1999-يىلدىن 2003-يىلغىچە نەنجىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇش ئۈنۋېرستېتى (نەنجىڭ مېتىئورولوگىيە ئىنستوتېتى) نىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغان.

ھازىر جوڭگۇ مېتىئورولوگىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى قۇملۇق ھاۋارايى تەتقىقات مەركىزىدە جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سىزىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

ئەلى مەمتىمىن 1996-يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە باشلىغان بولۇپ، 1997-يىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. 1997-يىلى Fox Base يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ مېتىئورولوگىيە مەكتىۋىنىڭ نەتىجە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان. 1997-يىلى نىيە ناھىيلىك مېتىئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەسپىي يۇمشاق دېتاللىرىنى ياسىغان. 1998-يىلى خوتەن شەھرىدىكى دوسىتلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇر يېزىقتىكى DOS مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆگىتىش يۇمشاق دېتالىنى ياساپ چىققان. 1998-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ئىشخانىسى ئۈچۈن، ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۋېرسال ئۇچۇر سىستېمىسىنى ياساپ چىققان. 2000-يىلى دوسىتلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرچە شۈگوجاڭ ئېنگىلىز تېلى ئۆگىنىش سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىققان. 2001-يىلى چىرا ۋە نىيە ناھىيلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇس ئىدارىسىغا يەككە تېجارەتچىلەرنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ بەرگەن. 2001-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە نەنجڭ سوڭجېڭ تور قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركتىدە جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ توك پۇلى يېغىش سىستېمىسىنى ياساشقا بىۋاستە قاتناشقان. 2002-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرستېتى ئۈچۈن، ئۇچۇرلاشقان كۇتۇپخانا باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ بەرگەن. 2002-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرستېتى شاڭخەي مالىيە ئۈنۋېرستېتىدىن سېتىۋالغان كاغا ئوقۇش پۇلى يېغىش سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىشكە قاتناشقان ۋە قۇرۇلۇش مەسئۇلى بولغان.

2003-يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچى قۇملۇق ھاۋارايى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىنى ياساپ چىققان. 2003-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرستېتى ئۈچۈن، توردىن ماقالە تاپشۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان. 2004-يىلى 1-ئايدا ئوقۇغۇچىلار ئارخپىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان. 2004-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرستېتى تور بېتىنى ياساپ چىققان. 2004-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرستېتى ياتاق باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياساپ چىققان.

ئەلى مەمتىمىن 1999-يىلى دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 3-دەرىجىدىن ئۆتكەن. 2001-يىلى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئالىي دەرىجىلىك پروگراممىرلار دەرىجىدىن غەلبىلىك ئۆتۈپ، ئەڭ ياش دۆلەت ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر پروگراممىر بولۇپ قالغان. 2003-يىلى دۆلەتلىك ئىنگىلىز تېلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. ئەلى مەمتىمىن 2003-يىلى دۆلەت ئۇچۇر كەسپى مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن جوڭگۇ IT ئىقتىساسلىقلار ئامبىرىغا ئەنگە ئېلىنغان.