ئەمىر تېمۇر (چاغاتايچە: تیمور، ت. 9- ئۈمىد 133618- ھۇد 1405) ئەمىر تېمۇركوراگان، تېمۇرلەڭ، ساھىبقىران، ئاقساق تېمۇر دېگەن ناملاربىلەنمۇ ئاتالغان بولۇپ، مىلادى 1370- يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بۆلۈۋىلىپ، سەمەرقەنتنى پايتەخىت قىلىپ، تېمۇرىيە سۇلالىسىنى تىكلىگەن. ئۇزاق ئۆتمەي غەربتە قارادېڭىز، ئىران، جەنۇبتا ھىندىستانغىچە بولغان جايلارنى بېسىۋالغان. كېيىنچە موغۇلۇستان پادىشاھى يۇنۇسخاننىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپ «كوراگان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. مىلادى 1405-يىلى زورقوشۇن بىلەن جوڭگوغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشىدە ئوترارشەھرىدە ۋاپات بولغان.

تېمۇرلەڭ
توغۇلۇش 8\9- ئۈمىد 1336
قايتىش 18- ھۇد 1405
سەلتەنەت

ئالدىنقى

كېيىنكى

1370-1405

ئەمىر سۇلتان

خەلىل سۇلتان

تېمۇر يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە كىشى ئىدى، ئۇ بوۋىسى چىڭگىزخاننىڭ قەھرىمانلىق ئىزىنى بېسىپ، «بۈيۈك ئىمپېرىيە» قۇرماقچى بولدى. ئۇ خانلىق تەختتە ئولتۇرغان30 نەچچە يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئىككى موڭغۇل خانلىقى − ئىلىكخان خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى. 1398-يىلى تېمۇر قوشۇن باشلاپ ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ، دېھلىنى ئىگىلىدى ھەمدە تەسلىم بولغان ئاھالىلەرنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى. 1402-يىلى ئۇ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ھەتتا يىراقتىكى جۇڭگونىمۇ بويسۇندۇرماقچى بولدى، 1405-يىلى تېمۇر كېسەل سەۋەبىدىن قوشۇندا ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەۋلادلىرىغا «ئۇلۇغ ئىمپېرىيە» نى قالدۇرالمايلا قالماستىن، تارىختىمۇ بىرەر تىلغا ئالغۇدەك ئىز قالدۇرالمىدى. تېمۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى تەگكەنلا جاي بىر پارچە قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتتى.

ئەمىر تېمۇرنىڭ ھاياتى ۋە فائالىيەتىدە ئىككى دەۋر روشەن كۆزگە تاشلىنىدۇ.

بىرىنچى دەۋرى (1360-1385) ماۋەرائۇننەھرنى موغۇل خانلىقىدىن ئازاد قىلىپ، يېگانە مەركەزلەشكەن دەۋلەت تۈزۈش، ئۆزئارا ئۇرۇشلارغا بەرھەم بېرىش.

ئىككىنچى دەۋرى (1386-1405) ئېسە ئىككى يىللىق، ئۇچ يىللىق، بەش يىللىق، دەپ ئاتالغۇچى باشقا مەملەكەتلەرگە يۈرۈشلىرى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ.

ئەمىر تېمۇرنىڭ ھەربىر ھەربىي يۈرۈشىگە تۇرتكە بولارلىق سەبەب بار ئىدى. بۇ سەبەبلەر – ئۆز دەۋلەتىنىڭ چېگرالىرىنى مۇستەھكەملەش، تاشقى دۇشمەنلەردىن ھىمايەلىنىش، كارۋان يوللىرىنى تۇرلۈك يولتوسارلاردىن تازالاش، خىيانەتچى، ساتقىن، ئەددەمچىلەرنى جازالاش، بويسۇنمىغەنلارنى ئىتائەت ئەتتۈرۈش، ئۆزىنىڭ سىياسىي تەئسىرىنى كېڭەيتىش كەبىلەردىن ئىبارەت بولغانلىقىنى تارىخىي مەنبەلەردىن بىلىپ ئالىش مۇمكىن.[1]

باھالار

تەھرىرلەش

“تېمۇرنىڭ توختامىش ئۈستىدىن قازانغان بۇ غەلبىسى فەقەت مەركەزىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپادىلا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە ئۇچۇن ھەم كاتتا ئەھمىيەتكە مالىك بولدى”. – ئا. يۇ. ياكۇباۋسكىي، رۇس ئالىمى

“بەختىيار جەڭچى، جاھانگىر، ئۇزاق شەرقتە قانۇنشۇناس بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىدە، ئاسىيادە كەم ئۇچرايدىغان تاكتىك ۋە ئستىرەتېگيىلىك بىلىملەرنى ئىفادىلىدى”. – ف.شلاسسېر، نېمىس ئالىمى

“تېمۇر ئۆز دۇشمەنلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن بېرەھىم ئىدى، لېكىن سەركەردەلىك، دەۋلەتنى باشقۇرۇش ۋە قانۇنچىلىق ساھەسىدە بۈيۈك تالانتقا ئىگە ئىدى”. – م. ۋېبېر، نېمىس ئالىمى

“تېمۇر ئالىملارغا كۆپ ئىلتىپات ئىدى. بىلىمدانلىقى بىلەن بىر قاتاردا ساپدىللىغىنى كۆرگەن كىشىلەرگە ئىشەنچ بىلدۈرەر ئىدى. ئۇ تارىخچىلار، فەيلەسۇفلار، شۇنىڭدەك، ئىلىم-فەن، ئىدارە ۋە باشقا ئىشلەردە ئىستىدادلىك بولغان بارچە كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن كۆپىنچە تەختىدىن تۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يانىغا كېلەردى. چۈنكى تېمۇر بۇ ساھەلەرگە غەمخورلىق قىلىشقا ئاساسىي ئىتىبارىنى بېرەر ئىدى”. – ليەڭلې، فرەنسۇز ئالىمى[1]


مەنبەلەر

تەھرىرلەش